كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئاب 4-‏بۆل.‏ 12-‏14 ب.‏
  • پۇ‌لنى قانداق خىراجە‌ت قىلىش كېرە‌ك؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • پۇ‌لنى قانداق خىراجە‌ت قىلىش كېرە‌ك؟‏
  • ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • 1.‏ يە‌تتە ئۆلچە‌پ،‏ بىر كە‌س
  • 2.‏ ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌ڭ
ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
ئاب 4-‏بۆل.‏ 12-‏14 ب.‏
ه‌ر-‏ئايال پوُلنی قانداق ته‌قسىم قىلىشنی پوُختا رېجه‌له‌شتوٰروٰۋاتىدوُ

4-‏بۆلۈم

پۇ‌لنى قانداق خىراجە‌ت قىلىش كېرە‌ك؟‏

‏«پىلانلار مە‌سلىھە‌ت بىلە‌ن بېكىتىلە‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏18)‏.‏

ئائىلىنى بارلىق كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن پۇ‌ل كېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 30:‏8)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن پۇ‌ل ئادە‌منى قوغدايدۇ (‏ۋە‌ز 7:‏12)‏.‏ پۇ‌لغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌سىلىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش ئە‌ر-‏ئايال ئۈچۈن ئاسان ئە‌مە‌س بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ لېكىن پۇ‌لنىڭ ئائىلىگە سوغاقچىلىق ئېلىپ كېلىشىگە يول قويماڭلار (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏32)‏.‏ پۇ‌لنى نېمىگە خىراجە‌ت قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق گە‌پ بولغاندا،‏ ئە‌ر-‏ئايال بىر-‏بىرىگە ئىشىنىپ،‏ مە‌سىلىنى ئە‌قىل تارازىسىغا سېلىشى كېرە‌ك.‏

1.‏ يە‌تتە ئۆلچە‌پ،‏ بىر كە‌س

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردىن بىرىڭلار مۇ‌نار سالماقچى بولسا،‏ ئۇ بالدۇ‌ر ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ خىراجە‌تلىرى مۇ‌نار سېلىپ تۈگىتىشكە يېتە‌مدۇ دە‌پ،‏ بارلىق خىراجىتىنى ھېسابلاپ چىقماسمۇ؟‏» (‏لۇ‌قا 14:‏28)‏.‏ خىراجە‌تنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىڭلارنى بىللە ئولتۇ‌رۇ‌پ پىلانلاش مۇ‌ھىم (‏ئاموس 3:‏3)‏.‏ سىلە‌رگە نېمىنىڭ ھە‌قىقىي كېرە‌كلىكىنى ۋە قانچىلىك پۇ‌ل سە‌رپ قىلىدىغىنىڭلارنى قارار قىلىڭلار (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏16)‏.‏ يانچۇ‌قىڭىزدا پۇ‌ل بولغانلىقى ئۈچۈنلا،‏ بىرە‌ر نە‌رسىنى سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ئامال بولسا،‏ قە‌رز ئالماڭلار.‏ مۇ‌مكىنچىلىكىڭلارغا قاراپ ياشاڭلار (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5؛‏ 22:‏7)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئاينىڭ ئاخىرىدا پۇ‌لۇ‌ڭلار ئېشىپ قالسا،‏ ئۇ‌نى قانداق تە‌قسىم قىلىشنى بىرلىكتە قارار قىلىڭلار

  • ئائىلە دارامىتىڭلاردىن ئارتۇ‌ق چىقىم چىقسا،‏ ئۇ‌نى قانداق قىسقارتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىرتتا تاماقلىنىشتىن كۆرە،‏ ئۆيدە تاماق تە‌ييارلىساڭلار بولىدۇ

ه‌ر-‏ئايال ئاساسىي چىقىمر توغروُلوُق موُهىزه قىلىشىۋاتىدوُ

2.‏ ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌ڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ ئالدىدىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدىمۇ مۈلۈك بىلە‌ن» راستچىل پايدىلىنىڭلار (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 8:‏21)‏.‏ قانچە پۇ‌ل تېپىپ،‏ قانچىلىك خە‌جلە‌ۋاتقانلىقىڭىزنى ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىزدىن يوشۇ‌رماڭ.‏

پۇ‌ل-‏بىساتقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مۇ‌ھىم قارارلارنى قىلغاندا،‏ ئۆمۈرلۈك جورىڭىز بىلە‌ن چوقۇ‌م مە‌سلىھە‌تلىشىڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏10)‏.‏ پۇ‌لغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌سىلىلە‌ردە ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق مۇ‌ئامىلە قىلىشى ئىناقلىقنى ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ تاپاۋىتىڭىزنى پە‌قە‌ت ئۆزىڭىزنىڭكى دە‌پ ھېسابلىماي،‏ بە‌لكى ئائىلىڭىزنىڭ دە‌پ قاراڭ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 5:‏8)‏.‏

ه‌ر-‏ئايال كېره‌ك نه‌رسىله‌رنی ئېلىۋاتقاندا،‏ سېتىپ ئېلىنىدىغان نه‌رسىله‌رنىڭ تىزىمىنی قاراشتوُروُۋاتىدوُ

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ھە‌ربىرىڭلار ئۆز مە‌يلىڭلارچە قانچە پۇ‌ل خە‌جلە‌لە‌يدىغىنىڭلارنى كېلىشىۋېلىڭلار

  • پۇ‌ل ھە‌ققىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن،‏ قىيىن مە‌سىلىنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىنى كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق

پۇ‌لغا نىسبە‌تە‌ن توغرا كۆزقاراش

گە‌رچە پۇ‌ل مۇ‌ھىم بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ نىكاھىڭلارنىڭ ئىجىل-‏ئىناقلىقىنى بۇ‌زۇ‌پ،‏ ئورۇ‌نسىز غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌رنى پە‌يدا قىلىشىغا يول قويماڭلار (‏مە‌تتا 6:‏25—‏34‏)‏.‏ بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۈچۈن كۆپ پۇ‌ل كېرە‌ك ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ھە‌رخىل ئاچكۆزلۈكتىن ساقلىنىڭلار»،‏—‏ دە‌پ مە‌سلىھە‌ت بېرىلگە‌ن (‏لۇ‌قا 12:‏15)‏.‏ پۇ‌لغا سېتىۋېلىشقا مۇ‌مكىن بولغان ھېچ نە‌رسە نىكاھىڭىزغا تە‌ڭ كە‌لمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بارىغا شۈكۈر قىلىپ،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭلارغا ھېچقاچان سە‌ل قارىماڭلار.‏ شۇ چاغدا ئائىلىڭىز بە‌ختلىك بولۇ‌پ،‏ ئاللا يە‌ھۋانىڭ رازىلىقىغا ئىگە بولىسىلە‌ر (‏ئىبرانىيلارغا 13:‏5)‏.‏

ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ.‏.‏.‏

  • ئائىلىمىزنىڭ قە‌رزگە كىرمە‌سلىكىگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • ئائىلىۋى خىراجە‌ت ھە‌ققىدە جورام بىلە‌ن ئاخىرقى قېتىم قاچان سۆزلە‌شتۇ‌ق؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش