3-قوشۇمچە مەلۇمات
«مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنى قانداق ئىشلىتىش
بۇرادەرلەر كۆپ دۇئالارنى قىلىپ، ئەستايىدىل ئىزدىنىش ئارقىلىق «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابقا قايسى مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى قارار قىلغان. مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىدە بۇ كىتابتىن ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەسلىھەتلەرنى قوللىنىڭ.
تەتقىق ئۆگىنىشىدىن ئىلگىرى
1. پۇختا تەييارلىق قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا، ئۆگەنگۈچىنىڭ ئېھتىياجى، ئەھۋالى ۋە كۆز قاراشلىرى ھەققىدە ئويلاپ بېقىڭ. ئۇنىڭ ئۈچۈن چۈشىنىش ياكى تۇرمۇشىدا ئەمەلىي ئىشلىتىش قىيىن بولىدىغان ئوي-پىكىرلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگەن سەھىپىدىكى مەلۇمات ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىڭ ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئېھتىياج تۇغۇلسا، شۇ سەھىپىدىكى مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىشقا تەييار بولۇڭ.
تەتقىق ئۆگىنىشى جەريانىدا
2. ئەگەر ئۇ كىشى قارشى بولمىسا، تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن دۇئا قىلىڭ.
3. بەك كۆپ گەپ قىلماسلىققا تىرىشىڭ. دىققىتىڭىزنى ئۆگىنىۋاتقان مەزمۇنغا قارىتىڭ ۋە كىشىنى ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەركىن-ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ.
4. كىتابنىڭ يېڭى بىر قىسىمىنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا، بۇ قىسىمنىڭ كىرىش سۆزىنى ئوقۇپ، بىرنەچچە دەرسنىڭ ماۋزۇسىنى تەكىتلەپ ئۆتۈڭ.
5. بىر قىسىم مەزمۇننى تۈگەتكەندىن كېيىن، كىشىنىڭ شۇ قىسىمدا ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئېسىدە ساقلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «قىسىمنى تەكرارلاش» دېگەن سەھىپىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىڭ.
6. سىز بىر كىشى بىلەن ھەربىر دەرسنى ئۆگەنگەندە:
بىرلىكتە مەزمۇننى ئوقۇپ چىقىڭلار.
«ئوقۇڭ» دېگەن بارلىق ئايەتلەرنى ئوقۇڭلار.
زۆرۈر بولسا، باشقا ئايەتلەرنى ئوقۇڭلار.
«كۆرۈڭ» دېگەن فىلىملەرنى كۆرۈڭلار (ئەگەر بار بولسا).
ئۆگىنىۋاتقان كىشىدىن ھەربىر سوئالنى سوراڭ.
ئۇنىڭ دىققىتىنى «چوڭقۇرراق قېزىڭ» دېگەن سەھىپىدىكى رەسىمگە قارىتىڭ ۋە بۇ رەسىم توغرۇلۇق ئوي-پىكىرلىرىنى سوراڭ.
«مەقسەت» دېگەن رامكىنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىڭ. ئۇنى بۇ رامكىدىكى ئۈلگىلىك مەقسەتنى ۋە باشقا مەقسەتنى ياكى ھەر ئىككى مەقسەتنى قويۇشقا دەۋەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئۇ دەرسكە تەييارلىق قىلغاندا، «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگەن رامكىدىكى ماقالىلەر ياكى فىلىملەردىن قايسى بىرىنى بەكرەك ياقتۇرغانلىقىنى سوراڭ.
ھەر قېتىم ئۆگىنىش قىلغىنىڭلاردا بىر دەرسنى تۈگىتىشكە تىرىشىڭ.
تەتقىق ئۆگىنىشىدىن كېيىن
7. ئۆگىنىش قىلىۋاتقان كىشى توغرۇلۇق داۋاملىق ئويلىنىپ كۆرۈڭ. يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇ كىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بەرىكەتلەشنى سوراڭ؛ داۋاملىق ياردەم بېرىشنىڭ يولىنى بىلەلىشىڭىز ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت تىلەڭ.