كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئى‌ش‌ت 11-‏دە‌رس
  • ئاددىي ئۇ‌سۇ‌لدا تە‌لىم بېرىش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئاددىي ئۇ‌سۇ‌لدا تە‌لىم بېرىش
  • ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • ‏«مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» دېگە‌ن كىتابنى قانداق ئىشلىتىش
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • ئۆگە‌نگۈچىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏—‏ئىككىنچى قىسىمى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ئۆگە‌نگۈچىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏ بىرىنچى قىسىمى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
ئى‌ش‌ت 11-‏دە‌رس

شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش

ئە‌يسا سۇ بويىدا بىر توپ ئادە‌ملە‌رگە تە‌لىم بېرىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىدىن قۇ‌شلار ئۇ‌چۇ‌پ ئۆتۈۋاتىدۇ ۋە ئە‌تراپتا ياۋا گۈللە‌ر ئېچىلغان ئىدى.‏

مە‌تتا 6:‏25–‏27

11-‏دە‌رس

ئاددىي ئۇ‌سۇ‌لدا تە‌لىم بېرىش

پرىنسىپ:‏ «چۈشىنىش ئاسان سۆزلە‌رنى قىلىڭلار».‏ —‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏9.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏

ئە‌يسا سۇ بويىدا بىر توپ ئادە‌ملە‌رگە تە‌لىم بېرىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىدىن قۇ‌شلار ئۇ‌چۇ‌پ ئۆتۈۋاتىدۇ ۋە ئە‌تراپتا ياۋا گۈللە‌ر ئېچىلغان ئىدى.‏

فىلىم:‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تتى

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى مە‌تتا 6:‏25–‏27‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1. ئە‌يسا مە‌سىھ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

  2. گە‌رچە ھە‌زرىتى ئە‌يسا قۇ‌شلار توغرىسىدا كۆپ نە‌رسىلە‌رنى بىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ كىشىلە‌رنىڭ دىققىتىنى قايسى ئاددىي ھە‌قىقە‌تكە قاراتقان؟‏ نېمە ئۈچۈن بۇ تە‌لىم بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇ‌سۇ‌لى بولغان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ ئە‌گە‌ر ئاددىي ئۇ‌سۇ‌لدا تە‌لىم بە‌رسە‌ك،‏ كىشىلە‌ر ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئېسىدە ساقلايدۇ ۋە بىز ئۇ‌لارنىڭ يۈرىكىگە تە‌سىر قىلىمىز.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ بە‌ك كۆپ گە‌پ قىلماسلىق.‏ بىلگە‌نلىرىڭىزنىڭ ھە‌ممىسىنى ئېيتىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا،‏ دىققە‌تنى ئۆگىنىش پىلانلانغان مە‌زمۇ‌نغا قارىتىڭ.‏ ئۆگە‌نگۈچىدىن بىر سوئال سوراپ،‏ ئۇ‌نىڭ جاۋابىنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈپ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئۇ جاۋابنى بىلمىسە ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رگە زىت ئوي-‏پىكىرنى ئېيتسا،‏ ئۇ‌نىڭ چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە يۈرگۈزۈشىگە ياردە‌م بېرىدىغان قوشۇ‌مچە سوئاللارنى سوراڭ.‏ ئۇ ئاساسىي ئوي-‏پىكىرنى چۈشە‌نگە‌ن بولسا،‏ كېيىنكى مە‌زمۇ‌نغا ئۆتۈپ كېتىڭ.‏

4.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئىلگىرى ئۆگە‌نگە‌نلىرى بىلە‌ن يېڭى تە‌لىم ئوتتۇ‌رىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىش.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىلە‌ر تىرىلىش ھە‌ققىدىكى دە‌رسنى باشلاشتىن ئىلگىرى،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆلۈم توغرىسىدا ئۆگىنىپ بولغان مە‌زمۇ‌نلارنى قىسقىچە تە‌كرارلاپ چىقىڭلار.‏

5.‏ ئېھتىيات بىلە‌ن مىساللارنى تاللاش.‏ بىرە‌ر مىسالنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

  1. بۇ مىسال ئاددىيمۇ؟‏

  2. ئۆگە‌نگۈچى بۇ مىسالنى ئاسانراق چۈشىنە‌لە‌مدۇ؟‏

  3. بۇ مىسال ئۆگە‌نگۈچىنىڭ پە‌قە‌ت مىسالنىڭ ئۆزىنىلا ئە‌مە‌س،‏ ئاساسىي ئوي-‏پىكىرنى ئېسىدە ساقلىشىغا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

مە‌تتا 11:‏25؛‏ يۇ‌ھاننا 16:‏12؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 2:‏1

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش