137-ناخشا
جاسارەت بەرگىن
(ئەلچىلەر 4:29)
ئىسمىڭ بىلەن پادىشاھلىق
خەلقلەرگە تارقىتىلدى.
قارايدۇ بىزگە دۈشمەنلەر،
غېۋەتلەرنى تارقىتار.
تەڭرىمىز ھەمراھ بولسا،
بىزگە توسقۇن بولماس ئىنسان.
مۇقەددەس روھنى سەن بەرگەيسەن،
بىزگە غەمخورلۇق قىلغايسەن.
(قايتۇرما)
جاسارەت بەرگىن خىزمەتتە،
دۇئا قىلىمىز ساڭا.
جاسۇرلۇق ھەم ئېتىقاد بەر،
ئاڭلىسۇن بىزنى ئالەم.
سوت كۈنۈڭمۇ پات يېقىندا،
جاكارلايمىز ھەممىسىگە.
جاسارەت بەرگىن خىزمەتتە،
يەھۋا خۇدا.
بەزىدە بىز ئاجىزلاشساق،
قورقۇنچ بىزنى تەۋرىتەر.
بىز تايىنىمىز خۇداغا،
تەسەللى بىزگە بېرەر.
ئەگەر دۈشمەن قورقۇتسا،
قوغدالايدۇ بىزنى يەھۋا.
ياردەم بەرگەيسەن تۇرۇشقا چىڭ،
خىزمەتتە بىزگە بول ھەمراھ.
(قايتۇرما)
جاسارەت بەرگىن خىزمەتتە،
دۇئا قىلىمىز ساڭا.
جاسۇرلۇق ھەم ئېتىقاد بەر،
ئاڭلىسۇن بىزنى ئالەم.
سوت كۈنۈڭمۇ پات يېقىندا،
جاكارلايمىز ھەممىسىگە.
جاسارەت بەرگىن خىزمەتتە،
يەھۋا خۇدا.
(شۇنداقلا سال. 1-خ. 2:2؛ ئىبر. 10:35نى قاراڭ.)