كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م23 ئاۋغۇ‌ست 8-‏13 ب.‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمە ئۈچۈن بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏
  • بېشارە‌تلە‌رنى قانداق تە‌تقىق قىلىش كېرە‌ك؟‏
  • تۆمۈر بىلە‌ن سېغىز لاي ئارىلاشقان پۇ‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌تقىق قىلىڭ
  • شىمال پادىشاھى ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏
  • بېشارە‌تلە‌رگە داۋاملىق دىققە‌ت قىلىڭ
  • ھازىر خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئاخىر زاماندىكى «شىمال پادىشاھى»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • دانىيالنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ك‌م23 ئاۋغۇ‌ست 8-‏13 ب.‏

34-‏تە‌تقىق ماقالىسى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىڭ

‏«دانالار چۈشىنىدۇ».‏—‏دانىيال 12:‏10.‏

37-‏ناخشا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان

بۇ ماقالىدەa

1.‏ بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىشتىن زوق ئېلىشنى ئۆگىنىشىڭىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

بېن ئىسىملىك بىر ياش بۇ‌رادە‌ر:‏ «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىشنى ياخشى كۆرۈمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ سىزمۇ ياخشى كۆرە‌مسىز؟‏ ياكى بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىشنى قىيىن دە‌پ قارامسىز؟‏ بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىش زېرىكىشلىك ئىش دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سۆزىگە يازدۇ‌رغانلىقى توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلسىڭىز،‏ كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏ ئاندىن كېيىن،‏ دانىيال كىتابىدىكى ئىككى بېشارە‌تنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى چۈشىنىش ھازىر بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

نېمە ئۈچۈن بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

3.‏ بېشارە‌تلە‌رنى چۈشە‌نمە‌كچى بولساق،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

3 ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى چۈشە‌نمە‌كچى بولساق،‏ ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌نداق بىر ۋە‌زىيە‌تنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ:‏ سىز ناتونۇ‌ش جايغا ساياھە‌تكە باردىڭىز.‏ ئە‌مما،‏ ساياھە‌تكە بىللە بارغان دوستىڭىز ئۇ جاينى ۋە ھە‌ر بىر يول قە‌يە‌رگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.‏ سىز جە‌زمە‌ن شۇ‌نداق دوست بىلە‌ن ساياھە‌تكە بارغىنىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شال بولىسىز.‏ خۇ‌ددى مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ قايسى زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئالدىمىزدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بېشارە‌تلە‌رنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏دانىيال 2:‏28؛‏ 2-‏پېتر.‏ 1:‏19،‏ 20.‏

بىر جۈپ ئايال «دانىيالنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى» ناملىق فىلىمنى كۆرۈۋاتىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىش كە‌لگۈسىدىكى ئىشلارغا تە‌ييارلىق قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۆز سۆزىدە بېشارە‌تلە‌رنى يازدۇ‌رغان؟‏ (‏يە‌رە‌مىيا 29:‏11)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

4 كۆيۈمچان ئاتا-‏ئانىغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ گۈزە‌ل كېلە‌چىكى بولۇ‌شىنى خالايدۇ ‏(‏يە‌رە‌مىيا 29:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئىنسانىي ئاتا-‏ئانىغا ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ يە‌ھۋا كېلە‌چىكىمىز توغرىسىدا ھە‌ممە نە‌رسىدىن تولۇ‌ق خە‌ۋە‌ردار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى بېشارە‌تلە‌ر ئارقىلىق،‏ ئۇ بىزگە كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان مۇ‌ھىم ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى ئالدىن-‏ئالا بىلدۈرگە‌ن (‏يە‌شايا 46:‏10)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌ر ئە‌رشتىكى ئاتىمىزدىن كە‌لگە‌ن سوۋغات.‏ ئە‌مما،‏ شۇ ئالدىن ئېيتىلغان سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا قانداق جە‌زم قىلالايسىز؟‏

5.‏ ياشلار ماكسنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

5 مە‌كتە‌پتە،‏ ياش قېرىنداشلىرىمىز پات-‏پات مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئانچە ھۆرمە‌تلىمە‌يدىغان ياكى ئۇ‌نىڭغا سە‌ل قارايدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش ھە‌رىكە‌تلىرى تۈپە‌يلى،‏ ياش ئېتىقادداشلىرىمىزدا بە‌زى گۇ‌مانلار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ماكس ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌غاندا،‏ ئاتا-‏ئانامنىڭ ماڭا ھە‌قىقىي دىننى ئۆگىتىۋاتقانلىقىغا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نلىكىگە گۇ‌مانلىنىشقا باشلىدىم».‏ ئۇ‌نىڭ ئاتا-‏ئانىسى نېمە قىلغان؟‏ ماكس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاتا-‏ئانام ئىنتايىن غە‌م قىلغان،‏ بىراق ئۇ‌لار ئۆزىنى بېسىۋېلىپ،‏ تە‌مكىن ئىنكاس قايتۇ‌رغان».‏ ئاتا-‏ئانىسى ماكسنىڭ سوئاللىرىغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن جاۋاب بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ ئۆزىمۇ جاۋاب تېپىشقا تىرىشقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى ئۆزۈم تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌ندىم.‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىمنى باشقا ياشلار بىلە‌ن مۇ‌ھاكىمە قىلدىم.‏ نە‌تىجىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌لۇ‌پ يېزىلغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزدۈم».‏

6.‏ گۇ‌مان قىلىشقا باشلىغان بولسىڭىز،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏

6 ئە‌گە‌ر ماكسقا ئوخشاش،‏ سىزمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقە‌ت بارلىقىغا گۇ‌مانلىنىشقا باشلىسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلماڭ.‏ ئە‌مما،‏ چاپسان ھە‌رىكە‌ت قىلىشىڭىز زۆرۈر.‏ گۇ‌مان خۇ‌ددى داتقا ئوخشايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا سە‌ل قارىساق،‏ ئۇ ئاستا-‏ئاستا قىممە‌تلىك نە‌رسىلە‌رنى ھالاك قىلالايدۇ.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى ۋە‌يران قىلىدىغان ھە‌رقانداق گۇ‌ماننى يوقىتىش ئۈچۈن،‏ ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە يېزىلغانلارغا ئىشىنىمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئىشە‌نمىسىڭىز،‏ ئاللىقاچان ئە‌مە‌لگە ئاشقان بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نى قانداق قىلالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

بېشارە‌تلە‌رنى قانداق تە‌تقىق قىلىش كېرە‌ك؟‏

بىر قېرىنداش كۈزىتىش مۇ‌نارى 2022-‏يىل،‏ ماي سانىدىكى شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى ھە‌ققىدىكى بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ.‏

دانىيالغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م كە‌متە‌رلىك،‏ ئېھتىياتچانلىق ۋە توغرا نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌ت بىلە‌ن بېشارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ بېشارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىشتە دانىيال بىزگە قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏ (‏دانىيال 12:‏10)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

7 بېشارە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشتە دانىيال ئىنتايىن ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ بېشارە‌تنى توغرا نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌ت بىلە‌ن ئۆگىنىشكە كىرىشكە‌ن ۋە ھە‌قىقە‌تنى بىلىشنى خالىغانىدى.‏ دانىيال يە‌نە كە‌متە‌ر كىشى بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرى بىلە‌ن ياشايدىغان كىشىلە‌رگە،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌قىل پاراسە‌ت بېرىپ،‏ بېشارە‌تلە‌رنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن (‏دانىيال 2:‏27،‏ 28؛‏ دانىيال 12:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە تايىنىش ئارقىلىق،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ كە‌متە‌ر كىشى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏دانىيال 2:‏18)‏.‏ دانىيال يە‌نە ئە‌ستايىدىل بولغان.‏ ئۇ قولىدا بار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ن (‏يە‌رە‌م.‏ 25:‏11،‏ 12؛‏ دانىيال 9:‏2)‏.‏ دانىيالنى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟‏

8.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ ۋە بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تلىرىڭىزنى تە‌كشۈرۈڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى نېمە ئۈچۈن تە‌تقىق قىلىشنى خالايسىز؟‏ ھە‌قىقە‌تنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 4:‏23،‏ 24؛‏ 14:‏16،‏ 17)‏.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بېشارە‌تلە‌رنى باشقا نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌ت بىلە‌ن تە‌تقىق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌قسىتى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دادىن كە‌لمىگە‌ن دېگە‌ن كۆز قاراشلارنى ئىسپاتلاش.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار شۇ كۆز قاراشلارنى ئىسپاتلىسا،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمە توغرا،‏ نېمە خاتا ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز توغرا نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تتە تە‌تقىق قىلىشىمىز لازىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بېشارە‌تلە‌رنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇ‌ھىم بىر پە‌زىلە‌تنىڭ بولۇ‌شى زۆرۈر.‏

9.‏ بېشارە‌تلە‌رنى چۈشىنىش ئۈچۈن قانداق پە‌زىلە‌ت كېرە‌ك؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

9 كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭ‏.‏ يە‌ھۋا كە‌متە‌ر كىشىلە‌رگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏6)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى چۈشىنىش ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌نە يە‌ھۋا قوللىنىۋاتقان سادىق قۇ‌لنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم (‏لۇ‌قا 12:‏42)‏.‏ يە‌ھۋا —‏ تە‌رتىپلىك خۇ‌دادۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۆز سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ پە‌قە‌ت سادىق قولنى قوللىنىدىغانلىقى ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏33؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏4–‏6.‏

10.‏ ئە‌ستېرنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنسىز؟‏

10 ئە‌ستايىدىل بولۇ‌ڭ.‏ ئۆزىڭىزنى قىزىقتۇ‌رغان بىر بېشارە‌تنى تاللاپ،‏ شۇ‌نى تە‌تقىق قىلىشنى باشلاڭ.‏ ئە‌ستېر ئىسىملىك قېرىنداش مە‌سىھنىڭ كېلىشى ھە‌ققىدىكى بېشارە‌تلە‌رگە قىزىققان ئىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن 15 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ ئاشۇ بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن ئىلگىرى يېزىلغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىشنى باشلىدىم».‏ ئە‌ستېر ئۆلۈك دېڭىز ئورام يازمىلىرى ھە‌ققىدە تە‌كشۈرۈپ تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىگە قايىل بولغاندىن كېيىن مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۆلۈك دېڭىز ئورام يازمىلىرىنىڭ بە‌زىلىرى مە‌سىھ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن ئىلگىرىكى دە‌ۋرلە‌ردە يېزىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لاردىكى بېشارە‌تلە‌ر چوقۇ‌م خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن.‏ بە‌زى مە‌زمۇ‌نلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىرقانچە قېتىم قايتا-‏قايتا ئوقۇ‌شۇ‌مغا توغرا كە‌لدى».‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىدىن خۇ‌شال بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىر قاتار بېشارە‌تلە‌رنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن توغرا ئىكە‌نلىكىگە ئۆزۈم ئېنىق كۆز يە‌تكۈزدۈم».‏

11.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ توغرىلىقىغا ئۆزىمىزنى قايىل قىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

11 خۇ‌دا سۆزىدىكى بە‌زى بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئاللىقاچان ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھازىر قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بېشارە‌تلە‌ر كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدىمىزنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر يازغان بېشارە‌تلە‌ردىن ھازىر ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقان ئىككىسىنى قىسقىچە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏ ئۇ‌لارنى چۈشىنىش دانا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

تۆمۈر بىلە‌ن سېغىز لاي ئارىلاشقان پۇ‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌تقىق قىلىڭ

12.‏ تۆمۈر بىلە‌ن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن شە‌كىللە‌نگە‌ن پۇ‌ت كىمگە ۋە‌كىللىك قىلىدۇ؟‏ (‏دانىيال 2:‏41–‏43)‏

12 دانىيال 2:‏41–‏43-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر پادىشاھ نېبۇ‌قادنىسارغا ئۆرۈپ بە‌رگە‌ن چۈشتە ھە‌يكە‌لنىڭ پۇ‌تى تۆمۈر بىلە‌ن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن شە‌كىللە‌نگە‌ن ئىدى.‏ دانىيال كىتابى ۋە ۋە‌ھىي كىتابىدىكى باشقا بېشارە‌تلە‌ر بىلە‌ن بۇ بېشارە‌تنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق،‏ شۇ پۇ‌ت بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچلىرىگە ۋە‌كىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر بۇ دۇ‌نيا كۈچى توغرۇ‌لۇ‌ق شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌م كۈچلۈك تە‌رىپى،‏ ھە‌م ئاجىز تە‌رىپى بولىدۇ».‏ نېمە ئۈچۈن ئاجىز تە‌رىپى بولىدۇ؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ لايغا ۋە‌كىللىك قىلىدىغان ئاددىي خە‌لق بۇ دۇ‌نيا كۈچىنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ دۇ‌نيا كۈچى تۆمۈرگە ئوخشاش پۈتۈنلە‌ي كۈچلۈك بولالمايدۇ.‏b

13.‏ بۇ بېشارە‌تنى چۈشىنىش قايسى مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

13 دانىيال تە‌سۋىرلىگە‌ن غايە‌ت زور ھە‌يكە‌لدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ بىرىنچى،‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شلىرىدا بە‌زى جە‌ھە‌تلە‌ردىن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى نامايان قىلىپ كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ غە‌لىبە قىلىشتا مۇ‌ھىم رول ئوينىغان.‏ بىراق،‏ بۇ دۇ‌نيا كۈچىنىڭ قۇ‌درىتى ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.‏ چۈنكى،‏ خە‌لق ئۈزلۈكسىز بىر-‏بىرى بىلە‌ن زىددىيە‌تلىشىپ،‏ ھە‌تتا دائىم ھۆكۈمە‌تلە‌رگە قارشى چىقىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ دۇ‌نيا كۈچىنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ئاجىزلاشقان ۋە بۇ ۋە‌زىيە‌ت يە‌نىلا داۋاملاشماقتا.‏ ئىككىنچى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بارلىق ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ بۇ ئىتتىپاق ئە‌ڭ ئاخىرقى دۇ‌نيا كۈچى بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏ گە‌رچە باشقا دۆلە‌تلە‌ر بە‌زىدە ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچىگە قارشى جە‌ڭ ئېلان قىلسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا ۋە‌كىللىك قىلىدىغان تاش ھە‌يكە‌لنىڭ پۇ‌تىنى ۋە‌يران قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏—‏دانىيال 2:‏34،‏ 35،‏ 44،‏ 45.‏

14.‏ تۆمۈر ۋە لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن شە‌كىللە‌نگە‌ن پۇ‌ت توغرىسىدىكى بېشارە‌تنى چۈشىنىش،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

14 دانىيال كىتابىدىكى تۆمۈر بىلە‌ن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن شە‌كىللە‌نگە‌ن پۇ‌ت توغرىسىدىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ بۇ ھايات كە‌چۈرۈش تە‌رزىڭىزگە تە‌سىر كۆرسىتىدۇ.‏ سىز بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ يوق قىلىنىدىغانلىقى بىلگە‌چكە،‏ دىققىتىڭىزنى كۆپ پۇ‌ل تېپىشقا ياكى ماددىي نە‌رسىلە‌رنى توپلاشقا قاراتمايسىز (‏لۇ‌قا 12:‏16–‏21؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏15–‏17)‏.‏ بۇ بېشارە‌تنى چۈشىنىش ۋە‌ز ئېيتىش ۋە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە خىزمىتىنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏33؛‏ 28:‏18–‏20‏)‏.‏ بۇ بېشارە‌تنى تە‌تقىق قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۆزىڭىزدىن شۇ‌نداق سوئال سوراپ كۆرۈڭ:‏ «چىقارغان قارارلىرىم خۇ‌دا پادىشاھلىقى پات-‏يېقىندا بارلىق ئىنسانىي ھاكىمىيە‌تلە‌رنى پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏»‏

شىمال پادىشاھى ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

15.‏ بۈگۈنكى كۈندە شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى كىملە‌ر؟‏ (‏دانىيال 11:‏40)‏

15 دانىيال 11:‏40-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ دانىيال كىتابى 11-‏بابتا ئىككى پادىشاھلىق تىلغا ئېلىنغان.‏ ئۇ‌لار ئە‌ڭ قۇ‌درە‌تلىك دۇ‌نيا كۈچى ئورنىغا ئۆتۈش ئۈچۈن كۈرە‌ش قىلىۋاتقان سىياسىي كۈچلە‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بۇ بېشارە‌ت بىلە‌ن باشقا بېشارە‌تلە‌رنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق،‏ شىمال پادىشاھى روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى،‏ جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچى دە‌پ بىلىۋالىمىز.‏c

1.‏ ئىلگىرى كۆرسىتىلگە‌ن بىر جۈپ ئە‌ر ئايالنىڭ قوللىرىغا كىشە‌ن سېلىنغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار ئىشە‌نچىسىنى يوقاتمىغان.‏ ئارقىدىكى كۆرۈنۈشتە،‏ روسىيە‌نىڭ ھۆكۈمە‌ت بىناسى ۋە خە‌رىتىسى كۆرسىتىلگە‌ن.‏ قوراللىق ئە‌سكە‌رلە‌ر جە‌ڭ ئايروپىلانلىرى،‏ پىلمۇ‌تلار ۋە تانكلار بىلە‌ن ھۇ‌جۇ‌م قىلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئىلگىرى كۆرسىتىلگە‌ن قېرىنداش ئىشە‌نچ بىلە‌ن تۇ‌رىۋاتىدۇ.‏ ئارقىدىكى كۆرۈنۈشتە،‏ ئامېرىكا قوشما شتاتىنىڭ ھۆكۈمە‌ت بىناسى،‏ بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتىنىڭ خە‌رىتىلىرى كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ھە‌ربىي تانكىلار،‏ ئۇ‌رۇ‌ش پاراخۇ‌تلىرى ۋە جە‌ڭ ئايروپىلانلىرى ھۇ‌جۇ‌م قىلىۋاتقاندا،‏ غە‌زە‌پلە‌نگە‌ن نامايىشچىلار يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.‏

شىمال پادىشاھى بىلە‌ن جە‌نۇ‌ب پادىشاھى توغرىسىدىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىپ،‏ ئارتۇ‌ق غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلمايمىز (‏16–‏18-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ شىمال پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جايلاردا قېرىنداشلىرىمىز قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ؟‏

16 شىمال پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جايلاردا خۇ‌دا خە‌لقى بۇ پادىشاھنىڭ بىۋاسىتە زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چراۋاتىدۇ.‏ بە‌زى ئېتىقادداشلار ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك ئۇ‌رۇ‌پ سوقۇ‌لىۋاتىدۇ ياكى تۈرمىگە تاشلىنىۋاتىدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ ئىشلار قېرىنداشلىرىمىزنى قورقۇ‌تۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىنى تېخىمۇ كۈچە‌يتمە‌كتە.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ قېرىنداشلىرىمىز دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىشى ھە‌ققىدىكى بېشارە‌تلىك سۆزلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇd (‏دانىيال 11:‏41)‏.‏ بۇ‌نى بىلىش،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ۋە ئۇ چوقۇ‌م ئۈمىدىمىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىدۇ.‏

17.‏ جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جايلاردا قېرىنداشلىرىمىز قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ؟‏

17 ئۆتمۈشتە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ھە‌م يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە بىۋاسىتە ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 20-‏ئە‌سىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلىغىنى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە بە‌زى گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ بالىلىرى شۇ سە‌ۋە‌بتىن مە‌كتە‌پتىن قوغلانغان.‏ بىراق،‏ يېقىنقى نە‌چچە ئون يىلدا جە‌نۇ‌ب پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى باشقىچە سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سايلام تە‌شۋىقاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مە‌زگىلدە،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بىر پارتىيىنى ياكى بىر نامزاتنى باشقىلارغا قارىغاندا ياخشىراق دېگە‌ن ئوي-‏پىكىر ياكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ككى،‏ پە‌قە‌ت ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزدىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئوي-‏پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزدا ھە‌م بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلىشىمىز مۇ‌ھىم.‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏18،‏ 19؛‏ 18:‏36.‏

18.‏ شىمال پادىشاھى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ دۈشمىنى ئوتتۇ‌رىسىدىكى توقۇ‌نۇ‌شقا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

18 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رگە ئىشە‌نمە‌يدىغان كىشىلە‌ر جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بىلە‌ن شىمال پادىشاھى توقۇ‌نۇ‌شقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار ئىنتايىن ئە‌نسىرە‌پ كېتىشى مۇ‌مكىن (‏دانىيال 11:‏40)‏.‏ ھە‌ر ئىككى پادىشاھلىقىنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق مە‌ۋجۇ‌داتلارنى يوق قىلالايدىغان يادرو قوراللىرى بار.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ بۇ‌نداق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏يە‌شايا 45:‏18)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ شىمال پادىشاھى بىلە‌ن جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ئوتتۇ‌رىسىدىكى دۈشمە‌نلىشىش بىزنى غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە سېلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ بۇ مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ پات-‏ئارىدا يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلايدۇ.‏

بېشارە‌تلە‌رگە داۋاملىق دىققە‌ت قىلىڭ

19.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە چوقۇ‌م نېمىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

19 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى بېشارە‌تلە‌رنىڭ قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ ھە‌تتا دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رمۇ ئۆزىنىڭ يازغانلىرىنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌نمىگە‌ن (‏دانىيال 12:‏8،‏ 9)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىر بېشارە‌تنىڭ قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى تولۇ‌ق چۈشە‌نمىسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ خۇ‌ددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش،‏ مۇ‌ۋاپىق ۋاقىت-‏سائە‌تتە بېشارە‌تلە‌رنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏—‏ئاموس 3:‏7.‏

20.‏ ھاياجانغا سالىدىغان قايسى بېشارە‌تلە‌ر پات-‏ئارىدا ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ ۋە نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

20 پات-‏ئارىدا تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىك ئېلان قىلىنىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏3)‏.‏ ئاندىن دۇ‌نيادىكى سىياسىي كۈچلە‌ر يالغان دىنغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 17:‏16،‏ 17)‏.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ (‏ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏18،‏ 19)‏.‏ مۇ‌شۇ ئىشلار ئە‌ڭ ئاخىرقى جە‌ڭ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىغا يول ئاچىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 16:‏14،‏ 16)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ بۇ ئىشلار پات-‏ئارىدا يۈز بېرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌لار يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رگە داۋاملىق دىققە‌ت قىلىپ،‏ باشقىلارنىڭمۇ شۇ‌نداق دىققە‌تچان بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌يلى.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق ئاسماندىكى مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتىمىزغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرە‌لە‌يمىز.‏

ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏

  • بېشارە‌تلە‌رنى نېمە ئۈچۈن تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • بېشارە‌تلە‌رنى قانداق تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچى ۋە روسىيە ھە‌م ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى توغرىسىدىكى قايسى بېشارە‌تلە‌ر ئاللىقاچان ئە‌مە‌لگە ئاشتى؟‏

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

a دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتى قانچىلىك ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بىزنى گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك كۈتۈپ تۇ‌رغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ بېشارە‌تلە‌رنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشىمىز كېرە‌كلىكىنىڭ بە‌زى سە‌ۋە‌بلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌نە دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر يېزىپ قالدۇ‌رغان ئىككى بېشارە‌تنى قىسقىچە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى چۈشىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى كۆرىمىز.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2012-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ن سانى،‏ «يە‌ھۋا ‹يېقىندا نېمە بولىدىغانلىقىنى› ئېچىپ بېرىدۇ» ناملىق ماقالىنىڭ 7–‏9-‏ئابزاسلىرىغا قاراڭ.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2020-‏يىل،‏ ماي سانى،‏ «بۈگۈنكى كۈندە ‹شىمال پادىشاھى› كىم؟‏» ناملىق ماقالىدىكى 3،‏ 4-‏ئابزاسلىرىغا قاراڭ.‏

d ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2020-‏يىل،‏ ماي سانىدىكى «بۈگۈنكى كۈندە ‹شىمال پادىشاھى› كىم؟‏» ناملىق ماقالىدىكى 7–‏9 ئابزاسلىرىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش