كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئى‌ش‌ت 12-‏دە‌رس
  • جۈرئە‌ت

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • جۈرئە‌ت
  • ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • ئۆگە‌نگۈچىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏—‏ئىككىنچى قىسىمى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ئۆگە‌نگۈچىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏ بىرىنچى قىسىمى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • بېرىپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
ئى‌ش‌ت 12-‏دە‌رس

شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش

ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆزىنىڭ ۋە شاگىرتلىرىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇ‌رغان كىشىگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏

ماركۇ‌س 10:‏17–‏22

12-‏دە‌رس

جۈرئە‌ت

پرىنسىپ:‏ «خۇ‌شبۇ‌ي ماي ۋە ئىسرىق كۆڭۈلنى خۇ‌ش قىلار؛‏ جان-‏جىگە‌ر دوستنىڭ سە‌مىمىي مە‌سلىھە‌تى ھە‌م كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرە‌ر».‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏9.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆزىنىڭ ۋە شاگىرتلىرىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇ‌رغان كىشىگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏

فىلىم:‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ باي يىگىتكە نە‌سىھە‌ت بېرىشى

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ماركۇ‌س 10:‏17–‏22-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1. ھە‌زرىتى ئە‌يسا باي يىگىتنىڭ قانداق ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆرگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

  2. ئاشۇ باي يىگىتكە نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ نېمىشقا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە جۈرئە‌تكە مۇ‌ھتاج بولغان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ بىز ئۆگە‌نگۈچىنىڭ داۋاملىق روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن گە‌پ قىلىپلا قالماي،‏ بە‌لكى ئۇ قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىشىمىز لازىم.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا يېتىشىگە ياردە‌م بېرىش.‏

  1. «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ «مە‌قسە‌ت» دېگە‌ن رامكىسىنى ئىشلىتىڭ.‏

  2. قىسقا مۇ‌ددە‌تلىك ۋە ئۇ‌زاق مۇ‌ددە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىشى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ چوقۇ‌م نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏

  3. ئۇ‌نىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىگە‌نلىكىنى دائىم ماختاپ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏

4.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە نېمىلە‌ر توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ،‏ توسالغۇ‌لارنى يېڭىشىغا ياردە‌م بېرىش.‏

  1. ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

    • ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىمىسە،‏ نېمە ئۇ‌نىڭغا توسالغۇ بولۇ‌ۋاتىدۇ؟‏

    • ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟‏

  2. ئۇ نېمىلە‌رنى قىلىشى كېرە‌كلىكىنى كۆيۈمچانلىق بىلە‌ن،‏ ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن جۈرئە‌ت سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏

5.‏ ئالغا ئىلگىرىلىمىسە،‏ تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى توختىتىش.‏

  1. سىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئالغا ئىلگىرىلىمىسە،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

    • ئۇ ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى تۇ‌رمۇ‌شىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىۋاتامدۇ؟‏

    • ئۇ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشامدۇ ۋە باشقىلارغا ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرە‌مدۇ؟‏

    • ئە‌گە‌ر ئۇ ئۇ‌زۇ‌ندىن بېرى ئۆگە‌نگە‌ن بولسا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شنى خالامدۇ؟‏

  2. ئە‌گە‌ر ئۇ ئالغا ئىلگىرىلە‌شنى خالىمىسا:‏

    • ئۇ‌نىڭدىن ئالغا ئىلگىرىلە‌شكە نېمە توسالغۇ بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى سوراڭ.‏

    • نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشنى توختاتماقچى بولغانلىقىڭىزنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

    • ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى قايتىدىن باشلاشنى خالىسا،‏ نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئۇ‌نىڭغا ئوچۇ‌ق ئېيتىڭ.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

زە‌بۇ‌ر 141:‏5؛‏ پە‌ند.‏ نە 25:‏12؛‏ 27:‏6؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 9:‏26؛‏ كولوسى.‏ 4:‏5،‏ 6

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش