كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م20 ئىيۇ‌ن 17-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ «يېڭى تە‌بىئە‌تنى» داۋاملىق كىيىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • مۇ‌لايىملىق.‏ بۇ پە‌زىلە‌تنىڭ پايدىسى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ك‌م20 ئىيۇ‌ن 17-‏ب.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» پە‌قە‌ت گالاتىيالىقلار 5:‏22،‏ 23-‏ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟‏

  • سۆيگۈ

  • خۇ‌شاللىق

  • تىنچلىق

  • سە‌ۋر-‏تاقە‌ت

  • مېھرىبانلىق

  • ياخشىلىق

  • ئىمان

  • مۇ‌لايىملىق

  • ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش

بۇ ئايە‌تتە توققۇ‌ز پە‌زىلە‌ت تىلغا ئېلىنغان:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى:‏ سۆيگۈ،‏ خۇ‌شاللىق،‏ تىنچلىق،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت،‏ مېھرىبانلىق،‏ ياخشىلىق،‏ ئىمان،‏ مۇ‌لايىملىق،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش».‏ خۇ‌دانىڭ روھى پە‌قە‌ت مۇ‌شۇ توققۇ‌ز پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ،‏ دە‌پ قارىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏

بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى مۇ‌نداق يازغان:‏ «گۇ‌ناھكار تە‌ننىڭ ئىشلىرى ئاشكارىدۇ‌ر،‏ ئۇ‌لار:‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق،‏ ناپاكلىق،‏ شە‌ھۋانىيلىق،‏ بۇ‌تپە‌رە‌سلىك،‏ جىنكە‌شلىك،‏ ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلاش،‏ ئۇ‌رۇ‌شـقاقلىق،‏ قـىزغانچـۇ‌قلۇ‌ق،‏ غـە‌زە‌پلىنىـش،‏ تـالاش-‏تارتىـش،‏ بۆلگۈنـچىلىك،‏ مە‌زھـە‌پچىلىك،‏ ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق،‏ ھاراقكە‌شلىك،‏ ئە‌يش-‏ئىشرە‌تلە‌ر ۋە شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىشلار»‏ (‏گالاتىيا.‏ 5:‏19—‏21)‏.‏ قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ پاۋلۇ‌س سۆزىنى «شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىشلار» دە‌پ ئاياقلاشتۇ‌رغان.‏ دېمە‌ك،‏ «گۇ‌ناھكار تە‌ننىڭ ئىشلىرى» قاتارىغا،‏ كولوسىلىقلار 3:‏5-‏ئايە‌تتە تىلغان ئېلىنغان باشقا ئىشلارمۇ كىرىدىغانلىقىنى كۆرستىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س توققۇ‌ز پە‌زىلە‌تنى ئاتاپ ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ 23-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‏«بۇ‌نداق ئىشلارغا قارشى ھېچقانداق قانۇ‌ن يوقتۇ‌ر».‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بىز يېتىلدۈرە‌لە‌يدىغان ھە‌ممە ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنىڭ تىزىملىكىنى ئاتاپ ئۆتۈشكە ئۇ‌رۇ‌نمىغان.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىينى ئالتە پە‌زىلە‌تكە،‏ يە‌نى «ھە‌ققانىيلىق،‏ ئىخلاسمە‌نلىك،‏ ئىمان،‏ سۆيگۈ،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت،‏ مۇ‌لايىملىقنى» قوغلىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏11)‏.‏ بۇ‌لاردىن پە‌قە‌ت ئۈچى ئىمان،‏ سۆيگۈ،‏ مۇ‌لايىملىق «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى»گە كىرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ تىموتىي يە‌نە ھە‌ققانىيلىق،‏ ئىخلاسمە‌نلىك ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى يېتىلدۈرۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏—‏كولوسىلىقلار 3:‏12؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 1:‏5—‏7-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

شۇ‌ڭا،‏ گالاتىيالىقلار 5:‏22،‏ 23-‏ئايە‌تلە‌ردە يېتىلدۈرۈشكە بولىدىغان ھە‌ممە ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌ر يېزىلمىغان.‏ خۇ‌دا روھى بىزگە «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى»،‏ يە‌نى توققۇ‌ز پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىراق،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ يە‌نە كۆپ پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ۋە «ھە‌ققانىيلىققا ۋە ساداقە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق يارىتىلغان يېڭى شە‌خسنى» كىيىش زۆرۈر.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏24.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش