43-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا سىلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ
«[يەھۋا] سىلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، سىلەرنى تەۋرەنمەس مۇستەھكەم قىلىدۇ».—1-پېتر. 5:10.
23-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ كۈچىمىز
بۇ ماقالىدەa
1. قەدىمقى زاماندا خۇدا خىزمەتچىلىرى كۈچ-مەدەتكە قانداق ئېرىشكەن؟
خۇدانىڭ سۆزىدە دائىم ساداقەتمەن كىشىلەر چىدامچان دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ چىدامچان كىشىمۇ ھەردائىم ئۆزىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچلۈك ھېس قىلمايدۇ. مەسىلەن، بەزى ۋەزىيەتلەردە پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ خۇددى «تاغدەك مۇستەھكەم» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، ئەمما باشقا ۋەزىيەتلەردە «ۋەھىمىگە» چۈشكەن ئىدى (زەبۇر 30:7). گەرچە، شىمشون خۇدانىڭ روھىغا ئېرىشكەندە ئالاھىدە كۈچلۈك بولغانلىقىنى، ئەمما خۇدانىڭ روھىدىن ئايرىلغاندا ئاجىزلاپ، باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن (ھاكىم. 14:5، 6؛ 16:17). بۇ ساداقەتمەن كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى — يەھۋا ئۇلارنى كۈچلەندۈرگەن.
2. نېمە ئۈچۈن ئەلچى پاۋلۇس ئۆزىنى ھەم ئاجىز، ھەم كۈچلۈك دېگەن؟ (2-كورىنتلىقلار 12:9، 10)
2 ئەلچى پاۋلۇس ئۆزىنىڭمۇ يەھۋادىن كېلىدىغان كۈچ-مەدەتكە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (2-كورىنتلىقلار 12:9، 10-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇسمۇ خۇددى كۆپىنچىمىزگە ئوخشاش سالامەتلىك تەرەپتىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن (گالاتىيا. 4:13، 14). بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئىشنى قىلىش قىيىن بولغان (رىملىقلار 7:18، 19). بەزىدە ئۇ يەنە غەم-قايغۇغا پېتىپ، ئامالسىزدەك ھېس قىلغان (2-كورىنت. 1:8، 9). پاۋلۇس قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشى ئۈچۈن يەھۋا ئۇنىڭغا كۈچ-مەدەت بەرگەن.
3. بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
3 يەھۋا بىزنىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (1-پېتر. 5:10). بىراق، بىز ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان كۈچكە ئېرىشەلمەيمىز. مۇنداق مىسال قىلايلى، ماشىنىنىڭ ماتورى ئۇنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ. بىراق، شوپۇر خالىغان يەرگە بېرىش ئۈچۈن چوقۇم گاز پېدالىنى دەسسىشى كېرەك. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا بىزگە موھتاج بولغان كۈچ-قۇۋۋەتنى بېرىشكە تەييار، ئەمما بىز چوقۇم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى بېسىشىمىز كېرەك. يەھۋا بىزنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى تەمىنلىگەن؟ يەھۋادىن كەلگەن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز زۆرۈر؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈچ شەخسنى، يەنى يۇنۇس پەيغەمبەر، ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ۋە ئەلچى پاۋلۇسنى يەھۋانىڭ قانداق كۈچلەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىز يەنە يەھۋانىڭ ئوخشاش ئۇسۇلدا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خىزمەتچىلىرىنى قانداق داۋاملىق كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۆگىنىمىز.
دۇئا ۋە ئۆگىنىش بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە كۈچ بېرىدۇ
4. بىز يەھۋانىڭ كۈچىگە قانداق ئېرىشەلەيمىز؟
4 يەھۋادىن كۈچ-مەدەتكە ئېرىشەلىشىمىزنىڭ بىر يولى — دۇئادا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش. يەھۋا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرۇپ، بىزگە «ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ»نى بېرەلەيدۇ (2-كورىنت. 4:7). ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا ۋە ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغاندا، بىز كۈچلىنىمىز (زەبۇر 86:11). يەھۋانىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى سۆزلىرى كۈچلۈكتۇر (ئىبرانىي. 4:12). يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئوقۇغىنىڭىزدا بەرداشلىق بېرىش، خۇشاللىقىڭىزنى يوقاتماسلىق ياكى مۈشكۈل بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مۇھتاج بولغان كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىسىز. يەھۋانىڭ يۇنۇس پەيغەمبەرنى قانداق كۈچلەندۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلىپ باقايلى.
5. نېمە ئۈچۈن يۇنۇس پەيغەمبەر كۈچ-مەدەتكە موھتاج بولغان؟
5 يۇنۇس پەيغەمبەر كۈچ-مەدەتكە موھتاج بولغان. ئۇ يەھۋا تاپشۇرغان قىيىن ۋەزىپىدىن قېچىپ كەتكەن. نەتىجىدە، ئۇ قاتتىق بوران-چاپقۇندا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئازلا قالغان ۋە كېمىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە دۇچار قىلغان. كېمىدىكى دېڭىزچىلار ئۇنى دېڭىزغا تاشلىغاندا، ئۇنى يوغان بىر بېلىق يۇتۇۋالغان. ئۇ بېلىقنىڭ قوسىغىدا قاپقاراڭغۇ جايدا بولغان. سىزنىڭچە، يۇنۇس قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟ بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۆلۈشنى كۈتكەنمۇ؟ ئۇ يەھۋا مېنى تاشلاۋەتتى دەپ ئويلىغانمۇ؟ بەلكىم، ئۇ چوقۇم قاتتىق قورققان.
يۇنۇس پەيغەمبەرگە ئوخشاش، بىز سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە قانداق كۈچلۈك بولالايمىز؟ (6–9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
6. يۇنۇس 2:1، 2، 7-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا بولغاندا، ئۇنى نېمە كۈچلەندۈرگەن؟
6 بېلىقنىڭ قوسىقىدا يالغۇز قالغىنىدا، يۇنۇس كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ ئۇ يەھۋاغا دۇئا قىلغان (يۇنۇس 2:1، 2، 7-نى ئوقۇڭ). گەرچە يۇنۇس يەھۋاغا ئىتائەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇ يەھۋانىڭ كەمتەرلىك بىلەن توۋا قىلىپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. يۇنۇس يەنە مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئايەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ يۇنۇس كىتابى ئىككىنچى بابتا يېزىلغان دۇئادا، زەبۇر كىتابىدىكى نۇرغۇنلىغان سۆز-جۈملە ۋە ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن (مەسىلەن، يۇنۇس 2:2، 5-بىلەن زەبۇر 69:1؛ 86:7-نى سېلىشتۇرۇڭ). ناھايىتى ئېنىقكى، يۇنۇس ئاشۇ ئايەتلەرنى ياخشى بىلگەن. ئۇ قىيىن ۋەزىيەتتە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان. يەھۋا يۇنۇسنى قۇتقۇزغان. كېيىن، ئۇ يەھۋانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنلاشقا تەييار بولغان.—يۇنۇس 2:10–3:4.
7، 8. تەيۋەندە ياشايدىغان بۇرادەر قىيىن ۋەزىيەتتە يەھۋانىڭ كۈچ-مەدىتىگە قانداق ئېرىشكەن؟
7 يۇنۇسنىڭ مىسالى بىز ھەرخىل سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەندە بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، تەيۋەندىكى جى مىڭb ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ تەن-سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەھۋانىڭ خىزمەتچىسى بولغىنى ئۈچۈن، ئائىلىسىدە زوراۋانلىققا دۇچ كەلگەن. ئۇ دۇئا ۋە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق يەھۋادىن كۈچ-مەدەت ئالغان. جى مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغاندا، مەن ئىنتايىن ئەنسىرىگەن. شۇنداق چاغلاردا، ھەتتا شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزەلمىگەن». ئەمما، ئۇ بەل قويۇۋەتمىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋۋال مەن يەھۋاغا دۇئا قىلىمەن، كېيىن قۇلىقىمغا تىڭشىغۇچنى تاقاپ، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئاڭلايمەن. بەزىدە كۆڭلۈم تىنچ-خاتىرجەم بولغانغا قەدەر تۆۋەن ئاۋازدا ئەگىشىپ ئېيتىمەن. ئاندىن كېيىن، تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلايمەن».
8 شەخسىي ئۆگىنىش جى مىڭنى ئويلىمىغان يەردىن كۈچلەندۈرگەن. مەسىلەن، ئۇ بىر قېتىم چوڭ بىر ئوپېراتسىيىدىن ئەسلىگە كېلىۋاتقان ۋاقىتتا بىر سېستىرا ئۇنىڭغا قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا قان سېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئوپېراتسىيىدىن بىر كۈن بۇرۇن جى مىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئوپېراتسىيىگە چۈشكەن بىر قېرىنداشنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغان. ئۇنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسى ھەتتا جى مىڭنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن ئىدى. بىراق، ئۇ قان سېلىشنى قوبۇل قىلمىغان ۋە سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلەلىگەنىدى. بۇ قېرىنداشنىڭ مىسالى جى مىڭنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى كۈچەيتكەن.
9. ئەگەر سىناق سىزنى ئاجىزلاشتۇرغان بولسا، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
9 سىناق جەريانىدا يەھۋاغا دۇئادا ئىچ-باغرىڭىزنى تۆكۈشتىن ئەنسىرەمسىز؟ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشتىن ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلامسىز؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەھۋا سىزنىڭ ۋەزىيىتىڭىزنى تولۇق چۈشىنىدۇ. شۇڭا، سىز ئاددىي دۇئا قىلسىڭىزمۇ، ئۇ موھتاج بولغان نەرسىلىرىڭىزنى بېرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيسىز (ئەفەس. 3:20). ئەگەر جىسمانىي ئاغرىق ۋە ھېسسىي ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭىز تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ياكى ئوقۇش ئۈچۈن قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا، مۇقەددەس كىتاب ياكى ئۇنىڭغا ئاساسلانغان نەشىرى ماتېرىياللارنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇلۇشلىرىنى ئاڭلاشنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز jw.org تور بېكىتىدىن ناخشىلارنى ياكى فىلىملەرنى كۆرۈش ئارقىلىقمۇ كۈچ-مەدەتكە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. يەھۋا سىزنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ ۋە دۇئا قىلغىنىڭىزدا، ئۇ سىزگە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ. دۇئالىرىڭىزغا مۇقەددەس كىتابتىن ۋە ئۇ تەمىنلىگەن باشقا بارلىق ماتېرىياللاردىن جاۋاب تاپىسىز.
ئىمانداشلىرىڭىز سىزگە كۈچ-مەدەت بېرەلەيدۇ
10. ئىمانداشلىرىمىز بىزنى قانداق كۈچلەندۈرىدۇ؟
10 يەھۋا بىزنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىمانداشلىرىمىزنى ئىشلىتەلەيدۇ. بىز سىناققا دۇچ كەلگەندە ياكى قىيىن بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشقاندا، ئۇلار تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ (كولوسى. 4:10، 11). بىز بولۇپمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن پەيتلەردە دوستلارغا مۇھتاج بولغىنىمىزنى ھېس قىلىمىز (پەند. نە 17:17). ئۆزىمىزنى ئاجىز ھېس قىلغىنىمىزدا، قېرىنداشلىرىمىز جىسمانىي ۋە ھېسسىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، داۋاملىق بىزنى يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ باشقىلاردىن كۈچ-مەدەتكە قانداق ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
11. نېمە ئۈچۈن مەريەم كۈچ-مەدەتكە موھتاج بولغان؟
11 مەريەم يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۈچ-مەدەتكە موھتاج بولغان. ئويلاپ كۆرۈڭ، ئۇ پەرىشتە جەبرائىلدىن ئېغىر بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇ چوقۇم ئۆزىنى ئۈستىگە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەندەك ھېس قىلغان. ئۇنىڭ تېخى بالا بېقىش تەجرىبىسى يوق ئىدى، ئەمما ئۇ كېلەچەكتە مەسىھ بولىدىغان بالىغا غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك ئىدى. ھېچقاچان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولمىغان مەريەم بولغۇسى ئېرى يۈسۈپكە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟—لۇقا 1:26–33.
12. لۇقا 1:39–45-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، مەريەم كېرەكلىك كۈچكە قانداق ئېرىشكەن؟
12 مەريەم ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كېرەكلىك كۈچكە قانداق ئېرىشكەن؟ ئۇ باشقىلاردىن ياردەم سورىغان. مەسىلەن، ئۇ پەرىشتە جەبرائىلدىن بۇ ۋەزىپە توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرىشىنى سورىغان (لۇقا 1:34). شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ يەھۇدىيەنىڭ تاغلىق يېزىسىدىكى تۇغقىنى ئېلىزابېتنى يوقلاپ بارغان. نەتىجىدە، ئېلىزابېت مەريەمنى ماختىغان ۋە مۇقەددەس روھقا تولۇپ، مەريەمنىڭ قورسىقىدىكى ئوغۇل ھەققىدىكى ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان يەھۋادىن كەلگەن بېشارەتنى ئېيتىپ بەرگەن (لۇقا 1:39–45-نى ئوقۇڭ). مەريەم يەھۋانىڭ «قۇدرەتلىك قولى بىلەن كاتتا ئىشلارنى» قىلغانلىقىنى ئېيتقان (لۇقا 1:46–51). يەھۋا جەبرائىل ۋە ئېلىزابېت ئارقىلىق مەريەمنى كۈچلەندۈرگەن.
13. بولىۋىيىدە ياشايدىغان قېرىنداش ئېتىقادداشلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ قانداق بەرىكەتكە ئېرىشكەن؟
13 مەريەمگە ئوخشاش، سىزمۇ ئىمانداشلاردىن كۈچ-مەدەتكە ئېرىشەلەيسىز. بولىۋىيىدە ياشايدىغان داسۇرى شۇنداق كۈچ-مەدەتكە مۇھتاج بولغان. ئۇنىڭ دادىسى ئىنتايىن ئېغىر كېسەل بولغان ۋە كېسىلىگە داۋا يوق ئىدى. دادىسى دوختۇرخانىدا ياتقاندا، داسۇرى ئۇنىڭ يېنىدا بولۇپ، كۆپرەك خەۋەر ئېلىشنى خالىغان (1-تىموت. 5:4). بۇ دائىم ئاسان بولمىغان. ئۇ شۇنى ئېتىراپ قىلغان: «نۇرغۇن قېتىم ئۆزۈمنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم». ئۇ دەسلەپتە ياردەم سورىمىغان. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئېتىقادداشلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمىدىم. چۈنكى، مەن موھتاج بولغان ياردەمنى يەھۋا بېرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما، كېيىنچە باشقىلاردىن ئۆزۈمنى يىراقلاشتۇرۇپ، بۇ قىيىنچىلىقلارنى يالغۇز ھەل قىلماقچى بولغانلىقىمنى كۆرۈپ يەتتىم» (پەند. نە 18:1). داسۇرى بىر قانچە دوستلىرىغا ئۇچۇر يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشنى قارار قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قەدىرلىك قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا قانچىلىك كۈچ-مەدەت بەرگەنلىكىنى سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئۇلار دوختۇرخانىغا تاماق ئېلىپ كەلدى ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بىلەن ماڭا تەسەللى بەردى. ئۆزىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلىش ھەقىقەتەن كىشىنىڭ قەلبىنى خۇشال قىلىدۇ. بىز يەھۋانىڭ چوڭ بىر ئائىلىسىگە تەۋە، يەنى بۇ بىزگە ياردەم بېرىش، سىز بىلەن بىللە يىغلاش ۋە كۈرەش قىلىشقا ھەرقاچان تەييار تۇرغان ئائىلە».
14. نېمە ئۈچۈن بىز ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك؟
14 يەھۋا يەنە بىر يول بىلەن، يەنى ئاقساقاللار ئارقىلىق بىزگە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ. ئۇلار يەھۋا بىزنى كۈچلەندۈرۈش ۋە تەسەللى تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھەدىيەلەردۇر (يەشايا 32:1، 2). شۇڭا، غەم-قايغۇغا پاتقاندا، غەم-ئەندىشىلىرىڭىزنى ئاقساقاللارغا ئېيتىڭ. ئۇلار سىزگە ياردەم بەرگەندە، ياردىمىنى مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ. يەھۋا ئاقساقاللار ئارقىلىق سىزنى كۈچلەندۈرەلەيدۇ.
كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىڭىز سىزنى كۈچلەندۈرەلەيدۇ
15. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسى قايسى ئۈمىدنى قەدىرلەيدۇ؟
15 مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلەر بىزگە ئۈمىد بېرەلەيدۇ ۋە داۋاملىق ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ (رىملىقلار 4:3، 18–20). بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئاسماندا مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار. كۆپىنچىلىرىنىڭ يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار. ئۈمىدىمىز بىزنى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋە جامائەتتىكى ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۈچلەندۈرىدۇ (1-سالونىكا. 1:3). ئەلچى پاۋلۇسنىمۇ ئاشۇ ئۈمىد كۈچلەندۈرگەن ئىدى.
16. نېمىشقا ئەلچى پاۋلۇس كۈچ-مەدەتكە موھتاج بولغان ئىدى؟
16 پاۋلۇس كۈچ-مەدەتكە موھتاج بولغان ئىدى. ئۇ كورىنتلىقلارغا يازغان خېتىدە ئۆزىنى نازۇك ساپال قاچا بىلەن سېلىشتۇرغان ئىدى. ئۇ قاتتىق قىسىلغان، گاڭگىراپ تەمتىرىگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە يىقىتىلغان، ھەتتا ھاياتى خەتەر ئىچىدە قالغان (2-كورىنت. 4:8–10). پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەز قىلىش سەپىرىدە يازغان. ئۇ بەلكىم يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ توپىلاڭچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، قولغا ئېلىنىش ياكى دېڭىزدا كېمە ئاپىتى ياكى زىندانغا تاشلىنىشتەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىدى.
17. 2-كورىنتلىقلار 4:16–18-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە پاۋلۇسنى نېمە كۈچلەندۈرگەن؟
17 پاۋلۇس دىققىتىنى ئۆز ئۈمىدىگە قاراتقاچ، ئاشۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش كۈچ-قۇۋىتىگە ئېرىشكەن (2-كورىنتلىقلار 4:16–18-ئوقۇڭ). ئۇ كورىنتلىقلارغا ئۆزىنىڭ جىسمانىي تېنى «خاراب بولسىمۇ»، بۇ ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. پاۋلۇس كېلەچىكىگە كۆز تىككەن. ئۇ ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىنى ئالاھىدە قەدىرلىگەچ، ئۆز مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرۈشكە رازى بولغان. پاۋلۇس ئۆز ئۈمىدى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغان، نەتىجىدە ئۇ ‹كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانغاندەك› ھېس قىلغان.
18. تىخومىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئۈمىد قانداق كۈچلەندۈرگەن؟
18 بۇلغارىيىدە ياشايدىغان بۇرادەر تىخومىر ئۈمىدى ئارقىلىق كۈچ-مەدەتكە ئېرىشكەن. بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىنىسى زىدراۋكو بىر ھادىسىدە قازا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، تىخومىر بىر مەزگىل قاتتىق قايغۇ-ھەسرەت چېكىپ قىينالغان. ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇ قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كېلەچەكتە تىرىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەسىلەن، بىز زىدراۋكو بىلەن قەيەردە كۆرۈشىدىغانلىقىمىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن قانداق تاماق تەييارلايدىغانلىقىمىز، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرىنچى ئولتۇرۇشقا كىملەرنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇلارغا ئاخىرقى كۈنلەر ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز». تىخومىر، ئائىلىسى دىققىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدىگە قارىتىش ئارقىلىق داۋاملىق بەرداشلىق بېرىش ۋە يەھۋانىڭ ئىنىسىنى تىرىلدۈرىدىغان ۋاقىتنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈش ئۈچۈن كېرەكلىك كۈچ-مەدەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
يېڭى دۇنيادىكى ھاياتنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىسىز؟ (19-ئابزاسقا قاراڭ)c
19. سىز ئۆز ئۈمىدىڭىزنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
19 ئۈمىدىڭىزنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟ مەسىلەن، يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىڭىز بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى جەننەت تەسۋىرلەنگەن ئۈزۈندىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ ۋە ئۇلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ (يەشايا 25:8؛ 32:16–18). يېڭى دۇنيادا ھايات قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلاڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. كىمنى كۆرىسىز، قانداق ئاۋازلارنى ئاڭلايسىز، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟ كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەن تەسۋىرلەرنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن نەشىرى ماتېرىياللاردىمىزدىكى جەننەت تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرگە قاراڭ ياكى مۇزىكىلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ. ئەگەر يېڭى دۇنيادا ياشاش ئۈمىدىنى مەھكەم ئەستە ساقلىساق، قىيىنچىلىقلىرىمىز «بىردەملىك ۋە يېنىك» بولىدۇ (2-كورىنت. 4:17). يەھۋا بەرگەن شۇ ئۈمىد ئارقىلىق سىزنى كۈچلەندۈرىدۇ.
20. بىز ئۆزىمىزنى ئاجىز ھېس قىلساق، كۈچكە قانداق ئېرىشەلەيمىز؟
20 ھەتتا ئۆزىمىزنى ئاجىز ھېس قىلغاندا، بىز خۇدادىن كۈچ ئالىمىز (زەبۇر 108:13). يەھۋا ئۇنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىشىڭىز ئۈچۈن ئاللىقاچان ئېھتىياجلىرىڭىزنى تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ۋەزىپىنى ئورۇنلاش، سىناققا بەرداشلىق بېرىش ياكى خۇشاللىقىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياردەمگە موھتاج بولغاندا، چىن قەلبىڭىزدىن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭ ۋە شەخسىي ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن كېلىدىغان كۆرسەتمىلەرنى ئىزدەڭ. ئىمانداشلاردىن كەلگەن ئىلھام-مەدەتنى قوبۇل قىلىڭ. دائىم ۋاقىت چىقىرىپ، كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. شۇنداق قىلغىنىڭىزدا، «سەۋرچانلىق ۋە خۇشاللىق بىلەن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۈيۈك كۈچ-قۇدىتى سىلەرنى كۈچلەندۈرسۇن».—كولوسى. 1:11.
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
a بۇ ماقالە چىدىغۇسىز سىناققا دۇچ كەلگەندەك ھېس قىلغان ياكى يەھۋا بەرگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاش قىيىن بولۇپ كۆرۈنگەن قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا بىزنى كۈچلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ياردىمىنى قانداق قوبۇل قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c سۈرەتتە. قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان قېرىنداش مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلەر توغرىسىدا ئويلايدۇ ۋە مۇزىكىلىق فىلىمنى كۆرۈپ، يېڭى دۇنيادا ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ.