ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەم بولۇشقا ئىنتىلەيلى
ھەممىمىز باشقىلارنىڭ بىزنى ياخشى ئادەم دەپ تونۇشىنى خالايمىز. بىراق، بۇ رەزىل دۇنيادا ياخشىلىق قىلىش ئاسان ئەمەس. چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندە «ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرىدىغان» ئادەملەر كۆپ (2-تىموت. 3:3). ئادەملەر يەھۋا خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىنى رەت قىلىپ، «ياخشىنى يامان، ياماننى ياخشى» دەيدۇ (يەشايا 5:20). بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىرىمىزگە نامۇكەممەللىك ياكى باشتىن ئۆتكەن يامان نەرسىلەر تەسىر قىلىشى مۇمكىن. بىر قېرىندىشىمىز يەھۋاغا كۆپ يىللار خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، مۇنداق دېگەن: «مەن ياخشى ئادەم بولالايدىغىنىمغا ئىشەنمەيمەن».
بەختكە يارىشا، ھەممىمىز ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەم بولالايمىز. چۈنكى، بۇ پەزىلەت — خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ مېۋىسى. مۇقەددەس روھ بولسا، نامۇكەممەللىك ۋە بۇ دۇنيانىڭ يامان تەسىرىدىن كۈچلىكىرەك. كېلىڭلار، ياخشىلىق دېگەن نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىپ، ئۇنى كۆرسىتىشنى ئۆگىنەيلى.
ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەم قانداق بولىدۇ؟
ئاددىي سۆزلەر بىلەن ئېيتقاندا، ياخشى ئادەم يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىدۇ، ئەيىبسىز بولىدۇ ۋە ھەرقاچان ياخشىلىققا ئىنتىلىدۇ. شۇنداق ئادەم باشقىلارغا ياخشى تەسىر قىلىدۇ ۋە دائىم ياخشىلىق قىلىشىنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.
كۆپ ئادەملەر ئائىلە ئەزالىرى ياكى دوستلىرىغا ياخشىلىق قىلىشقا تەييار. لېكىن يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا ياخشى ئادەم بولۇش ئۈچۈن بۇ يېتەرلىكمۇ؟ ياق، چۈنكى ھېچبىرىمىز ياخشىلىقنى مۇكەممەل رەۋىشتە كۆرسىتەلمەيمىز. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «يەر يۈزىدە ھەردائىم ياخشىلىق قىلىپ، ھېچبىر گۇناھ قىلمىغان ئادىل كىشى يوقتۇر» (ۋەز 7:20). ئەلچى پاۋلۇس: «مەندە، يەنى تېنىمدە ھېچبىر ياخشى نەرسە بولمىغانلىقىنى بىلىمەن»،— دەپ ئېتىراپ قىلغان (رىملىقلار 7:18). شۇڭا، بىز ياخشىلىقنىڭ مەنبەسى يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، بۇ پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
يەھۋا — ياخشىلىق قىلغۇچى خۇدا
نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى يەھۋا خۇدا قارار قىلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا يەھۋا توغرىلىق: «نەقەدەر شاپائەتلىكسەن، ئايىمىدىڭ ياخشىلىقىڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا نىزاملىرىڭنى»،— دەپ يېزىلغان (زەبۇر 119:68). بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغاندەك، يەھۋانىڭ قايسى ئىككى تەرەپتىن شاپائەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.
يەھۋانىڭ ئۆزى ياخشىلىق. ياخشىلىق پەقەت يەھۋا خۇداغا خاس خىسلەت. يەھۋا خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە: «مەن ساڭا پۈتۈن مېھرىبانلىقىمنى [ياكى ياخشىلىقىنى] كۆرسىتىمەن»،— دەپ ئېيتقان. يەھۋا خۇدا مۇساغا ئۆزىنىڭ شان-شۆھرىتىنى ۋە ياخشىلىقىنى كۆرسەتكەندە، مۇنداق ئاۋاز ئاڭلانغانىدى: «يەھۋا، يەھۋا، مېھرىبان ۋە رەھىمدىل، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان، سادىق مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھەقىقىتى مول خۇدادۇر. مىڭلىغان ئىنسانلارغا سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، خاتالىقنى، سەۋەنلىكنى ۋە گۇناھنى كەچۈرىدۇ، لېكىن ئۇ گۇناھكارنى جازالىماي قويمايدۇ» (چىق. 33:19؛ 34:6، 7). بىز بۇنىڭدىن چۈشەنگەندەك، يەھۋانىڭ ياخشىلىقى ھەربىر خىسلىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. ئەيسا مەسىھ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مېھرىبان شەخس بولسىمۇ: «يىگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق»،— دەپ ئېيتقان.—لۇقا 18:19.
تەبىئەتتىن يەھۋانىڭ ھىممەتلىكى كۆرۈنىدۇ
يەھۋانىڭ ئىشلىرى ياخشى. خۇدانىڭ ھەربىر ئىشىدىن ئۇنىڭ ياخشىلىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. «يەھۋا ھەممىسىگە ياخشىلىق قىلار، ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بارچە مەۋجۇداتلاردا نامايان بولار» (زەبۇر 145:9). يەھۋا ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە تەڭ كۆزىدە قاراپ، ھايات ئۈچۈن كېرەك نەرسىلەرنى بېرىدۇ (ئەلچى. 14:17). شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرىدىغانلىقىدىن ئۇنىڭ شاپائەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. زەبۇر كىتابىدا يەھۋا ھەققىدە: «ئەي يەھۋا، سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇ قىلىشقا تەييارسەن» (زەبۇر 86:5). «ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرگەنلەردىن، ھېچبىر ياخشىلىقىنى ئايىماس يەھۋا» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.—زەبۇر 84:11.
ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى
بىز خۇداغا ئوخشاش قىلىپ ياراتىلغانلىقتىن، ياخشى ئادەم بولالايمىز ۋە ياخشىلىق قىلالايمىز (يارىت. 1:27). خۇدانىڭ سۆزى بىزنى: «ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار»،— دەپ چاقىرىدۇ (يەشايا 1:17). ئۇنداقتا بىز ياخشىلىق قىلىشنى قانداق ئۆگىنەلەيمىز؟ كېلىڭلار، بۇنىڭ ئۈچ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقايلى.
بىرىنچى، بىز دۇئادا مۇقەددەس روھنى سورىيالايمىز. شۇ چاغدا خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا ياخشى بولالايمىز (گالاتىيا. 5:22). مۇقەددەس روھ ھەم يامانلىقتىن نەپرەتلىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈشكە ياردەم بېرىدۇ (رىملىقلار 12:9). مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، يەھۋا خۇدا بىزگە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ۋە سۆزلىرىمىزدە ھەرقاچان ياخشىلىق قىلىشىمىز ئۈچۈن كۈچ بېرەلەيدۇ.—2-سالونىكا. 2:16، 17.
ئىككىنچى، بىز خۇدا سۆزىنى ئوقۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق، بىز ياخشىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز ۋە «ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار» تۇرىمىز (پەند. نە 2:9؛ 2-تىموت. 3:17). مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغاندا، خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق ياخشى نەرسىلەر بىلەن قەلبىمىزنى تولدۇرىمىز. شۇنداق قىلساق، يۈرىكىمىزدىكى ياخشىلىق غەزنىسىگە ئېسىل تاشلارنى يىغىپ، كېلەچەكتە ئۇلاردىن پايدىلىنالايمىز.—لۇقا 6:45؛ ئەفەس. 5:9.
ئۈچىنچى، بىز «ياخشىلىقتىن ئۈلگە» ئېلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك (3-يۇھاننا 11). ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغان ئادەملەرنىڭ مىساللىرىنى مۇقەددەس كىتابتىن تاپالايمىز. ئەلۋەتتە، يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ ئەڭ ياخشى ئۈلگە كۆرسەتكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ياخشىلىق قىلغان خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. مەسىلەن، تابىتا بىلەن بارنابانى ئالايلى (ئەلچى. 9:36؛ 11:22—24). مۇقەددەس كىتابتىن ئۇلار توغرۇلۇق ئوقۇپ، باشقىلارغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىگە دىققەت ئاغدۇرۇڭ. ئۆزىڭىز ئۆيدىكىلىرىڭىزگە ياكى جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا ياردەم قولۇڭىزنى قانداق سۇنالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدىمۇ ئويلاپ كۆرۈڭ. خۇدا تابىتا بىلەن بارنابانى ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن قانداق بەرىكەتلىگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ. سىزمۇ شۇنداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ ياخشىلىق قىلىدىغان قېرىنداشلار ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدە جامائەتكە غەمخورلۇق قىلىدىغان ئەمگەك سۆيەر ئاقساقاللارىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەم سۆزلىرى بىلەن ياخشىلىققا ئۆگىتىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار (تىتۇس 1:8؛ 2:3). روزلىن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز بىر دوستى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ جامائەتتىكىلەرگە ياردەملىشىش ۋە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن كۈچىنى ئايىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلاپ، پات-پات كىچىك سوۋغاتلارنى بېرىدۇ ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئەمەلىي ياردەم بېرىدۇ. مېنىڭچە، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىنسان».
يەھۋا ئۆز خەلقىنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ياخشىلىقنى ئىزدەڭلار» (ئاموس 5:14). ئەگەر بىز ياخشىلىققا ئىنتىلسەك، پەقەت خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالماي، بەلكى ياخشىلىق قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىمىز كۈچىيىدۇ.
بىز ياخشى ئادەم بولۇشقا ۋە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىمىز
ھىممەتلىك بولۇش ئۈچۈن تاغدەك چوڭ ئىشلارنى قىلىشىمىز ياكى قىممەت سوۋغاتلارنى بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلەن، گۈلنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىراقلا بىر چېلەك سۇ قۇيمايمىز. ئاز-ئازدىن، لېكىن پات-پات قۇيۇپ تۇرىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشىلىق كۆپلىگەن كىچىك ياخشى ئىشلاردىن ئىبارەت.
مۇقەددەس كىتاب بىزنى ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن «تەييارلانغان» بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ (2-تىموت. 2:21؛ تىتۇس 3:1). باشقىلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت ئاغدۇرساق، بەلكىم بىز «قوشنىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇنى خۇرسەن قىلىشقا» تىرىشىمىز (رىملىقلار 15:2). مەسىلەن، قولىمىزدا بار نەرسىلىرىمىز بىلەن بۆلۈشسەك بولىدۇ (پەند. نە 3:27). بىر چىنە چايغا چاقىرىپ، پاراڭلاشساق ياخشى. ئەگەر بىرسى ئاغرىپ قالسا، ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يازساق، ئۇنى يوقلىساق ياكى ئەھۋالىنى سوراپ تېلېفون قىلساق بولىدۇ. شۇنداق، بىز باشقىلار موھتاج بولغاندا، ئۇلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ياخشى سۆزلەرنى ئېيتالايمىز.—ئەفەس. 4:29.
يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، بىزمۇ ھەممە ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلغىمىز كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ھەممە ئادەملەرگە تەڭ قارايمىز. باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېيتىش. ئەيسا بۇيرىغاندەك، بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىمىز (لۇقا 6:27). ياخشىلىق قىلىش ھەرقاچان توغرا، چۈنكى «بۇنداق ئىشلارغا قارشى ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر» (گالاتىيا. 5:22، 23). قارشىلىقلارغا ياكى سىناقلارغا قارىماستىن، ياخشىلىق قىلساق، باشقىلارنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلالايمىز ۋە خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيمىز.—1-پېتر. 3:16، 17.
ياخشىلىق قىلىشنىڭ پايدىسى
«ياخشى ئىنسان قىلغان ياخشىلىقلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى ئالار» (پەند. نە 14:14). ياخشىلىق قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ بىز باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغاندا، ئۇلارمۇ بىزگە ياخشىلىق بىلەن قايتۇرىدۇ (پەند. نە 14:22). شۇنداق بولمىسىمۇ، ياخشىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرساق، بىز ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ئېرىتەلەيمىز.—رىملىقلار 12:20.
نۇرغۇن يامانلىقتىن نەپرەتلىنىپ، ياخشىلىق قىلىشنى باشلىغان ئادەملەر ھەقىقەتەن بەختلىك. نەنسى ئىسىملىك قېرىنداش بۇنىڭغا كۆز يەتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈپ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەيتتىم. لېكىن، خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا ياخشى ئادەم بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەندە، ئۆزگۈرۈشكە باشلىدىم. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى خۇشالراق ھېس قىلدىم. ھازىر مەن ئۆزۈمنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگەندىم».
بۇ ماقالىدىن كۆرگىنىمىزدەك، ياخشىلىق قىلىشنىڭ كۆپ سەۋەبلىرى بار. ئەڭ مۇھىمى — يەھۋانىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلىش. قىلغان ياخشىلىقىمىزنى باشقىلار بايقىمىسىمۇ، يەھۋا كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ھەربىر ياخشى ئىشىمىز ۋە ھەربىر ياخشى ئوي-پىكىرىمىزنى بىلىدۇ (ئەفەس. 6:7، 8). يەھۋا خۇدا ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى بەرىكەتلەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، «ياخشى ئادەم يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشەر» (پەند. نە 12:2). بۇ ئېسىل پەزىلەتنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرايلى. يەھۋا خۇدا: «ياخشىلىق قىلغان ھەربىر كىشىگە، يەنى، ئاۋۋال يەھۇدىي كىشىگە، كېيىن گرېك كىشىگە شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق ۋە تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ»،— دەپ ۋەدە بېرىدۇ.—رىملىقلار 2:10.