كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 15-‏20 ب.‏
  • كونا شە‌خسىيە‌تنى يېشىپ تاشلاپ،‏ قايتىدىن كىيمە‌يلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • كونا شە‌خسىيە‌تنى يېشىپ تاشلاپ،‏ قايتىدىن كىيمە‌يلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ھە‌رقانداق ئە‌خلاقسىز جىنسىي ھە‌ۋە‌ستىن نېرى تۇ‌رايلى
  • ناپاك ئىشلاردىن نېرى تۇ‌رۇ‌ش ئۇ‌سۇ‌للىرى
  • غە‌زەب‏،‏ ھاقارە‌تلىك ۋە يالغان سۆزلە‌ردىن نېرى تۇ‌رايلى
  • ئۇ‌لار قانداق قىلىپ غە‌لبە قىلدى؟‏
  • كونا تە‌بىئىتىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىۋىتە‌لە‌يسىز
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • شە‌يتاننىڭ توزىقىغا چۈشمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرگە‌ندە
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ «يېڭى تە‌بىئە‌تنى» داۋاملىق كىيىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 15-‏20 ب.‏
ئه‌ر كىشی پاسكىنا چاپاننی يېشىۋاتىدوُ

كونا شە‌خسىيىتىمىزنى يېشىپ تاشلاپ،‏ قايتىدىن كىيمە‌يلى

‏«ئۆزۈڭلاردىن كونا شە‌خسنى ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى بىلە‌ن يېشىڭلار» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏9)‏.‏

ناخشىلار:‏ 52،‏ 54

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • نېمە دۇ‌نيا يۈزلۈك قېرىنداشچىلىقىمىزنى ئالاھىدە كۆزگە كۆرنە‌رلىك قىلغان؟‏ ئالاھىدە؟‏

  • مە‌سىھىي قانداق يامان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن نېرى تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

  • كونا شە‌خسىيە‌تنى يېشىپ تاشلاپ،‏ قايتىدىن كىيمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟‏

1،‏ 2.‏ ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ققىدە نېمىنى بايقايدۇ؟‏

كۆپ ئادە‌م يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىكە‌نلىكىنى بايقايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئانتون گىل ئىسىملىك يازغۇ‌چى گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ ناتسىست گېرمانىيىسىدە ياخشى خىسلە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌نلىكى ئۈچۈن ماختىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ناتسىستلار بولۇ‌پمۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى ئۆچ كۆرگە‌ن.‏.‏.‏ 1939-‏يىلى تە‌خمىنە‌ن 6000 گۇ‌ۋاھچى [مە‌ھبۇ‌سلار لاگېرىغا] چۈشكە‌نىدى».‏ ئۇ يە‌نە،‏ گۇ‌ۋاھچىلار شىدە‌تلىك زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىسىمۇ،‏ ئىشىنىشكە ئە‌رزىيدىغان،‏ بېسىم ئاستىدىمۇ خاتىرجە‌ملىك ساقلايدىغان،‏ خۇ‌داغا ۋاپادار ۋە ئىناق بولغانلىقى بىلە‌ن ھە‌ممىگە مە‌لۇ‌م بولغان،‏ دە‌پ ئېيتقان.‏

2 جە‌نۇ‌بىي ئافرىقىدا ياشايدىغان ئادە‌ملە‌رمۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ باشقىلاردىن ئالاھىدە ئىكە‌نلىكىنى بايقىغان.‏ بىر ۋاقىتتا ئۇ يە‌ردە ھە‌ر خىل ئىرقتىن چىققان ئادە‌ملە‌رگە،‏ جۈملىدىن گۇ‌ۋاھچىلارغىمۇ،‏ جە‌م بولۇ‌شقا مە‌نئىي قىلىنغان.‏ ئە‌مما 2011-‏يىلى 18-‏دېكابىر كۈنى جە‌نۇ‌بىي ئافرىكا بىلە‌ن ئە‌تراپىدىكى دۆلە‌تلە‌ردىن كە‌لگە‌ن ھە‌رخىل ئىرقلاردىن بولغان 78000دىن ئوشۇ‌ق گۇ‌ۋاھچى يوھاننېسبورگنىڭ ئە‌ڭ چوڭ تە‌نتە‌ربىيە مە‌يدانىدا بىر مە‌خسۇ‌س پروگرامما ئۈچۈن يىغىلدى.‏ شۇ چاغدا مە‌يداننىڭ بىر باشقۇ‌رغۇ‌چىسى ئۇ‌لار ھە‌ققىدە:‏ «بۇ مە‌يداندا ھازىرغىچە يىغىلغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئىچىدىكى ئە‌ڭ ئۈلگىلىك سىلە‌ر.‏ ھە‌ممىڭلار بىردە‌ك يارىشىملىق كىيىنگە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا سىلە‌ر مە‌يداننى بە‌ك ياخشى تازىلىدىڭلار.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆپ مىللە‌تلىك تە‌شكىلات ئىكە‌نسىلە‌ر»،‏—‏ دىدى.‏

3.‏ نېمە تە‌شكىلاتىمىزنى ئۆزگىچە قىلغان؟‏

3 شۇ‌ڭا،‏ ھە‌تتا گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س كىشىلە‌ر بىزنىڭ خە‌لقئارالىق تە‌شكىلاتىمىزنىڭ باشقا تە‌شكىلاتلاردىن ئۆزگىچە ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزىدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏9)‏.‏ نېمىشقا بىز ھە‌رقانداق باشقا تە‌شكىلاتتىن پە‌رقلىنىمىز؟‏ سە‌ۋە‌بى خۇ‌دا سۆزى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىدە بىز يە‌ھۋاغا ياقمايدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن ئايرىلىشقا بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز.‏ بىز «كونا شە‌خسنى يېشىپ»،‏ «يېڭى شە‌خسكە كىيىنىمىز» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏9،‏ 10)‏.‏

ھاياتنى تامامە‌ن ئۆزگە‌رتىش مۇ‌مكىن

4.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى قاراپ چىقىمىز ۋە نېمىشقا؟‏

4 كونا شە‌خسىيە‌تنى يە‌شكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نى قايتا كىيمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە بىز كونا شە‌خسىيە‌تنى قانداقلارچە ھە‌ل قىلىشكە بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ‌نىڭ نېمىشقا شۇ‌نچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى قاراپ چىقىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئادە‌م بۇ‌رۇ‌ن يامان ئىشلارغا بىرىلىپ كە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ ھاياتىنى تامامە‌ن ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.‏ ئاندىن كۆپ يىل داۋامىدا ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌نلە‌ر كونا شە‌خسىيە‌تنى قايتىدىن كىيمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌سكى،‏ بۇ‌رۇ‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغانلار پە‌خە‌س بولماي،‏ يە‌ھۋانى بىلمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن ئويلىرىغا قايتقان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھە‌ربىرىمىز:‏ «كىم تۇ‌رىمە‌ن دە‌پ ئويلىسا،‏ يىقىلىپ كېتىشىدىن بايقىسۇ‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا دىققە‌ت قىلىشىمىز زۆرۈر (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏12)‏.‏

ھە‌رقانداق ئە‌خلاقسىز جىنسىي ھە‌ۋە‌ستىن نېرى تۇ‌رايلى

5.‏ ئا)‏ نېمىشقا كونا شە‌خسىيە‌تىن دە‌رھال ئايرىلىش كېرە‌ك ئىكە‌نلىكىنى مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈڭ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏ ئە)‏ كولوسىلىقلارغا 3:‏5—‏9 ئايە‌تلە‌ردە كونا شە‌خسىيە‌تكە خاس قانداق ئىشلار تىلغا ئېلىنغان؟‏

5 كىيىمىمىزنىڭ پاسكىنا ۋە يېقىمسىز پۇ‌رىغانلىقىنى سە‌زسىڭىز،‏ نېمە قىلىسىز؟‏ ئۇ‌نى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر تېز ھە‌ل قىلىشكە ئالدىرايتىڭىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغانلىقىمىزنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ دە‌رھال ئۆزگىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق يامان ھە‌رىكە‌تلە‌ر توغرىسىدا:‏ «ئۆزۈڭلاردىن مۇ‌شۇ‌نىڭ ھە‌ممىسىنى.‏.‏.‏ نېرى قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ يازغان.‏ ھازىر ئۇ‌لارنىڭ ئىككىسىگە،‏ يە‌نى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق ۋە ناپاكلىققا،‏ دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى ‏(‏كولوسىلىقلارغا 3:‏5—‏9نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

6،‏ 7.‏ ئا)‏ پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرى كونا شە‌خسىيە‌تىن ئايرىلىش ناھايىتى قىيىن ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏ ئە)‏ ساكۇ‌را قانداق ھايات كە‌چۈرگە‌ن؟‏ ئۇ ئۆزگىرىش ئۈچۈن كۈچنى نە‌دىن ئالدى؟‏

6 جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بىنائە‌ن،‏ «جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق» —‏ قانۇ‌نىي نىكاھ‌ھتا بولمىغانلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت.‏ پاۋلۇ‌س مە‌سىھىيلە‌رنىڭ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىققا باغلىق «يە‌رلىك ئە‌زالىرىنى» «ئۆلتۈرۈشى» كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏ بۇ —‏ ناتوغرا ھە‌ۋە‌سلىرىمىزدىن ئايرىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلە‌ن تىرىشىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ‌نى قىلىش ئاسان ئە‌مە‌س،‏ لېكىن بۇ قولۇ‌مىزدىن كېلىدۇ!‏

7 ياپونىيىدە ياشايدىغان ساكۇ‌را ئىسىملىك قېرىنداش قانداق ئىشنى باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلىa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا پات-‏پات ئۆزىنى يالغۇ‌ز ھېس قىلىپ،‏ كۆڭلىدىكى بوشلۇ‌قنى تولدۇ‌رغۇ‌سى كە‌لگە‌ن.‏ يالغۇ‌زلۇ‌قنى ھېس قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇ 15 يېشىدىن باشلاپ ھە‌ر تۈرلۈك كىشىلە‌ر بىلە‌ن جىنسىي ئالاقىدە بولۇ‌شنى باشلىغان.‏ ئۇ ئۈچ قېتىم بالا چۈشۈرگە‌ن.‏ ساكۇ‌را مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌ڭ بېشىدا،‏ ئە‌خلاقسىزلىق بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىپ،‏ ئۆزۈمنى خاتىرجە‌م سېزىپ،‏ بىرسىنىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىگە ئېرىشتىم دە‌پ ئويلىغان ئىدىم.‏ ئە‌مما قانچە كۆپ جىنسىي ئالاقىدە بولسام،‏ شۇ‌نچىلىك ئۆزۈمنى خە‌ۋپ ئاستىدا ھېس قىلىدىغان بولدۇ‌م».‏ ساكۇ‌را 23 ياشقىچە مۇ‌شۇ‌نداق ھايات كە‌چۈرگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا باشلىغان ۋە ئۇ ئالغان بىلىمىنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرگە‌نىدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ساكۇ‌را ئە‌خلاقسىز ھايات يولىنى تاشلاپ،‏ ئۇ‌نى ئازابلىغان گۇ‌ناھ ۋە نۇ‌مۇ‌س ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىدىن ئۆزىنى ئازات قىلالىغان.‏ بۈگۈن ساكۇ‌را پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىپ،‏ ئۆزىنى يالغۇ‌ز ھېس قىلمايدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ نۇ‌رىغا چۆمۈپ يۈرگىنىم مېنى بە‌كمۇ خوشال قىلىدۇ».‏

ناپاك ئىشلاردىن نېرى تۇ‌رۇ‌ش ئۇ‌سۇ‌للىرى

8.‏ خۇ‌دانىڭ ئالدىدا بىزنى ناپاك قىلىدىغان بە‌زى ئىشلار قانداق؟‏

8 ناپاكلىق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ناپاكلىققا» جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقتىن باشقا يە‌نە كۆپرە‌ك نە‌رسە كىرىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ ئۇ‌نىڭغا تاماكا چېكىش ۋە تېتىقسىز چاكىنا چاقچاقلارنى قىلىشتە‌ك ئىشلار كىرىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 7:‏1؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏3،‏ 4)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ شە‌ھۋانىي نە‌پسىنى قوزغىتىدىغان كىتابلارنى ئوقۇ‌ش ياكى شە‌ھۋانىيلىقنى تە‌رغىپ قىلىدىغان نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشكە ئوخشاش يالغۇ‌ز قالغاندا قىلىدىغان يامان ئىشلارمۇ كىرىدۇ.‏ مۇ‌نداق ئىشلار قولدا زىنا قىلىش دېگە‌ن ناپاك ئادە‌تكە ئە‌كېلىشى مۇ‌مكىن (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏5)‏b (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

9.‏ ئادە‌م كونتورۇ‌ل قىلىش تە‌س «شە‌ھۋە‌تنى» يېتىلدۈرسە،‏ بۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

9 شە‌ھۋانىيلىق تە‌رغىپ قىلىنغان نە‌رسىلە‌رنى دائىم كۆرىدىغان ئادە‌م كونتورول قىلىش تە‌س بولىدىغان «شە‌ھۋە‌تنى» يېتىلدۈرۈپ،‏ جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تكە خۇ‌مار بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ تە‌تقىقاتچىلار شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىگە بولغان خۇ‌مارلىق ھاراق ياكى زە‌ھە‌رلىك بۇ‌يۇ‌ملارغا بولغان خۇ‌مارلىققا ئوخشاش ئىكە‌نلىكىنى بايقىغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بۇ يامان ئادە‌تنىڭ ۋىجدان ئازابىغا،‏ ئىشىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋە‌نلە‌شكە،‏ ئائىلىنىڭ بە‌ختسىز بولۇ‌شىغا ياكى ئاجرىشىشقا،‏ ھە‌تتا ئادە‌منىڭ ئۆز-‏ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق ئاقىۋە‌تلە‌رنى ئە‌كېلىدىغانلىقى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر يىل داۋامىدا شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈش خۇ‌مارى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىپ،‏ شۇ ئادىتىدىن ئايرىلغان بىر ئە‌ر كىشى ئۆز-‏ئۆزىنى قايتىدىن ھۆرمە‌تلە‌شكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.‏

10.‏ رىبېيرو شە‌ھۋانىيلىقنى تە‌رغىپ قىلىدىغان نە‌رسىلە‌رنىڭ تۇ‌زىقىدىن قانداق ئازات بولدى؟‏

10 كۆپ ئادە‌م ئۈچۈن شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنىڭ تۇ‌زىقىدىن ئازات بولۇ‌ش ناھايىتى قىيىن.‏ لېكىن،‏ بۇ كۈرە‌شتە غە‌لىبە قازىنىش مۇ‌مكىن.‏ برازىلىيىدە ياشايدىغان رىبېيرونىڭ مىسالىنى قاراپ باقايلى.‏ ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا ئۆيىدىن كېتىپ،‏ قە‌غە‌زنى قايتا ئىشلىتىش زاۋۇ‌تىغا ئىشقا كىرگە‌ن.‏ شۇ يە‌ردە ئۇ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى ژۇ‌رناللارنى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاستا-‏ئاستا مە‌ن خۇ‌مار بولدۇ‌م.‏ ئۇ‌نىڭغا بېرىلىپ كە‌تتىمكى،‏ شە‌ھۋانىي فىلىملارنى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ بىللە ياشىغان ئايال ئۆيدىن قاچان چىقار دە‌پ كۈتۈپ ئولتۇ‌راتتىم».‏ كېيىن بىر كۈنى رىبېيرو ئىشىدا دۈگلىنىپ تۇ‌رغان كىتابلارنىڭ ئارىسىدا «‏بە‌ختلىك ئائىلىنىڭ سىرى‏» ناملىق كىتابنى تېپىۋېلىپ،‏ ئۇ‌نى ئوقۇ‌پ چىقان.‏ ئاندىن ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغان.‏ ئە‌مما شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىنى كۆرۈش ئادىتىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئۇ‌زاق ۋاقىت كە‌تكە‌نىدى.‏ ئۇ‌نىڭغا نېمە ياردە‌م بە‌ردى؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ چۈشە‌ندۈردى:‏ «دۇ‌ئا قىلىش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ۋە بىلىۋالغىنىم ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ خىسلە‌تلىرىگە بولغان مىننە‌تدارلىقىم ئۆسۈۋە‌ردى.‏ نە‌تىجىدە يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىم شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىنى كۆرۈشكە بولغان ھە‌ۋە‌سىمدىن ئېشىپ چۈشتى».‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن رىبېيرو ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن ۋە ھازىر ئۇ جامائە‌تتە ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

11.‏ شە‌ھۋانىي نە‌رسىلە‌رنىڭ تۇ‌زىقىدىن ئازات بولۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 بايقىسىڭىز،‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌ردىن نېرى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن رىبېيرو پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پلا قويمىدى.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلگىنى توغرىسىدا چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىپ،‏ خۇ‌دا سۆزىنىڭ يۈرۈكىگە تە‌سىر قىلىشىغا يول قويغان.‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ياردە‌م سوراپ يالۋۇ‌رغان.‏ بۇ‌لار ئارقىلىق خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى كۈچىيىپ،‏ شە‌ھۋانىي نە‌رسىلە‌رگە بولغان خۇ‌مارىدىن ئازات بولغان.‏ شە‌ھۋانىي نە‌رسىلە‌رنىڭ تۇ‌زىقىدىن ئازات بولۇ‌ش ئۈچۈن بىزمۇ يە‌ھۋانى قاتتىق ياخشى كۆرۈشىمىز ۋە يامانلىقتىن نە‌پرە‌تلىنىشىمىز كېرە‌ك ‏(‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

غە‌زەب‏،‏ ھاقارە‌تلىك ۋە يالغان سۆزلە‌ردىن نېرى تۇ‌رايلى

12.‏ ستىۋېنغا غە‌زە‌ب ۋە ھاقارە‌تلىك سۆزلە‌ردىن ئايرىلىشقا نېمە ياردە‌م بە‌ردى؟‏

12 بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئاچچىقى تېزلا كېلىدۇ ۋە ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ھاقارە‌تلىك سۆزلە‌رنى ئېيتىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن پۈتكۈل ئائىلە ئازاب چېكىدۇ.‏ ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان ستىۋېن ئىسىملىك بىر ئە‌ر كىشى بۇ‌رۇ‌ن ئاغزىنى بۇ‌زۇ‌پ،‏ يوقلا نە‌رسىگە ئاچچىقلىناتتى.‏ ئۇ:‏ «ئايالىم ئىككىمىز ئۈچ قېتىم ئايرىم ياشاپ،‏ ئە‌مدى ئاجراشماقچى ئىدۇ‌ق»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا باشلاپ،‏ ستىۋېن بىلگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشقا تىرىشقان.‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتىشىچە،‏ يە‌ھۋانى بىلمە‌ي تۇ‌رغاندا بىر نە‌رسە ئۇ‌نىڭ جېنىغا تە‌گسە،‏ شۇ‌نداق غە‌زە‌بلىنە‌تتىكى،‏ ئۇ خۇ‌ددى بىر پارتىلاشقا ئاز قالغان بومبىغا ئوخشاپ قالاتتى.‏ بىراق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى قوللىنىشقا باشلىغاندا،‏ ۋە‌زىيە‌ت ياخشىلىنىشقا باشلىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ بۆلۈشتى:‏ «ئائىلىمىزنىڭ ئە‌ھۋالى تۈپ يىلتىزى بىلە‌ن ئۆزگە‌ردى.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن مە‌ن تېنچلىق ۋە خاتىرجە‌ملىككە ئىگە بولدۇ‌م».‏ ھازىر ستىۋېن خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى سۈپىتىدە،‏ ئۇ‌نىڭ ئايالى بولسا بىرنە‌چچە يىلدىن بېرى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار ستىۋېن ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ستىۋېن بە‌ك ئە‌مگە‌كچان،‏ ئېغىر-‏بېسىق ۋە كە‌متە‌ر بۇ‌رادە‌ر».‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ ئاچچىقلانغانلىقىنى ھېچقاچان كۆرمە‌پتۇ.‏ ستىۋېن ئۆز كۈچۈم بىلە‌ن ئۆزگە‌ردىم دە‌پ ھېسابلىمايدۇ.‏ ئۇ:‏ «ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ شە‌خسىيىتىمنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن بە‌رگە‌ن ياردىمىنى رە‌ت قىلسام،‏ ھاياتىمدىكى ئاجايىپ بە‌رىكە‌تلە‌رنىڭ ھېچقايسىنى كۆرە‌لمە‌تتىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

13.‏ نېمىشقا غە‌زە‌ب خە‌ۋپلىك؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانداق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بار؟‏

13 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى غە‌زە‌ب،‏ جېدە‌ل ھە‌م ئاھانە‌تتىن نېرى تۇ‌رۇ‌شقا ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏31)‏.‏ بۇ‌لار ئادە‌تتە زورلۇ‌ققا ئېلىپ بارىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ئادە‌م غە‌زە‌ب ۋە زوراۋانلىقنى ناھايىتى نورمال ئە‌ھۋال،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ ئە‌مما مۇ‌نداق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌ش،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ياراتقۇ‌چىمىزنى شە‌رمە‌ندە قىلىدۇ.‏ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ جە‌ھە‌تتىن ئۆزگىرىشكە توغرا كە‌لگە‌ن ۋە شۇ‌نداق قىلىپ ئۇ‌لار يېڭى شە‌خسىيە‌تكە ئىگە بولغان ‏(‏زە‌بۇ‌ر 37:‏8—‏11نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

14.‏ زوراۋان ئادە‌منىڭ مۇ‌لايىم ئادە‌مگە ئايلىنىشى مۇ‌مكىنمۇ؟‏

14 خانس ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئاۋسترالىيىدىكى بىر جامائە‌تتە ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ شۇ جامائە‌تنىڭ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رە‌ئىسى خانس ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ مە‌ن كۆرگە‌ن ئە‌ڭ كە‌متە‌ر ۋە مۇ‌لايىم بۇ‌رادە‌ر».‏ بىراق بۇ‌رۇ‌ن ئۇ‌نداق بولمىغان.‏ خانس ئۆسمۈرلۈك چىقىغىدا ئىچىملىككە بېرىلىپ،‏ زوراۋان بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ بىر قېتىم ئۇ مە‌ست بولۇ‌پ،‏ قىز دوستىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن 20 يىل تۈرمىگە قامالغان.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئۆزگىرىشكە ھېچ ياردە‌م بېرە‌لمىگە‌نىدى.‏ كېيىن،‏ ئاپىسى بىر ئاقساقالنى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن كۆرۈپ بېقىشقا تە‌كلىپ قىلغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن خانس مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا باشلىغان.‏ ئۇ:‏ «كونا شە‌خسىيە‌تىن ئايرىلىش مە‌ن ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بولدى.‏ يە‌شايا 55:‏7دىكى «رە‌زىل ئادە‌م ئۆز يولىنى.‏.‏.‏ تاشلىسۇ‌ن» دېگە‌ن سۆزلە‌ر ۋە كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 6:‏11دىكى گۇ‌ناھ يولىنى تاشلىغان ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققىدىكى «بە‌زىلىرىڭلار شۇ‌نداق بولغاندىڭلار» دېگە‌ن سۆزلە‌ر ماڭا مە‌دە‌ت بە‌ردى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق يېڭى شە‌خسىيە‌تكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ماڭا يىللار داۋامىدا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن ياردە‌م بېرىپ كە‌لدى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ خانس تۈرمىدە بولغاندا چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتى ۋە ئون يە‌تتە يېرىم يىلدىن كېيىن تۈرمىدىن چىقتى.‏ ئۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ چە‌كسىز مېھرىبانلىقى ۋە كە‌چۈرۈمچانلىقى ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدارمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

15.‏ كونا شە‌خسىيە‌تنىڭ يە‌نە بىر قىسمى قانداق؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ ھە‌ققىدە نېمە يېزىلغان؟‏

15 كونا شە‌خسىيە‌تكە خاس يە‌نە بىر ئادە‌ت —‏ يالغان ئېيتىش.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپ ئادە‌م باج تۆلىمە‌سلىك ياكى قىلغانلىرىغا جاۋابكار بولماسلىق ئۈچۈن يالغان گە‌پ قىلىدۇ.‏ لېكىن يە‌ھۋا خۇ‌دا —‏ ھە‌قىقە‌تنىڭ خۇ‌داسى (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏5)‏.‏ شۇ‌ڭا ئۇ خىزمە‌تچىلىرىدىن «يالغان سۆزلىمە‌ي»،‏ ئە‌كسىچە «ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌شنى» تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏25؛‏ كولوسىلىقلارغا 3:‏9)‏.‏ ئېنىقكى،‏ بىز ھە‌تتا ئېيتىشقا ئۇ‌يات ياكى قىيىن بولغان چاغدىمۇ راستىنى ئېيتىشىمىز كېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 6:‏16—‏19)‏.‏

ئۇ‌لار قانداق قىلىپ غە‌لبە قىلدى؟‏

16.‏ كونا شە‌خسىيە‌تىن ئايرىلىشقا بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 ئۆز كۈچىمىز بىلە‌ن كونا شە‌خسىيە‌تىن ئايرىلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ ساكۇ‌را،‏ رىبېيرو،‏ ستىۋېن ۋە خانس كونا ھايات كە‌چۈرۈش يولىنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ،‏ كۈرە‌ش قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئۇ‌لارغا خۇ‌دا سۆزىنىڭ كۈچى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ياردە‌م بە‌ردى (‏لۇ‌قا 11:‏13؛‏ ئىبرانىيلارغا 4:‏12)‏.‏ شۇ كۈچنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز ۋە بىلگە‌نلىرىمىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىش ئۈچۈن دانالىق ھە‌م كۈچ سوراپ دائىم دۇ‌ئا قىلىشىمىز زۆرۈر (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏8؛‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏97؛‏ سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏17)‏.‏ جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىغا تە‌ييارلىنىش ھە‌م ئۇ‌لارغا قاتنىشىشمۇ خۇ‌دا سۆزىنىڭ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ تە‌سىرىنى ھېس قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 10:‏24،‏ 25)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بېرىۋاتقان باشقىمۇ كۆپلىگە‌ن قۇ‌راللارنى قوللانغانلىقىمىز ياخشى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ژۇ‌رناللىرىمىز،‏ JW Broadcasting تېلېۋىزىيىسى،‏ «‏JW Library‏» پروگراممىسى ۋە org.‏jw تور بېكىتى (‏لۇ‌قا 12:‏42)‏.‏

بوُراده‌ر موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُۋاتىدوُ،‏ ئوُنىڭغا ئاساسنغان ماتېرىيالنی ته‌تقىق قىلىۋاتىدوُ ۋه دوُئا قىلىۋاتىدوُ

كونا شە‌خسىيە‌تىن ئايرىلىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرى (‏16-‏ئابزايسقا قاراڭ)‏

17.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

17 بۇ ماقالىدە بىز خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئايرىلىپ،‏ قايتىدىن قىلماسلىقى كېرە‌ك بە‌زى يامان ئىشلارنى قاراپ چىقتۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نى قىلىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ بىز يېڭى شە‌خسىيە‌تكە ئېرىشىپ،‏ ئۇ‌نى ھاياتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە بۇ‌نى قانداق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

a بۇ ماقالىدىكى بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

b ‏«ياشلارنىڭ سوئاللىرى» (‏1-‏توم)‏ (‏رۇ‌س)‏ كىتابىنىڭ 25-‏بابىغا قاراڭ.‏ شۇ‌نداقلا «خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» كىتابىنىڭ 218-‏بېتىدىكى «قولدا زىنا قىلىش ئادىتىنى تاشلاڭ» ناملىق قوشۇ‌مچىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • كونا شە‌خسىيە‌تنى يېشىپ تاشلايمىز.‏ كونا شە‌خسىيە‌ت دېگىنىمىز —‏ يە‌ھۋانى بىلمىگە‌ندە قىلغان ئىشلىرىمىز،‏ ئېيتقان سۆزلىرىمىز ۋە ئويلىرىمىز.‏ ئە‌مما ھازىر يە‌ھۋانى بىلگە‌نلىكتىن،‏ بىز بۇ‌رۇ‌ن قىلغان يامان ئىشلارنى ئۆچ كۆرىمىز ۋە كونا شە‌خسىيىتىمىزدىن ئايرىلىشنى خالايمىز.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن بىز خۇ‌داغا ياقمايدىغان خىسلە‌تلە‌ردىن ۋە ئادە‌تلە‌ردىن ئايرىلىپ ئۆزگىرىمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش