كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 9-‏14 ب.‏
  • ‏«ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقى»‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ‏«ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقى»‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ‏«ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن»‏
  • ‏«ھېچنە‌رسىدىن ئە‌ندىشە قىلماڭلار»‏
  • يە‌ھۋانىڭ ئادە‌م كۈتمىگە‌ننى قىلغان چاغلىرى
  • ئۇ يۈرە‌كلىرىمىز بىلە‌ن ئە‌قىللىرىمىزنى ساقلايدۇ
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 9-‏14 ب.‏
پوُتلىری كىشه‌نله‌نگه‌ن پاۋلوُس بىله‌ن سىس توٰرمىگه تاشلاندی

‏«ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقى»‏

‏«ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقى يۈرە‌كلىرىڭلارنى ھە‌م ئە‌قىللىرىڭلارنى مە‌سىھ ئە‌يسادا ساقلايدۇ» (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏7)‏.‏

ناخشىلار:‏ 39،‏ 141

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • فىلىپى شە‌ھىرىدە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قانداق ئىشقا دۈچ كە‌لگە‌ن،‏ شۇ ۋە‌قە‌دىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى مىساللار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىز كۈتمىگە‌ن ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ؟‏

  • قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندىمۇ قانداقلارچە «تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

1،‏ 2.‏ فىلىپىدە پاۋلۇ‌س ۋە سىلاس بىلە‌ن نېمە ئىشقا دۇ‌چ كە‌لدى؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

مۇ‌نداق بىر ۋە‌زىيە‌تنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ يېرىم كېچىدە پاۋلۇ‌س ۋە سىلاس دېگە‌ن ئىككى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى فىلىپى شە‌ھىرىدىكى بىر تۈرمىنىڭ ئە‌ڭ قاراڭغۇ يېرىدە ئولتارماقتا.‏ پۇ‌تلىرى كىشە‌نلە‌نگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا مىدىرلىيالمايدۇ ۋە دۈمبىسى قامچىلانغانلىقتىن قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏23،‏ 24)‏.‏ شۇ كۈنى كۈندۈزى بىر توپ ئادە‌م پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسنى بازار مە‌يدانىدىكى باشلىقلارنىڭ ئالدىغا سۆرە‌پ ئېلىپ باردى.‏ ئۇ يە‌ردە ئۇ‌لار سوتلاندى.‏ كىشىلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ كىيىم-‏كىچە‌كلىرىنى تارتىپ سالدۇ‌رۇ‌پ،‏ كالتە‌ك بىلە‌ن دۇ‌مبالاندى بۇ‌يرىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏16—‏22)‏.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن ئادالە‌تسىزلىك!‏ پاۋلۇ‌س رىم پۇ‌قراسى بولغانلىقتىن،‏ باشقىچە مۇ‌ئامىلە قىلىنىشقا لايىق بولغانa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏.‏

2 تۈرمىدە ياتقاندا،‏ پاۋلۇ‌س شۇ كۈنى بولغان ۋە‌قە‌لە‌ر ۋە فىلىپىنىڭ خە‌لقى ھە‌ققىدە ئويلىغاندۇ.‏ پاۋلۇ‌س بارغان كۆپلىگە‌ن شە‌ھە‌رلە‌ردە يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئىبادە‌تخانىلىرى بولغان،‏ بۇ شە‌ھە‌ردە بولسا بۇ‌مۇ يوق ئىدى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن بۇ يە‌ردىكى يە‌ھۇ‌دىيلار شە‌ھە‌ر سىرتىدىكى دە‌ريانىڭ يېنىدا ئىبادە‌ت قىلىشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏13،‏ 14)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ شە‌ھە‌ردە ئىبادە‌تخانىنىڭ بولۇ‌شى ئۈچۈن تە‌لە‌پ قىلىنغان ھە‌تتا ئون يە‌ھۇ‌دىي ئە‌ر كىشى بولمىغانمىدۇ؟‏ فىلىپىنىڭ ئادە‌ملىرى رىم پۇ‌قرالىرى بولۇ‌شتىن پە‌خىرلە‌نگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏21)‏.‏ بە‌لكىم،‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىنمۇ ئۇ‌لار يە‌ھۇ‌دىي بولغان پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسنى رىم پۇ‌قراسى دە‌پ ئويلىمىغاندۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ‌نى دە‌ل شۇ‌نداق بولغان،‏ دە‌پ ئېيتالمايمىز.‏ لېكىن،‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسنىڭ تۈرمىگە ئادالە‌تسىزلىك بىلە‌ن تاشلانغانلىقىنى ئېنىق بىلىمىز.‏

3.‏ تۈرمىگە تاشلانغاندا پاۋلۇ‌سنى قانداق ئويلار تە‌شۋىشلە‌ندۈرۈشى مۇ‌مكىن ئىدى،‏ لېكىن ئۇ قانداق كۆزقاراشتا بولدى؟‏

3 بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ پاۋلۇ‌س فىلىپىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقى ھە‌ققىدىمۇ ئويلىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن بىرنە‌چچە ئاي بۇ‌رۇ‌ن ئۇ ئايجېيىن دېڭىزىنىڭ قارشى تە‌رىپىدىكى كىچىك ئاسىيادا بولغان.‏ شۇ يە‌ردە يۈرگە‌ندە ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق بە‌زى جايلارغا بېرىشقا بىرنە‌چچە قېتىم توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلغان.‏ بۇ قېتىم بولسا،‏ ئۇ پاۋلۇ‌سنى بىرە‌ر يە‌رگە بېرىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغاندە‌ك بولدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏6،‏ 7)‏.‏ ئە‌مما قە‌يە‌رگە؟‏ ئۇ تروئادادا بولغاندا،‏ ۋە‌ھىي كۆرگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا:‏ «ماكېدونىيە‌گە ئۆتۈڭ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىلدى.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى ئىكە‌نلىكى ئېنىق ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س دە‌رھال ماكېدونىيە‌گە ئاتلاندى ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏8—‏10نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاندىن كېيىن نېمە بولدى؟‏ ئۇ ماكېدونىيە‌گە كېلىشى بىلە‌نلا،‏ تۈرمىگە قامالدى!‏ نېمىشقا يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ‌نىڭغا يول قويدى؟‏ ئۇ تۈرمىدە قانچە ۋاقىت بولىدۇ؟‏ پاۋلۇ‌س بۇ مە‌سىلىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىشە‌نچىسى ئاجىزلىمىدى ۋە ئۇ خۇ‌شاللىقىنى يوقاتمىدى.‏ سىلاس ئىككىسى «دۇ‌ئا قىلىپ،‏ خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ھە‌مدۇ‌سانا ئېيتىشتى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏25)‏.‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن تېنچلىق ئۇ‌لارنىڭ يۈرە‌كلىرى بىلە‌ن ئوي-‏پىكىرلىرىنى خاتىرجە‌م قىلدى.‏

4،‏ 5.‏ ئا)‏ بىزنىڭ ۋە‌زىيىتىمىز قايسى جە‌ھە‌تتىن پاۋلۇ‌سنىڭكىگە ئوخشاش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئە)‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ۋە‌زىيىتى قانداق قىلىپ كۈتۈلمىگە‌ن يە‌ردىن ئۆزگە‌ردى؟‏

4 سىزمۇ پاۋلۇ‌سغا ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانمۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ ھاياتىڭىزدا خۇ‌دادىن قارار قىلىشقا ياردە‌م سورىغاندىن كېيىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ رە‌ھبە‌رلىكىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىۋاتىمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلىغان ۋاقتىڭىز بولغاندۇ.‏ ئە‌مما كېيىنرە‌ك كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نسىز ياكى ھاياتىڭىزدا چوڭ ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ندۇ (‏ۋە‌ز 9:‏11)‏.‏ ھازىر شۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ نېمە سە‌ۋە‌بتىن بۇ‌نىڭغا يول قويغانلىقىنى چۈشە‌نمە‌يدىغانسىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا پۈتۈنلە‌ي تايىنىپ،‏ داۋاملىق سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن،‏ كېلىڭ پاۋلۇ‌س ۋە سىلاسلارغا كېيىن نېمە ئىش بولدى قاراپ چىقايلى.‏

5 پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاس ناخشا ئېيتىۋاتقاندا،‏ كۈتۈلمىگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بە‌ردى.‏ ئاۋۋال،‏ يە‌ر قاتتىق تە‌ۋرە‌ندى.‏ شۇ چاغدا تۈرمىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ،‏ تۈرمىدىكىلە‌رنىڭ كىشە‌نلىرى چۈشۈپ كە‌تتى.‏ ئاندىن پاۋلۇ‌س قاراۋۇ‌لنى ئۆز-‏ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتىن ساقلاپ قالدى ۋە كېيىن ئۇ‌نىڭ پۈتۈن ئۆي ئىچى چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتى.‏ ئە‌تىسى ئە‌تىگە‌نلىكى شە‌ھە‌ر باشلىقلىرى پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسنى تۈرمىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ئە‌سكە‌رلە‌رنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۇ‌لارنى شە‌ھە‌ردىن تېنچلىق بىلە‌ن كېتىشىنى سورىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ رىم پۇ‌قرالىرى ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە،‏ بە‌ك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌لارنى يولغا سېلىپ قويۇ‌ش ئۈچۈن ئۆزلىرى باردى.‏ لېكىن،‏ كېتىشتىن ئاۋۋال پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاس ئۆز سۆزىدە تۇ‌رۇ‌ۋېلىپ،‏ يېقىندا چۆمدۈرۈلگە‌ن لىدىيا ئىسىملىك قېرىنداش بىلە‌ن خوشلىشىپ قايتتى.‏ شۇ يە‌ردە فىلىپىدىكى باشقا قېرىنداشلارنىمۇ كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارغا كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىش پۇ‌رسىتىنى قولدىن بە‌رمىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏26—‏40)‏.‏ ۋە‌زىيە‌ت قانچىلىك تېز ئۆزگىرىپ كە‌تكە‌ن-‏ھە!‏

‏«ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن»‏

6.‏ ھازىر نېمىنى قاراشتۇ‌رىمىز؟‏

6 بىز بۇ ۋاقە‌لە‌ردىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىز كۈتمىگە‌ن نە‌رسىنى قىلالايدۇ،‏ شۇ‌ڭا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ غە‌م-‏تە‌شۋىشكە بېرىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌نلىرى پاۋلۇ‌سغا قاتتىق تە‌سىر قىلغان.‏ بۇ پاۋلۇ‌سنىڭ كېيىنرە‌ك فىلىپىدىكى قېرىنداشلارغا غە‌م-‏ئە‌ندىشە ۋە خۇ‌دانىڭ تېنچلىقى ھە‌ققىدە يازغان سۆزلىرىدىن كۆرۈنىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە پاۋلۇ‌سنىڭ شۇ سۆزلىرىنى،‏ يە‌نى فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6،‏ 7نى (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاندىن كېيىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى يە‌ھۋانىڭ بىز كۈتمىگە‌ن ئۇ‌سۇ‌لدا ھە‌رىكە‌ت قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان باشقىمۇ ۋاقە‌لە‌رنى قاراپ چىقىمىز.‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا «تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقى» قانداقلارچە يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي تايىنىپ،‏ قىيىنچىلىقلاردا بە‌رداشلىق بېرىشكە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىز كۈتمىگە‌ن نە‌رسىنى قىلالايدۇ،‏ شۇ‌ڭا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق

7.‏ پاۋلۇ‌س فىلىپىدىكى قېرىنداشلارغا يازغان خېتىدە نېمىنى ئۆگە‌تمە‌كچى بولغان ۋە بىز قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

7 فىلىپىدىكى قېرىنداشلار پاۋلۇ‌سنىڭ خېتىنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئويلىرىغا نېمە كە‌لدى؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسنىڭ ۋاقە‌سىنى ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا كۈتۈلمىگە‌ن ئۇ‌سۇ‌ل ياردە‌ملە‌شكە‌نلىكىنى ئېسىگە ئالغاندۇ.‏ پاۋلۇ‌س خېتىدە ئۇ‌لارغا نېمىنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏ ئۇ «ھېچنە‌رسىدىن ئە‌ندىشە قىلماڭلار»،‏ بە‌لكى دۇ‌ئا قىلىڭلار،‏ شۇ چاغدا «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولىسىلە‌ر دېمە‌كچى بولغان.‏ بۇ ئىبارىنىڭ مە‌نىسى نېمە؟‏ پاۋلۇ‌س «تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقى» بىز ئويلىغاندىنمۇ كۈچلۈكرە‌ك ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقۇ‌سى كە‌لگە‌ن.‏ بە‌زىدە بېشىمىزغا چۈشكە‌ن قىيىنچىلىقنى قانداق ھە‌ل قىلىشنى بىلمىسە‌كمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلىدۇ.‏ ئۇ بىز كۈتمىگە‌ن نە‌رسىنى قىلالايدۇ ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 2:‏9نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

8،‏ 9.‏ ئا)‏ پاۋلۇ‌س فىلىپىدە ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چرىسىمۇ،‏ بۇ‌نىڭ قانداق ياخشى نە‌تىجىسى بولدى؟‏ ئە)‏ نېمىشقا فىلىپىدىكى قېرىنداشلار پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نچ قىلالىغان؟‏

8 فىلىپىلىكلە‌ر پاۋلۇ‌س يازغان خە‌تنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئاخىرقى ئون يىل داۋامىدا يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لار ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىپ،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌نگە‌ن بولسا كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا خۇ‌دا پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسنىڭ ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چراپ ئازاب چېكىشىگە يول قويسىمۇ،‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسىدە «خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ھىمايە قىلىپ،‏ قانۇ‌نىي ھالدا تە‌ستىقلاش» مۇ‌مكىن بولدى (‏فىلىپپىلىقلارغا 1:‏7)‏.‏ ئە‌مدى فىلىپىنىڭ شە‌ھە‌ر باشلىقلىرى يېڭىدىن پە‌يدا بولغان جامائە‌تكە قارشى تۇ‌رۇ‌شقا دە‌رھال پېتىنالمايدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ رىم پۇ‌قراسى ئىكە‌نلىكىنى تىلغا ئالغانلىقتىن،‏ لۇ‌قا فىلىپى شە‌ھىرىدە پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاس كە‌تكە‌ندىن كېيىنمۇ ئە‌ركىن-‏ئازادە تۇ‌رالىغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭىدىن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغانلارغا كۆپ ياردە‌م بېرە‌لىگە‌ن.‏

9 قېرىنداشلار پاۋلۇ‌سنىڭ خېتىنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنىڭ پە‌قە‌ت ئۆز ئوي-‏پىكىرى ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ھە‌دىدىن زىيادە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغان.‏ فىلىپپىلىقلارغا ئە‌ۋە‌تكە‌ن خېتىنى ئۇ رىمدىكى ئۆيىدە قاماقتا ئولتارغاندا يازغان.‏ لېكىن شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ «تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏فىلىپپىلىقلارغا 1:‏12—‏14؛‏ 4:‏7،‏ 11،‏ 22)‏.‏

‏«ھېچنە‌رسىدىن ئە‌ندىشە قىلماڭلار»‏

10،‏ 11.‏ قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقنى ئويلاپ ئە‌نسىرىسە‌ك،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە بىز نېمىنى ئۈمىد بىلە‌ن كۈتسە‌ك بولىدۇ؟‏

10 «تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولۇ‌پ،‏ «ھېچنە‌رسىدىن ئە‌ندىشە قىلماسلىققا» نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ پاۋلۇ‌سنىڭ فىلىپپىلىقلارغا يازغان سۆزلىرىدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقنى ئويلاپ ئە‌نسىرىگىنىمىزدە ئە‌ڭ ياخشىسى —‏ دۇ‌ئا قىلىش.‏ شۇ‌ڭا،‏ ۋە‌ھىمىگە چۈشكە‌ندە،‏ دۇ‌ئادا ئىچ-‏باغرىمىزنى يە‌ھۋاغا تۆكە‌يلى ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏6،‏ 7نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ غېمىڭىزنى ئويلايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولسۇ‌ن.‏ ئۇ‌نىڭغا ھە‌ربىر ياخشىلىقى ئۈچۈن رە‌ھمە‌ت ئېيتىڭ.‏ شۇ‌نداقلا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ «بىز ئىلتىماس قىلغىنىمىزدىن ياكى پە‌قە‌ت ئويلىقىنىمىزدىنمۇ ئۆلچىگۈسىز ئارتۇ‌ق» بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌ماڭ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 3:‏20)‏.‏

11 پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسقا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىگە ھە‌يران قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ بىزگە مۆجىزىلىك ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بە‌رمىسىمۇ،‏ ھە‌رقاچان بىزگە دە‌ل ھاجە‌ت بولغاننى بېرىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏13)‏.‏ لېكىن بۇ يە‌ھۋانىڭ ئە‌ھۋالىمىزنى ئوڭشىشىنى ياكى مە‌سىلىمىزنى ھە‌ل قىلىشىنى «ئالما پىش،‏ ئاغزىمغا چۈش» دە‌پ كۆك ئاسماندىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرۈش كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بىز دۇ‌ئالىرىمىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏رىملىقلارغا 12:‏11)‏.‏ ھە‌رىكە‌تلىرىمىز بىزنىڭ سە‌مىمىي ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بە‌رىكە‌ت بېرىشىگە ئاساس بولىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ بىز سورىغاندىنمۇ،‏ كۈتكە‌ندىنمۇ كۆپرە‌ك قىلالايدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ بە‌زىدە ئۇ ھېچقاچان كۈتمىگە‌ن نە‌رسىنى قىلىپ،‏ بىزنى ھاڭ-‏تاڭ قالدۇ‌رىدۇ.‏ ھازىر يە‌ھۋانىڭ بىز كۈتمىگە‌ن نە‌رسىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدىغان بىرنە‌چچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

يە‌ھۋانىڭ ئادە‌م كۈتمىگە‌ننى قىلغان چاغلىرى

12.‏ ئا)‏ سېنناخېرىب ھە‌زە‌قىيانى قورقاتقاندا ئۇ نېمە قىلدى؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋانىڭ قىيىنچىلىقنى قانداق ھە‌ل قىلغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ ئادە‌م كۈتمىگە‌ن نە‌رسىلە‌رنى قىلغانلىقىنىڭ كۆپ مىساللىرى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌زە‌قىيا يە‌ھۇ‌دانىڭ پادىشاھى بولغاندا،‏ ئاسسۇ‌ر پادىشاھى سېنناخېرىب يە‌ھۇ‌داغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ يېرۇ‌سالىمدىن باشقا ھە‌ممە شە‌ھە‌رلە‌رنى بېسىۋالدى (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 18:‏1—‏3،‏ 13)‏.‏ ئاندىن كېيىن ئۇ يېرۇ‌سالىمغا ھۇ‌جۇ‌م قىلماقچى بولدى.‏ شۇ چاغدا ھە‌زە‌قىيا نېمە قىلدى؟‏ ئاۋۋال ئۇ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلدى ھە‌م يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق يە‌ھۋادىن مە‌سلىھە‌ت سورىدى (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 19:‏5،‏ 15—‏20)‏.‏ كېيىن ئۇ سېنناخېرىب تە‌لە‌پ قىلغان ھە‌قنى تۆلە‌ش ئارقىلىق ئە‌قىل-‏پاراسە‌تنى كۆرسە‌تتى ‏(‏پادىشاھلار 2-‏يازما 18:‏14،‏ 15)‏.‏ ئاخىرىدا ئۇ شە‌ھە‌رنى ئۇ‌زاققا سوزۇ‌لىدىغان قورشاۋغا تە‌ييارلىدى (‏تارىخنامە 2-‏يازما 32:‏2—‏4)‏.‏ بۇ نېمە بىلە‌ن ئاياقلاشتى؟‏ يە‌ھۋا بىر پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۇ بىر كېچىدىلا سېنناخېرىبنىڭ 185 000 ئە‌سكىرىنى قىرىپ تاشلىدى.‏ ھە‌تتا ھە‌زە‌قىيانىڭ ئۆزى مۇ‌نداق بولىدىغانلىقىنى كۈتمىگە‌نىدى!‏ (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 19:‏35)‏.‏

پىره‌ۋن يوٰسوٰپكه موهوٰر ئوٰزوٰگىنی بېرىۋاتىدوُ

يۈسۈپ دۈچ كە‌لگە‌ن ۋە‌قە‌دىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ (‏يارىتىلىش 41:‏42)‏ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ ئا)‏ يۈسۈپنىڭ ۋاقە‌سىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ ئە)‏ سارە‌نىڭ ھاياتىدا قانداق كۈتۈلمىگە‌ن ۋاقە‌ئە يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

13 يۈسۈپ ئىسىملىك ياش يىگىت ئۇ‌چرىغان ۋە‌قە‌نى قاراپ چىقايلى.‏ مىسىردا زىندانغا تاشلانغاندا،‏ كېلە‌چە‌كتە شۇ دۆلە‌تتىكى ئە‌ڭ مە‌رتىۋىلىك ئىككىنچى ئورۇ‌ندا تۇ‌رىدىغان ئادىمى بولىدىغانلىقى ياكى يە‌ھۋانىڭ ئۇ ئارقىلىق ئائىلىسىنى ئاچارچىلىقتىن ئامان قالدۇ‌رىدىغانىلىقىنى،‏ يۈسۈپ ئۇ‌خلىسىمۇ چۈشىگە كىرمىگە‌ن بولغىيتى (‏يارىتىلىش 40:‏15؛‏ 41:‏39—‏43؛‏ 50:‏20)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ قىلغىنى يۈسۈپنىڭ كۈتكىنىدىن ئېشىپ چۈشكە‌نلىكى سۆزسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن يۈسۈپنىڭ چوڭ مومىسى سارە ھە‌ققىدىمۇ ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ياشانغان سارە يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا پە‌قە‌ت چاكار قىزى ئارقىلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆزى پە‌رزە‌نت كۆرۈشىگە مۇ‌مكىنچىلىك بېرىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالىغانمۇ؟‏ ئىسھاقنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى سارە‌نىڭ ئارمان قىلغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكە‌نىدى (‏يارىتىلىش 21:‏1—‏3،‏ 6،‏ 7)‏.‏

14.‏ يە‌ھۋاغا قايسى جە‌ھە‌تتىن ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏

14 يە‌ھۋا خۇ‌دا يېڭى دۇ‌نيا كە‌لمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ ھە‌ممە قىيىنچىلىقلىرىمىزنى مۆجىزىلىك يول بىلە‌ن يوق قىلىدۇ دە‌پ كۈتمە‌يمىز.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتىمىزدا ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان نە‌رسىلە‌رنى قىلىشىنى تە‌لە‌پ قىلمايمىز.‏ لېكىن،‏ قە‌دىمدە خۇ‌دا ئۆز سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە ئاجايىپ ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ ئۇ ئۆزگە‌رمىدى ‏(‏مالاكى 3:‏6نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي ئىشىنىمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىشىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ بىزگە كېرە‌كلىك كۈچنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 4:‏7—‏9)‏.‏ ھە‌زە‌قىيا،‏ يۈسۈپ ۋە سارە‌نىڭ مىساللىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ يە‌ھۋاغا سادىقلىقىمىزنى ساقلىساق،‏ ئۇ بىزگە ھە‌تتا ئە‌ڭ قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىمۇ ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

15.‏ قىيىنچىلىقلىرىمىزغا قارىماستىن قانداقلارچە «تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولالايمىز ۋە بۇ قانداق مۇ‌مكىن بولىدۇ؟‏

15 قانداقلارچە قىيىنچىلىقلىرىمىزغا قارىماستىن،‏ «تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولالايمىز؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن داۋاملىق زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌نداق مۇ‌ناسىۋە‌تكە پە‌قە‌ت ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئاساسىدا ئىگە بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ تۆلە‌م —‏ يە‌ھۋانىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىنىڭ بىرى.‏ تۆلە‌م ئارقىلىق خۇ‌دا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرە‌لە‌يدۇ ۋە بىز پاك ۋىجدانغا ئېرىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشالايمىز (‏يوھاننا 14:‏6؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏8؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏21)‏.‏

ئۇ يۈرە‌كلىرىمىز بىلە‌ن ئە‌قىللىرىمىزنى ساقلايدۇ

16.‏ «تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئېرىشكە‌نلىكىمىزنىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

16 «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئېرىشكىنىمىزدە نېمە بولىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئۇ يۈرە‌كلىرىمىز ھە‌م ئە‌قىللىرىمىزنى «ساقلايدۇ» (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏7)‏.‏ بۇ يە‌ردە «ساقلايدۇ»،‏ دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان سۆز ئە‌سلى نۇ‌سخا تىلىدا ئە‌سكە‌ردە ئىشلىتىلگە‌ن سۆز بولغان.‏ بۇ سۆز شە‌ھە‌رنى ھىمايە قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئە‌سكە‌رلە‌رگە قارىتىلغان ئىدى.‏ فىلىپىدىكىلە‌رنى شۇ‌نداق بىر توپ قوغدىغان.‏ شۇ‌نى بىلگە‌نلىكتىن،‏ شە‌ھە‌ر پۇ‌قرالىرى كېچىسى خاتىرجە‌م ئۇ‌خلىيالىغان.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزدە «تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقى» بولسا،‏ بىز غە‌مسىز بولۇ‌پ،‏ ي‍ۈرە‌كلىرىمىز بىلە‌ن ئوي-‏پىكىرىمىز خاتىرجە‌م بولىدۇ.‏ چۈنكى يە‌ھۋانىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى ۋە بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرۈشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏10)‏.‏ بۇ بىزنى غە‌م-‏قايغۇ‌غا چۆكۈشتىن ۋە سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لاردىن ھىمايە قىلىدۇ.‏

17.‏ بۈيۈك ئاپە‌تتە يە‌ھۋاغا تايىنىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 پات-‏ئارىدا پۈتكۈل ئىنسانىيە‌تنىڭ بېشىغا بۈيۈك ئاپە‌ت كېلىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏21،‏ 22‏)‏.‏ شۇ چاغدا شە‌خسە‌ن ھە‌رقايسىمىز ئۆزىمىز نېمە ئىشقا يولۇ‌قىمىز،‏ بۇ‌نى بىلمە‌يمىز.‏ ئە‌مما شۇ ۋاقىت توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌ددىدىن تاشقىرى غە‌م قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى تە‌پسىلىي بىلمىسە‌كمۇ،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ قانداق خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ۋە قە‌دىمدىكى سادىق خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمىز.‏ ۋە‌زىيە‌ت قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ ئۇ ئۆز نىيىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزدۇ‌ق.‏ ئۇ بۇ‌نى ھېچكىم كۈتمىگە‌ن ئۇ‌سۇ‌ل بىلە‌ن قىلالايدۇ!‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن بىرە‌ر نە‌رسە قىلغاندا،‏ بىز «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تېنچلىقىنى» ھە‌ر قېتىم ئوخشىمايدىغان بىر يېڭى ئۇ‌سۇ‌لدا ھېس قىلىمىز.‏

a قارىماققا،‏ سىلاسمۇ رىم پۇ‌قراسى بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏37)‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش