46-تەتقىق ماقالىسى
«ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنىنى» ياخشى ھالەتتە ساقلاۋاتامسىز؟
«ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنىنى ئېلىڭلار».—ئەفەس. 6:16.
54-ناخشا ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدەa
1، 2. (1) ئەفەسلىكلەر 6:16-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن «ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنىنى» ئېلىشىمىز زۆرۈر؟ (2) قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
سىز قولىڭىزغا «ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنىنى» ئالدىڭىزمۇ؟ (ئەفەسلىكلەر 6:16-نى ئوقۇڭ). بۇنىڭغا گۇمان يوق. يوغان قالقان بەدەننىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك قوغدىغىنىغا ئوخشاش، ئېتىقادىڭىز سىزنى رەزىل دۇنيادىكى ئەخلاقسىزلىق، زوراۋانلىق ۋە خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە زىت باشقا نەرسىلەردىن قوغدايدۇ.
2 ئەمما، بىز ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقاچقا، ئېتىقادىمىز داۋاملىق سىنىلىدۇ (2-تىموت. 3:1). ئېتىقادىڭىزنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى قانداق تەكشۈرەلەيسىز؟ ئېتىقاد قالقىنىڭىز كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ بۇ سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب تاپايلى.
قالقىنىڭىزنى پۇختا تەكشۈرۈڭ
جەڭدىن كېيىن ئەسكەرلەر قالقانلىرىنىڭ ياخشى ھالەتتە ساقلىنىشىغا كۆز يەتكۈزگەن (3-ئابزاسقا قاراڭ)
3. ئەسكەرلەر قالقانلىرىنى قانداق ساقلىغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
3 قەدىمدە ئەسكەرلەرنىڭ قالقانلىرى ئادەتتە تېرە بىلەن قاپلانغانىدى. ئەسكەرلەر قالقانلىرىدىكى تېرىنى ئاسراش ئۈچۈن ۋە تۆمۈر بىلەن قاپلانغان قىسىمىنى دات بېسىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالقانلىرىنى مايلاپ تۇراتتى. ئەگەر بىر ئەسكەر قالقىنىڭ بۇزۇلغان جايلىرىنى بايقىسا، دەرھال ئۇنى ئوڭشاپ، كېيىنكى جەڭگە تەييار بولاتتى. بۇ مىسال ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟.
4. نېمە ئۈچۈن ئېتىقادىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
4 قەدىمدە ئەسكەرلەر جەڭگە ھەرقاچان تەييار بولۇش ئۈچۈن، قالقىنىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرغاندەك، بىزمۇ ئېتىقادىمىزنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان بىز روھىي جەڭگە قاتنىشىپ، ۋەھشىي روھلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز (ئەفەس. 6:10—12). ھېچكىم قالقىنىمىزنى ياكى ئېتىقادىمىزنى بىز ئۈچۈن ئاسراپ ساقلاپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا، سىناق ۋاقتىدا ئېتىقادىڭىزنىڭ مەھكەم بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ بىرىنچىدىن، خۇداغا دۇئا قىلىپ ياردەم سوراڭ. كېيىن، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋە خۇدانىڭ سىزگە قانداق قارايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆزىنى ئوقۇڭ (ئىبرانىي. 4:12). مۇقەددەس كىتابتا: «پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن ئىشەن يەھۋاغا، ئۆز ئەقلىڭگە تايانما»،— دەپ يېزىلغان (پەند. نە 3:5، 6). بۇ سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇپ، يېقىندا چىقارغان قارارلىرىڭىز توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرۈڭ. مەسىلەن، پۇل تەرەپتىن قىسىلغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ شۇ چاغدا، يەھۋانىڭ ئىبرانىيلار 13:5-ئايەتتىكى «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن« دېگەن ۋەدىسى ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟ بۇ ۋەدە سىزنى يەھۋا چوقۇم ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈردىمۇ؟ «ھەئە»، دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ئېتىقاد قالقىنىڭىز ياخشى ھالەتتە ساقلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق.
5. ئېتىقادىڭىزنى تەكشۈرگەندە نېمىنى چۈشىنىشىڭىز مۇمكىن؟
5 ئېتىقادىڭىزنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرگەن چاغدا، ھەيران بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بەلكىم، ئۆزىڭىز بىلمىگەن ئاجىزلىقىلىرىڭىز ئاشكارا بولىدۇ. مەسىلەن، ئورۇنسىز غەم-ئەندىشىلەر، يالغانلار ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئېتىقادىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ بەكرەك زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى قانداق قوغدىسىڭىز بولىدۇ؟
ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان نەرسىلەردىن ئۆزىڭىزنى قوغداڭ
6. قايسى ۋەزىيەتلەردە ئەنسىرىشىمىز ئورۇنلۇق؟
6 بەزىدە ئەنسىرەش — ئورۇنلۇقتۇر. مەسىلەن، بىز ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھنى خۇرسەن قىلىشنى خالايمىز (1-كورىنت. 7:32). بىز ئېغىر گۇناھ قىلىپ قويغان بولساق، خۇدا بىلەن تېزراق يارىشىۋېلىش توغرۇلۇق ئەنسىرەيمىز (زەبۇر 38:18). شۇنداقلا، بىز ئۆمۈرلۈك جۈپتىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىشنى خالايمىز ۋە ئۆيدىكىلىرىمىز ۋە جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ غېمىنى يەيمىز.—1-كورىنت. 7:33؛ 2-كورىنت. 11:28.
7. پەندى-نەسىھەت 29:25-ئايەتلەرگە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن ئادەمدىن قورقماسلىقىمىز كېرەك؟
7 لېكىن، «نېمە يەيمىز» ياكى «نېمە ئىچىمىز» دېگەنگە ئوخشاش ئورۇنسىز غەم-ئەندىشىلەر ئېتىقادىمىزغا زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن (مەتتا 6:31، 32). شۇنداق غەم-ئەندىشىلەردىن قۇتۇلىمىز دەپ، بىز بايلىق قوغلىشىشقا باشلىشىمىز، ھەتتا پۇلخۇمار بولۇپ كېتىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بۇنىڭغا يول قويساق، يەھۋاغا بولغان ئېتىقادىمىز ئاجىزلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلىقىمىز بۇزۇلۇشى مۇمكىن (ماركۇس 4:19؛ 1-تىموت. 6:10). ياكى بولمىسا، «باشقىلار مېنىڭ توغرۇلۇق نېمە ئويلايدۇ» دەپ ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەيدىغاندىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەھۋانى رەنجىتىشتىن قورقۇشقا قارىغاندا، ئادەملەردىن كۆپرەك قورقۇپ، ئۇلارنىڭ زاڭلىق ياكى زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن. ئۆزۈمىزنى بۇلاردىن قوغداش ئۈچۈن، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە كېرەكلىك كۈچ-قۇۋەتنى سورىشىمىز زۆرۈر.—پەندى-نەسىھەت 29:25-نى ئوقۇڭ؛ لۇقا 17:5.
(8-ئابزاسقا قاراڭ)b
8. يالغان ياكى بۇرمىلانغان مەلۇماتلارغا قانداق قارىشىمىز كېرەك؟
8 شەيتان «يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر». ئۇ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئارقىلىق يەھۋا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى توغرۇلۇق يالغانلارنى تارقىتىدۇ (يۇھاننا 8:44). مەسىلەن، ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەر تور بەتلەر ياكى باشقا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يەھۋا خۇدانىڭ تەشكىلاتى توغرۇلۇق يالغان ياكى بۇرمىلانغان مەلۇماتلارنى تارقىتىدۇ. بۇ يالغانلار شەيتاننىڭ ‹ئوتلۇق ئوقلىرىغا› ئوخشايدۇ (ئەفەس. 6:16). ئەگەر بىرسى بىزگە شۇنداق يالغان سۆزلەرنى ئېيتىشقا باشلىسا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز شۇنداق سۆزلەرنى ھەرگىز تىڭشىمايمىز! نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز يەھۋا خۇداغا ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشىنىمىز. بىز ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەر بىلەن ھەرقانداق ئالاقىدە بولۇشتىن نېرى تۇرىمىز. بىز ھېچكىمنىڭ ياكى ھېچنەرسىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قىزىقىپ بولسىمۇ، ئۇلار بىلەن گەپ تالىشىش ياكى بەس مۇنازىرە قىلىشقا ھەرىكەت قىلمايمىز.
9. ئۈمىدسىزلىنىش بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
9 ئۈمىدسىزلىك ئېتىقادىمىزنى ئاجىزلاشتۇرالايدۇ. بەزىدە بېشىمىزغا چۈشكەن قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك روھىمىز چۈشىدۇ. لېكىن، بىز ئۆز قىيىنچىلىقلىرىمىزغا كۆز يۇمماسلىقىمىز لازىم. بىز دائىم پەقەت قىيىنچىلىقلىرىمىز توغرۇلۇقلا ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى، شۇنداق قىلساق، يەھۋا خۇدانىڭ ھەممە ئاجايىپ ۋەدىلىرى توغرۇلۇق ئۇنتۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن (ۋەھىي. 21:3، 4). بىز ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆزۈمىزنى بەك ئاجىز ھېس قىلغانلىقتىن، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىمىز مۇمكىن (پەند. نە 24:10). بىراق، بۇنىڭغا يول بەرمەسلىكىمىز كېرەك.
10. بىر قېرىنداش يازغان خەتتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
10 قوشما شتاتلاردا ياشايدىغان قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇنىڭ يولدىشى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولسىمۇ، بۇ قېرىنداش ئۆز ئېتىقادىدا مەھكەم تۇرۇپ كەلگەن. مەكىزى باش ئىدارىگە يازغان خېتىدە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بەزىدە ئەھۋالىمىز شۇنچىلىك قىيىن بولغانكى، بىز چۈشكۈنلۈككە پېتىپ كېتەتتۇق. لېكىن، بىزنىڭ ئۈمىدىمىز كۈچلۈك. مەن يەھۋا خۇداغا ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە روھىمىزنى كۆتۈرىدىغان مەلۇماتلار ئۈچۈن بەك مىننەتدار! بىز بۇ مەسلىھەتلەرگە ئىنتايىن مۇھتاج ئىدۇق. چۈنكى، ئۇلار بىزگە شەيتاننىڭ سىناقلىرىدا ۋاز كەچمەسلىككە ۋە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ». بۇ قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىش مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. شۇڭا، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، بۇنى شەيتانغا قارشى تۇرۇشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىشىمىز كېرەك. يەھۋا خۇدا تەسەللىينىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. شۇنداقلا ئۇ بېرىۋاتقان روھىي ئوزۇقلۇقنى قەدىرلەڭ.
«ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنىنى» ياخشى ھالەتتە ساقلاۋاتامسىز؟ (11-ئابزاسقا قاراڭ)c
11. ئېتىقادىمىزنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆزۈمىزدىن قانداق سوئاللارنى سورىساق بولىدۇ؟
11 ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يېتەلىدىڭىزمۇ؟ يېقىنقى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ئورۇنسىز غەم-ئەندىشىلەرنى قىلماسلىق قولۇڭىزدىن كەلدىمۇ؟ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەرنى تىڭشاشتىن ۋە ئۇلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشتىن نېرى تۇرالىدىڭىزمۇ؟ ئۈمىدسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلغاندا غەلبە قازاندىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئېتىقادىڭىز مۇستەھكەم ھالەتتە دېگەن گەپ. لېكىن، داۋاملىق پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، شەيتان بىزگە قارشى باشقا قورال-ياراقلارنى ئىشلىتىشكە تىرىشىدۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ بىرىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
پۇلخۇمارلىقتىن پەخەس بولۇڭ
12. مال-دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ كېتىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
12 مال-دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ كەتسەك، ئېتىقادىمىز ئاجىزلىشىپ، بىز يەھۋاغا ئازراق خىزمەت قىلىشقا باشلىشىمىز مۇمكىن. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «بىر جەڭچى ئۆزىنى ئەسكەرلىككە ئالغان قوماندانىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سودا-تىجارەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ» (2-تىموت. 2:4). رىم ئەسكەرلىرىنىڭ باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئىي قىلىنغانىدى. ئەگەر ئەسكەر بۇ ئىنتىزامغا پەرۋا قىلمىسا، ئاقىۋىتى قانداق بولاتتى؟
13. ئەسكەرلەر نېمە ئۈچۈن سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانمىغان؟
13 شۇنداق ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: بىر توپ ئەسكەرلەر ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ مەشىق قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، ئەسكەرلەرنىڭ بىرى يوق. ئۇ بازاردا تاماق سېتىش بىلەن بەنت بولۇپ كەتتى. ئادەتتە ئەسكەرلەر ھەر كۈنى كەچقۇرۇن قورال-ياراقلىرىنى تەكشۈرۈپ، قىلىچلىرىنى بىلەيدۇ. لېكىن، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەسكەر ئەتىسى بازاردا سېتىش ئۈچۈن تاماق تەييارلايدۇ. بىراق، ئەتىسى ئەتىگەندە دۈشمەنلەر كېلىپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى دەيلى. شۇ چاغدا، قايسى ئەسكەر ئۇرۇشقا تەييار بولۇپ، قوماندانىنى رازى قىلالايدۇ، دەپ ئويلايسىز؟ سىزمۇ شۇ ئۇرۇشقا قاتناشسىڭىز، يېنىڭىزدا كىمنىڭ تۇرۇشىنى خالايتتىڭىز؟ جەڭگە تەييار بولغان ئەسكەرنىڭمۇ ياكى دىققىتىنى باشقا ئىشلارغا قاراتقان ئەسكەرنىڭمۇ؟
14. ئەيسانىڭ ئەسكەرلىرى سۈپىتىدە بىز نېمىنى قەدىرلەيمىز؟
14 ياخشى ئەسكەرگە ئوخشاش، بىزمۇ ئاساسىي مەقسىتىمىزنى، يەنى يېتەكچىلىرىمىز يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلىشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. بۇ بىز ئۈچۈن شەيتاننىڭ دۇنياسىدا ئېرىشەلەيدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن قىممەت-باھالىقتۇر. يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ۋاقتىمىز بىلەن كۈچىمىز بار ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈپ، ئېتىقاد قالقىنىمىزنى ۋە باشقا روھىي قورال-ياراقلىرىمىزنى ياخشى ھالەتتە تۇتۇشىمىز مۇھىم.
15. پاۋلۇس بىزنى نېمىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
15 بىز ھەردائىم ھوشىيار بولۇشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس «باي بولۇشنى نىيەت قىلغانلار» «ئېتىقادتىن چەتنەپ» كېتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى (1-تىموت. 6:9، 10). «چەتنەش» دېگەن سۆز كېرەكسىز مال-دۇنيا توپلاشقا بېرىلىپ، دىققىتىمىزنى مۇھىم نەرسىلەردىن بۇراپ كېتىشنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلساق، ئۆز-ئۆزۈمىزگە «نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى» كەلتۈرىمىز. ئەمما، شەيتاننىڭ باي بولۇش خاھىشىنى يۈرىكىمىزگە سېلىش ئارقىلىق ئېتىقادىمىزنى ئاجىزلاشتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.
16. ماركۇس 10:17—22-ئايەتلەردىكى سۆزلەر، بىزنى قايسى سوئاللار ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
16 بەلكىم، نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىسادىمىز باردۇ. ئەگەر ئۆزۈمىز خالايدىغان بىراق ئەسلىدە كېرەك ئەمەس نەرسىلەرنى سېتىۋالساق، ناتوغرا ئىش قىلغان بولىمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. ئەمما تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدىن مۇلاھىزە قىلايلى: قانداقتۇ بىر نەرسىنى سېتىۋېلىشقا ئىقتىسادىمىز بولسىمۇ، شۇ نەرسىنى ئاسراپ ساقلاش ئۈچۈن ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىز بولامدۇ؟ مال-دۇنيانى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كېتىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ مال-دۇنيانى سۆيۈپ، ئەيسانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان ياش يىگىتكە ئوخشاش يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشتىن تەكلىپىنى رەت قىلىمىزمۇ؟ (ماركۇس 10:17—22-نى ئوقۇڭ). ئاددىي ھايات كەچۈرۈپ، قىممەتلىك ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىزنى يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىشلىتەيلى!
ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنىنى چىڭ تۇتۇڭ
17. بىز نېمىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك؟
17 بىز ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە جەڭگە ھەر كۈنى تەييار بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز مۇھىم (ۋەھىي. 12:17). قېرىنداشلىرىمىز ئېتىقاد قالقىنىمىزنى بىز ئۈچۈن تۇتۇپ ماڭالمايدۇ. ئۇنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىش — ھەربىرىمىزنىڭ ۋەزىپىمىز!
18. قەدىمدە ئەسكەرلەر نېمە سەۋەبتىن قالقىنىنى چىڭ تۇتقان؟
18 قەدىمقى زامانلاردا ئەسكەر جەڭدە باتۇرلۇق كۆرسەتسە، ئىززەت-ئېھتىرامغا ئېرىشكەن. لېكىن، ئەگەر ئۇ ئۆيىگە قالقانسىز قايتىپ كەلگەن بولسا، نۇمۇستىن ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالغانىدى. رىملىق تارىخشۇناس تاسىتۇس مۇنداق دەپ يازغان: «ئەسكەرنىڭ جەڭ مەيدانىدا قالقىنىنى تاشلاپ قايتىپ كېلىشى نۇمۇس ھېسابلانغان». شۇ سەۋەبتىن، ئەسكەرلەر قالقانلىرىنى مەھكەم تۇتۇشقا تىرىشقان.
ئايال قېرىنداش خۇدا سۆزىنى ھەر كۈنى ئوقۇش، دائىم يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ۋە قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىش ئارقىلىق ئېتىقادىنى مەھكەم ساقلىماقتا (19-ئابزاسقا قاراڭ)
19. ئېتىقاد قالقىنىمىزنى قانداق چىڭ تۇتالايمىز؟
19 جامائەت يىغىلىشلىرىغا دائىم قاتناشساق، يەھۋا خۇدانىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق باشقىلارغا ئېيتساق، ئېتىقاد قالقىنىمىزنى مەھكەم تۇتۇپ يۈرىمىز (ئىبرانىي. 10:23—25). شۇنداقلا بىز ھەر كۈنى دۇئا قىلىپ خۇدا سۆزىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى مەسلىھەتلەر ۋە كۆرسەتمىلەرنى ھەممە ئىشلىرىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىمىز (2-تىموت. 3:16، 17). شۇڭا، شەيتان بىزگە قارشى ئىشلەتمەكچى بولغان ھەرقانداق قورال-ياراق، بىزگە مەڭگۈلۈك زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ (يەشايا 54:17). ‹ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنى› بىزنى قوغدايدۇ. شۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مۈرىگە-مۈرىنى تىرەپ، ھەر كۈنى ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى شەيتان ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىغا قارشى جەڭدە غەلبە قىلغاندا، ئەيسا مەسىھ تەرەپتە بولۇش شان-شەرىپىگە ئېرىشىمىز.—ۋەھىي. 17:14؛ 20:10.
154-ناخشا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمىز
a ئەسكەرلەر ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قالقاندىن پايدىلانغان بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنىمۇ قالقانغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئەسكەرلەر قالقىنىنى ياخشى ھالەتتە ساقلىغاندەك، بىزمۇ ئېتىقادىمىزنى كۈچلۈك ھالەتتە ياخشى ساقلىشىمىز كېرەك. بۇنى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىز كۆرۈپ چىقايلى.
b سۈرەتلەردە: يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرۇلۇق يالغانلارنى تارقىتىدىغان ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ھەققىدە خەۋەر كۆرسىتىلگەندە، گۇۋاھچىلار ئائىلىسى تېلېۋىزورنى دەرھال ئۆچۈرۋەتتى.
c سۈرەتتە: كېيىن ئائىلىۋى ئىبادەتتە ئائىلە بېشى مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدۇ.