8-تەتقىق ماقالىسى
ئىچى تارلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىناقلىققا ئىنتىلەيلى
«تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى قوغلىشايلى».—رىملىقلار 14:19.
39-ناخشا تېنچ-ئامانلىقتىن بەھرىمەن بول!
بۇ ماقالىدەa
1. ئاكىلىرى يۈسۈپكە كۆرەلمەسلىك قىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە نېمە ئىش بولغان؟
ياقۇپ ھەممە ئوغۇللىرىنى ياخشى كۆرگەن، بىراق ئون يەتتە ياشلىق يۈسۈپنى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرگەن. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى بۇنىڭغا قانداق قارىغان؟ ئۇلار كۆرەلمەسلىك قىلىپ، يۈسۈپنى ئۆچ كۆرۈشكە باشلىغان. يۈسۈپ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلغۇدەك ھېچ بىر ئىش قىلمىغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ، قېرىنداشلىرى ئۇنى قۇللۇققا سېتىۋېتىپ، يۈسۈپنى يىرتقۇچ ھايۋان يەۋەتتى دەپ دادىسىنى ئالدىغان. ئۇلار كۆرەلمەسلىك قىلغانلىقتىن، ئائىلىسىنىڭ ئىناقلىقىنى ۋەيران قىلىپ، دادىسىنى چوڭ قايغۇ-ھەسرەتكە دۇچار قىلغان.—يارىت. 37:3، 4، 27—34.
2. گالاتىيالىقلار 5:19—21-ئايەتلەرگە ئاساسەن، كۆرەلمەسلىك نېمە ئۈچۈن خەتەرلىك؟
2 يازمىلاردا كۆرەلمەسلىكb ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ۋە خۇدا پادىشاھلىقىغا كىرىشكە توسالغۇ بولىدىغان «تەننىڭ ئىشلىرى» ئارىسىدا تىلغا ئېلىنغان (گالاتىيالىقلار 5:19—21-نى ئوقۇڭ). ئادەتتە كۆرەلمەسلىك، ئۆچمەنلىك، جېدەل-ماجىرا ۋە ئاچچىقلىنىشقا ئوخشاش يامان مېۋىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنىڭ مىسالىدىن كۆرگىنىمىزدەك، ئىچى تارلىق ياخشى مۇناسىۋەتنى ۋە ئائىلىدىكى ئىناقلىقنى بۇزۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بىز يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىدەك يامان ئىشنى قىلمايمىز، لېكىن ھەممىمىز نامۇكەممەل ۋە يۈرىكىمىز ئالدامچىدۇر (يەرەم. 17:9). شۇ سەۋەبتىن، بىز بەزىدە باشقىلارغا ئىچى تارلىق قىلىمىز. كېلىڭلار، ھەسەتخورلۇقنىڭ يۈرىكىمىزدە يىلتىز تارتىشىغا نېمە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدىغان بەزى مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى. ئاندىن ئىچى تارلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىناقلىققا ئىنتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالايلى.
ئىچى تارلىق نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ؟
4. فىلىستىيىلىكلەر ئىسھاققا نېمە ئۈچۈن ھەسەتخورلۇق قىلغان؟
4 بىرسىنىڭ باي بولۇشى. ئىسھاق بەك باي ئادەم بولغان ۋە فىلىستىيىلىكلەر بۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلغان (يارىت. 26:12—14). ئۇلار ھەتتا ئىسھاق پادىلىرىنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن قۇدۇقلارنى تىندۇرۇۋەتكەن (يارىت. 26:15، 16، 27). فىلىستىيىلىكلەرگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزى ئادەملەر باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە كۆرەلمەسلىك قىلىدۇ. ئۇلار پەقەت بىرسىنىڭ بىر نەرسىگە ئىگە بولۇشنىلا ئەمەس، شۇ ئادەمدە بار نەرسىلەرنىڭ ئۇنىڭدا بولماسلىقىنى خالايدۇ.
5. دىن رەھبەرلىرى نېمە ئۈچۈن ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلغان؟
5 باشقىلار بىرسىنى ياخشى كۆرگەندە. تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئاددىي خەلقنىڭ ئەيسانى ياخشى كۆرگەنلىكىگە ئىچى تارلىق قىلغان (مەتتا 7:28، 29). ئەيسا خۇدانىڭ ۋەكىلى بولغان ۋە ئادەملەرگە ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن بولسىمۇ، يەھۇدىي دىن رەھبەرلىرى ئۇنىڭ توغرۇلۇق سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، ئىسمىغا داغ كەلتۈرۈشكە تىرىشقان (ماركۇس 15:10؛ يۇھاننا 11:47، 48؛ 12:12، 13، 19). بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ جامائەتتىكىلەر بىرەر قېرىنداشنى ياخشى خىسلەتلىرى ئۈچۈن ياخشى كۆرسە، بىز ئۇنىڭغا ھەسەت قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئورنىغا، بىز شۇ قېرىنداشنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئۈلگە ئالساق بولىدۇ.—1-كورىنت. 11:1؛ 3-يۇھاننا 11.
6. دىئوترېپ كۆرەلمەسلىكنى قانداق كۆرسەتتى؟
6 جامائەتتىكى ۋەزىپىلەر. بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان دىئوترېپ جامائەتتە رەھبەرلىكنى قولىغا ئالغانلارغا ئىچى تارلىق قىلغان. ئۇ جامائەتتە بىرىنچى ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى خالىغاچقا، ئېتىقادداشلارنىڭ ئالدىدا ئەلچى يوھاننا ۋە باشقا مەسئۇلىيەتلىك بۇرادەرلەر توغرۇلۇق يامان نەرسىلەرنى ئېيتقان (3-يۇھاننا 9، 10). دىئوترېپقا ئوخشاش ئىش تۇتمىساقمۇ، بىز قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ۋەزىپە باشقا بىر قېرىنداشقا تاپشۇرۇلسا، ئۇنىڭغا كۆرەلمەسلىك قىلىشىمىز مۇمكىن. بولۇپمۇ، «مېنىڭمۇ قولۇمدىن كېلەتتى» ياكى «مەن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلالايتتىم»، دەپ ئويلىغاندا، شۇنداق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
يۈرىكىمىزنى يەر بىلەن ۋە ياخشى خىسلەتلىرىمىزنى چىرايلىق گۈللەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. لېكىن، ئىچى تارلىق ياۋايى چۆپكە ئوخشايدۇ. ئىچى تارلىق مېھىر-مۇھەببەت، ھېسداشلىق ۋە مېھرىبانلىققا ئوخشاش ئېسىل پەزىلەتلەرنى بوغۇۋېتىشى مۇمكىن (7-ئابزاسقا قاراڭ)
7. ئىچى تارلىق بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
7 ئىچى تارلىقنى ياۋايى ئوت-چۆپ بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئىچى تارلىق ئۇرۇقى يۈرىكىمىزدە يىلتىز تارتسا، ئۇنى يوق قىلىش ئوڭايغا توختىمايدۇ. تەكەببۇرلۇق، شەخسىيەتچىلىك ۋە رىقابەتچىلىك ئىچى تارلىقنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر قىلىدۇ. ئىچى تارلىق مېھىر-مۇھەببەت، ھېسداشلىق ۋە مېھرىبانلىققا ئوخشاش ئېسىل پەزىلەتلەرنى بوغۇۋېتىشى مۇمكىن. يۈرىكىمىزدە ئىچى تارلىقنىڭ ئۆسۈشكە باشلىغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۇنى دەرھال يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك. بىز ئىچى تارلىق بىلەن قانداق كۈرەش قىلالايمىز؟
كەمتەر بولۇپ، بارىغا شۈكۈر قىلىڭ
ياۋايى چۆپكە ئوخشايدىغان ئىچى تارلىق بىلەن قانداق كۈرەش قىلساق بولىدۇ؟ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىچى تارلىقنى يىلتىزى بىلەن يۇلۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى كەمتەرلىك ۋە بارىغا شۈكۈر قىلىش بىلەن تولدۇرايلى (8، 9-ئابزاسقا قاراڭ)
8. ئىچى تارلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا قايسى خىسلەتلەر ياردەم بېرىدۇ؟
8 كەمتەر بولۇش ۋە بارىغا شۈكۈر قىلىش ئارقىلىق بىز ئىچى تارلىق بىلەن كۈرەش قىلالايمىز. بۇ ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرسەك، يۈرىكىمىزدە ئىچى تارلىققا ئورۇن بولمايدۇ. كەمتەر بولساق، ئۆزۈمىز توغرۇلۇق ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئويلىمايمىز. كەمتەر كىشى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئارتۇق دەپ ھېسابلىمايدۇ (گالاتىيا. 6:3، 4). بارىغا شۈكۈر قىلىدىغان ئادەم ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ (1-تىموت. 6:7، 8). كەمتەر ۋە بارىغا شۈكۈر قىلىدىغان ئادەم بىرسىنىڭ بىر ياخشى نەرسىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ.
9. گالاتىيالىقلار 5:16 ۋە فىلىپىلىكلەر 2:3، 4-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مۇقەددەس روھ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
9 ئىچى تارلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا كەمتەر بولۇش ۋە بارىغا شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن بىز خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج (گالاتىيالىقلار 5:16؛ فىلىپىلىكلەر 2:3، 4-نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس روھ يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ئويلىرىمىز ۋە نىيەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بىز يامان ئوي-خىياللار ۋە ھېس-تۇيغۇلارنى ياخشى ئوي-پىكىرلەر بىلەن ئالماشتۇرالايمىز (زەبۇر 26:2؛ 51:10). ھازىر ئىچى تارلىقنى يېڭەلىگەن مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ياش يىگىت مۇسا ۋە يەشۇئاغا چېدىرنىڭ يېنىغا چىقمىغان ئىككى ئەر كىشىنىڭ پەيغەمبەرلەردەك ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ كەلدى. يەشۇئا مۇسانىڭ ئۇلارنى توختىتىشىنى سورىغان، لېكىن ئۇ كېلىشمەي، ئەكسىچە، يەھۋانىڭ شۇ ئىككى كىشىگە مۇقەددەس روھنى تۆككەنلىكىگە خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى (10-ئابزاسىغا قاراڭ)
10. مۇسانىڭ ئىچى تارلىق قىلىشىغا نېمە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىدى؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
10 مۇسانىڭ خۇدا خەلقى ئارىسىدا نام-ئابرويى بەك يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇ باشقىلارنىڭمۇ ۋەزىپىلەرگە ئېرىشىشىگە توسالغۇق قىلمىغان. مەسىلەن، بىر قېتىم يەھۋا خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە بەرگەن مۇقەددەس روھنىڭ بىر قىسمىنى چېدىرنىڭ قېشىدا تۇرغان بىر توپ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا بەرگەن. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ، مۇسا چېدىرنىڭ قېشىغا چىقمىغان ئىككى ئاقساقالنىڭمۇ مۇقەددەس روھقا ئېرىشىپ، پەيغەمبەرلىك قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلىغان. يەشۇئا بۇ ئىككى ئاقساقالنى توختىتىشىنى سورىغاندا، مۇسا نېمە قىلغان؟ ئۇ خۇدانىڭ بۇ ئىككى كىشىگىمۇ دىققەت ئاغدۇرغانلىقىغا كۆرەلمەسلىك قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بولغان (سانلار 11:24—29). بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
ئاقساقاللار قانداق قىلىپ مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشاش كەمتەر بولايدۇ؟ (11، 12-ئابزاسقا قاراڭ)c
11. ئاقساقاللار مۇسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟
11 ئاقساقال بولسىڭىز، سىزنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنى باشقا بىرسىگە ئۆگىتىشنى سورىشى مۇمكىن. مەسىلەن، سىز ھەر ھەپتە «كۈزىتىش مۇنارى» ماقالىسى مۇھاكىمىسىنى ئۆتكۈزىدىغانسىز. لېكىن، مۇساغا ئوخشاش كەمتەر بولسىڭىز، بۇ تاپشۇرۇقنى كېلەچەكتە باشقا بۇرادەر ئورۇندىيالىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆگىتىشنى سورىسا، ئۆزىڭىز چەتتە قالغاندەك ھېس قىلمايسىز. ئەكسىنچە، ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىسىز.
12. بۈگۈن كۆپ قېرىنداشلار بارىغا شۈكۈر قىلىپ، كەمتەر ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتمەكتە؟
12 ئەمدى بەزى ياشانغان بۇرادەرلەر دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەتنى كۆرۈپ چىقايلى. نۇرغۇن يىللار داۋامىدا ئۇلار ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن. لېكىن، ئۇلار 80 ياشقا تولغاندا، بۇ ۋەزىپىسىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن توختىتىدۇ. رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار 70 ياشقا كىرگەندە، كەمتەرلىك كۆرسىتىپ، خىزمەتلىرىنى توختىتىدۇ ۋە خۇشاللىق بىلەن خىزمەتنىڭ باشقا تۈرىنى قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ياشايدىغان نۇرغۇن بەيتەلدە خىزمەت قىلغانلار خىزمەتنىڭ باشقا تۈرىگە تەيىنلەنگەن. بۇ ساداقەتمەن قېرىنداشلار بۇرۇن قىلغان خىزمىتىنى ھازىر باشقا قېرىنداشلار قىلىۋاتقىنى ئۈچۈن ئاچچىقى كەلمەيدۇ.
13. پاۋلۇسنىڭ 12 ئەلچىگە ئىچى تارلىق قىلىشىغا نېمە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىدى؟
13 ئەلچى پاۋلۇسمۇ بارىغا شۈكۈر قىلىپ، كەمتەر بولۇشتا ياخشى ئۈلگە كۆرسەتكەن. ئۇ يۈرىكىدە ئىچى تارلىقنىڭ يىلتىز تارتىشىغا يول بەرمىگەن. پاۋلۇس تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلسىمۇ، ئۆزى توغرىلىق: «مەن ئەلچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرىمەن»،— دېگەن (1-كورىنت. 15:9، 10). ئەيسا يەردە خىزمەت قىلغاندا، 12 ئەلچى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرگەن ئىدى. پاۋلۇس بولسا، پەقەت ئەيسا ئۆلۈپ تىرىلگەندىن كېيىن مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغانىدى. كېيىنرەك، ئۇ «باشقا مىللەتلەردىن بولغان سىلەرگە» ئەلچى بولۇپ تەيىنلەنسىمۇ، 12 ئەلچىنىڭ بىرى بولمىغان (رىملىقلار 11:13؛ ئەلچى. 1:21–26). 12 ئەلچىنىڭ ئەيسا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىغا ھەسەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، پاۋلۇس بارىغا رازى بولغان.
14. بارىغا شۈكۈر قىلىپ، كەمتەر بولساق، بىز نېمە قىلىمىز؟
14 ئەگەر بارىغا شۈكۈر قىلىپ، كەمتەر بولساق، بىز پاۋلۇسدىن ئۈلگە ئېلىپ، جامائەتتە مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولغان قېرىنداشلارنى ھۆرمەتلەيمىز (ئەلچى. 21:20—26). يەھۋا خۇدا جامائەتتە يېتەكچىلىكنى قولىغا ئالىدىغان ئاقساقاللارنىڭ بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇلار نامۇكەممەل بولسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنى ‹ھەدىيەلەر سۈپىتىدە ئىنسانلار› دەپ ھېسابلايدۇ (ئەفەس. 4:8، 11). بىز تەيىنلەنگەن قېرىنداشلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن ئەگەشسەك، يەھۋاغا يېقىن بولۇپ قالىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىناقلىقتا بولىمىز.
ئىناقلىققا ئىنتىلىڭ
15. بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
15 ئەگەر بىز باشقىلارغا ئىچى تارلىق قىلساق، ئارىمىزدا ئىناقلىق بولمايدۇ. بىز ئىچى تارلىقنى يۈرىكىمىزدىن يىلتىزى بىلەن يۇلۇپ تاشلاپ، باشقىلارغا ھەسەت قىلىشنى قوزغايدىغان ھېس-تۇيغۇلاردىن نېرى بولۇشىمىز كېرەك. يەھۋا خۇداغا بويسۇنۇشنى خالىساق، بىز چوقۇم مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاپ، «تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى قوغلىشايلى» دېگەن سۆزلەرگە ماس ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك (رىملىقلار 14:19). باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز ۋە ئىناقلىقنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
16. باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
16 كۆز قارىشىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز باشقىلارغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. بۇ دۇنيا مال-مۈلكىمىز بىلەن ماختىنىشىمىزنى خالايدۇ (1-يۇھاننا 2:16). لېكىن، ماختىنىش ئىچى تارلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۆزۈمىزدە بار ياكى سېتىۋېلىشنى خالىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق پات-پات سۆزلىسەك، باشقىلارنى ھەسەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز. جامائەتتە جاۋابكارلىقىمىز بولسا، ئۆزۈمىزنى قانداق تۇتۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. ۋەزىپىلىرىمىز ھەققىدە كۆپ سۆزلىسەك، ھەسەتخورلۇقنىڭ بىخلىنىپ يىلتىز تارتىشىغا يەر تەييارلىغان بولىمىز. ئەكسىنچە، باشقىلارغا سەمىمىي قىزىقىش كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرى توغرۇلۇق سۆزلىسەك، بارىغا شۈكۈر قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز ۋە جامائەتتە ئىناقلىق ھۆكۈم سۈرۈشىگە ھەسسىمىزنى قوشىمىز.
17. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى نېمە قىلالىغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
17 بىز ئىچى تارلىقنى يېڭەلەيمىز. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمىزگە ئالايلى. ئۇلار يۈسۈپكە رەھىمسىزلىك قىلغاندىن كېيىن كۆپ يىللار ئۆتۈپ، ئۇنىڭ بىلەن مىسىردا ئۇچرىشىدۇ. يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارنىڭ ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىنى سىناپ كۆرمەكچى بولغانىدى. ئۇ داستىخان يېيىپ، باشقا قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا، بىنيامىنغا ئارتۇقراق كۆڭۈل بۆلگەن (يارىت. 43:33، 34). لېكىن، ئاكىلىرى بىنيامىنغا ئىچى تارلىق قىلمىغانىدى. ئەكسىنچە، ئۇلار ئىنىسىغا ۋە دادىسى ياقۇپقا سەمىمىي غەم قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن (يارىت. 44:30—34). يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئىچى تارلىقنى يەڭگەنلىكتىن، ئائىلىسىدە ئىناقلىق ھۆكۈم سۈرگەن (يارىت. 45:4، 15). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىچى تارلىقنى يۈرىكىمىزدىن تۈپ يىلتىزى بىلەن قۇمۇرۇپ تاشلىساق، ئائىلىمىزدە ۋە جامائىتىمىزدە ئىناقلىقنى ساقلىيالايمىز.
18. ياقۇپ 3:17، 18-ئايەتلەرگە ئاساسەن، تىنچ-ئىناق شارائىت ياراتساق، قانداق نەتىجە بولىدۇ؟
18 يەھۋا خۇدا ئىچى تارلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىناقلىققا ئىنتىلىشىمىزنى خالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە كۆرگىنىمىزدەك، ھەممىمىز ھەسەتخورلۇق قىلىشقا مايىل (ياقۇپ 4:5). بۇ دۇنيامۇ بىزنى ئىچى تارلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. لېكىن، بىز كەمتەر، مىننەتدار بولۇپ، بارىغا شۈكۈر قىلساق، يۈرىكىمىزدە ئىچى تارلىق ياكى ھەسەتخولۇق ئۈچۈن ئورۇن قالمايدۇ. ئەكسىچە، بىز ھەققانىيلىق مېۋىسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن تىنچ-ئىناق شارائىت يارىتىمىز.—ياقۇپ 3:17، 18-نى ئوقۇڭ.
35-ناخشا رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
a يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىدا ئىناقلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. لېكىن، ئىچى تارلىق قىلىش ئىناقلىقىمىزنى بۇزۇشى مۇمكىن. ئىچى تارلىق قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. شۇنداقلا ئىچى تارلىق بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە تىنچلىققا ئىنتىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلىۋالايلى.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: مۇقەددەس كىتابتىكى ئىچى تارلىق ياكى ھەسەتخورلۇق دېگەن سۆز پەقەتلا بىرسىنىڭ بىر نەرسىسىگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىشنى ئەمەس، شۇ ئادەمدە بار نەرسىنىڭ ئۇنىڭدا بولماسلىقىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
c سۈرەتتە: ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ يىغىلىشىدا «كۈزىتىش مۇنارى» مۇھاكىمىسىنى ئۆتكۈزىدىغان ياشانغان ئاقساقالنى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنى ياش بۇرادەرگە ئۆگىتىشنى سورىدى. ئاقساقال بۇ ۋەزىپىسىنى بەك ياخشى كۆرسىمۇ، باشقا ئاقساقاللارنىڭ قارارىنى قوللاپ، ياش بۇرادەرنى چىن يۈرەكتىن ماختاپ، ئۇنىڭغا ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ.