كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 51-‏دە‌رس
  • گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىز بىلە‌ن يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىز بىلە‌ن يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىڭ
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • ‏«مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك سۆزلە‌رنى قىلىڭلار»‏
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • سۆزلىرىڭىزدە ئۈلگە بولامسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىش ۋە پۇ‌ل ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • دانالىق بىلە‌ن دوستلارنى تاللاڭ
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
كۆپرەك ئۇچۇرلار
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 51-‏دە‌رس
51-‏دە‌رس.‏ قە‌ھۋە‌خانىدا خۇ‌شال-‏خۇ‌رام پاراڭلىشىۋاتقان ئۈچ ئايال.‏

51-‏دە‌رس

گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىز بىلە‌ن يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىڭ

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

يە‌ھۋا بىزنى ياراتقاندا،‏ بىزگە سۆزلە‌ش قابىلىيىتىنى سوۋغا قىلغانىدى.‏ ئۇ بىزنىڭ بۇ ئاجايىپ سوۋغىنى قانداق ئىشلىتىشىمىزگە كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ كۆڭۈل بۆلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏26-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن سۆزلە‌ش قابىلىيىتىمىزنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

1.‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن سوۋغىنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە:‏ ‏«ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلاردە‌ك،‏ بىر-‏بىرىڭلارغا تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى كۈچلە‌ندۈرۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭلار»‏‏،‏—‏ دە‌يدۇ (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏11)‏.‏ سىز تونۇ‌يدىغانلارنىڭ ئارىسىدا تە‌سە‌للىگە مۇ‌ھتاج كىشلە‌ر بارمۇ؟‏ ئۇ‌لارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ شۇ كىشىلە‌رگە ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.‏ ئۇ‌لارنىڭ سىزنى سۆيۈندۈرىدىغان ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى سۆزلە‌پ بېرىڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىر ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ بېرىڭ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئېيتقان سۆزلىرىڭىز باشقىلارغا كۈچلۈك تە‌سىر قىلغاندە‌ك،‏ سۆزلىرىڭىزنى قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئېيتىشمۇ شۇ‌نداق كۈچلۈك تە‌سىر قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌مىشە مۇ‌لايىملىق ۋە مېھرىبانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌شكە تىرىشىڭ.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏1.‏

2.‏ قانداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ‏«ئېغىزىڭلاردىن ھېچقانداق پاسكىنا گە‌پ چىقمىسۇ‌ن»‏‏،‏—‏ دە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏29-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز يامان سۆزلە‌رنى قىلمايمىز ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى پىچاق تىققاندە‌ك ئاغرىتىدىغان قوپال ۋە ھاقارە‌تلىك سۆزلە‌رنى ئىشلە‌تمە‌يمىز.‏ بىز يە‌نە زىيانلىق غە‌يۋە‌ت-‏شىكايە‌تلە‌ر ۋە تۆھمە‌تلە‌ردىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان سۆزلە‌رنى قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

بىزنىڭ قىلغان گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز ھە‌مىشە كۆڭلىمىزدە نېمە بارلىقىنى ۋە ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى ئاشكارىلايدۇ (‏لۇ‌قا 6:‏45)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز دىققىتىمىزنى ئىجابىي ئىشلارغا،‏ يە‌نى ئادىل،‏ پاك،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئۈندە‌يدىغان ۋە ماختاشقا ئە‌رزىيدىغان ئىشلارغا قارىتىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم (‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏8)‏.‏ بۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى ۋە دوستلارنى تاللىغاندا،‏ ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىز كېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ سۆز قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن گە‌پ-‏سۆزلىرىمىزنىڭ باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز لازىم.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‏«ئويلانمايلا قىلغان سۆز خۇ‌ددى قىلىچ سانجىغاندە‌ك بولار»‏‏.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏18.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ۋە باشقىلارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرە‌لە‌يدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا سۆزلە‌شنى ئۆگىنىۋېلىڭ.‏

4.‏ گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىزگە دىققە‌ت قىلىڭ

بە‌زى چاغلاردا ھە‌ممىمىز بە‌زى گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى دە‌پ قويۇ‌پ،‏ كېيىن پۇ‌شايمان قىلىمىز (‏ياقۇ‌پ 3:‏2)‏.‏ گالاتىيالىقلار 5:‏22،‏ 23-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىزگە دىققە‌ت قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان قايسى پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌ر سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

1-‏كورىنتلىقلار 15:‏33-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • تاللىغان دوستلىرىڭىز ۋە ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

كوللاژ:‏ ئە‌ر كىشىنى ئايالىغا قوپال سۆزلە‌شكە يېتە‌كلە‌يدىغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر.‏ 1.‏ ئۇ مە‌زمۇ‌نى ناچار ناخشا-‏مۇ‌زىكىنى تىڭشاۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئۇ بىر دوستى بىلە‌ن بوكسىيورلۇ‌ق مۇ‌سابىقىنى كۆرۈپ،‏ پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دى بىلە‌ن تېلىۋىزورنىڭ ئىچىگە كىرىپ كە‌تتى.‏ كوللاژ:‏ شۇ ئە‌ر كىشىنى ئايالىغا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سۆزلە‌شكە يېتە‌كلە‌يدىغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر.‏ 1.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌يدۇ.‏ 2.‏ ئۇ ئايالى ۋە بىر دوستى بىلە‌ن ئىبادە‌ت يىغىلىش زالىدا پاراڭلىشىۋاتىدۇ.‏

گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىزگە نېمە تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

ۋە‌ز 3:‏1،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • قايسى ۋاقىتتا سۈكۈت قىلساق ياكى مۇ‌ۋاپىق ۋاقىتنى تېپىپ سۆز قىلساق ياخشى بولىدۇ؟‏

5.‏ باشقىلار ھە‌ققىدە ياخشى گە‌پ قىلىڭ

باشقىلارنى ھاقارە‌تلە‌يدىغان ياكى كە‌مسىتىدىغان گە‌پ-‏سۆزلە‌ردىن قانداق ساقلىنالايمىز؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتىڭ» (‏07:‏4)‏

  • فىلىمدىكى بۇ‌رادە‌ر نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگە‌رتمە‌كچى بولدى؟‏

  • ئۇ ئۆزىنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدى؟‏

ۋە‌ز 7:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بىز باشقىلار ھە‌ققىدە يامان گە‌پ قىلىشقا ئازدۇ‌رۇ‌لساق،‏ نېمىلە‌رنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

ۋە‌ز 7:‏21،‏ 22-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌گە‌ر باشقىلار سىز توغرۇ‌لۇ‌ق يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلسا،‏ بۇ ئايە‌تلە‌ر سىزنىڭ تېزلا رە‌نجىمە‌سلىكىڭىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

6.‏ ئائىلىڭىزدىكىلە‌رگە مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سۆز قىلىڭ

يە‌ھۋا بىزنىڭ ئائىلە ئە‌زالىرىمىزغا مۇ‌لايىم ۋە مېھىر-‏شە‌پقە‌ت بىلە‌ن سۆز قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ھۆرمە‌ت —‏ ئىناق ئائىلە قۇ‌رۇ‌شنىڭ ئاچقۇ‌چى» (‏08:‏3)‏

  • ئائىلە ئە‌زالىرىڭىزغا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سۆز قىلىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏31،‏ 32-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بىز قانداق سۆزلە‌رنى قىلساق،‏ ئائىلىمىزدىكىلە‌ر ئۆزىنى قە‌دىرلە‌نگە‌ندە‌ك ھېس قىلىدۇ؟‏

يە‌ھۋا ئۆز ئوغلى ئە‌يسانى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ مە‌تتا 17:‏5‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئائىلىڭىزدىكىلە‌رگە گە‌پ قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟‏

بىر ئانا ئە‌مدىلا رە‌سىمنى پۈتتۈرگە‌ن قىزىنى ماختاۋاتىدۇ.‏

باشقىلارنى ماختاشنىڭ پۇ‌رسە‌تلىرىنى ئىزدە‌ڭ

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن كۆڭلۈمدە نېمە بولسا،‏ شۇ‌نى دە‌ۋېتىمە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر باشقىلار گېپىمنى ياقتۇ‌رمىسا،‏ بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى».‏

  • سىز بۇ ئوي-‏پىكىرگە قوشۇ‌لامسىز؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

خۇ‌لاسە

گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە تە‌سە‌للى ياكى ئازار بېرە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ نېمە دېيىش،‏ قاچان سۆزلە‌ش ۋە قانداق سۆزلە‌شكە ئالاھىدە دىققە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

تە‌كرارلاش

  • باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن سۆزلە‌ش قابىلىيىتىمىزنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • سىز قانداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىشتىن ساقلىنىشنى خالايسىز؟‏

  • باشقىلارغا ھە‌مىشە كۆڭۈل بولۇ‌پ،‏ ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدىغان سۆزلە‌رنى قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

ياخشى گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىشقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

‏«تىلىڭىزنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىڭ»‏ (‏04:‏8)‏

يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ھاقارە‌تلىك سۆزلە‌رنى قىلىش ھە‌قىقە‌تە‌ن يامانمۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

غە‌يۋە‌ت-‏شىكايە‌تتىن قانداق نېرى تۇ‌رالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈڭ.‏

‏«غە‌يۋە‌تتىن نېرى بولۇ‌ڭ!‏»‏ (‏36:‏2)‏

يە‌ھۋا بىر كىشىگە يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىش ئادىتىنى تاشلاشقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئوقۇ‌پ كۆرۈڭ.‏

‏«مە‌ن ئۆز ھاياتىم توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌ستايىدىل ئويلاشقا باشلىدىم»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2013-‏يىل،‏ 1-‏ئاۋغۇ‌ست)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش