35-تەتقىق ماقالىسى
داۋاملىق بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىڭلار!
«داۋاملىق بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلارنى كۈچلەندۈرۈڭلار».—1-سالونىكالىقلار 5:11.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدەa
1. 1-سالونىكالىقلار 5:11-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ھەممىمىز قانداق خىزمەتكە قاتنىشىۋاتىمىز؟
جامائىتىڭىز پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنى سېلىش ياكى رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا قاتناشقانمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، شەك-شۈبھىسىزكى، يېڭى ئىبادەت زالىدا تۇنجى قېتىم يىغىلىشقا قاتناشقان ۋاقتىڭىز چوقۇم ئېسىڭىزدە. سىز يەھۋاغا مىننەتدار بولدىڭىز، ھاياجاندىن ئېغىزغا گەپ كەلمەي، ئىبادەت باشلانغاندا مەدھىيە ناخشىسىنى ئىنتايىن تەستە ئېيتتىڭىز. ياخشى سېلىنغان پادىشاھلىق ئىبادەت زاللىرىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپكە ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما، بۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدىغان بىر خىزمەت بار. بۇ خىزمەت ئادەتتىكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكرەك. بۇ خىزمەت بولسا شۇ ئىبادەت زاللىرىغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس كۆچمە مەنىدە، قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا، بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتى، 1-سالونىكالىقلار 5:11-ئايەتتىكى سۆزلەرنى يازغان (ئوقۇڭ).
2. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. قانداق؟ ئۇ ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغان. بۇ ماقالىدە، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش، ئۆزئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش ۋە ئۇلارنىڭ يەھۋاغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشتە قانداق ياردەملەرنى بەرگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ھازىر بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشتە، پاۋلۇسنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.—1-كورىنت. 11:1.
پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنىڭ سىناقلاردا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بەرگەن
3. پاۋلۇس قانداق تەڭپۇڭ كۆزقاراشنى ساقلىغان؟
3 پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. شۇڭا، قېرىنداشلىرى سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ھېسداشلىق كۆرسىتەلىگەن. بىر قېتىم پاۋلۇسنىڭ پۇلى تۈگەپ كېتىپ، ئۆزىنى ۋە ھەمراھلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن خىزمەت تېپىشقا مەجبۇر بولغان (ئەلچى. 20:34). پاۋلۇس چېدىر ياساش ھۈنىرىنى بىلەتتى. ئۇ كورىنت شەھىرىگە كەلگەندە، كەسىپداشلىرى بولغان ئاكىلا ۋە پرىسكىللا بىلەن بىللە ئىشلىگەن. بىراق، دەم ئېلىش كۈندە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلارغا ۋەز قىلغان. كېيىنرەك، سىلاس بىلەن تىموتىي كەلگەندە، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلغان (ئەلچى. 18:2–5). پاۋلۇس ئۆزىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ ۋەز خىزمەت ۋە ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئىشىدا ياخشى ئۈلگە قالدۇرغاچ، ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئىلھام بېرەلىگەن. پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنىڭ تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك بېسىملىرى ۋە ئائىلىسىنى تەمىنلەش زۆرۈرلىكىنى بىلەتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارغا، يەنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە بىپەرۋالىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.—فىلىپى. 1:10.
4. پاۋلۇس ۋە تىموتىي قېرىنداشلىرىنىڭ زىيانكەشلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
4 سالونىكا شەھىرىدە يېڭى جامائەت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېتىقادچىلار قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. بىر توپ ۋەھشىي توپىلاڭچىلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تاپالمىغاندا، ئۇلار « بەزى قېرىنداشلارنى شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئاپىرىپ، . . . بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى، . . . قەيسەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ»،— دەپ ۋاقىراشقان (ئەلچى. 17:6، 7). شۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەندە، يېڭىلا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئېتىقادچىلارنىڭ قانچىلىك قورقۇپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئۇلارنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقى سوۋۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما، پاۋلۇس شۇنداق بولۇشىنى خالىمىغان. گەرچە پاۋلۇس ۋە سىلاس ئۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭىدىن قۇرۇلغان جامائەتنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. پاۋلۇس سالونىكىدىكى قېرىنداشلارنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىمىز تىموتىينى ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەش ۋە سىلەرگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن قېشىڭلارغا ئەۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن، ھېچكىم بۇ باشقا كەلگەن قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك تەۋرىنىپ قالمىسۇن» (1-سالونىكا. 3:2، 3). تىموتىي ئۆز يۇرتى لىسترادا زىيانكەشلىكنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن ۋە پاۋلۇسنىڭ ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارنى قانداق كۈچەيتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. يەھۋانىڭ لىسترادىكى قېرىنداشلارغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرگەن تىموتىي، ئۇنىڭ سالونىكىدىكى يېڭى قېرىنداشلىرىنىمۇ بەرىكەتلەيدىغانلىقىغا، ئۇلارنى ئىشەندۈرەلەيتتى.—ئەلچى. 14:8، 19–22؛ ئىبرانىي. 12:2.
5. بىراينت ئىسىملىك بۇرادەر بىر ئاقساقالنىڭ قانداق ياردىمىگە ئېرىشكەن؟
5 پاۋلۇس يەنە قايسى ئۇسۇلدا قېرىنداشلىرىنى كۈچەيتكەن؟ بارنابا بىلەن پاۋلۇس لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكياغا قايتىپ بارغاندا، شۇ شەھەرلەردىكى ھەربىر جامائەتتە ئاقساقاللارنى تەيىنلىگەن (ئەلچى. 14:21–23). شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ تەيىنلەنگەن كىشىلەر خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكى ئاقساقاللارغا ئوخشاش جامائەتلەرگە تەسەللى بەرگەن. بىراينت ئىسىملىك بىر بۇرادەرنىڭ ئېتىپ بەرگەن سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپ باقايلى. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئون بەش ياشقا كىرگەندە، دادام ئۆينى تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئاپام جامائەتتىن چىقىرىلدى. مەن ئۆزۈمنى تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلىپ، قاتتىق چۈشكۈنلۈككە چۈشتۈم. بىراينتنىڭ بۇ قىيىن ۋەزىيەتكە بەرداشلىق بېرىشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «تونى ئىسىملىك ئاقساقال مەن بىلەن جامائەت يىغىلىشلىرىدا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا سۆھبەتلىشەتتى. ئۇ ماڭا سىناقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، داۋاملىق خۇشاللىقىنى ساقلىغان ئېتىقادچىلار ھەققىدە ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇ مەن بىلەن، زەبۇر 27:10-ئايەتنى بىرلىكتە ئوقۇدى ۋە دادىسى ياخشى ئۈلگە بولمىسىمۇ، داۋاملىق يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلغان ھىزقىيا ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. بۇ ئەمەلىي ياردەم بىراينتقا قانداق تەسىر قىلغان؟ براينت مۇنداق دەيدۇ: «تونىنىڭ ئىلھام-مەدەتلىرى بىلەن، مەن ئاخىرى كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشنى باشلىدىم». براينتقا ئوخشاش بىر ئېغىز ئىللىق سۆزگە مۇھتاج بولغانلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىشكە، ئاقساقاللار ھەرقاچان تەييار تۇرۇڭلار!—پەند. نە 12:25.
6. پاۋلۇس باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق قېرىنداشلىرىنى قانداق ئىلھاملاندۇرغان؟
6 پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنى ئەسكەرتىپ، يەھۋانىڭ كۈچلەندۈرۈشى بىلەن ئۆتمۈشتە يوغان بۇلۇتنى تەشكىل قىلغان گۇۋاھچىلارمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئېيتقان (ئىبرانىي. 12:1). پاۋلۇس، ئۆتمۈشتىكى جاپا-مۇشەقەتلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بەرداشلىق بەرگەن كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا جاسارەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تىرىك خۇدانىڭ شەھىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن (ئىبرانىي. 12:22). بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بىز ئوخشاشلا يەھۋانىڭ گىدېئون، باراق، داۋۇت، سامۇئىل ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئوقۇساق، ئىمان-ئېتىقادىمىز كۈچىيىدۇ (ئىبرانىي. 11:32–35). بۈگۈنكى كۈندە ھەم نۇرغۇن ياخشى ئۈلگىلەر بار. باش باشقارمىدا، بىز دائىم قېرىنداشلار يازغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالىمىز. ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى بۈگۈنكى كۈندىكى سادىق خىزمەتچىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.
پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن
7. رىملىقلار 14:19–21-ئايەتلەردىكى پاۋلۇسنىڭ نەسىھەت سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
7 بىز جامائەتتە ئۆزئارا ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرسەك، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتەلەيمىز. بىز ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلارنىڭ جامائەتتە بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشىغا يول قويمايمىز. ئەگەر مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپىغا قارشى بولمىسا، ئۆز كۆزقارىشىمىزدا چىڭ تۇرۇۋالمايمىز. بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. رىم شەھىرىدىكى جامائەت يەھۇدىي ۋە يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. مۇسانىڭ قانۇنى ئەمەلدىن قالغاندا، ئۇنىڭدىكى بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىش چەكلىمىسى ئەمدى كۈچكە ئىگە بولمىغان (ماركۇس 7:19). شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بەزى يەھۇدىي ئېتىقادچىلار ھەرتۈرلۈك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئەركىن-ئازادە يېيىشكە باشلىغان. باشقا بەزى يەھۇدىي ئېتىقادچىلار بۇنداق قىلىشنى توغرا ئەمەس دەپ قارىغان. بۇ مەسىلە جامائەتنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولغان. پاۋلۇس تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىق ئۈچۈن، گۆش يېمەسلىك، شارابمۇ ئىچمەسلىك ياكى باشقا ئىشلارنى قىلماسلىق ئەڭ ياخشىدۇر» (رىملىقلار 14:19–21-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇس ئاشۇ ئېتىقادچىلارنىڭ شۇنداق تاللاش-تارتىشلارنى قىلىشى ھەر ئېتىقادچىنىڭ، ھەتتا پۈتۈن جامائەتنىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن. ئۇ باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تەييار بولغان (1-كورىنت. 9:19–22). ئەگەر پەرقلىق كۆزقاراشلار ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشتىن ساقلانساق، تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلاپ، پاۋلۇسقا ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتەلەيمىز.
8. مۇھىم بىر مەسىلە جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەندە، پاۋلۇس بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلغان؟
8 پاۋلۇس مۇھىم ئىشلاردا ئۆزى بىلەن ئوخشاش كۆزقاراشتا بولمىغان ئېتىقادچىلار بىلەن تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلاپ، ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. مەسىلەن، بىرىنچى ئەسىردىكى جامائەتتە بەزىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەر خەتنە قىلدۇرۇشى كېرەك دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان. سەۋەبى، ئۇلار بەلكىم ئېتىقادچى ئەمەس يەھۇدىيلارنىڭ ئۇلارنى تەنقىد قىلىشىدىن ساقلانماقچى بولغان (گالاتىيا. 6:12). پاۋلۇس بۇ كۆزقاراشقا قەتئىي قارشى تۇرغان. بىراق، ئۆز كۆزقارىشىنى توغرا دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ كەمتەرلىك بىلەن بۇ ئىشنى يېرۇسالىمدىكى ئەلچىلەر ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرغان (ئەلچى. 15:1، 2). نەتىجىدە، پاۋلۇس بۇنداق يول تۇتۇپ، شۇ جامائەتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ خۇشاللىقنى ۋە تىنچلىقنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بەرگەن.—ئەلچى. 15:30، 31.
9. پاۋلۇسنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
9 تاللاش-تارتىش يۈز بەرسە، يەھۋا جامائەتكە غەمخورلۇق قىلىشى ئۈچۈن تەيىنلەنگەن كىشىلەردىن يول-يورۇق سوراش ئارقىلىق ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز. ھەردائىم مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كۆرسەتمىلەرنى نەشرىي ماتېرىياللىرىمىزدىن ياكى تەشكىلات تەمىنلىگەن كۆرسەتمىلەردىن تاپالايمىز. ئەگەر شەخسىي كۆزقارىشىمىزغا ئەمەس، ئاشۇ بېرىلگەن كۆرسەتمىلەرگە دىققەت ئاغدۇرساق، جامائەتنىڭ تىنچ-ئىناقلىقىغا تۆھپە قوشىمىز.
10. پاۋلۇس جامائەتنىڭ تىنچ-ئىناقلىقىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلغان؟
10 پاۋلۇس قېرىنداشلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق تىنچ-ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسىلەن، پاۋلۇس رىملىقلارغا يازغان خېتىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تىلغا ئالغان. بىزمۇ ئەلچى پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ماختىساق بولىدۇ. شۇنداق قىلساق، بىز كۈچلۈك دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئورنىتىپ، جامائەتنىڭ مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسىنى كۈچەيتەلەيمىز.
11. ئارىمىزدا تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندە، مۇناسىۋىتىمىزنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز؟
11 بەزى چاغلاردا ھەتتا پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلار ئارىسىدا كۆزقاراشتا بىرلىككە كېلەلمەسلىك ياكى تالاش-تارتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. پاۋلۇس ۋە ئۇنىڭ يېقىن دوستى بارنابا ئارىسىدا شۇنداق ئىش يۈز بەرگەن. ئىككىسى ۋەز ئېيتىش سەپىرىدە ماركۇسنى ئۆزلىرى بىلەن ئېلىش-ئالماسلىق توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قاتتىق تالاش-تارتىش بولۇپ، بىر-بىرىگە ئاچچىقلىنىپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن (ئەلچى. 15:37–39). بىراق، پاۋلۇس، بارنابا ۋە ماركۇس ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، جامائەتنىڭ تىنچلىقىنى ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. پاۋلۇس كېيىنرەك بارنابا ۋە ماركۇس ھەققىدە ياخشى گەپلەرنى قىلغان (1-كورىنت. 9:6؛ كولوسى. 4:10). جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئارىمىزدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىزمۇ مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە داۋاملىق دىققەت ئاغدۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، تىنچلىق ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىققا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز.—ئەفەس. 4:3.
پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتكەن
12. قېرىنداشلىرىمىز قايسى بەزى سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟
12 ئەگەر بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتسەك، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىمىز. بەزى قېرىنداشلىرىمىزنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرى ياكى خىزمەتداشلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى مەسخىرە قىلىشى مۇمكىن. بەزىلەرنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولغاچ، قىينىلىۋاتقان بولۇشى ياكى بەزىلەر قەلب يارىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزىلىرى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ زاماننىڭ ئاخىرلىشىش پەيتىنى كۈتىۋاتىدۇ. مۇشۇ ۋەزىيەتلەر مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى سىنىشى مۇمكىن. بىرىنچى ئەسىردىكى جامائەتتە قېرىنداشلار شۇنىڭغا ئوخشاش سىناقلارغا دۇچ كەلگەن. پاۋلۇس ئاشۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى قانداق كۈچەيتكەن؟
ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟ (13-ئابزاسقا قاراڭ)b
13. ئىمان-ئېتىقادى ئۈچۈن مەسخىرىگە ئۇچرىغانلارغا، پاۋلۇس قانداق ياردەم بەرگەن؟
13 پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇقەددەس يازمىلارنى قوللانغان. مەسىلەن، بىرىنچى ئەسىردىكى يەھۇدىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يەھۇدىي دىنىغا ئىشىنىدىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. شەك-شۈبھىسىزكى، پاۋلۇسنىڭ ئىبرانىيلار يازغان خېتى يەھۇدىي ئېتىقادچىلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى ئىنتايىن كۈچلەندۈرگەن (ئىبرانىي. 1:5، 6؛ 2:2، 3؛ 9:24، 25). پاۋلۇسنىڭ قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈشلىرى ئېتىقادداشلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى چىققانلارغا قانداق جاۋاب بېرەلىشىگە ياردەم بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ مەسخىرىگە دۇچ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشرىي ماتېرىياللىرىمىزنى ئىشلىتىپ، ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشىگە ياردەم بېرەلەيمىز. ئەگەر ئارىمىزدىكى ياشلار پۈتكۈل كائىناتنى خۇدانىڭ ياراتقانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن مەسخىرىگە ئۇچرىغان بولسا، بىز ئۇلارغا «ھاياتلىق يارىتىلغانمۇ؟» ۋە «مەۋجۇداتنىڭ مەنبەسى — بەش مۇھىم سوئال» ناملىق كىتابچىلاردىكى مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ ياردەم بەرسەك، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟ (14-ئابزاسقا قاراڭ)c
14. پاۋلۇس ۋەز ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇشىغا قارىماي، يەنە نېمە ئىش قىلغان؟
14 پاۋلۇس ئۆز قېرىنداشلىرىنى ياخشى ئىشلار ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلغان (ئىبرانىي. 10:24). ئۇ سۆزلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەنمۇ قېرىنداشلىرىغا ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، يەھۇدىيەدىكى قېرىنداشلار ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەندە، پاۋلۇس ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بەزى نەرسىلەرنى ئەكېلىپ بەرگەن (ئەلچى. 11:27–30). گەرچە پاۋلۇس ۋەز ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرسىمۇ، ھەردائىم ماددىي نەرسىلەرگە مۇھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگەن (گالاتىيا. 2:10). ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق قېرىنداشلىرىنىڭ يەھۋانىڭ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكەن. بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە ۋاقتىمىزنى، كۈچىمىزنى ۋە ماھارىتىمىزنى ئىشلىتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەم بەرسەك، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىمىز. يەنە دۇنيا يۈزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەت ئۈچۈن دائىم ئىئانە بېرىش ئارقىلىقمۇ شۇنداق قىلالايمىز. بۇ ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەھۋانىڭ ئۇلارنى ھەرگىز تاشلىمايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتەلەيمىز.
ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟ (15، 16-ئابزاسلارغا قاراڭ)d
15، 16. ئىمان-ئېتىقادى ئاجىزلىغان قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ياردەم بېرىشىمىز كېرەك؟
15 پاۋلۇس ئىمان-ئېتىقادتا ئاجىزلاشقانلارغا ياردەم بېرىشنى توختاتمىغان. ئۇ ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، مۇلايىم ۋە يېقىملىق سۆزلەرنى قىلغان (ئىبرانىي. 6:9؛ 10:39). مەسىلەن، ئىبرانىيلار يازغان خېتىدە، ئۇ دائىم «بىز» ۋە «بىزگە» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ شۇ نەسىھەت سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن (ئىبرانىي. 2:1، 3). پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ ئىمان-ئېتىقادى ئاجىزلاشقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كەچمەيمىز. ئەكسىنچە، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىمىز. مۇشۇ ئۇسۇلدا، ئۇلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز. مۇلايىم ۋە يېقىملىق سۆز قىلساق، ئۇلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت بېرەلەيمىز.
16 پاۋلۇس قېرىنداشلارغا، يەھۋا ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن (ئىبرانىي. 10:32–34). ئېتىقادى ئاجىزلاپ كەتكەن قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلغاندا، بىزمۇ پاۋلۇسقا ئوخشاش قىلالايمىز. قېرىنداشنىڭ ھەقىقەتكە قانداق كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىشكە ياكى ئۆتمۈشتە يەھۋانىڭ ئۆزىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ھېس قىلغان پەيتلەر ھەققىدە قايتا ئويلاشقا ئىلھاملاندۇرساق بولىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىز ئۇنىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى، يەھۋانىڭ ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىغا ۋە كەلگۈسىدە ئۇنى تاشلىمايدىغانلىقىغا، ئۇنى ئىشەندۈرەلەيمىز (ئىبرانىي. 6:10؛ 13:5، 6). بۇنداق سۆھبەتلەر شۇنداق قەدىرلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىنى قايتا ئويغىتالىشى مۇمكىن.
«داۋاملىق بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار»
17. قايسى ماھارەتلىرىمىزنى داۋاملىق ئاشۇرالايمىز؟
17 ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ ماھارىتى ئۆسكەنگە ئوخشاش، بىزمۇ بىر-بىرىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشتە تېخىمۇ ماھىر بولالايمىز. ئۆتمۈشتە سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەنلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ قېرىنداشلارنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. بىز باشقىلاردا كۆرگەن ئارتۇقچىلىق تەرەپنى تىلغا ئېلىش، تەھدىتكە ئۇچرىغاندا تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاش ۋە ئارىمىزدا تالاش-تارتىش بولغاندا، مۇناسىۋىتىمىزنى قايتا ياخشىلاش ئارقىلىق ئارىمىزدىكى تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز. قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مۇھىم مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش، ئەمەلىي ياردەم بېرىش ۋە ئىمان-ئېتىقادى ئاجىزلىغان قېرىنداشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى داۋاملىق كۈچەيتەلەيمىز.
18. سىز نېمە قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدىڭىز؟
18 خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بېنالارنى سېلىش ئىشلىرىغا قاتناشقانلار ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىپ، كۆڭلى قانائەت تاپىدۇ. بىزمۇ جامائەتتە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بەرگەندە، شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، كۆڭلىمىز قانائەت تاپىدۇ. ئەڭ ئاخىرى كونىراپ، چىرىپ كېتىدىغان بىنالارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بىزنىڭ خىزمىتىمىز مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ. شۇڭا، «داۋاملىق بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلارنى كۈچلەندۈرۈڭلار» دېگەن نەسىھەتكە قەتئىي قۇلاق سالايلى.—1-سالونىكا. 5:11.
50-ناخشا خۇدانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈلگىسى
a بۈگۈنكى كۈندە ھايات كەچۈرۈش ئىنتايىن قىيىن. ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز نۇرغۇن بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. ئەگەر بىز ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىسەك، ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بېرەلەيمىز. شۇنداق قىلىشىمىزغا ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىسالىنى مۇھاكىمە قىلىش ياردەم بېرىدۇ.
b سۈرەتتە: بىر دادا قىزىنىڭ روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلەش بېسىمىغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن، نەشىر ماتېرىياللىرىمىزدىن تېپىلغان تەكلىپ پىكىرلەرنى قانداق قوللىنالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: بىر جۈپ باشقا يەرگە بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: بىر ئاقساقال ئىمان-ئېتىقادى ئاجىزلاشقان بىر بۇرادەرنى يوقلاپ كەلدى. شۇ بۇرادەرگە بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى بىرلىكتە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىگە قاتناشقاندىكى بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئاشۇ سۈرەت ئۇلارنىڭ ئىلگىرى خۇشال ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىنى ئەسلىتىۋاتىدۇ. شۇ بۇرادەر يەھۋاغا خىزمەت قىلغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىقنى قايتا ھېس قىلىشنى ئارزۇ قىلىشقا باشلايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ جامائەتكە قايتىپ كېلىدۇ.