كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 سېنتە‌بىر 3-‏8 ب.‏
  • ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى ئۆگىنە‌يلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى ئۆگىنە‌يلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۈلگىسى
  • خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى ئارىسىدىكى ياخشى ۋە يامان مىساللار
  • نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏
  • ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش لازىم
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 سېنتە‌بىر 3-‏8 ب.‏
يوٰسوٰپ پوتىپارنىڭ ئايالىدىن قېچىپ كېتىۋاتىدوُ

ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى ئۆگىنە‌يلى

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى.‏.‏.‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ش» (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏22،‏ 23)‏.‏

ناخشىلار:‏ 52،‏ 26

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا شە‌يتاننىڭ ئىسىيانىغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالغان ۋە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالمىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ قانداق مىساللىرى بار؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى ئۆگىنىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالماسلىقنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئە)‏ نېمىشقا ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان خىسلە‌ت (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏22،‏ 23)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ خىسلە‌تنى مۇ‌كە‌ممە‌ل تۈردە كۆرسىتە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌مما نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌ر بۇ‌نداق قىلالمايدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئادە‌ملە‌ر دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى بىلمىگە‌نلىكتىن پە‌يدا بولىدۇ.‏ ئۆز-‏ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالمايدىغان ئادە‌م مۇ‌ھىم ئىشلارنى كېيىنگە قالدۇ‌رۇ‌پ،‏ مە‌كتە‌پتە ناچار ئوقۇ‌يدۇ ۋە ئىشىنى ياخشى ئورۇ‌ندۇ‌يالمايدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۇ خىسلە‌تنىڭ بولماسلىقى ھاقارە‌تلىك سۆزلە‌رنى،‏ ھاراقكە‌شلىك،‏ زوراۋانلىق،‏ ئاجرىشىش،‏ ئورۇ‌نسىز قە‌رزگە پېتىش،‏ خۇ‌مارلىق،‏ تۈرمىگە چۈشۈش،‏ روھىي زە‌ربىگە ئۇ‌چراش،‏ جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ئارقىلىق يۇ‌قىدىغان كېسە‌للە‌ر ياكى كۈتمىگە‌ن ھامىلدارلىق قاتارلىق ئاقىۋە‌تنى كە‌لتۈرۈپ چىقىرىشى مۇ‌مكىن (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏11—‏14)‏.‏

2 ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى بىلمە‌يدىغان كىشى ئۆزىگىمۇ،‏ باشقىلارغىمۇ قىيىنچلىق تۇ‌غدۇ‌رىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالمايدىغان ئادە‌ملە‌ر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.‏ بۇ بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رمايدۇ،‏ چۈنكى خۇ‌دا سۆزىدە بۇ «ئاخىرقى كۈنلە‌ردە» ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ بىر بە‌لگۈسى بولىدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغان (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1—‏3)‏.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

3 نېمە ئۈچۈن بىز ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بۇ‌نىڭ ئىككى مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى بار.‏ بىرىنچى،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى باشقۇ‌رالايدىغان ئادە‌منىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئازىراق بولىدۇ.‏ مۇ‌نداق ئادە‌مگە باشقىلار بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش ئاسانراق ۋە ئۇ ئاچچىقلانمايدۇ،‏ غە‌م-‏قايغۇ ياكى چۈشكۈنلۈككە بېرىلمە‌يدۇ.‏ ئىككىنچى،‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رساق ۋە يامان ھە‌ۋە‌سلىرىمىزنى تىزگىنلىسە‌ك،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلۇ‌قىمىزنى ساقلايمىز.‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا مۇ‌نداق قىلالمىدى (‏يارىتىلىش 3:‏6)‏.‏ ئۇ‌لارغا ئوخشاش،‏ ھازىر كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالماسلىق سە‌ۋە‌بلىك يامان ئاقىۋە‌تكە قالماقتا.‏

4.‏ يامان ھە‌ۋە‌سلىرىنى تىزگىنلە‌ش قىيىن بولۇ‌ۋاتقان ئادە‌ملە‌رگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

4 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىنسان ئىكە‌نلىكىمىزنى،‏ شۇ‌ڭا ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش بىز ئۈچۈن ئاسان ئە‌مە‌سلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ بىزنىڭ يامان ھە‌ۋە‌سلىرىمىزنى باشقۇ‌رۇ‌شىمىزنى خالايدۇ (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 8:‏46—‏50)‏.‏ كۆيۈمچان دوست سۈپىتىدە يە‌ھۋا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بىلە‌ن ھە‌ۋە‌سلىرىنى تىزگىنلە‌ش قىيىن بولۇ‌ۋاتقان ئادە‌ملە‌رگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە بىز يە‌ھۋانىڭ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ئۈلگىسىدىن ساۋاق ئالىمىز.‏ شۇ‌نداقلا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالىغان ۋە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالمىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ جە‌ھە‌تتە ياردە‌م بېرىدىغان ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنىمۇ قاراپ چىقىمىز.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۈلگىسى

5،‏ 6.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشتا قانداق ئۈلگە كۆرسە‌تتى؟‏

5 يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ممە تە‌رە‌پتىن مۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالدا ئۆزىنى تۇ‌تالايدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4)‏.‏ لېكىن بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشتا ئۇ‌نى قانداق ئۈلگە قىلساق بولىدۇ،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئۈلگىسىنى قاراپ چىقىشىمىز لازىم.‏ شۇ چاغدا كۆڭلۈمىزنى يېرىم قىلىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆزۈمىزنى قانداق توغرا تۇ‌تۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى بىلىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش خىسلىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

6 شە‌يتان ئېرە‌م باغدا ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ ئىبلىسنىڭ قىلغان ئىشى خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى ھە‌ممە سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ غە‌زە‌ب-‏نە‌پرىتىنى قوزغاپ،‏ ھاڭ-‏تاڭ قالدۇ‌ردى.‏ بە‌لكىم،‏ شە‌يتاننىڭ كاساپىتىدىن بولۇ‌ۋاتقان قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ھە‌ققىدە ئويلىغىنىڭىزدا،‏ سىزدە نە‌ق شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار پە‌يدا بولىدىغاندۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئاچچىقلىنىشقا ئالدىرىماي،‏ مە‌سىلىنى ئىنتايىن توغرا ھە‌ل قىلدى.‏ ئۇ غە‌زە‌پكە بېرىلمە‌ي،‏ شە‌يتاننىڭ ئىسىيانىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌سىلىدە ئادالە‌ت ھە‌رىكە‌ت قىلدى (‏چىقىش 34:‏6؛‏ ئايۇ‌پ 2:‏2—‏6)‏.‏ نېمىشقا يە‌ھۋا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويدى؟‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىماي،‏ «ئە‌مما ھە‌ممىسىنىڭ توۋۋا قىلىشىنى خالايدۇ» (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏9)‏.‏

7.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۈلگىسى بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏

7 يە‌ھۋانىڭ ئۈلگىسى بىزگە پۇ‌ختا ئويلىنىپ ھە‌رىكە‌ت قىلىش ۋە بىردىنلا تېرىكىپ كە‌تمە‌سلىكنى ئۆگىتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا مۇ‌ھىم مە‌سىلىنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ ۋاقىت چىقىرىپ ياخشى ئويلىنىڭ.‏ توغرا سۆزلە‌پ،‏ توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۈچۈن دانالىق سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 141:‏3)‏.‏ ئاچچىقلانغاندا ياكى خاپا بولغاندا،‏ قىزىق قانلىق بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئاسان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر ئويلانمايلا ئېيتقان سۆزلىرىگە ياكى قىلغان ئىشلىرىغا پۇ‌شايمان قىلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏29؛‏ 15:‏28؛‏ 19:‏2)‏.‏

خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى ئارىسىدىكى ياخشى ۋە يامان مىساللار

8.‏ ئا)‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى قە‌يە‌ردىن تاپساق بولىدۇ؟‏ ئە)‏ پوتىپارنىڭ ئايالى ئۇ‌نى ئازدۇ‌رماقچى بولغاندا،‏ يۈسۈپكە نېمە ياردە‌م بە‌ردى؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى مىساللار ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلە‌يدۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياقۇ‌پنىڭ ئوغلى يۈسۈپنى ئالايلى.‏ ئۇ پىرە‌ۋننىڭ باش قوغدىغۇ‌چىسى پوتىپارنىڭ ئۆيىدە خىزمە‌ت قىلىپ يۈرگە‌ندە،‏ ئېزىقىشقا قارشى تۇ‌رغان.‏ يۈسۈپكە پوتىپارنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ «چىرايلىق ھە‌م قە‌ددى-‏قامىتى كېلىشكە‌ن ئە‌ر كىشى» ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىرنە‌چچە قېتىم يۈسۈپنى ئېزىقتۇ‌رماقچى بولدى.‏ يۈسۈپنىڭ بۇ ئازدۇ‌رۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌ردى؟‏ ئۇ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌پ كېتىشنىڭ قانداق ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن-‏ئالا پۇ‌ختا ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقارغان ئوخشايدۇ.‏ كېيىن،‏ بۇ ئايال ئۇ‌نىڭ كىيىمىنى تۇ‌تۇ‌ۋالغاندا،‏ ئۇ ئۇ‌نىڭدىن قېچىپ كە‌تتى.‏ يۈسۈپ:‏ «قانداقمۇ مە‌ن بۇ‌نداق زور ياۋۇ‌زلۇ‌قنى قىلىپ،‏ خۇ‌دا ئالدىدا گۇ‌ناھكار بولاي؟‏»—‏دېدى (‏يارىتىلىش 39:‏6،‏ 9؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏10نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

9.‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق ئالدىن-‏ئالا تە‌ييارلىنالايسىز؟‏

9 يۈسۈپنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ خۇ‌دانىڭ قانداقتۇ بىر قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌شقا ئازدۇ‌رۇ‌لساق،‏ بۇ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمىغاندا،‏ بە‌زى بىرىمىز ئارتۇ‌ق يە‌پ-‏ئىچىش،‏ ھاراقكە‌شلىك،‏ تاماكا ياكى نە‌شە چېكىش،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقتە‌ك ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان.‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ندىن كېيىنمۇ بۇ بىز ئۈچۈن تېخىغىچە ئېزىقتۇ‌رۇ‌ش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە بولسىڭىز،‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزگە قانچىلىك كۆپ زىيان ئە‌كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىڭ.‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلاپ،‏ ئۇ‌لاردىن قانداق نېرى تۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 26:‏4،‏ 5؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏3)‏.‏ مە‌يلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇ‌ن،‏ شۇ‌نداق سىناققا دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن دانالىق بىلە‌ن ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش خىسلىتىنى سوراڭ.‏

10،‏ 11.‏ ئا)‏ مە‌كتە‌پتە كۆپ ياشلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ؟‏ ئە)‏ خۇ‌دا قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌شقا ئېزىقتۇ‌رۇ‌لغاندا،‏ ياش قېرىنداشلارغا بۇ‌نىڭغا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

10 يۈسۈپنىڭكىگە ئوخشاش ۋە‌زىيە‌ت بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ياش مە‌سىھىيلە‌رنىڭ بېشىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى —‏ كىمبېرلى ئىسىملىق قېرىنداش.‏ سىنىپداشلىرى پات-‏پات دە‌م ئېلىش كۈنلىرى بىرسى بىلە‌ن جىنسىي ئالاقىدە بولغانلىقى ھە‌ققىدە ئېيتىپ ماختىنىدېكە‌ن.‏ ئە‌مما كىمبېرلى ئۇ‌لارنىڭ پاراڭلىرىغا ئارلاشمىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتىشىچە،‏ باشقىلاردىن پە‌رىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،‏ بە‌زىدە ئۆزىنى «يالغۇ‌ز ۋە ھېچكىمگە كېرە‌ك ئە‌مە‌س» ھېس قىلغان.‏ سىنىپداشلىرى ئۇ‌نى بىرە‌ر يىگىت بىلە‌ن يۈرمىگە‌نلىكى ئۈچۈن ئە‌خمە‌ق دېيىشكە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ دانا ھە‌رىكە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى كىمبېرلى ياش ۋاقتىدا ئادە‌منىڭ جىنسىي ھە‌ۋىسىنىڭ بە‌ك كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏22)‏.‏ سىنىپداشلىرى ئۇ‌نىڭدىن:‏ «سە‌ن تېخى ھېچكىم بىلە‌ن بولمىدىڭمۇ؟‏»—‏دە‌پ پات-‏پات سورايدۇ.‏ كىمبېرلى مۇ‌شۇ پۇ‌رسە‌تتىن پايدىلىنىپ،‏ نېمىشقا ھېچكىم بىلە‌ن جىنسىي ئالاقىدە بولماسلىققا قارار قىلغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ.‏ ئە‌خلاقسىزلىق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىنىپ،‏ شۇ‌نداق بېسىم ئاستىدا بۇ‌نىڭدىن باش تارتىشقا بە‌ل باغلىغان ياش مە‌سىھىيلە‌ردىن پە‌خىرلىنىمىز.‏ يە‌ھۋامۇ ئۇ‌لاردىن پە‌خىرلىنىدىغانلىقى سۆزسىز!‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنىڭ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا قارشى تۇ‌رمىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ مىساللىرىمۇ بار.‏ بۇ مىساللار ئۆزىگە ئىگە بولالمىغانلىقنىڭ ئاقىۋېتى قانچىلىك يامان بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىز كىمبېرلىنىڭكىگە ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تكە چۈشۈپ قالسىڭىز،‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت نىڭ 7-‏بابىدىكى ئە‌قىلسىز يىگىتنى ئېسىڭىزغا ئېلىڭ.‏ شۇ‌نداقلا ئامنوننىڭ قىلغان ئىشى قانداق يامان نە‌تىجە ئېلىپ كە‌لگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 13:‏1،‏ 2،‏ 10—‏15،‏ 28—‏32)‏.‏ ئاتا-‏ئانىلار ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە مۇ‌شۇ مىساللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ئارقىلىق دانالىقنى يېتىلدۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئۆگىتە‌لە‌يدۇ.‏

12.‏ ئا)‏ يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى قانداق تىزگىنلىگە‌ن؟‏ ئە)‏ قايسى ۋاقىتلاردا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌مىزنى تىزگىنلە‌شكە توغرا كېلىدۇ؟‏

12 باشقا بىر ۋە‌زىيە‌تتە يۈسۈپ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشتا يە‌نە بىر قېتىم ئىجابىي ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ قېرىنداشلىرى مىسىرغا ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك سېتىۋېلىشقا كە‌لگە‌ندە يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ئاكىلىرىنىڭ يۈرىكىدە نېمە بار ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ يۈسۈپ ئۇ‌لارنىڭ قېرىندىشى ئىكە‌نلىكىنى بىردىن ئېيتمىغانىدى.‏ تە‌سىرلىنىپ كە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ ئالدىراپ چىقىپ ئىچكىرى بۆلمىگە كىرىپ،‏ ھۆكۈرە‌پ يىغلاپ كە‌تكە‌ن (‏يارىتىلىش 43:‏30،‏ 31؛‏ 45:‏1)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىر قېرىنداشنىڭ ئىشى سىزنى خاپا قىلسا،‏ يۈسۈپنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزىڭىزنى تۇ‌تسىڭىز،‏ بۇ سىزنى كېيىن قىزىق قانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌شتىن ياكى ھە‌رىكە‌ت قىلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏32؛‏ 17:‏27)‏.‏ ئېھتىمال،‏ سىزنىڭ تۇ‌غقىنىڭىز جامائە‌تتىن چىقىرىلغاندۇ.‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئورۇ‌نسىز ئارىلاشماسلىق ئۈچۈن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى تىزگىنلە‌شكە توغرا كېلىدۇ.‏ بۇ ئاسان ئە‌مە‌س.‏ لېكىن يە‌ھۋا ئۈلگە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىپىنى ئورۇ‌نلاۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشە‌نسىڭىز،‏ بۇ ئاسانراق بولىدۇ.‏

13.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ھاياتىدا بولغان ۋە‌قە‌لە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

13 داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئۈلگىسىدىنمۇ ساۋاق ئالالايمىز.‏ سائۇ‌ل بىلە‌ن شىمىي ئۇ‌نى يامانلىققا ئىشتە‌رمە‌كچى بولغاندا،‏ داۋۇ‌ت غە‌زە‌پلە‌نمىگە‌ن ۋە ھوقۇ‌قىنى ئىشلىتىپ ئۇ‌لارغا قارشى تۇ‌رمىغان (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 26:‏9—‏11؛‏ سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 16:‏5—‏10)‏.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ داۋۇ‌ت ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى بىلمىگە‌ن ۋاقىتلارمۇ بولغان.‏ بۇ‌نى ئۇ‌نىڭ بە‌تشە‌با بىلە‌ن قىلغان گۇ‌ناھىدىن ۋە نابالنىڭ ئاچكۆزلۈكىگە دە‌سلە‌پ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقىدىن بىلىمىز (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 25:‏10—‏13؛‏ سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 11:‏2—‏4)‏.‏ داۋۇ‌تتىن مۇ‌ھىم ساۋاق ئالالايمىز.‏ بىرىنچىدىن،‏ بولۇ‌پمۇ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئارىسىدىكى نازارە‌تچىلە‌ر ئۆز ھوقۇ‌قىنى ناتوغرا ئىشلە‌تمە‌سلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشى كېرە‌ك.‏ ئىككىنچىدىن،‏ ھېچبىرىمىز ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلار مېنى چۆگلە‌پ ئۆتۈپ كېتىدۇ دە‌پ،‏ ئۆزۈمىزگە ھە‌ددىدىن تاشقىرى ئىشە‌نمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏12)‏.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

14.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر قانداق ۋە‌قە‌گە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە شۇ‌نىڭدە‌ك ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە سە‌ۋرچان بولۇ‌ش نېمىشقا مۇ‌ھىم؟‏

14 ئۆزىڭىزنى تۇ‌تۇ‌شنى ياخشىراق ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ لۇ‌ئىژى ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر دۈچ كە‌لگە‌ن ۋە‌قە‌گە قاراپ باقايلى.‏ بىر ماشىنا ئۇ‌نىڭ ماشىنىسىنىڭ كە‌ينىگە كېلىپ ئۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ بۇ باشقا ماشىنىنىڭ شوپۇ‌رىنىڭ سە‌ۋە‌نلىكى بولسىمۇ،‏ ئۇ لۇ‌ئىژىغا ۋاقىراپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سوقۇ‌شماقچى بولدى.‏ لۇ‌ئىژى سە‌ۋرچان بولۇ‌ش ئۈچۈن دۇ‌ئادا يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ،‏ شۇ كىشىنىمۇ سە‌ۋرچان بولۇ‌شقا ئۈندىگە‌ن.‏ لېكىن،‏ بۇ ئە‌ر كىشى ۋاقىراشنى توختاتمىغان.‏ لۇ‌ئىژى ئۇ‌نىڭ ماشىنىسىنىڭ نۇ‌مۇ‌رىنى يېزىۋېلىپ،‏ ئۇ كىشى تېخى ۋاقىراپ-‏جاقىراۋاتقاندا،‏ كېتىپ قالغان.‏ بىر ھە‌پتىدىن كېيىن،‏ لۇ‌ئىژى ۋە‌ز قىلغاندا بىر ئايالغا قايتا يولۇ‌قىدۇ.‏ شۇ ئايالنىڭ يولدىشى دە‌ل شۇ شوپۇ‌ر بولۇ‌پ چىققان!‏ بۇ ئە‌ر كىشى ئۆزىنىڭ قىلىقى ئۈچۈن خىجىل بولۇ‌پ،‏ كە‌چۈرۈم سورىغان.‏ ئۇ لۇ‌ئىدژىنىڭ ماشىنىسىنى چاپسانراق ئوڭشاش ئۈچۈن،‏ ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىقان.‏ بۇ كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدىكى مۇ‌ھاكىمىگە قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ ياخشى تىڭشىغان.‏ مۇ‌شۇ ۋە‌قە‌دىن كېيىن،‏ لۇ‌ئىژى بايىقى ماشىنىنى ئۇ‌رغان ۋاقىتتا سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ قانچىلىك توغرا قىلغىنىنى ۋە ئاچچىققا بېرىلىپ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ ئاقىۋېتى قانداق يامان بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن ‏(‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏3،‏ 4نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

بوُراده‌رنىڭ ۋاقىراپ-‏جاقىرغان كىشىگه ئوزىنی توُتوُۋېلىپ موُئامىله قىلىشی كېيىن خىزمه‌تته شوُ كىشىنىڭ بوُرادىرىمىزنی قانداق قارشی ئالغانلىقىغا ته‌سىر قىلغان

ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ۋە‌ز خىزمىتىمىزگە تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن (‏14-‏ئابزايسقا قاراڭ)‏

15،‏ 16.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى يېتىلدۈرۈشگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى پۇ‌ختا ۋە مۇ‌نتىزىم ھالدا تە‌تقىق قىلىش مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ خۇ‌دا يە‌شۇ‌ئاغا نېمە ئېيتقانلىقىنى ئېسىمىزغا ئالايلى:‏ «بۇ قانۇ‌ن كىتابىنى ئۆز ئاغزىڭدىن نېرى تۇ‌تماي،‏ ئۇ‌نىڭ ئىچىدە پۈتۈلگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى تۇ‌تاي دە‌پ،‏ ئۇ‌نى كېچە-‏كۈندۈز ئويلاپ تۇ‌رغىن.‏ ئۇ‌نداق قىلساڭ،‏ سېنىڭ يوللىرىڭ سائادە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ ئۆزۈڭ راۋاجلىق بولىسە‌ن» (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏8)‏.‏ بىراق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئۆزىڭىزنى تۇ‌تۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنىڭ ياخشى نە‌تىجە ۋە بۇ خىسلە‌تنىڭ كە‌ملىكى يامان ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئېنىق مىساللار بار.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ ۋە‌قە‌لە‌رنى بىكارغا يازدۇ‌رۇ‌پ قويمىغان (‏رىملىقلارغا 15:‏4)‏.‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارنى ئوقۇ‌پ،‏ تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغانلىقىمىز توغرا.‏ ئوقۇ‌غىنىڭىزنى ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز قانداق پايدىلىنالايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ يە‌ھۋادىن سۆزىدىكى مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشقا ياردە‌م سوراڭ.‏ قانداقتۇ بىر ساھە‌دە ئۆزىڭىزنى تۇ‌تالمايدىغانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز،‏ بۇ‌نىڭغا كۆز يۇ‌مماڭ.‏ ئاندىن مۇ‌شۇ ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىپ،‏ قانداقلارچە ياخشىلاشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى سېلىڭ (‏ياقۇ‌پ 1:‏5)‏.‏ ماتېرىياللارنى تە‌تقىق قىلىش ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى تېپىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىشى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏

17.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى قانداق ئۆگە‌تسە بولىدۇ؟‏

17 بالىلىرىڭىزنىڭ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى يېتىلدۈرۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاتا-‏ئانا بالىسىنىڭ بۇ خىسلە‌ت بىلە‌ن تۇ‌غۇ‌لمىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار بالىلىرىنى ياخشى خىسلە‌تلە‌رگە ئۆز ئۈلگىسى بىلە‌ن ئۆگىتىشى لازىم (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏4)‏.‏ بالىلىرىڭىزدا ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش كە‌مچىل بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز،‏ ئۆزىڭىز بۇ تە‌رە‌پتىن ياخشى ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن-‏كۆرسە‌تمىگە‌نلىكىڭىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈڭ.‏ ۋە‌ز ئىشىغا قاتنىشىش،‏ جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىغا بېرىش ھە‌م ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ئۆتكۈزۈشتە مۇ‌نتىزىم بولغانلىقىڭىز ياخشى ئۈلگە ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ بالىلىرىڭىزنىڭ ئىلتىماسى ئورۇ‌نسىز بولسا،‏ «ياق» دە‌پ ئېيتىشتىن قورقماڭ!‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىغا بە‌لگۈلۈك چە‌كلىمىنى ئورناتقان.‏ بۇ ئۇ‌لارغا يە‌ھۋانىڭ ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە ياردە‌م بە‌ردى.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌پ،‏ ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇ‌لارنى ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشقا ئۆگىتە‌لە‌يدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ھوقۇ‌قىغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لە‌پلىرىگە بولغان ھۆرمە‌ت —‏ بالىلىرىڭىز ئۆگىنىشى كېرە‌ك ئە‌ڭ بىباھا خىسلە‌تلە‌ردۇ‌ر ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏5،‏ 7،‏ 8نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

18.‏ نېمىشقا دوستلارنى دانالىق بىلە‌ن تاللىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18 ئاتا-‏ئانا بولساقمۇ،‏ بولمىساقمۇ ھە‌ممىمىز دوستلارنى دانالىق بىلە‌ن تاللاش كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر دوستلىرىڭىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى ياخشى كۆرسە،‏ ئۇ‌لار سىزنى ياخشى مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا ۋە يامانلىقتىن نېرى بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ئۆزىڭىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ سىزنىڭ ياخشى ئۈلگىڭىزمۇ،‏ ئۇ‌لارغا ئىجابىي تە‌سىر قىلىدىغانلىقى سۆزسىز.‏ ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ مە‌قبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىپ،‏ ھاياتتىن بە‌ھرىمان بولۇ‌پ،‏ ھە‌م يېقىنلىرىمىز بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالايمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش