148-ناخشا
يېگانە ئوغلۇڭنى بەردىڭ
(يوھان 15:13)
تەڭرىمىز، رەب يەھۋا،
رەخمەت تۆلەم ئۈچۈن.
يوق ئىدى ئۇنىڭسىز
بىزدە ھېچ ئۈمىد.
پۈتۈن ھاياتىمىز
سېنىڭكى قالدۇقسىز.
دائىم جاكارلايمىز
ئىرادەڭنى ئۇلۇغ.
(قايتۇرما)
ئوغلۇڭنى ئەۋەتتىڭ،
بەردى ئۇ تۆلەمنى.
مەڭگۈ ساڭا ئېيتىمىز
بۇ تەشەككۈر ناخشىمىزنى.
رەھىمىڭ تۈپەيلى
ساڭا يېقىنلاشتۇق.
ئىسمىڭنى، خۇدايىم،
ياخشى كۆرۈمىز.
لېكىن بۇندىن ئارتۇق
بىباھا ھەدىيە —
ئوغلۇڭ پىدا قىلغان
بىز ئۈچۈن جېنىنى.
(قايتۇرما)
ئوغلۇڭنى ئەۋەتتىڭ،
بەردى ئۇ تۆلەمنى.
مەڭگۈ ساڭا ئېيتىمىز
بۇ تەشەككۈر ناخشىمىزنى.
(يەكۈنى)
تەڭرىمىز، رەب يەھۋا، ساڭا مىننەتدارمىز.
يېگانە ئوغلۇڭنى بىز ئۈچۈن قۇربان قىلدىڭ.
(شۇنداقلا يوھ. 3:16؛ يوھ. 1-خ. 4:9نى قاراڭ.)