138-ناخشا
يەھۋا — سېنىڭ ئىسمىڭ
(زەبۇر 83:18)
يەھۋا — سېنىڭ ئىسمىڭ.
سەن ئۇلۇغدۇر ھەممىدىن.
ساڭا ھېچكىم يوق تەڭداش،
يەھۋا، بىزنىڭ خۇدا.
شەرەپلىك بىز ئۈچۈن
چىقىرىشقا داڭقىڭنى.
بىر خەلقتەك بىز يىغىلىپ،
دەيمىز سېنى ئۇلۇغ.
(قايتۇرما)
يەھۋا، سەن — بىردىنبىر،
ياراتقان ئېگىمىز.
ئاسماندىمۇ ھەم يەردىمۇ
ئىسمىڭ ئۇلۇغلانسۇن.
پەقەت سەن، يەھۋا، قۇدرەتلىك،
بار كائىنات بىلسۇن.
تەڭرىمىز، رەب يەھۋا،
سېنىڭ ئىسمىڭ ئۇلۇغ بولسۇن.
يەھۋا — سېنىڭ ئىسمىڭ،
سەن بولغۇزىسەن بىزنى،
ئورۇنلاشقا سۆزۈڭنى
ئەمرىڭگە مۇۋاپىق.
گۇۋاھچىلىرىم دەپ
سەن بىزنى ئاتىغانسەن.
نەقەدەر زور ھۆرمەت بۇ—
ئىسمىڭ بىلەن يۈرمەك.
(قايتۇرما)
يەھۋا، سەن — بىردىنبىر،
ياراتقان ئېگىمىز.
ئاسماندىمۇ ھەم يەردىمۇ
ئىسمىڭ ئۇلۇغلانسۇن.
پەقەت سەن، يەھۋا، قۇدرەتلىك،
بار كائىنات بىلسۇن.
تەڭرىمىز، رەب يەھۋا،
سېنىڭ ئىسمىڭ ئۇلۇغ بولسۇن.
(شۇنداقلا تار. 2-ياز. 6:14؛ زەب. 72:19؛ يەشايا 42:8نى قاراڭ.)