ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
نېمە ئۈچۈن 2-سامۇئىل 21:7–9-ئايەتلەردە «مىفىبوشەتكە داۋۇت پادىشاھ رەھىم-شەپقەت كۆرسەتتى» دېيىلگەن بولسىمۇ، كېيىن مىفىبوشەت ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلغانلىقى يېزىلغان؟
بەزىلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ بۇ ئۈزۈندىسىنى تېز ئوقۇغاندا، مەزكۇر سوئال سورايدۇ. لېكىن بۇ ئۈزۈندىدە مىفىبوشەت ئىسىملىك ئىككى ھەرخىل كىشى ھەققىدە ئېيتىلىدۇ. نېمىلەر يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقساق، ساۋاق ئالالايمىز.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سائۇلنىڭ يەتتە ئوغلى ۋە ئىككى قىزى بار ئىدى. تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يوناتان ئىدى. كېيىنرەك سائۇلنىڭ توقىلى رىزپاھتىن مىفىبوشەت ئىسىملىك ئوغلى تۇغۇلغان. قىزىقارلىق يېرى، يوناتاننىڭمۇ مىفىبوشەت ئىسىملىك ئوغلى بولغان. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سائۇلنىڭ مىفىبوشەت ئىسىملىك ھەم ئوغلى ھەم نەۋرىسى بار ئىدى.
شۇ ۋاقىتتا سائۇل ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشىغان گىبېئونلۇقلارنى ئۆچ كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ بەزىبىرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ناتوغرا بولغان. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى يەشۇئانىڭ زامانىغا نەزەر سالساق، ئىسرائىل يولباشچىلىرى گىبېئونلۇقلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ئىدى.—يەشۇئا 9:3–27.
پادىشاھ سائۇلنىڭ زامانىدىمۇ بۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە ئىدى. سائۇل كېلىشىمگە قارشى يول تۇتۇپ، گىبېئونلۇقلارنى تامامەن قىرىپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان. نەتىجىسىدە، سائۇل ۋە ئۇنىڭ جامائىتىدىكىلەر قانخورلۇققا ئەيىبلىك بولدى (2-سام. 21:1). كېيىن داۋۇت پادىشاھ بولغان. ئامان قالغان گىبېئونلۇقلار ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئېيتقان. داۋۇت ئۇلاردىن سائۇلنىڭ ئاشۇ دەھشەتلىك قىلمىشى ئۈچۈن قانداق كاپارەت بېرىش كېرەكلىكىنى سورىغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەھۋا خۇدانىڭ بۇ زېمىننى بەرىكەتلىشىگە يول ئاچقان بولالاتتى. گىبېئونلۇقلار پۇل سوراشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئادەمنىڭ يەتتە ئوغلى ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان (سانلار 35:30، 31). داۋۇت ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئورۇنلىغان.—2-سام. 21:2–6.
ئۇ ۋاقىتتا سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان جەڭدە قازا قىلغان. ئەمما يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت ھايات ئىدى. بىر پاجىئەلىك ۋەقە تۈپەيلىدىن، ئۇ بالىلىق چېغىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان. ئېنىقكى، ئۇ بوۋىسىنىڭ گىبېئونلۇقلارغا قارىتا قىرغىنچىلىققا قاتناشمىغان. داۋۇت يوناتان بىلەن دوستلۇق كېلىشىمنى تۈزگەن. بۇ ئۇنىڭ ھەم يوناتاننىڭ ئەۋلاتلىرىغا، شۇ جۈملىدىن مىفىبوشەتقا پايدىلىق ئىدى (1-سام. 18:1؛ 20:42). مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن داۋۇت يەھۋانىڭ ئالدىدا قەسەم ئىچىشكەنلىكتىن، يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە داۋۇت پادىشاھ رەھىم-شەپقەت كۆرسەتتى».—2-سام. 21:7.
خوش، داۋۇت گىبېئونلۇقلارنىڭ ئىلتىماسىغا قانداق جاۋاب بەرگەن؟ ئۇ سائۇلنىڭ ئىككى ئوغلىنى، ئۇلاردىن بىرى مىفىبوشەت ئىدى، ۋە بەش نەۋرىسىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان (2-سام. 21:8، 9). داۋۇتنىڭ بۇ ئىش-ھەرىكىتى شۇ يەردىكى قانخورلۇقنى توختاتقان.
بۇ ھېكايە پەقەت تارىخىي ۋەقەلا ئەمەس. خۇدانىڭ قانۇنىدا: «بالىلار ھەم ئاتىلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلتۈرمىسۇن»،— دەپ ئېنىق يېزىلغان (تەكرار. قا 24:16). ئەگەر سائۇلنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە بەش نەۋرىسى قىرغىنچىلىققا جاۋابكار بولمىغان بولسا، يەھۋا خۇدا داۋۇتنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلۇشى قارارىغا ھەرگىزمۇ رازى بولماتتى. سەۋەبى شۇ قانۇندا: «ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن»،— دەپ يېزىلغان. ئېنىقكى، سائۇلنىڭ يەتتە ئەۋلادى گىبېئونلۇقلارغا قارىتا قىرغىنچىلىققا قاتناشقان. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلغان.
بۇ ھېكايىدىن كۆرۈۋاتىمىزكى، كىشى يول-يورۇققا ئەمەل قىلدىم دەپ ئېيتىپلا ياكى ئويلاپلا، ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ. ئۇ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكار بولىدۇ. پەندى-نەسىھەت كىتابىدا مۇنداق يېزىلغان: «باسقان قەدەملىرىڭگە دىققەت قىل، شۇندىلا ماڭغان بارچە يوللىرىڭ توغرا بولار».—پەند. نە 4:24–27؛ ئەفەس. 5:15.