كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 سېنتە‌بىر 28-‏31 ب.‏
  • يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىش ۋە تە‌لىم بېرىش مېنى كۆپ خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈردى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىش ۋە تە‌لىم بېرىش مېنى كۆپ خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈردى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئالدىم
  • پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ باشقىلارغا تە‌لىم بېرىمە‌ن
  • جامائە‌تتە باشقىلارغا تە‌لىم بېرىمە‌ن
  • رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال سۈپىتىدە تە‌لىم بېرىمە‌ن
  • قايتىدىن رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولدۇ‌م
  • بە‌يتە‌لدە بىلىم ئالدىم ۋە تە‌لىم بە‌ردىم
  • گاداي ئىدىم،‏ باي بولدۇ‌م
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 سېنتە‌بىر 28-‏31 ب.‏

تە‌رجىمىھال

يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىش ۋە تە‌لىم بېرىش مېنى كۆپ خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈردى

لېئون ۋېۋىر ئېيتىپ بە‌رگە‌ن

لېئون ۋىۋېر ياش ۋاقتىدا.‏

مە‌ن پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى ئىستون شە‌ھىرىدە چوڭ بولدۇ‌م.‏ مۇ‌ھىم بىر ئادە‌م بولۇ‌شنى خالىغاچ،‏ ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌شقا ئىشتىياق باغلىدىم.‏ ماتېماتىكا ۋە تە‌بئىي پە‌ن دە‌رسلىرىنى ياخشى كۆرە‌تتىم.‏ 1956-‏يىلى پۇ‌قرالارنىڭ ھوقۇ‌قلىرىنى قوغدايدىغان تە‌شكىلات ماڭا 25 دوللار بە‌ردى،‏ چۈنكى مە‌ن قارا تە‌نلىك ئوقۇ‌غۇ‌چىلار ئارىسىدا ياخشى ئوقۇ‌غان ئوقۇ‌غۇ‌چى ئىدىم.‏ كېيىنچە،‏ مېنىڭ مە‌قسە‌تلىرىم ئۆزگە‌ردى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئالدىم

1940-‏يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاتا-‏ئانام يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى باشلىغان.‏ ئۆگىنىش توختاپ قالغان بولسىمۇ،‏ ئاپام «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ۋە «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رناللىرىنى ئوقۇ‌پ تۇ‌راتتى.‏ 1950-‏يىلى،‏ نيۇ-‏يورك شە‌ھىرىدە خە‌لقئارا چوڭ يىغلىش ئۆتكۈزۈلىشى كېرە‌ك ئىدى ۋە ئائىلىمىزمۇ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلىندى.‏

چوڭ يىغىلىشتىن كېيىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ لاۋرېنس جېففرىس بۇ‌رادە‌ر ۆيىمىزگە كە‌لدى.‏ ئۇ ماڭا ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىتىشكە ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ كۆردى.‏ مە‌ن دە‌سلە‌پتە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاش،‏ سىياسە‌ت ۋە ھە‌ربىي خىزمە‌تكە بولغان كۆزقارىشىنى قوبۇ‌ل قىلمىدىم.‏ ئامېرىكىدا ھە‌ممىسى ئۇ‌رۇ‌شقا بېرىشنى رە‌ت قىلسا،‏ دۈشمە‌نلە‌ر دۆلە‌تنى بېسىۋالىدۇ دە‌پ ئويلىغانىدىم.‏ جېففرىس سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈشكە ھە‌رىكە‌ت قىلدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق سوئال قويدى:‏ «ئە‌گە‌ر ئامېرىكىدىكى ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلسا،‏ دۈشمە‌نلە‌ر ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ سىزنىڭچە يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمە قىلاتتى؟‏» ئۇ‌نىڭ بۇ سوئالى ۋە باشقا چۈشە‌ندۈرۈشلىرى كۆزقارىشىمنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىگە بولغان قىزىقىش كۈچە‌يدى.‏

چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈۋاتىمە‌ن

‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» ۋە «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رناللىرىنى سائە‌ت-‏سائە‌تلە‌پ ئوقاتتىم.‏ ئاپام بۇ‌نى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارنى ئامبارغا ئە‌كىرىپ قويدى.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌نلىكىمنى چۈشە‌ندىم ۋە جېففرىس بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا باشلىدىم.‏ دائىم جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا باراتتىم.‏ ئۆگە‌نگە‌ن نە‌رسىلە‌رنى ياخشى كۆردۈم.‏ كېيىن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدۇ‌م.‏ «يە‌ھۋانىڭ چوڭ كۈنى يېقىن.‏ ئۇ كۈن يېقىن،‏ ناھايىتى تېز كېلىۋاتىدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى چۈشىنىپ،‏ مە‌قسە‌تلىرىمنى ئۆزگە‌رتتىم (‏زە‌ف.‏ 1:‏14)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ باشقىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تلىرىنى ئۆگىتىشنى خالىدىم.‏

1956-‏يىلى،‏ 13-‏ئىيۇ‌ن كۈنى مە‌كتە‌پنى پۈتتۈردۈم.‏ ئۈچ كۈندىن كېيىن رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشتا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ھاياتىمنى باشقىلارغا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىش ۋە تە‌لىم بېرىشكە بېغىشلىسام،‏ شۇ‌نچە كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.‏

پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ باشقىلارغا تە‌لىم بېرىمە‌ن

چۆمۈلدۈرۈلۈپ ئالتە ئايدىن كېيىن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدۇ‌م.‏ 1956-‏يىل،‏ دېكابىر ئېيىنىڭ «پادىشاھلىق ۋە‌ز خىزمىتىمىز» ۋاراقچىسىدا،‏ «ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئېھتىياجلىق يە‌رلە‌رگە كۆچۈپ بارالامسىز؟‏» دېگە‌ن ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى.‏ بۇ ماقالە مە‌ن ئۈچۈن يېزىلغانىدى.‏ مە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئاز يە‌ردە خىزمە‌ت قىلىشنى خالىدىم.‏—‏مە‌تتا 24:‏14‏.‏

جە‌نۇ‌بىي كارولىنانىڭ ئېجفىلد شە‌ھىرىگە كۆچۈپ باردىم.‏ شۇ جامائە‌تتە پە‌قە‌ت تۆت ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بار ئىدى.‏ مە‌ن كېلىپ،‏ بە‌ش كىشى بولدۇ‌ق.‏ بىز جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىنى قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزە‌تتۇ‌ق.‏ ھە‌ر ئايدا 100 سائە‌ت ۋە‌ز قىلاتتىم.‏ ھاياتىم بە‌ك ئالدىراش ئۆتە‌تتى،‏ چۈنكى ۋە‌ز قىلىشقا يېتە‌كچىلىك قىلىش خىزمىتى ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتىشنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغانىدىم.‏ جامائە‌تتە كۆپ خىزمە‌ت قىلغانسېرى،‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق تېخىمۇ كۆپرە‌ك بىلىمگە ئىگە بولدۇ‌م.‏

مە‌ن بىر ئايال بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزدۈم.‏ شۇ ئايالنىڭ مە‌ن تۇ‌رىدىغان جايدىن بىرنە‌چچە كىلومېتر يىراقلىقتىكى،‏ جونسىتون شە‌ھىرىدە دە‌پنە مۇ‌راسى ئۆتكۈزىدىغان قوراسى بار ئىدى.‏ ئۇ ماڭا يېرىم كۈن ئىشلە‌يدىغان ئىش بە‌ردى ۋە كىچىك بىر بىنانى يىغىلىش زالى سۈپىتىدە قوللىنىشقا رۇ‌خسە‌ت بە‌ردى.‏

مېنىڭ بىلە‌ن ئۆگە‌نگە‌ن بۇ‌رادە‌رنىڭ ئوغلى جولى جېففرىس نيۇ-‏يوركتىكى برۇ‌كلىندىن كۆچۈپ كە‌لدى.‏ بىز بىرلىكتە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىدە بولدۇ‌ق.‏ بىز بىر بۇ‌رادە‌ر ئىشلىتىشگە بېرىپ تۇ‌رغان كىچىك كارۋان ئۆيىدە ياشىدۇ‌ق.‏

جە‌نۇ‌بتا ئىش ھە‌ققى تۆۋە‌ن ئىدى.‏ كۈنىگە 2-‏3 دوللار تاپاتتۇ‌ق.‏ بىر كۈنى دۇ‌كانغا بارغاندا،‏ بار پۇ‌لۇ‌منىڭ ھە‌ممىسىگە ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك سېتىۋالدىم.‏ دۇ‌كاندىن چىققاندا،‏ بىر كىشى مېنىڭدىن «ئىش كېرە‌كمۇ؟‏ سائىتىگە 1 دوللار بېرىمە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ ئۇ ماڭا قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئورنىنى ئۈچ كۈن بېسقتۇ‌رىدىغان ئىش بە‌ردى.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋا مېنىڭ داۋاملىق ئېجفىلدتا خىزمە‌ت قىلىشىمغا ياردە‌م بېرىۋاتاتتى.‏ گە‌رچە پۇ‌لۇ‌م كۆپ بولمىسىمۇ،‏ 1958-‏يىلى نيۇ-‏يوركتا ئۆتكۈزۈلگە‌ن خە‌لقئارالىق چوڭ يىغىلىشقا بېرىش پۇ‌رسىتىم بولدى.‏

لېئون ۋە رۇ‌بى ۋىۋېرنىڭ توي كۈنى.‏

توي كۈنىمىز

چوڭ يىغىلىشنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئالاھىدە بىر ئىش يۈز بە‌ردى.‏ مە‌ن رۇ‌بى ۋودلىڭتون ئىسىملىك قېرىنداش بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌م.‏ ئۇ تېننېسسى شتاتىنىڭ گالاتىن شە‌ھىرىدە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلاتتى.‏ كېيىن،‏ بىز خە‌ت يېزىشىپ،‏ ئارىلىشىشقا باشلىدۇ‌ق.‏ كېيىنرە‌ك،‏ گالاتىن شە‌ھىرىدە نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىشقا تە‌كلىپ قىلىندىم.‏ مە‌ن بۇ پۇ‌رسە‌تنى پايدىلىنىپ،‏ «مە‌ن بىلە‌ن توي قىلامسىز؟‏»،‏—‏ دە‌پ رۇ‌بىغا توي تە‌كلىپى قويدۇ‌م.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ رۇ‌بىنىڭ جامائىتىگە كۆچۈپ باردىم.‏ 1959-‏يىلى بىز توي قىلدۇ‌ق.‏

جامائە‌تتە باشقىلارغا تە‌لىم بېرىمە‌ن

23يېشىمدا گاللاتىندا،‏ جامائە‌تنى تە‌كشىللىگۈچى خىزمە‌تكار بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌ندىم (‏ھازىر ئاقساقاللار كېڭىشىدىكى رىياسە‌تچى ئاقساقال)‏.‏ چارلىز تومپسون رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلىنىپ،‏ بىرىنچى بولۇ‌پ بىزنىڭ جامائە‌تنى زىيارە‌ت قىلىشقا كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭ كۆپ تە‌جرىبىسى بولسىمۇ،‏ ئۇ مېنىڭدىن بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ نېمىگە مۇ‌ھتاجلىقىنى ۋە باشقا رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى سورىدى.‏ ئۇ‌نىڭدىن بىر ئىشقا قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال ھە‌ممە نە‌رسىدىن خە‌ۋە‌ردار بولۇ‌ش ئۈچۈن سوئاللارنى قويۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۆگە‌ندىم.‏

1964-‏يىل،‏ ماي ئېيىدا نيۇ-‏يورك شتاتىدىكى جە‌نۇ‌بىي لانسىڭ شە‌ھىرىدە ئېچىلغان بىر ئايلىق پادىشاھلىق ۋە‌ز خىزمە‌ت مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌شقا چاقىرىلدىم.‏ بۇ مە‌كتە‌پتە يېتە‌كچىلىك قىلدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر بىلىم ئېلىش ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈش ئارزۇ-‏ئىستىكىمنى كۈچە‌يتتى.‏

رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال سۈپىتىدە تە‌لىم بېرىمە‌ن

1965-‏يىلى يانۋار ئېيىدا،‏ رۇ‌بى ئىككىمىزنى جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىگە چاقىردى.‏ بىز خىزمە‌ت قىلىدىغان رايون كۆپ جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ تېننېسسىدىكى نوكسۋىلدىن باشلاپ،‏ ۋىرجىنىيىدىكى رىچموندغىچە سوزۇ‌لغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئىچىگە شىمالىي كارولىنا،‏ كېنتاكى ۋە غە‌ربىي ۋىرجىنىيە كىرە‌تتى.‏ مە‌ن پە‌قە‌ت قارا تە‌نلىك قېرىنداشلارنىڭ جامائە‌تلىرىنى زىيارە‌ت قىلاتتىم.‏ چۈنكى،‏ شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ جە‌نۇ‌بىدىكى شتاتلاردا ئاق ۋە قارا تە‌نلىكلە‌ر دە‌پ بۆلۈنگە‌ن بولۇ‌پ،‏ ئاق تە‌نلىكلە‌ر بىلە‌ن قارا تە‌نلىكلە‌ر بىرگە ئولتۇ‌رۇ‌شقا بولمايتتى.‏ بۇ‌رادە‌ر ئىنتايىن كە‌مبە‌غە‌ل ئىدى،‏ بىز ئۆزىدە بارىنى ئۇ‌لار بىلە‌ن بۆلۈشۈشنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىل رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان بۇ‌رادە‌ر ماڭا مۇ‌ھىم نە‌رسىنى ئۆگە‌تتى:‏ «ئۆزۈڭنى قېرىنداشلاردىن ئۈستۈن تۇ‌تما.‏ جامائە‌تكە باشلىققا ئوخشاش بارما.‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌لار سېنى ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشىدە‌ك كۆرگە‌ندىلا،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يسە‌ن».‏

بىز كىچىك بىر جامائە‌تنى زىيارە‌ت قىلغاندا،‏ رۇ‌بى بىر ياشلىق قىزى بار ئايال بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى باشلىغانىدى.‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھېچبىرى ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولغان چاغلاردا،‏ رۇ‌بى ئۇ‌نىڭغا يېزىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزە‌تتى.‏ بىز كېيىنكى قېتىم شۇ جامائە‌تنى زىيارە‌ت قىلىشقا كە‌لگە‌ندە،‏ ئاشۇ ئايال ھە‌ممە يىغىلىشقا قاتناشقان ئىدى.‏ ئىككى مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى شۇ جامائە‌تكە كۆچۈپ بارغاندا،‏ شۇ ئايال بىلە‌ن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌ردى.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.‏ تە‌خمىنە‌ن 30 يىلدىن كېيىن،‏ 1995-‏يىلى پە‌تتېرسون بە‌يتە‌لدە،‏ ياش بىر قېرىنداش ئۆزىنى رۇ‌بى تونۇ‌شتۇ‌ردى.‏ ئۇ رۇ‌بى ئۆگىنىش قىلغان ھېلىقى ئايالنىڭ قىزى ئىدى.‏ ئۇ يولدىشى بىلە‌ن گىلىئاد مە‌كتىپىنىڭ 100-‏سىنىپىنى پۈتتۈرگە‌نىدى.‏

بىز ئىككىنچى قېتىم خىزمە‌ت قىلغان رايون فىلورىدا شىتاتىنىڭ ئوتتورا قىسىملىرى ئىدى.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ماشىنىغا ئېھتىياجىمىز بولغاچ،‏ ئە‌رزان بىر ماشىنا سېتىۋالدۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ بىر ھە‌پتە ئۆتمە‌يلا،‏ ئۇ‌نىڭ ماتورىدا كاشىلا كۆرۈلدى.‏ رېمونت قىلدۇ‌رۇ‌شقا پۇ‌لىمىز يوق ئىدى.‏ مە‌ن بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ دە‌پ قارىغان بۇ‌رادە‌رگە تېلېفون قىلدىم.‏ ئۇ بىر ئىشچىسىدىن بىزگە ياردە‌م بېرىشنى سوراپ،‏ بىزگە رېمونت ھە‌ققى بە‌رمە‌سلىكنى ئېيتتى.‏ ھە‌تتا بىزگە سوۋغات سۈپىتىدە پۇ‌ل بە‌ردى!‏ بۇ مىسال،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ بۇ بىزگە مە‌رد-‏سېخىي بولۇ‌شنى ئە‌سكە‌رتىپ تۇ‌ردى.‏

جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلغاندا،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇ‌راتتۇ‌ق.‏ شۇ‌ڭا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ياخشى دوستلارنى تاپقان ئىدۇ‌ق.‏ بىر كۈنى جامائە‌ت توغرىسىدىكى مە‌لۇ‌ماتنى خە‌ت ئۇ‌رۇ‌ش ماشىنىسىدا يېزىپ بولالماي،‏ ئە‌تىسىگە قالدۇ‌رۇ‌پ قويغان ئىدىم.‏ شۇ كۈنى كە‌چقۇ‌رۇ‌ن قايتىپ كېلىپ قارىسام،‏ شۇ ئۆيدىكى ئۈچ ياشلىق بالا يازغانلىرىمنى بىتچىت قىلغان ئىدى.‏ مە‌ن شۇ ئىشنى ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئاشۇ بالىغا ئېيتىپ بېرىپ،‏ ئۇ‌نى خىجىل قىلاتتىم.‏

1971-‏يىلى،‏ نيۇ-‏يورك شە‌ھىرىدە دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش توغرىسىدا خە‌ت تاپشۇ‌رىۋالىدىم.‏ بىز ھاڭ-‏تاڭ بولۇ‌پ قالدۇ‌ق!‏ ئۇ يە‌رگە كۆچۈپ بارغاندا،‏ 34 ياشتا ئىدىم.‏ مە‌ن قارا تە‌نلىك بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئارىسىدا بىرىنچى دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولغان،‏ قېرىنداشلار مېنى ياخشى كۈتۈۋالغان ئىدى.‏

دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال سۈپىتىدە،‏ ھە‌ر ھە‌پتە ئاخىرىدا رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشلاردا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم بېرىشتىن ئىنتايىن كۆپ خۇ‌شاللىق تاپتىم.‏ كۆپلىگە‌ن رايون مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنىڭ مېنىڭدىن كۆپرە‌ك تە‌جرىبىلىرى بار ئىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى مە‌ن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقان.‏ باشقا بۇ‌رادە‌ر سېئودىر جارېس كېيىنرە‌ك يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولغان.‏ برۇ‌كلىن بە‌يتە‌لدە يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن تە‌جرىبىلىك بۇ‌رادە‌رلە‌ر خىزمە‌ت قىلغان.‏ مە‌ن رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ۋە بە‌يتە‌لدىكى قېرىنداشلارغا ئىنتايىن مىننە‌تدار،‏ چۈنكى ئۇ‌لار ماڭا ئۆزۈمنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ بۇ كۆيۈمچان پادىچىلار خۇ‌دانىڭ سۆزىگە تايىنىپ،‏ تە‌شكىلاتىمىزنى چىن يۈرە‌كتىن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكىنى ئۆز كۆزۈم كۆردۈم.‏ ئۇ‌لار كە‌متە‌ر بولغاچ،‏ ماڭا رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌ش ئاسان بولغان.‏

قايتىدىن رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولدۇ‌م

1974-‏يىلى يېتە‌كچى كېڭە‌ش يە‌نە بىر توپ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنى دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌شقا تە‌يىنلىدى.‏ بۇ قېتىم مە‌ن جە‌نۇ‌بىي كارولىنا شتاتىدا قايتا رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌شقا تە‌يىنلە‌ندىم.‏ شۇ ۋاقىتتا خۇ‌شاللىنارلىق ئىش يۈر بېرىپ،‏ ئاق ۋە قارا تە‌نلىك قېرىنداشلارنىڭ جامائە‌تلىرى بىرلە‌شتۈرۈلدى.‏ قېرىنداشلار شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدى.‏

1976-‏يىلى،‏ ئاتلانتا بىلە‌ن كولۇ‌مبۇ‌سنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدىكى جورجىيىگە ئە‌ۋە‌تىلدىم.‏ مە‌ن بىر دە‌پنە مۇ‌راسىمدا ئېيتقان نۇ‌تۇ‌ق ھازىرغىچە ئېسىمدىن كە‌تمە‌يدۇ.‏ بىر قارا تە‌نلىك قېرىنداشلارنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇ‌ۋېتىلگە‌ن،‏ بە‌ش بالىسى كۆيۈپ،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ۋە ئاتا-‏ئانىلىرى ئېغىر يارىلىنىپ،‏ دوختۇ‌رخانىدا ياتقان ئىدى.‏ ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للى بېرىشى ئۈچۈن دوختۇ‌رخانىغا نۇ‌رغۇ‌ن ئاق ۋە قارا تە‌نلىك قېرىنداشلار كە‌لدى.‏ قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆزگىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆردۈم.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۆزئارا بۇ‌نداق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تسە،‏ ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يدۇ.‏

بە‌يتە‌لدە بىلىم ئالدىم ۋە تە‌لىم بە‌ردىم

1977-‏يىلى برۇ‌كلىندىكى بە‌يتە‌لگە بىرنە‌چچە ئاي بىر ئىشنى تاماملاشقا چاقىرىلدۇ‌ق.‏ ئىش تۈگە‌ي دە‌پ قالغاندا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئىككى ئە‌زاسى مېنىڭ بىلە‌ن پاراڭلىشىپ:‏ «رۇ‌بى ئىككىڭلار بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنى خالامسىلە‌ر؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ بىز تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلدۇ‌ق.‏

مە‌ن 24 يىل بە‌يتە‌لنىڭ خىزمە‌ت بۆلۈمىدە ئىشلىدىم.‏ بۇ بۆلۈمدە بۇ‌رادە‌رلە‌ر قىيىن سوئاللارنى ھە‌ل قىلىشى كېرە‌ك.‏ كۆپ يىللاردىن بۇ‌يان،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە يول-‏يورۇ‌قلارنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ بۇ بېرىلگە‌ن يول-‏يورۇ‌قلارغا ئاساسە‌ن،‏ سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىپلا قالماي،‏ يە‌نە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار،‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار ۋە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار تە‌ربىيىلىنىدۇ.‏ بۇ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئۈچۈن تە‌ييارلانغان ماتېرىيال نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشكە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنى تېخىمۇ كۈچە‌يتمە‌كتە.‏

1995-‏يىلدىن 2018-‏يىلغىچە،‏ مە‌ن مە‌ركىزى باش ئىدارىغا ۋاكالىتە‌ن باشقا دۆلە‌تلە‌ردىكى بە‌يتە‌للە‌رنى زىيارە‌ت قىلدىم.‏ بە‌يتە‌ل كومىتېتى،‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىدىغانلار ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ ھە‌رخىل قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشى ئۈچۈن ئۇ‌لارغا ئىلھام بە‌ردىم.‏ ئۇ‌لار ئېيتىپ بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ردىن رۇ‌بى ۋە مە‌ن كۆپ ئىلھام ئالدۇ‌ق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 2000-‏يىلى رۋانداغا باردۇ‌ق.‏ 1994-‏يىلى ئۇ يە‌ردە ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈر بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ قېرىنداشلار ۋە بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلغانلارنىڭ بۇ ۋاقىتتا قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىكىنى ئاڭلىغاندا،‏ بىز قاتتىق تە‌سىرلە‌ندۇ‌ق.‏ كۆپىنچىلىرى يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى.‏ ئۇ‌لار قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئاشۇ قېرىنداشلار ئېتىقاد،‏ ئۈمىد ۋە خۇ‌شاللىقىنى يوقاتمىغان.‏

لېئون ۋە رۇ‌بى ۋىۋېر.‏

توي قىلغىنىمىزغا 50 يىل بولغان كۈنى

ھازىر يېشىمىز 80 دىن ئاشتى.‏ يېقىنقى 20 يىلدا،‏ مە‌ن ئامېرىكا بە‌يتە‌ل كومىتېتىدا خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتىمە‌ن.‏ مە‌ن ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌مىغان بولساممۇ،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىدىن ئە‌ڭ ئالىي بىلىمگە ئىگە بولدۇ‌م.‏ بۇ ماڭا باشقىلارغا،‏ ئىنسانلارنى مە‌ڭگۈ پايدىغا ئېرىشتۈرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تلىرىنى ئۆگىتىش پۇ‌رسىتىنى بە‌ردى (‏2-‏كورىنت.‏ 3:‏5؛‏ 2-‏تىموت.‏ 2:‏2)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىلىم ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ياراتقۇ‌چىسى بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆردۈم (‏ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش ۋە باشقىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم بېرىش چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ ئايالىم ئىككىمىز باشقىلارنى بۇ پۇ‌رسە‌تنى قە‌دىرلە‌شكە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە دە‌ۋە‌ت قىلىمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش