4-قىسىمنى تەكرارلاش
ئۆگەتكۈچى بىلەن تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىڭ:
پەندى-نەسىھەت 13:20-نى ئوقۇڭ.
دوستلارنى دانالىق بىلەن تاللاش نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟
(48-دەرسكە قاراڭ)
مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى نەسىھەتلەر سىزگە . . .
ياخشى ئەر ياكى ئايال بولۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ياخشى ئاتا-ئانا ياكى بالا بولۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ؟
(49-دەرسكە ۋە 50-دەرسكە قاراڭ)
قانداق گەپ-سۆزلىرىمىز يەھۋا خۇدانى خۇشال قىلىدۇ؟ قانداق سۆزلىرىمىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشى مۇمكىن؟
(51-دەرسكە قاراڭ)
مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى پرىنسىپلار تاشقى كۆرۈنۈشىڭىزگە قارىتا توغرا قارارلارنى چىقىرىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ؟
(52-دەرسكە قاراڭ.)
يەھۋانى خۇشال قىلىدىغان ئويۇن-تاماشىلارنى قانداق تاللىسا بولىدۇ؟
(53-دەرسكە قاراڭ)
مەتتا 24:45–47-نى ئوقۇڭ.
«سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» كىم؟
(54-دەرسكە قاراڭ)
جامائەتنى ۋاقتىڭىز، كۈچىڭىز ۋە ماددىي نەرسىلىرىڭىز بىلەن قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيسىز؟
(55-دەرسكە قاراڭ)
زەبۇر 133:1-نى ئوقۇڭ.
قايسى ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىغا ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشالايسىز؟
(56-دەرسكە قاراڭ)
ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز، يەھۋا خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە قانداق ئېرىشەلەيسىز؟
(57-دەرسكە قاراڭ)
1-تارىخنامە 28:9-نى ئوقۇڭ.
باشقىلار ھەق ئىبادەتكە قارشى چىقسا ياكى ھەقىقەتتىن ۋاز كەچسە، يەھۋاغا پۈتۈن قەلبىڭىز بىلەن سادىق بولۇپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش ۋە ساختا دىندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىڭىز كېرەكمۇ؟
(58-دەرسكە قاراڭ)
زىيانكەشلىككە قانداق قىلىپ تەييار بولالايسىز؟
(59-دەرسكە قاراڭ)
روھىي جەھەتتىن داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشنى خالايسىز؟
(60-دەرسكە قاراڭ)