كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 3-‏8 ب.‏
  • سىز سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • سە‌ۋر-‏تاقە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏
  • سە‌ۋر-‏تاقە‌تنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىلىرى
  • بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
  • داۋاملىق سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • سىز يە‌ھۋانى كۈتۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • يە‌ھۋانى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈپ خۇ‌شاللىقنى ساقلايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان شە‌ھە‌رنى كۈتۈۋاتامسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 3-‏8 ب.‏
موُقه‌دده‌س كىتاب زامانىدىكی دېهقان ئېتىزغا قاراۋاتىدوُ

سىز سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏

‏«شۇ‌نىڭدە‌ك سىلە‌رمۇ سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىڭلار» (‏ياقۇ‌پ 5:‏8)‏.‏

ناخشىلار:‏ 35،‏ 139

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • سە‌ۋرچان بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

  • قە‌دىمدە ياشىغان سادىق ئە‌ر ۋە ئاياللارغا يە‌ھۋانى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ كۈتۈشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ بىز نېمىشقا «قاچانغىچە؟‏» دە‌پ سورىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ ئە)‏ نېمىشقا خۇ‌دانىڭ قە‌دىمدىكى سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ؟‏

‏«قاچانغىچە؟‏»،‏ بۇ سوئالنى يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغان يە‌شايا ۋە ھاباقۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر قويغان (‏يە‌شايا 6:‏11؛‏ ھاباككۇ‌ك 1:‏2)‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ زە‌بۇ‌ر كىتابىنىڭ 13-‏بابىنى يازغاندا،‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش سوئالنى تۆت قېتىم قويغان (‏زە‌بۇ‌ر 13:‏ 1،‏ 2)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھمۇ ئېتىقادسىزلارنىڭ ئارىسىدا بولغاندا،‏ «سىلە‌ر بىلە‌ن يە‌نە قانچىلىك بولۇ‌مە‌ن،‏ ھە؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان (‏مە‌تتا 17:‏17‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزدىمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش سوئال پە‌يدا بولىدىغاندۇ.‏

2 بۇ‌نىڭغا نېمە سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ بە‌لكىم،‏ بىز قانداقتۇ بىر ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چرىغاندىمىز.‏ كېسە‌ل ياكى قېرىلىق سە‌ۋە‌بلىك قىيىنىلىۋاتقان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ «ئادە‌تتىن تاشقىرى قىيىن ۋاقىتلاردا» ھايات كە‌چۈرۈۋاتقانلىقتىن،‏ پات-‏پات بېسىم ئاستىدا بولىدىغاندىمىز (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1)‏.‏ ياكى ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ ناتوغرا كۆزقارىشى بىزنى چارچىتىپ ھالىمىزنى قويماسلىقى ئېھتىمال.‏ مە‌زكۈر سوئالنى قويۇ‌شىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بى نېمە بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۆز ۋاقتىدا مۇ‌نداق سورىغان قە‌دىمقى سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى يە‌ھۋانىڭ ئە‌يىبلىمىگە‌نلىكى بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏

3.‏ قىيىن ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

3 بە‌داشلىق بېرىش قىيىن ئە‌ھۋالدا،‏ بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئە‌يسانىڭ قېرىندىشى ياقۇ‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن:‏ «قېرىنداشلىرىم،‏ ھاكىمدارىمىزنىڭ ھازىرلىنىشىغىچە چىداملىق كۆرسىتىڭلار» (‏ياقۇ‌پ 5:‏7)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھە‌رقايسىمىزغا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌ش كېرە‌ك.‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت دېگە‌ن نېمە ۋە بۇ گۆزە‌ل پە‌زىلە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

سە‌ۋر-‏تاقە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

4،‏ 5.‏ ئا)‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت دېگە‌ن نېمە ۋە بىز قانداقلارچە سە‌ۋرچان بولالايمىز؟‏ ئە)‏ ياقۇ‌پ سە‌ۋرچان بولۇ‌شنى مىسال بىلە‌ن قانداق چۈشە‌ندۈردى؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ بىر مېۋىسى.‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمىسىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌ر بە‌ك قىيىن ئە‌ھۋالدا بۇ خىسلە‌تنى كۆرسىتە‌لمە‌يدۇ.‏ سە‌ۋرچانلىق —‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن سوۋغا ۋە بۇ خىسلە‌تنى كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلە‌يمىز.‏ ئە‌مما سە‌ۋر-‏تاقە‌تسىز بولساق،‏ ئارىمىزدىكى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت سوۋۇ‌پ كېتىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4؛‏ گالاتىلىقلارغا 5:‏22)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاپ،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ (‏كولوسىلىقلارغا 1:‏11؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏3،‏ 4)‏.‏ بېشىمىزغا كۈن چۈشكە‌ندە،‏ بۇ خىسلە‌ت يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بىزگە قارشى گۇ‌ناھ قىلىنغاندا،‏ ئۆچ ئېلىشتىن ساقلايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى تە‌ييارلىق بىلە‌ن كۈتۈشكە ئۈندە‌يدۇ.‏ بۇ مۇ‌ھىم ساۋاقنى ياقۇ‌پ 5:‏7،‏ 8دىن (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ بىلىمىز.‏

5 نېمىشقا يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىنى ئورۇ‌نلايدىغان چاغنى كۈتۈشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە‌لچى ياقۇ‌پ بىزنىڭ ئە‌ھۋالىمىزنى دېھقاننىڭكى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ گە‌رچە دېھقان زىرائە‌تنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئىشلىسىمۇ،‏ ئۇ ھاۋا-‏رايىنى ياكى ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى باشقۇ‌رالمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا «يە‌رنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى» سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈش ھاجە‌ت.‏ (‏ماركۇ‌س 13:‏32،‏ 33؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 1:‏7)‏.‏ دېھقانغا ئوخشاش بىزمۇ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتىشىمىز كېرە‌ك.‏

6.‏ مىكا پە‌يغە‌مبە‌ردىن قانداق ئۈلگە ئالساق بولىدۇ؟‏

6 مىكا پە‌يغە‌مبە‌ر دە‌ل بىزنىڭ كۈنلىرىمىزدىكىدە‌ك قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ ئاھاز پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا ياشىغان.‏ ئاھاز ناھايىتى رە‌زىل پادىشاھ بولغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ خە‌لق ئىنتايىن چىرىكلە‌شكە‌ن ئىدى.‏ ۋە‌زىيە‌ت شۇ‌نداق يامان بولغانكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌لارنىڭ «ئىككى قولى رە‌زىللىككە تە‌ييارلانغانلىقى» يېزىلغان ‏(‏مىكا 7:‏1—‏3نى ئوقۇ‌ڭ.‏)‏ مىكا بۇ ئە‌ھۋالنى ھېچ ئۆزگە‌رتە‌لمە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ شۇ چاغدا ئۇ نېمە قىلالايتى؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بولسام،‏ پە‌رۋە‌ردىگارغا قاراپ ئۈمۈت باغلايمە‌ن،‏ نىجاتىمنى بە‌رگۈچى خۇ‌دانى كۈتىمە‌ن،‏ مېنىڭ خۇ‌دايىم مېنى ئاڭلايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مىكا 7:‏7)‏.‏ مىكا پە‌يغە‌مبە‌ردىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ بىزمۇ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن يە‌ھۋانى كۈتىشىمىز كېرە‌ك.‏

7.‏ نېمىشقا بىزدىن يە‌ھۋانىڭ ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغان ۋاقتنى كۈتۈشتىن كۆپىرە‌ك نە‌رسە تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ؟‏

7 مىكا پە‌يغە‌مبە‌ردە‌ك ئىشە‌نچىمىز بولسا،‏ بىز يە‌ھۋانى كۈتۈشكە تە‌ييار بولىمىز.‏ بىزنىڭ ۋە‌زىيىتىمىز ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاۋاتقان مە‌ھبۇ‌سنىڭ ۋە‌زىيىتىگە ئوخشىمايدۇ.‏ ئۇ شۇ كۈننى كۈتۈشكە مە‌جبۇ‌ر،‏ بىراق ئۇ‌نىڭ تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتمە‌يدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.‏ ئە‌مما بىزنىڭ ۋە‌زىيىتىمىز تامامە‌ن باشقىچە!‏ بىز يە‌ھۋانى تە‌شنالىق بىلە‌ن كۈتىمىز.‏ چۈنكى ئۇ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە مە‌ڭگۈ ھايات سوۋغا قىلىمە‌ن،‏ دېگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىغىنى بىلىمىز.‏ ھە،‏ بىز «ئاخىرىغىچە تۇ‌رۇ‌پ قېلىشقا ھە‌م خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن ئۇ‌زاق سە‌ۋىرچان» بولۇ‌پ كۈتىمىز (‏كولوسىلىقلارغا 1:‏11،‏ 12)‏.‏ شۇ كۈتكە‌ن چاغدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمىشقا كېچىكىۋاتىدۇ،‏ دە‌پ نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن پە‌خە‌س بولىمىز.‏ ئە‌گە‌ر نارازىلىق بىلدۈرىدىغان بولساق،‏ ئۇ‌نىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشە‌لمە‌يمىز (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏12)‏.‏

سە‌ۋر-‏تاقە‌تنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىلىرى

8.‏ قە‌دىمدە ياشىغان سادىق ئادە‌ملە‌ردىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

8 كۈتۈشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىنىڭ ئورۇ‌نلىشىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتكە‌ن قە‌دىمدىكى سادىق ئە‌رلە‌ر بىلە‌ن ئاياللارنىڭ ئۈلگىلىرى ھە‌ققىدە ئويلانساق بولىدۇ (‏رىملىقلارغا 15:‏4)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ قانچىلىك ئۇ‌زۇ‌ن ساقلاشقا توغرا كە‌لگىنى،‏ نېمىشقا كۈتۈشكە تە‌ييار بولغانلىقى ۋە سە‌ۋر-‏تاقىتى ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا قانداق بە‌رىكە‌ت بە‌رگە‌نلىگى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلسىڭىز بولىدۇ.‏

ئىبراهىمنىڭ يېنىدا ئىسهاق بىله‌ن ره‌به‌قا ۋه نه‌ۋرىلىری ئه‌ساۋ بىله‌ن ياقوُپ

ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە نە‌ۋرىلىرى ئە‌ساۋ بىلە‌ن ياقۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لغىچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت كۈتۈش كېرە‌ك ئىدى (‏9،‏ 10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

9،‏ 10.‏ ئىبراھىم بىلە‌ن سارە يە‌ھۋا خۇ‌دانى قانچىلىك ئۇ‌زۇ‌ن كۈتكە‌ن؟‏

9 ئىبراھىم بىلە‌ن سارە‌نىڭ مىسالىنى قاراشتۇ‌رايلى.‏ ئۇ‌لار «ئېتىقادى ھە‌م سە‌ۋرچانلىقى بىلە‌ن ۋە‌دىلە‌رگە مىراسخور بولغان».‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ «ئىبراھىم سە‌رچانلىق كۆرسە‌تكە‌ندىن كېيىن» يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا بە‌رىكە‌ت تۆكۈدىغانلىغىنى ۋە ئۇ‌نىڭدىن چوڭ بىر خە‌لقنىڭ پە‌يدا بولىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏12،‏ 15)‏.‏ نېمىشقا ئىبراھىمغا سە‌ۋىر-‏تاقە‌ت ھاجە‌ت بولغان؟‏ سە‌ۋە‌بى خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىسى ئورۇ‌نلىنىدىغان ۋاقىتقىچە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏ م.‏ئى.‏ 1943-‏يىلىنىڭ 14-‏نىسان كۈنىدە ئىبراھىم بىلە‌ن سارە ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر ھە‌ممىسى فىرات دە‌رياسىدىن ئۆتۈپ،‏ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىردى.‏ لېكىن،‏ ئىبراھىمغا ئوغلى ئىسھاق دۇ‌نياغا كە‌لگىچە 25 يىل،‏ نە‌ۋرىلىرى ئە‌ساۋ بىلە‌ن ياقۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لغىچە يە‌نە 60 يىل كۈتۈشكە توغرا كە‌لگە‌ن (‏ئىبرانىيلارغا 11:‏9)‏.‏

10 ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە‌دە قىلىنغان زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ئالدى؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ «ئۇ‌نىڭغا بۇ يە‌ردىن ھە‌تتا بىر غېرىچ كە‌ڭلىگىدە ھېچقانداق مىراسلىق جاي بە‌رمىدى،‏ لېكىن ئۇ يە‌رنى ئۇ‌نىڭغا،‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن ئە‌ۋلادىغا،‏ گە‌رچە ئۇ چاغدا ئۇ‌نىڭ پە‌رزە‌نتلىرى بولمىسىمۇ،‏ ئىگە بولۇ‌شقا ۋە‌دە بە‌رگە‌نلىگى يېزىلغان» (‏ئە‌لچىلە‌ر 7:‏5)‏.‏ ئىبراھىم پە‌قە‌ت 430 يىلدىن كېيىن فىرات دە‌رياسىدىن ئۆتۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادلىرى شۇ زېمىندا ياشايدىغان بىر خە‌لقكە ئايلاندى (‏چىقىش 12:‏40—‏42؛‏ گالاتىلىقلارغا 3:‏17)‏.‏

11.‏ نېمىشقا ئىبراھىم كۈتۈشكە تە‌ييار بولغان ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتى؟‏

11 ئىبراھىم يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ چوقۇ‌م سۆزىدە تۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلگە‌چكە،‏ ئۇ‌نى كۈتۈشكە تە‌ييار بولغان.‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌ن ‏(‏ئىبرانىيلارغا 11:‏8—‏12نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئىبراھىم خۇ‌دا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرمىسىمۇ،‏ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتكە‌ن.‏ ئە‌مما ئىبراھىم يە‌ردىكى جە‌ننە‌تتە قايتا ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلگە‌ندە،‏ قانچىلىك خوشال بولىدىغانلىقىنى بىر تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭە!‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھاياتى ھە‌ققىدە ئوقۇ‌غاندا،‏ ھە‌يران قالىدىغاندۇa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ خۇ‌دانىڭ ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىرادىسىدە ئە‌ھمىيە‌تلىك رولغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ قانچىلىك شاد-‏خوراملىققا چۆمىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈڭ!‏ ئۇ‌نىڭ بۇ بە‌رىكە‌تلە‌رنى كۈتۈشكە ئە‌رزىيدىغان بىر ئىش بولدى،‏ دە‌پ ئويلايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

12،‏ 13.‏ نېمىشقا يۈسۈپكە سە‌ۋرچان بولۇ‌ش كېرە‌ك ئىدى ۋە ئۇ قانداقلارچە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلىغان؟‏

12 ئىبراھىمنىڭ چە‌ۋرىسى يۈسۈپمۇ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە تە‌ييار بولدى.‏ ئۇ قە‌بىھ ئادالە‌تسىزلىكنىڭ قۇ‌ربانى بولدى.‏ ئاۋۋال،‏ ئۇ تە‌خمىنە‌ن 17 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ قېرىنداشلىرى ئۇ‌نى قۇ‌للۇ‌ققا سېتىۋە‌تتى،‏ كېيىن ئۇ‌نىڭغا خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ نومۇ‌سىغا تە‌گمە‌كچى بولدى،‏ دە‌پ قارا چاپلىنىپ زىندانغا تاشلانغانىدى (‏يارىتىلىش 39:‏11—‏20؛‏ زە‌بۇ‌ر 105:‏17،‏ 18)‏.‏ خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىسى سۈپىتىدە،‏ بە‌رىكە‌تكە ئىگە بولۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ جازالانغان.‏ ئە‌مما 13 يىلدىن كېيىن ھە‌ممىسى ئۆزگە‌ردى.‏ يۈسۈپ زىنداندىن ئازات قىلىنىپ،‏ مىسىرنىڭ ئىككىنچى ئە‌ڭ يۇ‌قىرى ئە‌مە‌لدارى بولدى (‏يارىتىلىش 41:‏14،‏ 37—‏43؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 7:‏9،‏ 10)‏.‏

يۈسۈپ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممىنى ئۆزى باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ بە‌رىكە‌تلىرى ھە‌قىقە‌تە‌ن كۈتۈشكە لايىق ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن

13 مۇ‌نداق ئادالە‌تسىزلىك تۈپە‌يلىدىن ئۇ غە‌زە‌پلىنىپ كە‌تتىمۇ؟‏ ئۇ ئۆزىنى يە‌ھۋا تاشلاپ كە‌تكە‌ندە‌ك ھىس قىلدىمۇ؟‏ ياق.‏ يۈسۈپ سە‌ۋىر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭغا نېمە ياردە‌م بە‌ردى؟‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچ.‏ يۈسۈپ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممىنى ئۆزى باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ قېرىنداشلىرىغا ئېيتقان مۇ‌نۇ سۆزلىرىدىن كۆرىنىدۇ:‏ «قورقماڭلار،‏ مە‌ن خۇ‌دامىدىم؟‏ سىلە‌ر ماڭا قارشى يامان نىيە‌ت قىلغاندىڭلار،‏ لېكىن خۇ‌دا ئۆزۈڭلار ھازىر كۆرۈۋاتقاندە‌ك،‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،‏ بۇ‌نى ياخشىلىققا ئايلاندۇ‌ردى» (‏يارىتىلىش 50:‏19،‏ 20)‏.‏ يۈسۈپ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرى ھە‌قىقە‌تە‌ن كۈتۈشكە لايىق ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏

14،‏ 15.‏ ئا)‏ نېمىشقا داۋۇ‌تنىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتى ھە‌يران قالدۇ‌رىدۇ؟‏ ئە)‏ داۋۇ‌تقا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈشكە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

14 داۋۇ‌ت پادىشاھمۇ كۆپ ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چرىغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە مايلىغان.‏ لېكىن ئۇ ھە‌تتا ئۆز قە‌بىلىسىدە پادىشاھ بولۇ‌پ تاللانغانغىچە 15 يىل كۈتۈشكە توغرا كە‌لگە‌ن (‏سامۇىلنىڭ 2-‏يازمىسى 2:‏3،‏ 4)‏.‏ شۇ يىللار داۋامىدا ئۇ سائۇ‌ل پادىشاھدىن قېچىپ،‏ يوشۇ‌رۇ‌نۇ‌پ يۈرۈشكە مە‌جبۇ‌ر بولغان،‏ چۈنكى شاۇ‌ل ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغانىدىb (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌نىڭ ئۆز ئۆيىمۇ بولمىغان.‏ ئۇ يات دۆلە‌تتە ياشاپ،‏ چۆلدىكى ئۆڭكۈرلە‌ردە تۇ‌رغان.‏ ئاخىرىدا،‏ سائۇ‌ل ئۇ‌رۇ‌شتا ھالاك بولسىمۇ،‏ داۋۇ‌ت پۈتكۈل ئىسرائىل خە‌لقىگە پادىشاھ بولۇ‌ش ئۈچۈن يە‌نە يە‌تتە يىل كۈتكە‌ن (‏سامۇىلنىڭ 2-‏يازمىسى 5:‏4،‏ 5)‏.‏

15 داۋۇ‌ت نېمىشقا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە تە‌ييار بولغان؟‏ بۇ‌نىڭ جاۋابىنى ئۇ «قاچانغىچە؟‏» دە‌پ تۆت قېتىم سورىغان زە‌بۇ‌رنىڭ 13-‏بابىدا يازغان.‏ داۋۇ‌ت مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن بولسام،‏ سېنىڭ ئۆزگە‌رمە‌س مۇ‌ھە‌ببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇ‌ردۇ‌م،‏ يۈرۈكۈم سېنىڭ نىجاتىڭدا شاتلىنىدۇ،‏ مە‌ن پە‌رۋە‌ردىگارغا ناخشا ئېيتىمە‌ن،‏ چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسە‌تتى» (‏زە‌بۇ‌ر 13:‏5،‏ 6)‏.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌رۇ‌ن ئۆزىگە قانداقلارچە ياردە‌م قولىنى بە‌رگىنى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغان ھە‌م قىيىنچىلىقلىرىنى يوق قىلىدىغان ۋاقىتنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتكە‌ن.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرى ھە‌قىقە‌تە‌ن كۈتۈشكە ئە‌رزىدىيغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏

يە‌ھۋا ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان نە‌رسىلە‌رنى بىزدىن قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ

16،‏ 17.‏ قانداقلارچە يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ كۈتۈشكە تە‌ييار بولۇ‌شنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تتى؟‏

16 يە‌ھۋا ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان نە‌رسىلە‌رنى بىزدىن قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈشنىڭ ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تتى ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏9نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نە‌چچە مىڭ يىللار بۇ‌رۇ‌ن ئېرە‌م بېغىدا شە‌يتان يە‌ھۋاغا قارا چاپلاپ،‏ ئۇ‌نى ئادالە‌تسىز دە‌پ ئاتىغانىدى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن يە‌ھۋا ئۆز ئىسمىنىڭ پۈتۈنلە‌ي مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىدىغان چاغنى «سە‌ۋىر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتىدۇ».‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسىدە ئۇ‌نى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئاجايىپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ (‏يە‌شايا 30:‏18،‏ ئىزاھات)‏.‏

17 ئە‌يسا مە‌سىھمۇ كۈتۈشكە تە‌ييار بولغان.‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ تاكى ئۆلگىچە سادىق بولۇ‌پ قالغان.‏ مىلادى 33-‏يىلى ئە‌يسا ئاسماندا قۇ‌ربانلىقنىڭ ھە‌ققىنى يە‌ھۋاغا بە‌ردى.‏ لېكىن،‏ ئۇ 1914-‏يىل ھۆكۈمرانلىقىنى باشلايدىغان ۋاقىت كە‌لگىچە كۈتۈش كېرە‌ك بولدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 2:‏33—‏35؛‏ ئىبرانىيلارغا 10:‏12،‏ 13)‏.‏ شۇ‌نداقلا ھە‌م،‏ ئە‌يسا مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى پۈتكىچە ھە‌ممە دۈشمە‌نلىرىنىڭ مە‌غلۇ‌پ بولىدىغان ۋاقىتنى يە‌نە كۈتۈش كېرە‌ك (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏25)‏.‏ بۇ راستىنلا ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرى كۈتۈشكە ئە‌رزىيدۇ!‏

بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18،‏ 19.‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە تە‌ييار بولۇ‌شقا بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 يە‌ھۋا بىزنىڭ سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىپ كۈتۈشكە تە‌ييار بولغانلىقىمىزنى خالايدۇ.‏ بۇ جە‌ھە‌تتە بىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ خۇ‌دادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌ك.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 3:‏16؛‏ 6:‏18؛‏ سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏17—‏19)‏.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن يالۋۇ‌رۇ‌پ ياردە‌م سوراڭ!‏

19 ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە،‏ يۈسۈپكە ۋە داۋۇ‌ت پادىشاغا يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈشكە نېمىنىڭ ياردە‌م بە‌رگىنىنى ھە‌م ئە‌ستىن چىقارمايلى.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا تايانغانىدى.‏ ئۇ‌لار ئوي-‏خىيالىنى ئۆزلىرى ياكى ئارزۇ-‏ئارمانلىرىغا مە‌ركە‌زلە‌شتۈرمىگە‌نىدى.‏ شۇ كىشىلە‌رنىڭ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌نلىگى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن تە‌ييار بولالايمىز.‏

20.‏ بىز نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

20 بۈگۈنكى كۈندە بىز قىيىنچىلىقلار ۋە سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقان بولساقمۇ،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە بە‌ل باغلىدۇ‌ق.‏ راست،‏ بە‌زىدە بىز يە‌ھۋادىن:‏ «بۇ ئە‌ھۋال قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىشىمىز مۇ‌مكىن (‏يە‌شايا 6:‏11)‏.‏ بىراق خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن بىز يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌نۇ سۆزلىرىگە قوشۇ‌لالايمىز:‏ يە‌ھۋا «مېنىڭ نېسىۋە‌مدۇ‌ر،‏ شۇ‌ڭا مە‌ن ئۇ‌نىڭغا ئۈمۈت باغلايمە‌ن» (‏يە‌رە‌مىيانىڭ يىغىسى 3:‏21،‏ 24)‏.‏

a يارىتىلىش كىتابىنىڭ تە‌خمىنە‌ن 15 بابى ئىبراھىمنىڭ ھاياتىنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداقلا گرېك يازمىلارنىڭ يازغۇ‌چىلىرى ئىبراھىمنى 70تىن ئوشۇ‌ق قېتىم تىلغا ئالىدۇ.‏

b سائۇ‌ل ئىككى يىلدىن ئوشۇ‌ق ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن يە‌ھۋا ئۇ‌نى رە‌ت قىلغان بولسىمۇ،‏ ئۇ سائۇ‌ل ئۆلگىچە يە‌نە 38 يىل پادىشاھ بولۇ‌شىغا يول قويغان (‏سامۇىلنىڭ 1-‏يازمىسى 13:‏1؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 13:‏21)‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش