كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م19 ئۆكتە‌بىر 14-‏19 ب.‏
  • دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» پە‌يتىدە نېمىلە‌ر يۈز بېرىدۇ؟‏
  • ھە‌قىقىي دىننى داۋاملىق چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭ
  • ھۇ‌جۇ‌مغا تە‌ييار بولۇ‌ڭ
  • ساداقە‌تمە‌نلىك،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ۋە جاسارىتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ
  • قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ۋاقتىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈڭ!‏
  • ئارماگېدوننى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتە‌يلى!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابى كېلە‌چىكىڭىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ك‌م19 ئۆكتە‌بىر 14-‏19 ب.‏

41-‏تە‌تقىق ماقالىسى

دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاڭ

‏«يە‌ھۋانى سۆيۈڭلار،‏ ئە‌ي ۋاپادارلار!‏ يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنى قوغدار».‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 31:‏23.‏

154-‏ناخشا ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىمىز

بۇ ماقالىدەa

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ يېقىن ئارىدا دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى نېمىنى ئېلان قىلىدۇ؟‏ (‏2)‏ بىز قايسى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشىمىز كېرە‌ك؟‏

دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى «تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىك» دە‌پ ئېلان قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ ئۇ‌لار دۇ‌نيا ھېچقاچان مۇ‌نداق بىخە‌تە‌ر بولۇ‌پ باقمىغان دە‌پ ماختىنىشىدۇ.‏ ھۆكۈمرانلار بىزنىڭ دۇ‌نيادىكى ھە‌ممە قىيىنچىلىقلارنى ئۇ‌لار ھە‌ل قىلىشقا قادىر دە‌پ ئويلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌لار شۇ‌نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن،‏ يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا ھېچقانداق تە‌سىر قىلالمايدۇ.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا،‏ «ھالاكە‌ت تۇ‌يۇ‌قسىز ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە كېلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئە‌سلا قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايدۇ».‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏3.‏

2 بىز بۇ مۇ‌ھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشىمىز كېرە‌ك:‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» مە‌زگىلىدە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؟‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت»تە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،‏ ھازىر قانداق تە‌ييارلىق قىلالايمىز؟‏—‏مە‌تتا 24:‏21‏.‏

‏«دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» پە‌يتىدە نېمىلە‌ر يۈز بېرىدۇ؟‏

3.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏5،‏ 15—‏18-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ خۇ‌دا «كاتتا بابىلنى» قانداق يوق قىلىدۇ؟‏

3 ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏5،‏ 15—‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ «كاتتا بابىل» چوقۇ‌م ۋە‌يران قىلىنىدۇ!‏ يۇ‌قىرىدا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى شۇ ۋاقىتتا ھېچنە‌رسە قىلالمايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ «خۇ‌دا ئۆز مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئون مۈڭگۈزنىڭ دىلىغا بىر ئوي-‏پىكىرنى سالىدۇ».‏ بۇ ئوي-‏پىكىر —‏ بۇ دۇ‌نيادىكى بارچە ساختا دىنلارنى،‏ يە‌نى خرىستىئان دۇ‌نياسىنىb يوق قىلىشنى ھە‌م ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ خۇ‌دا «توق قىزىل ھايۋاننىڭ» «ئون مۈڭگۈزىنىڭ» ئوي-‏خىيالىغا ئۆز پىكرىنى سالىدۇ.‏ ئون مۈڭگۈز ھە‌ممە ھۆكۈمە‌تلە‌رنى،‏ «ھايۋان» بولسا بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتىنى بىلدۈرىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏3،‏ 11—‏13؛‏ 18:‏8)‏.‏ ھۆكۈمە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى يالغان دىنلارغا قارشى چىققاندا،‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» باشلىنىدۇ.‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» يە‌ردىكى ھە‌ر بىر ئىنسانغا تە‌سىر قىلىدىغان ۋە‌ھشىي ۋە تاسادىپىي ۋە‌قە بولىدۇ.‏

4.‏ (‏1)‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر يالغان دىنغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشىنىڭ يوللۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قانداق سە‌ۋە‌بلە‌رنى كۆرسىتىشىدۇ؟‏ (‏2)‏ دىنىي تە‌شكىلاتلارنىڭ بۇ‌رۇ‌نقى ئە‌زالىرى نېمە قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

4 بىز دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ قانداق باھانە تېپىپ،‏ يالغان دىنلارغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار دىنلارنى دائىم سىياسە‌تكە ئارىلىشىپ،‏ دۇ‌نيانىڭ تىنچ-‏خاتىرجە‌م بولۇ‌شىغا توسالغۇ بولۇ‌ۋاتىدۇ دە‌پ ئە‌يىبلە‌يدۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ دىنىي تە‌شكىلاتلار ئىنتايىن كۆپ پۇ‌ل ۋە مال-‏دۇ‌نيا توپلاۋالدى دېيىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ھىي.‏ 18:‏3،‏ 7)‏.‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى يالغان دىنغا ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ ئېھتىمال بۇ دىنلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنى ئە‌مە‌س،‏ دىنىي تە‌شكىلاتلارنى يوق قىلىدۇ.‏ شۇ تە‌شكىلاتلار ۋە‌يران قىلىنغاندا،‏ بۇ‌رۇ‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئە‌زالىرى بولغان ئادە‌ملە‌ر،‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رگە ئالدىنىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ،‏ بۇ دىن بىلە‌ن مېنىڭ ھېچ ئالاقە‌م يوق دېيىشى مۇ‌مكىن.‏

5.‏ يە‌ھۋا «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» ھە‌ققىدە قانداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كاتتا بابىلنىڭ ۋە‌يران قىلىنىشى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتقا سوزۇ‌لىدىغانلىقى يېزىلمىغان،‏ بىراق ئۇ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يوق قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق (‏ۋە‌ھىي.‏ 18:‏10،‏ 21)‏.‏ يە‌ھۋا «ئۆزى تاللىغانلار»نى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ۋە ھە‌قىقىي دىننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ‹ئۇ كۈنلە‌رنى قىسقارتىدىغانلىقىنى› ۋە‌دە قىلغان (‏ماركۇ‌س 13:‏19،‏ 20)‏.‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» باشلىنىپ،‏ تېخى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى باشلانماي تۇ‌رغان شۇ مە‌زگىلدە،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؟‏

ھە‌قىقىي دىننى داۋاملىق چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭ

6.‏ يالغان دىن بىلە‌ن بولغان ھە‌رقانداق ئالاقىنى ئۈزۈش نېمە ئۈچۈن يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س؟‏

6 ئالدىنقى ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىنغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىدىن كاتتا بابىلدىن چىقىشنى كۈتىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يالغان دىن بىلە‌ن بولغان ھە‌رقانداق ئالاقىنى ئۈزۈش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك.‏ كېلىڭلار،‏ بۇ‌نىڭ ئىككى ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ كىچىك بىر توپى جاسارە‌ت بىلە‌ن،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئورمانلىقتا جە‌م بولدى

ھە‌تتا قىيىن بولغاندىمۇ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىنى ھە‌رگىز قالدۇ‌رمايلى (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏g

7.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئە‌خلاق ئۆلە‌ملىرىنى قانداق چىڭ تۇ‌تالايمىز؟‏ (‏2)‏ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏ئايە‌تلە‌ر،‏ بولۇ‌پمۇ ھازىر ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن جە‌م بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى قانداق تە‌كىتلە‌يدۇ؟‏

7 بىرىنچى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىي ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ش.‏ بىز بۇ دۇ‌نيانىڭ ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىنى قوبۇ‌ل قىلمايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنىڭ ھېچقانداق تۈرىنى،‏ شۇ‌نىڭ ئىچىدە ئوخشاش جىنىسلىق ئادە‌ملە‌رنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشى ياكى توي قىلىشىنى قوللىمايمىز (‏مە‌تتا 19:‏4،‏ 5؛‏ رىملىقلار 1:‏26،‏ 27)‏.‏ ئىككىنچى،‏ بىز ئېتىقادداشلىرىمىز بىلە‌ن بىللە ئىبادە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز.‏ مە‌يلى ئىبادە‌ت زاللىرىدا ياكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىدە ۋە ياكى باشقا يە‌رلە‌ردە يوشۇ‌رۇ‌ن بولسۇ‌ن،‏ ۋە‌زىيىتىمىز قانداق ئۆزگە‌رمىسۇ‌ن،‏ يىغىلىشىلارغا داۋاملىق بېرىشنى ھېچقاچان توختاتمايمىز.‏ «شۇ كۈننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن ئىكە‌نمىز،‏ تېخىمۇ كۆپرە‌ك شۇ‌نداق قىلايلى»‏‏.‏—‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

8.‏ كېلە‌چە‌كتە ئېيتىدىغان خە‌ۋىرىمىز قانداق ئۆزگۈرۈشى مۇ‌مكىن؟‏

8 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە بە‌لكىم،‏ بىز ئېيتىدىغان خە‌ۋە‌رمۇ ئۆزگىرىدۇ.‏ ھازىر بىز پادىشاھلىق توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاپ،‏ شاگىرت تە‌ييارلاشقا كۈچ چىقىرىمىز،‏ لېكىن،‏ شۇ چاغدا مۆلدۈردە‌ك قاتتىق تېگىدىغان خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشىمىز مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ھىي.‏ 16:‏21)‏.‏ بە‌لكىم،‏ شە‌يتانىڭ دۇ‌نياسى پات-‏ئارىدا يە‌ر بىلە‌ن يە‌كسە‌ن بولىدىغانلىقىنى جاكارلايمىز.‏ ۋاقتى-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ قانداق خە‌ۋە‌رنى ۋە ئۇ‌نى قانداق جاكارلايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏ يۈز يىل جە‌ريانىدا خىزمە‌تتە قوللىنىپ كە‌لگە‌ن ئۇ‌سۇ‌للارنى ئىشلىتىمىزمۇ ياكى قانداقتۇ بىر يېڭى ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىمىزمۇ؟‏ بىز بۇ‌نى تېخى بىلمە‌يمىز.‏ مە‌يلى قانداق ۋە‌ز قىلمايلى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھۆكۈم خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزۈش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە بولىمىز.‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 2:‏3—‏5.‏

9.‏ ھۆكۈمە‌تلە‌ر خە‌ۋىرىمىزنى ئاڭلىغاندا،‏ ئېھتىمال نېمە قىلىشى مۇ‌مكىن،‏ بىراق بىزنىڭ نېمىگە ئىشە‌نچىمىز كامىل؟‏

9 خە‌ۋىرىمىزنى ئاڭلىغاندا،‏ ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئېھتىمال بىزنىڭ ئاغزىمىزنى ئۈزۈل-‏كېسىل يېپىپ تاشلاشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ھازىر خىزمە‌تتە يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايانغاندە‌ك،‏ شۇ چاغدىمۇ دە‌ل شۇ‌نداق تايىنىشىمىز بە‌كمۇ مۇ‌ھىم.‏ خۇ‌دايىمىز بىزگە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن كۈچ بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏—‏مىكاھ 3:‏8.‏

ھۇ‌جۇ‌مغا تە‌ييار بولۇ‌ڭ

10.‏ لۇ‌قا 21:‏25—‏28-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە بولىدىغان ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ نېمە قىلىدۇ؟‏

10 لۇ‌قا 21:‏25—‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ ئادە‌ملە‌ر كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ،‏ ھودۇ‌قۇ‌پ كېتىدۇ.‏ ئۇ‌لار تايانغان سىياسە‌ت،‏ سودا-‏سېتىق ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ باشقا تۈزۈلمىلىرىنىڭ يوق قىلىنىشىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار «دە‌رد-‏ئە‌لە‌م» چېكىدۇ ۋە ئادە‌مزاتنىڭ تارىخىدىكى ئە‌ڭ ئېغىر كۈنلە‌ر باشلانغاندا ئۆلۈپ كېتىمىز،‏ دە‌پ قورقىدۇ (‏سە‌فنىيا 1:‏14،‏ 15)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ھە‌تتا خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭمۇ ھاياتى قىيىنلىشىپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغاچ،‏ بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بىزدە ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌ر بولماي قېلىشى مۇ‌مكىن.‏

11.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىدۇ؟‏ (‏2)‏ بىز نېمە سە‌ۋە‌بتىن دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

11 شۇ چاغلاردا دىنلىرى ۋە‌يران بولغان ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تېخىغىچە ئۆز دىنى بىلە‌ن ئىبادە‌ت قىلىۋاتقانلىقىدىن غە‌زە‌پلىنىدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ‌نىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ،‏ سۈرە‌ن-‏چوقان قىلىشىدۇ ۋە خە‌ۋە‌رلە‌ر ئىنتېرنېت،‏ تېلېۋىزور ياكى رادىئو ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يە‌ردە قالغان بىردىن-‏بىر دىن بولىدۇ،‏ شۇ‌ڭا دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھۆكۈمرانى شە‌يتان بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ر يۈزىدىكى دىنلارنىڭ ھە‌ممىسىنى يوق قىلىش مە‌قسىتىگە تېخى قول يە‌تكۈزە‌لمىگە‌چ،‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ نىشانى بولىمىز.‏ شۇ چاغدا،‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى گوگ بىلە‌ن ماگوگنىڭc رولىنى ئوينايدۇ.‏ ھۆكۈمە‌تلە‌ر بىرلىشىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە بار كۈچى بىلە‌ن رە‌ھىمسىزلارچە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ (‏ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏2،‏ 14—‏16)‏.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك تە‌پسىلاتلىرىغىچە بىلمىگە‌چ،‏ قاتتىق ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ئە‌نسىرە‌شنىڭ ھاجىتى يوق.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىزگە تە‌پسىلىي كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏19)‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ بىز «قە‌ددىڭلارنى رۇ‌سلاپ،‏ باشلىرىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار،‏ چۈنكى سىلە‌رنىڭ قۇ‌تۇ‌لۇ‌شىڭلار يېقىنلىشىۋاتىدۇ»‏d دېگە‌ن سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سالالايمىز.‏

12.‏ «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» بىزنى كە‌لگۈسىدىكى ۋە‌قە‌لە‌رگە قانداق تە‌ييارلاپ كە‌لمە‌كتە؟‏

12 «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى تە‌ييارلاپ كە‌لمە‌كتە (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ بۇ‌نى كۆپلىگە‌ن ئۇ‌سۇ‌للاردا قىلىۋاتىدۇ،‏ لېكىن بىز پە‌قە‌ت بىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ 2016—‏2018-‏يىللىرى ئۆتكۈزۈلگە‌ن چوڭ يىغىلىشلار.‏ بۇ چوڭ يىغىلىشلاردا ئالغان تە‌لىملە‌ر بىزنى يە‌ھۋانىڭ كۈنى كە‌لگە‌ندە سادىق بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن كېرە‌كلىك پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنىڭ بىرنە‌چچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ساداقە‌تمە‌نلىك،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ۋە جاسارىتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ

خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىدىن تە‌ركىپ تاپقان زور بىر توپ خالايىق دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىپ،‏ خۇ‌شال بولۇ‌ۋاتىدۇ

‏«دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت»تىن ئامان قېلىش ئۈچۈن،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە تە‌ييارلىق قىلىڭ (‏13—‏16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏h

13.‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىسە‌ك بولىدۇ ۋە بۇ‌نى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

13 ساداقە‌تمە‌نلىك.‏ 2016-‏يىلنىڭ ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشنىڭ نامى «يە‌ھۋا خۇ‌داغا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاڭ!‏» دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ چوڭ يىغىلىشتا بىلىۋالغىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولساق،‏ ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قالالايمىز.‏ چوڭ يىغىلىشىدا پروگراممىسى چىن يۈرە‌كتىن دۇ‌ئا قىلىش ۋە خۇ‌دا سۆزىنى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالايدىغانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سالغان.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ھە‌تتا ئە‌ڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى،‏ خۇ‌داغا ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىمىز تېخىمۇ كۆپ سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر شۇ چاغدىمۇ بىزنى داۋاملىق مە‌سخىرە قىلىشى مۇ‌مكىن (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏3،‏ 4)‏.‏ بۇ‌نىڭ بىر سە‌ۋە‌بى —‏ بىزنىڭ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاپ،‏ شە‌يتانىڭ دۇ‌نياسىنى قوللىمىغانلىقىمىزدۇ‌ر.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە سادىق بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏

14.‏ (‏1)‏ يە‌ردە رە‌ھبە‌رلىك قىلىشتا قانداق بىر ئۆزگىرىش بولىدۇ؟‏ (‏2)‏ شۇ چاغدا بىز نېمە سە‌ۋە‌بتىن سادىق بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

14 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ يە‌ردە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلاردا بىر ئۆزگىرىش بولىدۇ.‏ بە‌لگە‌نگە‌ن ۋاقىت كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق مە‌سىھ قىلىنغان ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏31؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 2:‏26،‏ 27)‏.‏ دېمە‌ك،‏ شۇ چاغدا يە‌ر يۈزىدە يېتە‌كچى كېڭە‌ش بولمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئارىسىدا تە‌رتىپ ھۆكۈم سۈرىدۇ.‏ باشقا قويلاردىن چىققان لايە‌قە‌تلىك بۇ‌رادە‌رلە‌ر يېتە‌كچىلىكنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ.‏ بۇ بۇ‌رادە‌رلە‌رنى قوللاش ۋە خۇ‌دا ئۇ‌لار ئارقىلىق بېرىدىغان يول-‏يورۇ‌ققا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ بىزنىڭ ئامان قېلىشىمىز ئىتائە‌تچان بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا باغلىق!‏

15.‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يمىز ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇ‌ھىم؟‏

15 سە‌ۋر-‏تاقە‌ت.‏ 2017-‏يىلدىكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشنىڭ نامى «ھە‌رگىز ۋاز كە‌چمە‌يلى!‏» دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسى سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌يلى بىز قانداق ۋە‌زىيە‌تتە بولايلى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىش ئارقىلىق سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالغان ئىدۇ‌ق (‏رىملىقلار 12:‏12)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ‏«ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلە‌ر قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدۇ» دېگە‌ن ۋە‌دىسىنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌مايلى (‏مە‌تتا 24:‏13‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر بۇ قىيىنچىلىقلارغا ھازىر بە‌رداشلىق بە‌رسە‌ك،‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلانغىچە،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏

16.‏ جاسارە‌تلىك بولۇ‌شىمىز نېمىگە باغلىق؟‏ جاسارىتىمىزنى ھازىر قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يمىز؟‏

16 جاسارە‌ت.‏ 2018-‏يىلدىكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشىنىڭ نامى «جاسارە‌تلىك بول!‏» دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ يىغىلىشتىكى نۇ‌تۇ‌قلار جاسارە‌تلىك بولۇ‌ش قابىلىيىتىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىشىمىزغا باغلىق ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌ش ۋە خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقىنى ئۆتمۈشتە قانداق قۇ‌تقۇ‌زغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا كۆپرە‌ك تايىنىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏20؛‏ 2-‏پېتر.‏ 2:‏9)‏.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت پە‌يتىدە،‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى بىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ بىز جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا ھە‌رقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بە‌كرە‌ك ئىشە‌نچىمىز كامىل بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 112:‏7،‏ 8؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏6)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋاغا ھازىرنىڭ ئۆزىدە تايانساق،‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى بىزگە قارشى چىققاندا،‏ جاسارە‌تلىك بولالايمىز.‏e

قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ۋاقتىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈڭ!‏

ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى قوشۇ‌نلىرى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاق ئاتلارنى چاپتۇ‌رۇ‌پ كېلىۋاتىدۇ

ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى قوشۇ‌نلىرى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاق ئاتلارنى چاپتۇ‌رۇ‌پ كېلىۋاتىدۇ (‏17-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

17.‏ بىز نېمە ئۈچۈن ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

17 ئالدىنقى ماقالىدە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىز ئاخىر زامان كۈنلىرىدە ھايات كە‌چۈرۈۋاتىمىز.‏ ئە‌مما،‏ بىزنىڭ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ بىز بۇ دۇ‌نيا تۈزۈمىنىڭ ئاخىرى ئە‌ۋجىگە چىقاندا بولىدىغان ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىنىمۇ ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرىمىز.‏ لېكىن،‏ بۇ ئۇ‌رۇ‌شتا بىز ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆزى جە‌ڭ قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ قورقۇ‌شىمىزنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق (‏پە‌ند.‏ نە 1:‏33؛‏ ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏18—‏20؛‏ زە‌كە‌رىيا 14:‏3)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ندە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ تىرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بىلە‌ن مىليونلىغان پە‌رىشتىلە‌ردىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن خۇ‌دانىڭ قوشۇ‌نلىرىنى جە‌ڭگە باشلايدۇ.‏ ئۇ‌لار بىرلىكتە شە‌يتان،‏ ئۇ‌نىڭ جىنلىرى ۋە يە‌ردىكى قوشۇ‌نلىرىغا قارشى جە‌ڭ قىلىدۇ.‏—‏دانىيال 12:‏1؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 6:‏2؛‏ 17:‏14.‏

18.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمىنى ۋە‌دە قىلغان؟‏ (‏2)‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9،‏ 13—‏17-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر سىزنى كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

18 يە‌ھۋا مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «ساڭا ھۇ‌جۇ‌م قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھە‌رقانداق قورال غە‌لبە قىلالمايدۇ» (‏يە‌شايا 54:‏17)‏.‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان «زور بىر توپ خالايىق» «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن» ئامان قېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9،‏ 13—‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ ئۆزىگە سادىق بولغانلارنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏23)‏.‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇ‌نىڭغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈشنى خالايدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭ ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلىغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ناھايىتى خۇ‌شال بولىدۇ.‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏23.‏

19.‏ بىزدە قانداق ئاجايىپ ئۈمىد بار؟‏

19 قانداق ئويلايسىز،‏ ئە‌گە‌ر 2-‏تىموتىي 3:‏2—‏5-‏ئايە‌تلە‌ردە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن ئادە‌ملە‌ر يېڭى دۇ‌نيادا يە‌نە قايتا شە‌يتاننىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىمىسا،‏ ئايە‌تلە‌ر باشقىچە قانداق يېزىلاتتى؟‏ (‏«‏يېڭى دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ر‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان جورج گانگاسf بۇ‌رادە‌ر بۇ‌نى شۇ‌نداق تە‌سۋىرلىگە‌ن:‏ «ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۆز-‏ئارا قېرىنداش بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغاندا،‏ دۇ‌نيانىڭ ئاجايىپ بىر گۈزە‌ل جاي بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭە!‏ پات-‏ئارىدا سىز يېڭى دۇ‌نيادا ياشاش پۇ‌رسىتىگە ئىگە بولىسىز.‏ ھاياتىڭىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھاياتىدە‌ك ئۇ‌زاق بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق،‏ بىز مە‌ڭگۈ ياشىيالايمىز».‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئاجايىپ ئۈمىدتۇ‌ر!‏

يېڭى دۇ‌نيادا ئادە‌ملە‌ر قانداق بولىدۇ؟‏

باشقىلارنى ياخشى كۆرىدىغان،‏ روھىي نە‌رسىلە‌رنى قە‌دىرلە‌يدىغان،‏ كىچىك پېئىل،‏ مۇ‌لايىم،‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىدىغان،‏ ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نىدىغان،‏ مىننە‌تدار،‏ ۋاپادار،‏ ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدىغان،‏ باشقىلار بىلە‌ن ئاسان تىل تېپىشىدىغان،‏ باشقىلار توغرۇ‌لۇ‌ق دائىم ياخشى سۆزلە‌يدىغان،‏ ئۆزىنى تۇ‌تالايدىغان،‏ مۇ‌لايىم،‏ ياخشىلىققا ئامراق،‏ ئىشە‌نچلىك،‏ باشقىلارغا يول قويىدىغان،‏ كە‌متە‌ر،‏ ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنى ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانى ياخشى كۆرىدىغان،‏ ۋاپالىقنىڭ كۈچىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولىدۇ.‏

بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلىۋالدىڭىز؟‏

  • «كاتتا بابىل»نىڭ ۋە‌يران قىلىنىشى

  • ھە‌قىقىي دىننى داۋاملىق چىڭ تۇ‌تۇ‌ش

  • ساداقە‌تمە‌نلىك،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ۋە جاسارە‌تنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a يېقىن-‏ئارىدا ئىنسانىيە‌ت «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تكە» دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قانداق ئە‌ھۋالدا بولىدۇ ۋە ئۇ بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؟‏ شۇ بالايىئاپە‌ت پە‌يتىدە ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏ بۇ سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب تاپايلى.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ خرىستىئان دۇ‌نياسى —‏ ئۆزىنى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى،‏ دە‌پ ئاتىۋالغان،‏ لېكىن باشقىلارغا يە‌ھۋانىڭ تە‌لە‌پ-‏ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆگە‌تمە‌يدىغان دىنلاردۇ‌ر.‏

c سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ «‏ماگوگ زېمىنىدىن بولغان گوگ» دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىگە قارشى چىقىدىغان دۆلە‌تلە‌ر ئىتتىپاقىنى بىلدۈرىدۇ.‏

d ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىنىڭ ئالدىدا بولىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن «خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا» (‏باشقا تىل)‏ كىتابىنىڭ 21-‏بابىغا قاراڭ.‏ يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈجنىڭ ھۇ‌جۇ‌مى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقىنى قانداق ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تە‌پسىلىيرە‌ك بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىل)‏ 2015-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ل سانى 14—‏19-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

e ‏2019-‏يىلدىكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشىنىڭ نامى «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت مە‌ڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسى بىزنى يە‌ھۋانىڭ قانىتى ئاستىدا بىخە‌تە‌ر ئىكە‌نلىكىمىزگە ئىشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏8.‏

f ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 1994-‏يىل،‏ 1-‏دېكابىر سانىدىكى «‏ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى ئۇ‌نىڭ بىللە ماڭىدۇ‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

g سۈرە‌تلە‌ردە:‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ كىچىك بىر توپى جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئورمانلىقتا جە‌م بولدى.‏

h سۈرە‌تلە‌ردە:‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىدىن تە‌ركىپ تاپقان زور بىر توپ خالايىق دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىپ،‏ خۇ‌شال بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش