10-دەرس
ئەيسا دائىم قۇلاق سالغان
ئاتا-ئانىڭىزغا قۇلاق سېلىش دائىم ئوڭايمۇ؟ – بەزىدە بۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئەيسا كىمگە دائىم قۇلاق سالغانلىقىنى بىلەمسىز؟ – ئۇنىڭ مىسالى ھەتتا قىيىن بولغاندىمۇ، ئاتا-ئانىڭىزغا قۇلاق سېلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. كېلىڭ، بۇ توغرىسىدا كۆپرەك بىلىۋالايلى.
ئەيسا يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن يەھۋا بىلەن ئاسماندا ياشىغان ئىدى. يەھۋا ئەيسانى ياراتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالدى. بىراق ئەيسانىڭ يەردىمۇ ئاتا-ئانىسى بولغان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى يۈسۈپ ۋە مەرىيەم ئىدى. ئۇلار قانداق قىلىپ ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇپ قالغانلىقىنى، بىلەمسىز؟ –
يەھۋا مۆجىزە كۆرسىتىپ، باشقا بالىلار ئانىسىنىڭ قوسىغىدا ئۆسكەندەك، ئەيسامۇ مەرىيەمنىڭ قوسىغىدا ئۆستى. تەخمىنەن توققۇز ئايدىن كېيىن ئەيسا تۇغۇلدى. شۇنداق قىلىپ، مەرىيەم ۋە ئۇنىڭ يولدىشى يۈسۈپ، ئەيسانىڭ يەردىكى ئاتا-ئانىسى بولدى.
ئەيسا ئەمدىلا 12 ياشقا تولغاندا، بىر ۋەقە يۈز بەردى. مۇشۇ ۋەقەدىن ئۇ ئاتىسى يەھۋانى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكى بايقالدى. بۇ ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالىمغا بارغاندا يۈز بەردى. يۈسۈپ ۋە مەرىيەم ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ئەيسانىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇلار ئۇنى ھېچ يەردىن تاپالمىدى. ئۇ قەيەردە بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ –
ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىغا نېمە ئۈچۈن باردى؟
يۈسۈپ ۋە مەرىيەم چاپسان يېرۇسالىمغا قايتىپ، ئەيسانى ھەممە يەردە ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلار ئۇنى تاپالماي، ناھايىتى ئەنسىرىدى. بىراق ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن تاپتى! ئەيسا نېمىشقا مەركىزىي ئىبادەتخانىدا بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ – چۈنكى ئۇ يەردە ئەيسا ئاتىسى يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئالالايتى. ئۇ يەھۋانى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنى خوشال قىلىشنى ئۆگىنىشنى خالىغان. ئۇ چوڭ بولغاندىمۇ، دائىم يەھۋاغا قۇلاق سالاتتى. ئەيسا قىيىن بولغاندىمۇ، ھەتتا ئازاب چېكىشكە توغرا كەلسىمۇ، يەھۋاغا قۇلاق سالاتتى. ئەيسا يۈسۈپ ۋە مەرىيەمگىمۇ قۇلاق سالغانمۇ؟ – ھەئە، مۇقەددەس كىتابتا ئەيسا ئۇلارنىڭمۇ سۆزىنى ئاڭلىغانلىقى يېزىلغان.
ئەيسانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟ – قىيىن بولغاندىمۇ ئاتا-ئانىڭىزغا قۇلاق سېلىشىڭىز كېرەك. سىز شۇنداق قىلامسىز؟ –
مۇقەددەس كىتابىڭىزدىن ئوقۇڭ
لۇقا 1:30—35؛ 2:45—52
ئەفەسلىكلەرگە 6:1
ئىبرانىيلارغا 5:8