7-تەتقىق ماقالىسى
بىز ئاتىمىز يەھۋانى بەك ياخشى كۆرىمىز
«بىز سۆيىمىز، چۈنكى خۇدا بىزنى بىرىنچى بولۇپ سۆيدى».—1-يۇھاننا 4:19.
152-ناخشا كۈچىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە يار-يۆلىگىمىز
بۇ ماقالىدەa
1، 2. يەھۋا ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشىمىزغا قانداق يول ئاچقان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
يەھۋا خۇدا بىزنى ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ چوڭ ئائىلىسىگە جەلپ قىلغان. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئائىلە — ئۆزلىرىنى يەھۋاغا بېغىشلىغان ۋە ئوغلىنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ئادەملەردىن تەشكىللەنگەن. بىز بىر بەختلىك ئائىلە. بىز مەنىلىك ھايات كەچۈرمەكتە. بىز بەكمۇ خۇشال، چۈنكى بىزنىڭ ئاسماندا ياكى يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىمىز بار.
2 يەھۋا بىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەچ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشىمىزغا يول ئاچقان. لېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ زور بەدەل تۆلىگەن (يۇھاننا 3:16). بىزنى «قىممەت باھاغا» سېتىۋالغان (1-كورىنت. 6:20). تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ ئاساسىدا، بىز يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالايمىز. بىز ئالەمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخسنى «ئاتا»، دەپ چاقىرىش شان-شەرىپىگە ئىگە. ئۆتكەن ماقالىدە كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا ئەڭ ياخشى ئاتا.
3. يەھۋانىڭ بارلىق ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق ئويلىغاندا قانداق سوئال پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟ (شۇنداقلا «يەھۋا خۇدا ماڭا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
3 مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر يازغۇچىسىغا ئوخشاش، بىزمۇ: «ماڭا قىلغان بارچە ياخشىلىقىغا، قانداق جاۋاب قايتۇراي يەھۋاغا؟»— دەپ سورىشىمىز مۇمكىن (زەبۇر 116:12). بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ھېچقاچان قايتۇرالمايمىز. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزنىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئەلچى يۇھاننا: «بىز سۆيىمىز، چۈنكى خۇدا بىزنى بىرىنچى بولۇپ سۆيدى»،— دەپ يازغان (1-يۇھاننا 4:19). ئاسماندىكى ئاتىمىزغا مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى قانداق ئۇسۇللار بىلەن كۆرسىتەلەيمىز؟
يەھۋاغا يېقىن ياشاڭ
ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋانى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئۇنىڭغا دۇئا ئارقىلىق يېقىنلىشىش، ئىتائەتچان بولۇش ۋە باشقىلارغا ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئېيتىش ئارقىلىق كۆرسىتىمىز (4—14-ئابزاسلارغا قاراڭ)
4. (1) ياقۇپ 4:8-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا يېقىنلىشىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك؟ (2) بىز يەھۋاغا قانداق يېقىنلىشالايمىز؟
4 يەھۋا بىزنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى خالايدۇ (ياقۇپ 4:8-نى ئوقۇڭ). ئۇ بىزنى دائىم دۇئا قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ ۋە بىزنى تىڭشاشقا تەييار (رىملىقلار 12:12). يەھۋا بىزنى تىڭشاش ئۈچۈن ھەرقاچان ۋاقىت تاپىدۇ ۋە ئۇ ھېچقاچان ھارمايدۇ. بىز مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان باشقا ماتېرىياللارنى ئوقۇغاندا، يەھۋانى تىڭشايمىز. يەھۋانى تىڭشاشنىڭ يەنە بىر يولى — جامائەت يىغىلىشلىرىدا ئېيتىلغانلارغا زەن قويۇش. بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ دائىم سۆزلىشىپ تۇرۇشى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋا بىلەن دائىم سۆزلەشسەك، ئۇنىڭغا يېقىن بولالايمىز.
(5-ئابزاسقا قاراڭ)
5. دۇئالىرىمىزنىڭ ساپاسىنى قانداق ياخشىلىيالايمىز؟
5 دۇئالىرىڭىزنىڭ ساپاسى توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرۈڭ. يەھۋا سىزنىڭ ئۇنىڭغا ئىچ-سىرىڭىزنى تۆكۈشىڭىزنى خالايدۇ (زەبۇر 62:8). مۇنۇ ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ: «يەھۋاغا دۇئا قىلغىنىمدا، قايتا-قايتا ئوخشاش سۆزلەرنى ئېيتىمەنمۇ ياكى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى سۆزلەرنى ئېيتىمەنمۇ؟» شەك-شۈبھىسىزكى، سىز يەھۋانى بەك ياخشى كۆرىسىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى خالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنىڭ بىلەن دائىم سۆزلىشىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭغا ئىچ-باغرىڭىزنى تۆكۈپ بېرىڭ. ئۇنىڭغا خۇشاللىقلىرىڭىز ۋە قايغۇلىرىڭىز توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىڭ. ئۇنىڭدىن ھەرقاچان ياردەم سورىيالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچ قىلىڭ.
6. يەھۋاغا يېقىن ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
6 ئاسماندىكى ئاتىمىزغا يېقىن ياشاش ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا دائىم مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىز زەبۇر يازغۇچىسىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە قوشۇلۇمىز: «ئەي خۇدايىم يەھۋا، شۇنچە كۆپتۇر قىلغان ئىشلىرىڭ، بىز ئۈچۈن كۆپ ئويلاندىڭ ۋە كارامەت ئىشلارنى قىلدىڭ. ئۇلارنى بايان قىلاي دېسەم تىلىمدا، ساناپ چىقالمىدىم ھەددى-ھېسابسىز كۆپ بولغاچقا، ھېچكىم تەڭ كېلەلمەس ساڭا ئەسلا» (زەبۇر 40:5). پەقەت مىننەتدارلىق ھېس-تۇيغۇسىدا بولۇپلا قويماي، يەھۋاغا مىننەتدارلىقىمىزنى گەپ-سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن بىلدۈرىمىز. بۇ بىزنى باشقا ئادەملەردىن پەرقلىق قىلىدۇ. بىز خۇدانىڭ قىلىۋاتقان ياخشىلىقلىرىنى قەدىرلىمەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ بىر ئىسپاتى مىننەتدارسىز ئادەملەرنىڭ كۆپىتىپ كېتىشى (2-تىموت. 3:1، 2). بىز شۇنداق ئادەملەر قاتارىدا بولۇشنى خالىمايمىز، شۇنداققۇ؟!
7. يەھۋا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
7 ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش-جىدەل قىلىشىنى خالىمايدۇ، ئەكسىنچە ئۇلارنىڭ چىقىشىپ ئىناق ئۆتۈشىنى خالايدۇ. دەل شۇنىڭدەك، يەھۋا خۇدامۇ ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن دوست بولۇشىنى خالايدۇ. ئارىمىزدىكى مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى دەلىللەيدۇ (يۇھاننا 13:35). بىز زەبۇر يازغۇچىسىنىڭ: «قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر يېقىملىق، قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق!»— دېگەن سۆزلىرى بىلەن كېلىشىمىز (زەبۇر 133:1). بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندە، يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز (1-يۇھاننا 4:20). بىر-بىرىگە مۇلايىم ۋە مېھرىبان بولغان قېرىنداشلاردىن تەركىپ تاپقان ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولۇش قەلبىمىزنى ئاجايىپ شاد-خۇراملىققا چۆمدۈرىدۇ!—ئەفەس. 4:32.
سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى ئىتائەتچانلىقىڭىز بىلەن كۆرسىتىڭ
(8-ئابزاسقا قاراڭ)
8. 1-يۇھاننا 5:3-ئايەتكە ئاساسەن، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى نېمە؟
8 يەھۋا بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنۇشىنى خالايدۇ، شۇنىڭدەك بىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەتچان بولۇشىمىزنى خالايدۇ (ئەفەس. 6:1). يەھۋا بىزنىڭ ياراتقۇچىمىز، ھاياتنىڭ مەنبەسى ۋە ئەڭ دانا ئاتا بولغاچقا، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. لېكىن، ئاتىمىزغا ئىتائەت قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى — ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزدۇر (1-يۇھاننا 5:3-نى ئوقۇڭ). گەرچە ئۇنىڭغا چوقۇم بويسۇنۇشىمىز كېرەك ۋە شۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۇ بىزنى ئۆزىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ. يەھۋا خۇدا بىزگە تاللاش ئەركىنلىكىنى سوۋغات قىلغاچقا، چىن يۈرەكتىن بويسۇنساق، ئۇ بەك خۇشال بولىدۇ.
9، 10. يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىنى بىلىش ۋە ئۇلارغا بويسۇنۇش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
9 ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن تىنچ-ئامانلىقىنى تىلەيدۇ. شۇڭا، بالىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىدۇ. بالىلار شۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە بويسۇنغاندا، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاتىمىز يەھۋانىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ياكى ئۆلچەملىرىنى بىلىش ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلىش تېخىمۇ مۇھىم ئەمەسمۇ؟! يەھۋاغا ئىتائەت قىلساق، ئۇنىڭغا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز، ئۆزۈمىزمۇ پايدا ئالىمىز (يەشايا 48:17، 18). لېكىن، يەھۋا خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىنى رەت قىلىدىغانلار ئاخىرىدا زىيان تارتىدۇ.—گالاتىيا. 6:7، 8.
10 يەھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلغۇدەك ياشىساق، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان، كۆڭلۈمىزنى غەش قىلىدىغان ياكى يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن قوغدايمىز. يەھۋا بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. قوشما شتاتلاردا ياشايدىغان ئاۋرورا مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋاغا بويسۇنۇشنىڭ نەتىجىسى — ئەڭ ياخشى ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىمەن». بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن ھەم شۇنداق. سىز يەھۋاغا بويسۇنۇپ ياشاشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردىڭىز؟
11. دۇئا قىلىش بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
11 دۇئا قىلىش ھەتتا قىيىن بولغاندىمۇ ئىتائەتچان بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بەزىدە خۇداغا بويسۇنۇش ئىنتايىن تەس، لېكىن بىز گۇناھ قىلىش مايىللىقىمىزغا قارشى ھەردائىم كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. زەبۇر يازغۇچىسى خۇداغا: «ئويغات ئىچىمدە ساڭا ئىتائەت قىلىش ئىستىكىنى»،— دەپ يالۋۇرغان (زەبۇر 51:12). پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان دېنىز مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋانىڭ بىر قانۇنىغا بويسۇنۇش قىيىن بولغاندا، مەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، توغرا ھەرىكەت قىلىشقا كۈچ بېرىشىنى سورايمەن». شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋا خۇدا شۇنداق دۇئالارغا ھەرقاچان جاۋاب بېرىدۇ.—لۇقا 11:9—13.
باشقىلارنىڭ ئاتىمىزنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىڭ
12. ئەفەسلىكلەر 5:1-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
12 ئەفەسلىكلەر 5:1-نى ئوقۇڭ. يەھۋانىڭ «سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى» بولغاچقا، بىز ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىمىز. بىز باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇلارغا مېھرىبان ۋە كەچۈرۈمچان بولغاندا، خۇدانى ئۈلگە قىلىمىز. خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەر ئۈلگىلىك يۈرۈش-تۇرۇشىمىزنى كۆرگەندە، يەھۋا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىشكە قىزىقىشى مۇمكىن (1-پېتر. 2:12). ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا، يەھۋا خۇدادىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىشى كېرەك. شۇنداق قىلسا، بالىلىرى مېھرىبان ئاتىمىز يەھۋا بىلەن دوست بولۇشىنى خالىشى مۇمكىن.
(13-ئابزاسقا قاراڭ)
13. جۈرئەتلىك بولۇشىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
13 كىچىك بالا ئۆز دادىسىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ توغرۇلۇق سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋادىن پەخىرلىنىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئۇ توغرۇلۇق بىلىشىنى خالايمىز. بىزمۇ داۋۇت پادىشاھقا ئوخشاش چىن يۈرەكتىن: «مەن يەھۋا بىلەن ماختىنىمەن»،— دەپ ئېيتالايمىز (زەبۇر 34:2). لېكىن، بىز ئۇيالچاق بولساقچۇ؟ قانداق جۈرئەتلىك بولالايمىز؟ يەھۋا توغرۇلۇق سۆزلىسەك ئۇنىڭ يۈرىكى قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقى ۋە ئادەملەرنىڭ ئۇ توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىش جۈرئەتلىك بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا بىزگە كېرەكلىك جاسارەتنى بېرىدۇ. ئۇ بىرىنچى ئەسىردىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ جۈرئەتلىك بولۇشقا ياردەم بەرگىنىدەك، بىزگىمۇ ياردەم بېرىدۇ.—1-سالونىكا. 2:2.
14. ۋەز ئىشىغا قاتنىشىشنىڭ قانداق مۇھىم سەۋەبلىرى بار؟
14 يەھۋا بارلىق ئىنسانلارنى تەڭ كۆرىدۇ. ئادەملەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا قارىماي، ھەممىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىزنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ قەلبى سۆيۈنۈپ خۇشال بولىدۇ (ئەلچى. 10:34، 35). باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — ئۇلارغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىش (مەتتا 28:19، 20). ۋەز ئىشىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالغان كىشىلەر ھازىر ھاياتىدا ياخشى ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ ۋە كېلەچەكتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولالايدۇ.—1-تىموت. 16:4.
ئاتىمىزنى ياخشى كۆرۈڭ ھەم بەختلىك بولۇڭ
15، 16. بەختلىك بولۇشىمىزغا قانداق سەۋەبلەر بار؟
15 يەھۋا كۆيۈمچان ئاتا بولغاچقا، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى خالايدۇ (يەشايا 65:14). قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسەكمۇ، ھەتتا ھازىرنىڭ ئۆزىدە خۇشال بولۇشقا نۇرغۇن سەۋەبلىرىمىز بار. مەسىلەن، كۆيۈمچان ئاتىمىزنىڭ بىزنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. خۇدانىڭ سۆزى، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى بىلىمىز (يەرەم. 15:16). شۇنداقلا بىز يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى، ھەمدە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەردىن تەركىپ تاپقان ئالاھىدە بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى بولۇش شان-شەرىپىگە ئىگە.—زەبۇر 106:4، 5.
16 كېلەچەكتە ھاياتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە، بىز ھەرقاچان خۇشال بولۇپ يۈرىمىز. پات-ئارىدا يەھۋا رەزىل ئادەملەرنى يوق قىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا يەر يۈزى جەننەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداقلا ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىز تىرىلىپ، قايتىدىن بىز بىلەن جەم بولىدۇ دەيدىغان ئاجايىپ ئۈمىدىمىز بار (يۇھاننا 5:28، 29). كىشىنى شاد-خۇراملىققا چۆمدۈرىدىغان شۇ ۋاقىتقا ئىنتىزارمىز، ھە! ئەڭ مۇھىمى، يېقىن ئارىدا ئاسماندىكىلەرنىڭ ۋە يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ، ئۇنى مەدھىيىلەپ، بارىچە ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدۇ.
2-ناخشا تەشەككۈر يەھۋا!
a ئاتىمىز يەھۋا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىزنى ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ چوڭ ئائىلىسىگە جەلپ قىلغان. شۇڭا، بىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمىز ۋە مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىشنى خالايمىز. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ كېلىڭلار، بۇنىڭ بىرنەچچە ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقايلى.