كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 سېنتە‌بىر 27-‏32 ب.‏
  • جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ ئىشقا كىرىشە‌يلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ ئىشقا كىرىشە‌يلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • جە‌سۇ‌رلۇ‌قنىڭ ئۈلگىلىرى
  • جە‌سۇ‌رلۇ‌قنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌ر
  • جامائە‌تتە كۆرسىتىلىدىغان جاسارە‌ت
  • ‏«خۇ‌دا سە‌ن بىلە‌ندۇ‌ر»‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 سېنتە‌بىر 27-‏32 ب.‏
راهاب ئىسرائىللىق پايقچىرنی توُتماقچی بولغان ئاده‌مله‌رنی باشقا يولغا ئه‌ۋه‌تىدوُ

جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ ئىشقا كىرىشە‌يلى

‏«جۈرە‌تلىنىپ،‏ غە‌يرە‌تلىك بولۇ‌پ ئىشقا چۈشكىن.‏ خاھى قورقماي،‏ خاھى پە‌رىشان بولمىغىن،‏ چۈنكى تە‌ڭرىم رە‌ب خۇ‌دا سە‌ن بىلە‌ندۇ‌ر» (‏تارىخنامە 1-‏يازما 28:‏20)‏.‏

ناخشىلار:‏ 23،‏ 29

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ياشلار بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئاتا-‏ئانىلىرى جاسارىتىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

  • يېشى چوڭ قېرىنداشلار جاسارىتىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

  • چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر جاسارىتىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ سۇ‌لايمان قانداق مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رۇ‌ۋالدى؟‏ ئە)‏ نېمىشقا داۋۇ‌ت سۇ‌لايماندىن ئە‌نسىرىگە‌نىدى؟‏

سۇ‌لايمانغا ئالاھىدە ئىش تاپشۇ‌رۇ‌لغانىدى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا يېرۇ‌سالىمدا سېلىنىدىغان ئىبادە‌تخانىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىنى باشقۇ‌رۇ‌شنى تاپشۇ‌رغان.‏ بۇ تارىختىكى ئە‌ڭ ئە‌ھمىيە‌تلىك قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش لايىھىلىرىنىڭ بىرى ئېدى!‏ ئىبادە‌تخانا «شانلىق»،‏ يە‌نى سە‌لتە‌نە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ ھە‌يۋىتى ۋە گۈزە‌للىكى بىلە‌ن مە‌شھۇ‌ر قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش بولاتتى.‏ بۇ‌نىڭدىنمۇ مۇ‌ھىم بولغىنى،‏ ئۇ «خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ بە‌يتى» ھە‌ق خۇ‌دانىڭ ئۆيى بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى (‏تارىخنامە 1-‏يازما 22:‏1،‏ 5،‏ 9—‏11)‏.‏

2 داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ سۇ‌لايماننى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشە‌نگە‌ن.‏ بىراق سۇ‌لايمان ياش ۋە تە‌جرىبىسىز ئىدى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئىبادە‌تخانا سېلىش ۋە‌زىپىسىنى ئۆز زىمىسىگە ئېلىشقا جاسارىتىنى كۆرسىتە‌لە‌رمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ ياش ۋە تە‌جرىبىسىز بولغانلىقى بۇ ئىشقا توسالغۇ بولدىمۇ؟‏ بۇ ئىشتا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تكە ئېرىشىش ئۈچۈن سۇ‌لايمان جاسارە‌ت بىلە‌ن ئىشقا كىرىشىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

3.‏ سۇ‌لايمان ئاتىسىنىڭ جاسارىتىدىن نېمىنى ئۆگە‌نگە‌ن؟‏

3 سۇ‌لايمان ئاتىسى داۋۇ‌تنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن جاسارىتىدىن كۆپ نە‌رسىگە ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ھە‌تتا،‏ ياش چېغىدا داۋۇ‌ت ياۋايى ھايۋاناتلار بىلە‌ن سوقۇ‌شۇ‌پ،‏ دادىسىنىڭ قويلىرىنى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رغان (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 17:‏34،‏ 35)‏.‏ ئۇ جە‌ڭدە چىنىققان كۈچلۈك پالۋان غولياتقا قارشى چىقىپ،‏ زور جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسە‌تتى.‏ شۇ‌نداق،‏ داۋۇ‌ت خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن قولىدىكى بىر تال سىلىق تاش ئارقىلىق غولياتنى يە‌ڭگە‌ن ئىدى (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 17:‏45،‏ 49،‏ 50)‏.‏

4.‏ نېمىشقا سۇ‌لايمانغا جاسارە‌ت كېرە‌ك ئىدى؟‏

4 داۋۇ‌ت ئۆزى جاسارە‌تلىك ئادە‌م بولغان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ سۇ‌لايماننى جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ ئىبادە‌تخانىنى سېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان ‏(‏تارىخنامە 1-‏يازما 28:‏20نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر سۇ‌لايمان جاسارە‌تلىك بولمىسا،‏ ئۇ قورقۇ‌پ،‏ ئىشنى باشلىماس ئىدى.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئاقىۋە‌تتە ئىشنى پۈتتۈرە‌لمە‌ي قالغاندىنمۇ بە‌كرە‌ك يامان نە‌تىجە بولاتتى.‏

جە‌سۇ‌ر بولۇ‌پ،‏ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن بىزگىمۇ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى كېرە‌ك

5.‏ نېمىشقا بىزگە جاسارە‌ت كېرە‌ك؟‏

5 سۇ‌لايمانغا ئوخشاش جاسارە‌تلىك،‏ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن بىزگىمۇ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قە‌دىمدە جاسارە‌تلىك بولغان بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ مىسالىنى قاراپ باقايلى.‏ ئاندىن قانداقلارچە بىزمۇ جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ ئىشقا كىرىشە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

جە‌سۇ‌رلۇ‌قنىڭ ئۈلگىلىرى

6.‏ يۈسۈپنىڭ جاسارىتى سىزگە قانداق چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قالدۇ‌ردى؟‏

6 پوتىپارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى ئازدۇ‌رماقچى بولغاندا،‏ ئۇ جاسارە‌ت كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ ئۇ شۇ ئايالنى رە‌ت قىلسا،‏ يامان ئاقىۋە‌تكە دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى چوقۇ‌م بىلگە‌ن.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ پوتىپارنىڭ ئايالىغا يول بە‌رمە‌ي،‏ بە‌لكى جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ دە‌رھال رە‌ت قىلغان (‏يارىتىلىش 39:‏10،‏ 12)‏.‏

7.‏ راھاب جە‌سۇ‌رلۇ‌قنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

7 جاسۇ‌رلۇ‌قنىڭ يە‌نە بىر ئۈلگىسى —‏ راھاب.‏ ئۇ‌نىڭ ئېرىخادىكى ئۆيىگە ئىسرائىللىق پايلاقچىلار كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ قورقۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م قىلمىسا بولاتتى.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقتىن،‏ ئۇ ھېلىقى ئىككى كىشىنى يوشۇ‌رۇ‌پ،‏ كېيىن قېچىپ كېتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏يە‌شۇ‌ئا 2:‏4،‏ 5،‏ 9،‏ 12—‏16)‏.‏ راھاب يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقىي خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىگە ۋە شۇ يە‌رنى چوقۇ‌م ئىسرائىللىقلارغا بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ باشقا ئادە‌ملە‌ردىن،‏ ھە‌تتا ئېرىخا پادىشاھى ۋە ئۇ‌نىڭ جە‌ڭچىلىرىدىن قورقمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسىتىپ،‏ ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى قۇ‌تقۇ‌زغان (‏يە‌شۇ‌ئا 6:‏22،‏ 23)‏.‏

8.‏ ئە‌يسانىڭ جاسۇ‌رلۇ‌غى ئە‌لچىلە‌رگە قانداق تە‌سىر قىلدى؟‏

8 ئە‌يسانىڭ سادىق ئە‌لچىلىرى ھە‌م زور جاسارە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ جە‌سۇ‌رلۇ‌قىنى كۆرگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئۆزلىرىمۇ جە‌سۇ‌ر بولالىغان (‏مە‌تتا 8:‏28—‏32‏؛‏ يوھاننا 2:‏13—‏17؛‏ 18:‏3—‏5)‏.‏ سادۇ‌قىيلار ئۇ‌لارغا ئە‌يسا ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىشنى مە‌نئىي قىلسىمۇ،‏ ئە‌لچىلە‌ر بۇ بۇ‌يرۇ‌ققا بويسۇ‌نمىغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 5:‏17،‏ 18،‏ 27—‏29)‏.‏

9.‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 1:‏7-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ جە‌سۇ‌رلۇ‌ق نە‌دىن پە‌يدا بولىدۇ؟‏

9 يۈسۈپ،‏ راھاب،‏ ئە‌يسا ۋە ئە‌لچىلە‌ر توغرا ئىش قىلىشقا بە‌ل باغلىغان.‏ ئۇ‌لار ئۆز قابىلىيە‌تلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقتىن جاسارە‌تلىك بولالىغانىدى.‏ بە‌زىدە بىزنىڭمۇ جاسارە‌تلىك بولۇ‌شىمىزغا توغرا كېلىدۇ،‏ بىز ھە‌م ئۆزۈمىزگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىش كېرە‌ك ‏(‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 1:‏7نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھازىر ھاياتىمىزنىڭ ئىككى ساھە‌سىدە،‏ ئائىلىمىزدە ۋە جامائە‌تتە،‏ قانداق قىلىپ جە‌سۇ‌ر بولالايدىغانلىقىمىزنى قاراپ چىقايلى.‏

جە‌سۇ‌رلۇ‌قنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌ر

10.‏ نېمىشقا ياش مە‌سىھىيلە‌رگە جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كېرە‌ك؟‏

10 ياش مە‌سىھىيلە‌ر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ جە‌سۇ‌رلۇ‌قنى كۆرسىتىش تە‌لە‌پ قىلىنىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ ئۇ‌لار جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسە‌تكە‌ن سۇ‌لايماندىن ئۆگىنىپ،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلالايدۇ.‏ ئۇ ئىبادە‌تخانىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىنىڭ ئايىغىنى چىقىرىش ئۈچۈن دانا قارارلار قىلىش ئارقىلىق جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ ياشلارغا ئاتا-‏ئانىسى نە‌سىھە‌ت بېرىپ،‏ يول كۆرسىتىپ تۇ‌رسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئۆز ئالدىغا مۇ‌ھىم قارارلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دوست تاللاش،‏ كۆڭۈل ئېچىش،‏ ئە‌خلاقىي پاكلىقنى ساقلاش،‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشكە ئوخشاش مە‌سىلىلە‌ردە دانا قارارلارنى قىلىش ئۈچۈن جاسارە‌تلىك بولۇ‌ش لازىم.‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا تىل تە‌ككۈزۈۋاتقان شە‌يتانغا قارشى تۇ‌رغانلىقتىن،‏ جە‌سۇ‌رلۇ‌ققا مۇ‌ھتاج.‏

11،‏ 12.‏ ئا)‏ مۇ‌سا جاسارىتى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ ئە)‏ ياشلار مۇ‌سانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏

11 ياشلار قارار قىلىدىغان مۇ‌ھىم قارارلارنىڭ بىرى —‏ قانداق مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلىش.‏ بە‌زى مە‌ملىكە‌تلە‌ردە ياشلار ئالىي بىلىم ئېلىشقا،‏ يۇ‌قىرى مائاشلىق ئىشقا كىرىشكە ئىنتىلىش كېرە‌ك دېگە‌ن بېسىمغا ئۇ‌چرايدۇ.‏ ئىقتىسادىي ئە‌ھۋالى قىيىن بولغان دۆلە‌تلە‌ردە ياشلار ئۆز ئائىلىسىگە ياردە‌م قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىنى ئىشقا بېغىشلىشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ سىز شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە بولسىڭىز،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ پىرە‌ۋننىڭ قىزىنىڭ قولىدا ئۆستى،‏ شۇ‌ڭا،‏ نام-‏شۆھرە‌ت ھە‌م بايلىققا ئېرىشىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ مۇ‌سا مىسىرلىق ئائىلىسىنىڭ،‏ مۇ‌ئە‌للىملىرى ۋە مە‌سلىھە‌تچىلىرى تە‌رىپىدىن قاتتىق بېسىمغا ئۇ‌چرىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ لېكىن ئۇ جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى بىلە‌ن بىللە بولۇ‌شنى تاللىغانىدى.‏ ئۇ مىسىردىكى بايلىقتىن ۋاز كېچىپ،‏ يە‌ھۋاغا تايانغان (‏ئىبرانىيلارغا 11:‏24—‏26)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ مول بە‌رىكىتىگە ئېرىكە‌ن ھە‌مدە كېلە‌چە‌كتە ئۇ‌نى تېخىمۇ كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌ر كۈتمە‌كتە.‏

12 روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلىپ،‏ پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان ياشلارغا يە‌ھۋا مول بە‌رىكىتىنى تۆكىدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ياشىغان ياش تىموتىي ھاياتىنى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا بېغىشلىغان،‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلالايسىزa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ ‏(‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏19—‏22نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

بوُراده‌ر باشلىقی بىله‌ن سوزلىشىۋاتىدوُ؛‏ قېرىنداشر قوُروُلوُش ئىشىغا قاتناشماقتا؛‏ قېرىندىشىمىز پادىشاهلىق ۋه‌ز خىزمه‌ت مه‌كتىپىده ته‌لىم ئالماقتا

ھاياتنىڭ ھە‌ممە ساھە‌سىدە جە‌سۇ‌ر بولۇ‌شقا بە‌ل باغلىدىڭىزمۇ؟‏ (‏13—‏17 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

13.‏ بىر ياش قېرىندىشىمىزنىڭ مە‌قسە‌تلىرىگە يېتىشىگە جە‌سۇ‌رلۇ‌ق قانداق ياردە‌م بە‌ردى؟‏

13 ئامېرىكنىڭ ئالاباما شتاتىدا ياشايدىغان بىر قېرىندىشىمىزغا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ئىنتىلىش ئۈچۈن جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كېرە‌ك بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغانىدى:‏ «كىچىك چېغىمدا بە‌ك ئۇ‌يالچاق ئېدىم.‏ ناتونۇ‌ش ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىشىكىنى قېقىش ئۇ ياقتا تۇ‌رسۇ‌ن،‏ ھە‌تتا ئىبادە‌ت ئۆيىگە كە‌لگە‌نلە‌ر بىلە‌ن ئاران-‏ئاران سۆزلىشە‌تتىم».‏ ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ۋە قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن بۇ ياش قېرىندىشىمىز پېشقە‌دە‌م بولۇ‌ش مە‌قسىتىگە ئېرىشتى.‏ ئۇ:‏ «شە‌يتان دۇ‌نياسى ئالىي مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌شنى،‏ ئاتاقلىق بولۇ‌شنى،‏ پۇ‌ل بىلە‌ن مال-‏دۇ‌نيا يىغىشنى ئىنتىلىشكە ئە‌رزىيىدىغان ياخشى مە‌قسە‌ت دە‌پ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ لېكىن ئۇ كۆپچىلىكنىڭ مۇ‌نداق مە‌قسە‌تلىرىگە يېتە‌لمە‌ي،‏ ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ ئۆزىنى بە‌ختسىز ھېس قىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌نىدى.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغىنىم ماڭا خۇ‌شاللىق ئاتا قىلىپ،‏ مە‌ن ئۇ‌تۇ‌ق قازانغانلىقىمىنى ھېس قىلىمە‌ن».‏

14.‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئاتا-‏ئانىلارغا جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كېرە‌ك؟‏

14 يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان ئاتا-‏ئانىلارغىمۇ جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسىتىش تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىشتا باشلىقىڭىز دائىم سىزدىن قوشۇ‌مچە ئىشلە‌شنى سورىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ كۈنلىرى بولسا،‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى،‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى ياكى جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىنى پىلانلاپ قويغانسىز.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا بالىلىرىڭىزغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىپ،‏ باشلىقىڭىزنىڭ تە‌لىپىنى رە‌ت قىلىش ئۈچۈن سىزگە جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كېرە‌ك.‏ ياكى بولمىسا،‏ جامائە‌تتىكى بە‌زى ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا قانداقتۇ بىر نە‌رسىلە‌رنى قىلىشقا رۇ‌خسە‌ت بېرىشى مۇ‌مكىن،‏ سىز بولسىڭىز رۇ‌خسە‌ت بە‌رمە‌يدىغانسىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق ئاتا-‏ئانىلار سىزدىن مۇ‌نداق قىلىشىڭىزنىڭ سە‌ۋە‌بىنى سورىسا،‏ جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن ئۇ‌نى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌مسىز؟‏

15.‏ ئاتا-‏ئانىلارغا،‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏25 ۋە ئىبرانىيلارغا 13:‏5 قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

15 بالىلىرىمىزغا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا يېتىشكە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈنمۇ جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە،‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىغا ئېھتىياج چوڭ بولۇ‌ۋاتقان يە‌ردە ياكى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشقا ياكى بولمىسا،‏ ئىبادە‌ت ئۆيلىرى بىلە‌ن چوڭ يىغىلىش سارايلىرىنى سېلىش ئىشىغا قاتنىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشقا قورقۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار قېرىغان چاغدا ئۆزلىرىگە قارايدىغان ئادە‌م بولماي قالىدۇ،‏ دە‌پ قورقىدىغاندۇ.‏ بىراق،‏ دانا ئاتا-‏ئانىلار جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسىتىپ،‏ يە‌ھۋا ئۆز ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 37:‏25؛‏ ئىبرانىيلارغا 13:‏5نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىدىغان ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى جە‌سۇ‌ر بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىشقا ئۈندە‌يدۇ (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 1:‏27،‏ 28؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏14،‏ 15)‏.‏

16.‏ بە‌زى ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە بۇ بالىلىرىغا قانداق پايدا ئېلىپ كە‌لدى؟‏

16 قوشما شتاتلاردا ياشايدىغان بىر ئە‌ر-‏ئايال ئۆز بالىلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ دادىسى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بالىلىرىمىز تېخى ئايىغى ۋە تىلى چىقماي تۇ‌رغاندا،‏ بىز ئۇ‌لارغا پېدائىي ۋە‌ز خىزمىتىنىڭ ۋە جامائە‌تكە خىزمە‌ت قىلىشنىڭ قانداق خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرە‌تتۇ‌ق.‏ ھازىر ئۇ‌لار شۇ‌نىڭغا ئىنتىلىدۇ».‏ بالىلىرى مۇ‌شۇ‌نداق مە‌قسە‌ت قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ئېرىشىش ئارقىلىق شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىدىكى ئېزىقىشلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئاساسىي مە‌قسىتى قىلغان.‏ ئىككى بالىسى بار باشقا بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق يازغان:‏ «كۆپ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنىڭ تە‌نتە‌ربىيە،‏ بىلىم ۋە ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا ئوخشاش ساھە‌لە‌ردە ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىشى ئۈچۈن كۈچى بىلە‌ن پۇ‌لنى سە‌رپ قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ شۇ كۈچ بىلە‌ن پۇ‌لنى بالىلىرىمىزنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئالدىدا ياخشى نام-‏ئاتاق تىكلە‌شكە ياردە‌م بېرىدىغان روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىشىگە ياردە‌م قىلىش ئۈچۈن ئىشلە‌تسە‌ك نە‌قە‌دە‌ر ياخشى».‏ بالىلىرىغا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا يېتىشكە ياردە‌م بېرىدىغان ئاتا-‏ئانىلارنى خۇ‌دانىڭ بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقى سۆزسىزدۇ‌ر!‏

جامائە‌تتە كۆرسىتىلىدىغان جاسارە‌ت

17.‏ جامائە‌تتە جاسارە‌ت كۆرسىتىش زۆرۈر بولغان قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

17 بىز جامائە‌تتىمۇ جاسارە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلىپ قويغان قېرىنداشنىڭ مە‌سىلىسىنى ھە‌ل قىلغاندا ياكى تېز تىببىي ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌پ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان قېرىنداشقا ياردە‌م قىلغاندا،‏ ئاقساقاللارغا جە‌سۇ‌رلۇ‌ق لازىم.‏ بە‌زى ئاقساقاللار تۈرمىلە‌رگە بېرىپ،‏ قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌نلە‌ر بىلە‌ن تە‌تقىق دە‌رىسلىرىنى ۋە جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.‏ تۇ‌رمۇ‌شقا چىقمىغان قېرىنداشلار ھە‌ققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟‏ ئۇ‌لاردا جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسىتىپ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ پۇ‌رسىتى كۆپ.‏ پېدائىي ۋە‌ز ئېيقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالايدۇ،‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىغا مۇ‌ھتاج چوڭ بولىۋاتقان يە‌رگە كۆچۈپ بارالايدۇ،‏ يە‌رلىك لايىھە ۋە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش پروگراممىسىغا قاتنىشالايدۇ ۋە پادىشاھلىق ۋە‌ز خىزمىتى مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ئىلتىماس خېتىنى يازالايدۇ.‏ بە‌زىلىرى ھە‌تتا گىلىئاد مە‌كتىپىدە تە‌لىم ئالالايدۇ.‏

18.‏ يېشى چوڭ قېرىنداشلار قانداق قىلىپ جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

18 جامائە‌تتىكى يېشى چوڭ قېرىنداشلىرىمىز بىز ئۈچۈن بە‌رىكە‌ت ۋە بىز ئۇ‌لارنى بە‌ك ياخشى كۆرىمىز!‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك كۆپ خىزمە‌ت قىلالماسلىقى مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما تېخىغىچە جە‌سۇ‌ر بولۇ‌پ،‏ ئىشقا كىرىشە‌لە‌يدۇ ‏(‏تىتقا 2:‏3—‏5نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاقساقاللار يېشى چوڭ قېرىنداشنى ياش قېرىنداشقا كىيىم-‏كىچە‌ك ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا،‏ ئۇ جە‌سۇ‌ر بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئۇ ياش قېرىنداشنى كىيىمى ئۈچۈن تىللىمايدۇ،‏ ئە‌كسىچە،‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىنلىكى ھە‌ققىدە ئويلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 2:‏9،‏ 10)‏.‏ يېشى چوڭ قېرىنداشلارنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىلە‌ن جامائە‌ت مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولالايدۇ.‏

19.‏ ئا)‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر قانداقلارچە جە‌سۇ‌ر بولالايدۇ؟‏ ئە)‏ فىلىپپىلىقلارغا 2:‏13 ۋە 4:‏13 جە‌سۇ‌ر بولۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

19 چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمدىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رمۇ جاسارە‌ت بىلە‌ن ئىشقا كىرىشىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ياكى ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌ييار بولسا،‏ بۇ جامائە‌تكە چوڭ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 3:‏1)‏.‏ لېكىن،‏ بە‌زى بۇ‌رادە‌رلە‌ر بۇ‌نداق قىلىشتىن تارتىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ئېھتىمال،‏ بۇ‌رادە‌ر بۇ‌رۇ‌ن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ،‏ ئۆزىنى خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ياكى ئاقساقال بولۇ‌شقا لايىقسىز ھېسابلايدىغاندۇ.‏ باشقا بىرسى بۇ خىزمە‌تنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن زۆرۈر بولىدىغان قابىلىيىتىم يوق دە‌پ ئويلايدىغاندۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىز مۇ‌نداق ئويدا بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋا سىزگە جە‌سۇ‌ر بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ ‏(‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏13؛‏ 4:‏13نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌سانىڭ ئۈلگىسىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ تاپشۇ‌رۇ‌قىنى ئورۇ‌نداش قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىغان (‏چىقىش 3:‏11)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئورۇ‌ندىشىغا ياردە‌ملە‌شتى.‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق جە‌سۇ‌رلۇ‌ققا قانداق ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋادىن دۇ‌ئادا ياردە‌م سوراپ،‏ ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش لازىم.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسە‌تكە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلسا بولىدۇ.‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئاقساقاللاردىن ئۆزىنى ئۆگىتىشىنى سوراپ،‏ جامائە‌تتىكى ھە‌رقانداق ئىشتا ياردە‌م كۆرسىتىشكە تە‌ييار قىلالايدۇ.‏ بىز چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن ھە‌ممە بۇ‌رادە‌رلە‌رنى جاسارە‌ت بىلە‌ن جامائە‌تنىڭ ئىشىدا تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىمىز!‏

‏«خۇ‌دا سە‌ن بىلە‌ندۇ‌ر»‏

20،‏ 21.‏ ئا)‏ داۋۇ‌ت سۇ‌لايمانغا نېمىنى ئېسىدە ساقلاشنى ئېيتقانىدى؟‏ ئە)‏ بىز نېمىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

20 داۋۇ‌ت پادىشاھ سۇ‌لايمانغا قۇ‌رۇ‌لۇ‌شنىڭ ئاخىرىغىچە يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولىدىغانلىقىنى ئېسىگە سالغانىدى (‏تارىخنامە 1-‏يازما 28:‏20)‏.‏ سۇ‌لايمان بۇ سۆزلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغانلىقى سۆزسىز ۋە ئۇ‌نىڭ ياش ۋە تە‌جرىبىسىز بولغانلىقى ئىشقا كىرىشىشىكە توسالغۇ بولمىدى.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ زور جاسارە‌ت كۆرسىتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ھە‌شە‌مە‌تلىك ئىبادە‌تخانىنى يە‌تتە يېرىم يىلنىڭ ئىچىدە سېلىپ بولغانىدى.‏

21 يە‌ھۋا خۇ‌دا سۇ‌لايمانغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ بىزنىڭ جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ ئائىلىدىكى ۋە جامائە‌تتىكى ئىشلىرىمىزنى ئورۇ‌ندىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏يە‌شايا 41:‏10،‏ 13)‏.‏ يە‌ھۋاغا بولغان خىزمىتىمىزدە جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كۆرسە‌تسە‌ك،‏ ھازىرمۇ ۋە كېلە‌چە‌كتىمۇ ئۇ‌نىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏ ئۇ‌نداق بولسا،‏ جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ ئىشقا كىرىشە‌يلى!‏

a قانداق روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلىشكە بولىدىغانلىقىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بە‌زى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى تېپىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ» (‏خە‌نزۇ‌چە)‏ 2004-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ل سانىدىكى «‏روھىي مە‌قسە‌تلىرىڭىز يە‌ھۋاغا شە‌رە‌پ كە‌لتۈرسۇ‌ن‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • جە‌سۇ‌رلۇ‌قنى كۆرسىتىش.‏ قورقۇ‌نۇ‌چنىڭ ياكى غە‌م-‏تە‌شۋىشنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىشىڭىزغا توسالغۇ بولۇ‌شىغا يول قويماڭ.‏ يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ تاپشۇ‌رغان ئىشىغا كىرىشىڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش