كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان20 2 № 11-‏13 ب.‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاللىقاچان نېمە ئىشلارنى قىلدى؟‏
  • پات-‏يېقىندا خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلار ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە قىلىدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
ك‌م‌ئان20 2 № 11-‏13 ب.‏
شارقىراتما تە‌رە‌پكە ئېقىۋاتقان دە‌ريا ئېقىنى.‏ تاغلار ۋە ئورمان بىلە‌ن قورشاۋالغان دە‌ريا.‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ چۈنكى ئۇ،‏ يە‌ر يۈزىدە دە‌ھشە‌تلىك ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ يۈز بېرىشى خۇ‌دانىڭ ئىرادە ئە‌مە‌سلىكىنى ۋە پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى يە‌ر يۈزىدىكى بارچە قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاللىقاچان نېمە ئىشلارنى قىلدى؟‏

ئالدىنقى ماقالىدە،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بېشارە‌ت قىلغان ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق.‏ بۇ ئالامە‌تلە‌ردىن ئىسپاتلارنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى 1914-‏يىلى ئاللىقاچان ئاسماندا تىكلە‌ندى ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئە‌يسا مە‌سىھ تە‌ختتە ئولتۇ‌ردى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا پادىشاھلىق ھوقۇ‌قىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرىنى ئاسماندىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.‏ شۇ‌نىڭدىن باشلاپ،‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت يە‌ر يۈزىگە تە‌سىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ دە‌ل،‏ 1914-‏يىلدىن بۇ‌يان دۇ‌نيادا شۇ‌نچە كۆپ يامان ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر كۆپىيىپ كە‌تكە‌نلىكىنىڭ بىر سە‌ۋە‌بىدۇ‌ر.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏7،‏ 9.‏

دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتى بۇ‌نداق ناچارلىشىپ كېتىشىگە قارىماي،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئە‌يسا مە‌سىھ پۈتۈن يە‌ر يۈزىدىكى ئىنسانلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بە‌زى ئىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا بېشارە‌ت قىلغان دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش خىزمىتىنىڭ ياردىمىدە نۇ‌رغۇ‌ن ئىنسانلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىپ،‏ ئۇ‌لارنى تۇ‌رمۇ‌شىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىۋاتىدۇ (‏يە‌شايا 2:‏2–‏4)‏.‏ مىليونلىغان كىشىلە‌ر بە‌ختلىك ئائىلىۋى تۇ‌رمۇ‌شنىڭ سىرىنى تاپالىدى؛‏ ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شنى،‏ يە‌نى ماددىي نە‌رسىلە‌رگە قول بولۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لاردىن توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شنى ئۆگە‌ندى.‏ بۇ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئۇ‌لارنى ھازىر بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشتۈرۈپ قالماي،‏ يە‌نە ئۇ‌لارغا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ياخشى پۇ‌قراسى بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏

پات-‏يېقىندا خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏

گە‌رچە ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان بولسىمۇ،‏ يە‌ر يۈزىدە يە‌نىلا ئىنسانلار ھۆكۈمرانلىق قىلىشىۋاتىدۇ.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا ئاللىقاچان ئە‌يسا مە‌سىھكە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «دۈشمە‌نلىرىڭ ئارىسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغىن» (‏زە‌بۇ‌ر 110:‏2)‏.‏ پات-‏يېقىندا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بارچە دۈشمە‌نلىرىنى تامامە‌ن يوق قىلىپ،‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شنى خالىغانلارنى قىيىنچىلىقلاردىن خالاس قىلىپ،‏ ئارام-‏بە‌خش تاپقۇ‌زىدۇ.‏

پات-‏يېقىندا خۇ‌دا پادىشاھلىقى مۇ‌نۇ ئىشلارنى قىلىدۇ:‏

  • ساختا دىنلارنى تامامە‌ن يوق قىلىدۇ.‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدە ساختا تە‌لىملە‌رنى ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇ‌رۇ‌ۋاتقان دىنلار پۈتۈنلە‌ي يوق بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ساختا دىننى پاھىشە ئايال بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ تامامە‌ن يوق قىلىنىشى نۇ‌رغۇ‌ن ئىنسانلارنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏15،‏ 16.‏

  • ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇ‌رىدۇ.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بارچە ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنى ۋە‌يران قىلىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 19:‏15،‏ 17،‏ 18.‏

  • رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ داۋاملىق يامانلىق قىلغۇ‌چىلارغا ۋە خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شنى رە‌ت قىلغانلارغا نېمە بولار؟‏ «رە‌زىللە‌ر يە‌ر يۈزىدىن كېسىلىپ تاشلىنار».‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏22.‏

  • شە‌يتان ۋە جىنلارنى يوق قىلىدۇ.‏ شە‌يتان ۋە جىنلار ‹مىللە‌تلە‌رنى يە‌نە ئازدۇ‌رالمايدۇ›.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏3،‏ 10.‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۆز پۇ‌قرالىرى ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلار ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟‏

ئاسماندا پادىشاھلىق قىلىۋاتقان ئە‌يسا كېلە‌چە‌كتە ھېچقانداق بىر ئىنسانىي ھۆكۈمران قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ.‏ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىۋېلىنغان 144000 ھۆكۈمران ئە‌يسا مە‌سىھ بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 5:‏9،‏ 10؛‏ 14:‏1،‏ 3)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ يە‌ر يۈزىدە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا كاپالە‌تلىك قىلىدۇ.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى يە‌ر يۈزىدە ياشايدىغان ئىنسانلار ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىدۇ؟‏

  • كېسە‌للىكلە‌ر ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىدۇ.‏ «ھېچكىم:‏ «مە‌ن كېسە‌ل»،‏—‏ دېمە‌يدۇ» ۋە «ئۆلۈم يە‌نە بولمايدۇ».‏—‏يە‌شايا 33:‏24؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏4.‏

  • ھە‌قىقىي تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىكنى ئورنىتىدۇ.‏ «بالىلىرىڭنىڭ ھە‌ممىسىگە يە‌ھۋا تە‌لىم بېرىدۇ» ۋە «ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ر بىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئە‌نجۈر دە‌رىخى ئاستىدا ئولتۇ‌رىدۇ؛‏ ھېچكىم ئۇ‌لارنى قورقۇ‌تمايدۇ».‏—‏يە‌شايا 54:‏13؛‏ مىكاھ 4:‏4.‏

  • كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىشنى تاپشۇ‌رىدۇ.‏ «مە‌ن تاللىغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئە‌جىر-‏مېھنىتىدىن تولۇ‌ق ھۇ‌زۇ‌رلىنىدۇ.‏ ئۇ‌لار بىكاردىن-‏بىكارغا جاپالىق ئىشلىمە‌يدۇ».‏—‏يە‌شايا 65:‏22،‏ 23.‏

  • مۇ‌ھىت مە‌سىلىسىنى ھە‌ل قىلىدۇ.‏ «جاڭگال ۋە قۇ‌رۇ‌پ قاغجىرىغان يە‌ر خۇ‌شال بولىدۇ،‏ چۆل-‏باياۋان شادلىنىپ،‏ زە‌پىراندە‌ك چېچە‌كلە‌يدۇ».‏—‏يە‌شايا 35:‏1.‏

  • ئىنسانلارغا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىدۇ.‏ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ سە‌ن يېگانە ھە‌ق خۇ‌دانى ۋە سە‌ن ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنى تونۇ‌شى كېرە‌ك».‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏3.‏

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا سىزنىڭمۇ مۇ‌شۇ بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ (‏يە‌شايا 48:‏18)‏.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ ھازىر نېمە قىلسىڭىز،‏ كېلە‌چە‌كتە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى نە‌چچە مىڭ يىلدىن بۇ‌يان ئىنسانلار ھۆكۈمرانلىقى پە‌يدا قىلغان بارچە زىيان-‏زە‌خمە‌تلە‌رنى تامامە‌ن يوق قىلىدۇ.‏ ئۇ بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ:‏

  • ئورماندا يۈگۈرە‌ۋاتقان ئە‌ر-‏ئايال.‏

    مۇ‌كە‌ممە‌ل ساغلاملىق

  • باغچىغا دالا تامىقى يېيىشكە بارغان بىر ئائىلە كىشىلىرى.‏ ئاتا گىتار چېلىۋاتىدۇ.‏

    تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىك

  • باغدا ئىشلە‌ۋاتقان ئە‌ر-‏ئايال.‏

    كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرىدىغان مە‌نىلىك ئىش

  • شارقىراتما تە‌رە‌پكە ئېقىۋاتقان دە‌ريا ئېقىنى.‏ تاغلار ۋە ئورمان بىلە‌ن قورشاۋالغان دە‌ريا.‏

    پاكىز مۇ‌ھىت

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش