كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 27-‏30 ب.‏
  • يە‌ھۋانىڭ دېگىنىنى قىلىپ،‏ مول بە‌رىكە‌تكە ئېرىشتىم

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋانىڭ دېگىنىنى قىلىپ،‏ مول بە‌رىكە‌تكە ئېرىشتىم
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يېڭى ھە‌مكارىم
  • ‏«بىز تە‌ييارمىز!‏»‏
  • ئە‌نگلىيىگە قايتىپ،‏ كېيىن شوتلاندىيىگە ئاتلاندۇ‌ق
  • ئېرلاندىيىدىكى يېڭى ۋە‌زىپە
  • ئېرلاندىيىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۈچۈن مۇ‌ھىم ۋە‌قە
  • تامامە‌ن باشقا ۋە‌زىپە
  • 1921 —‏ يۈز يىل بۇ‌رۇ‌ن
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • مە‌ن يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئىشە‌نچىسىنى كۆردۈم.‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 27-‏30 ب.‏
ئولىۋ مه‌تتېيوُۋس

تە‌رجىمىھال

يە‌ھۋانىڭ دېگىنىنى قىلىپ،‏ مول بە‌رىكە‌تكە ئېرىشتىم

ئولىۋ مە‌تتېيۇ‌ۋس ئېيتىپ بە‌رگە‌ن

ھە‌مراھىم ئىككىمىزگە ۋە ئاكام بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئايالىغا ئالاھىدە بىر ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رۇ‌لغانىدى.‏ شۇ چاغدا بىز دە‌رھال:‏ «بىز تە‌ييارمىز!‏»—‏ دېدۇ‌ق.‏ نېمىشقا بۇ ۋە‌زىپىتى ئۆز ئۈسىتىمىزگە ئېلىشقا ماقۇ‌ل بولدۇ‌ق؟‏ ئاۋۋال ئۆزۈم ھە‌ققىدە ئازىراق سۆزلە‌پ بېرە‌ي.‏

مە‌ن 1923-‏يىلى يوركشىردىكى (‏ئە‌نگلىيە)‏ خيمسۋورس شە‌ھىرىدە تۇ‌غۇ‌لدۇ‌م.‏ ئائىلىمىزدە ئىككى بالا ئىدۇ‌ق،‏ مە‌ن ۋە ئاكام.‏ ئاكامنىڭ ئىسمى —‏ بوب.‏ مە‌ن 9 ياشتا بولغاندا دادىمىز بىر كىتابلارنى ئوقۇ‌شنى باشلىدى،‏ ئۇ يە‌ردە يالغان دىن ئادە‌ملە‌رنى قانداقلارچە ئالدايدىغانلىقى چۈشە‌ندۈرۈلگە‌نىدى.‏ ئوقۇ‌غانلىرى ئۇ‌نىڭغا قاتتىق تە‌سىر قىلغان.‏ دادام دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ ئۆزلىرى ئۆگە‌تكە‌نلىرىنى ئورۇ‌نلىمىغانلىقىنى ياقتۇ‌رماتتى.‏ بىرنە‌چچە يىل ئۆتۈپ،‏ ئۆيۈمىزگە بوب ئاتكىنسون ئىسىملىك كىشى كېلىپ،‏ رۇ‌تېرفورد بۇ‌رادە‌رنىڭ بىر نۇ‌تۇ‌غىنى ئاڭلاتتى.‏ شۇ چاغدا بىز بۇ نۇ‌تۇ‌ق ۋە دادامنىڭ بۇ‌رۇ‌ن ئوقۇ‌غان كىتابلارنىڭ بىر يە‌ردىن چىققانلىقىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏ ئاتا-‏ئانام ئاتكىنسون بۇ‌رادە‌رنى ھە‌ركۈنى ئاخشىمى بىرگە تاماق يېيىشكە چاقىرىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك كۆپ سوئال قويغان.‏ ئۇ بىزنى ئۆيۈمىزدىن بىرنە‌چچە كىلومېتر يىراقلىتىكى بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشقا تە‌كلىپ قىلدى.‏ بىز شۇ يىغىلىشلارغا دائىم قاتنىشىدىغان بولدۇ‌ق.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ خيمسۋورستا بىر كىچىك جامائە‌ت پە‌يدا بولدى.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي بىزنىڭ ئۆيدە رايونلۇ‌ق خىزمە‌تچىلە‌ر (‏ھازىر رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار دە‌پ ئاتىلىدۇ)‏ كېلىپ قونۇ‌پ تۇ‌راتتى.‏ شۇ‌نداقلا،‏ يېقىن ئە‌تراپتىكى جامائە‌تلە‌ردىكى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى مېھمانغا چاقىراتتۇ‌ق.‏ شۇ قېرىنداشلار ماڭا بە‌ك ياخشى تە‌سىر قىلغان.‏

شۇ ۋاقىتلىرى ئائىلىمىز شە‌خسىي تىجارە‌تنى باشلىغانىدى.‏ ئە‌مما دادىمىز ئاكامغا:‏ «ئە‌گە‌ر سە‌ن پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى خالىساڭ،‏ بۇ تىجارە‌تنى ياپىمىز»،‏—‏ دېدى.‏ بوب ماقۇ‌ل بولدى ۋە 21 يېشىدا ئۆيدىن كېتىپ،‏ پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىدى.‏ ئىككى يىلدىن كېيىن،‏ 16 ياشقا تولغىنىمدا،‏ مە‌نمۇ پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدۇ‌م.‏ دە‌م ئېلىش كۈنلىرى باشقىلار بىلە‌ن ۋە‌ز قىلاتتىم،‏ ئە‌مما،‏ ئىش كۈنلىرى يالغۇ‌ز خىزمە‌ت قىلاتتىم.‏ مە‌ن پاتېفون بىلە‌ن گۇ‌ۋاھلىق كارتىلارنى،‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە قىسقا ۋە ئېنىق خە‌ۋە‌ر يېزىلغان كارتىلارنى ئىشلىتە‌تتىم.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مېنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ مە‌ن بىر ئايال بىلە‌ن تە‌تقىق قىلىشنى باشلىدىم ۋە كېيىنىرە‌ك ئۇ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتى.‏ كېيىنىرە‌ك شۇ ئايالنىڭ كۆپ تۇ‌غقانلىرىمۇ ھە‌قىقە‌تكە كە‌لدى.‏ كېيىنكى يىلى ميرى خېنشېل ئىسىملىك قېرىنداش بىلە‌ن مە‌خسۇ‌س پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌ندىم.‏ بىزنى چېشىر ئۆلكىسىدىكى تېخى بە‌لگىلە‌پ بېرىلمىگە‌ن تېررىتورىيىگە ئە‌ۋە‌تتى.‏

ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا ئاياللار ئۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بە‌زى باشقا دىن خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌رۇ‌شقا بېرىشتىن كە‌چۈرۈم قىلىغاندە‌ك،‏ بىزمۇ مە‌خسۇ‌س پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار سۈپىتىدە كە‌چۈرۈم قىلىنىمىز،‏ دە‌پ ئۈمىد قىلغان ئىدۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ سوت بۇ‌نىڭغا رۇ‌خسە‌ت بە‌رمىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مېنى 31 كۈنگە تۈرمىگە قامىدى.‏ كېيىنكى يىلى،‏ 19 ياشقا تولۇ‌پ،‏ ۋىجدانىم ئۇ‌رۇ‌شنى قوللاشقا يول قويمىغانلىقتىن،‏ يە‌نە 2 قېتىم سوتقا تاپشۇ‌رۇ‌لدۇ‌رم.‏ ئە‌مما،‏ ئىككىلا قېتىم سوت ماڭا ھېچقانداق ھۆكۈم چىقارمىدى.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ماڭا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ۋە يە‌ھۋا بۇ ئارقىلىق مېنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌نلىكىنى بىلدىم (‏يە‌شايا 41:‏10،‏ 13)‏.‏

يېڭى ھە‌مكارىم

ئارتۇ‌ر مە‌تتېيۇ‌ۋس بىلە‌ن 1946-‏يىلى تونۇ‌شتۇ‌م.‏ ئۇ ئۇ‌رۇ‌شقا قاتنىشىشنى رە‌ت قىلغانلىقتىن،‏ 3 ئاي تۈرمىدە ئولتۇ‌رۇ‌پ ئە‌مدىلا چىققان ئىدى.‏ تۈرمىدىن چىقىپلا،‏ ئۇ خيمسۋورستا مە‌خسۇ‌س پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان ئىنىسى دېننىسقا بارىدۇ.‏ دادىسى ئۇ‌لارغا كىچىكىدىن تارتىپ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئۆسمۈر چېغىدا چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈپ،‏ كېيىن ئىككىسى بىرگە پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي دېننىس ئېرلاندىيىگە ئە‌ۋە‌تىلىپ،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئارتۇ‌ر ھە‌مكارسىز قالغانىدى.‏ ئاتا-‏ئانام بۇ تىرىشچان پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نى ياقتۇ‌رۇ‌پ قالغانىدى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌نى ئۆيۈمىزدە تۇ‌رۇ‌شقا چاقىرغان ئېكە‌ن.‏ مە‌ن ئۆيگە بارغاندا،‏ تاماقتىن كېيىن،‏ ئارتۇ‌ر ئىككىمىز قاچا-‏قومۇ‌چ يۇ‌ياتتۇ‌ق.‏ ئاخىرىدا،‏ بىر-‏بىرىمىزگە خە‌ت يېزىشقا باشلىدۇ‌ق.‏ 1948-‏يىلى ئارتۇ‌ر يە‌نە ئۈچ ئايغا تۈرمىگە تاشلاندى.‏ 1949-‏يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا بولسا،‏ بىز توي قىلدۇ‌ق.‏ بىزنىڭ مە‌قسىتىمىز مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى توختاتماسلىق ئىدى.‏ بىز ئاددىي تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشكە تىرىشتۇ‌ق ۋە ئازراق پۇ‌ل تېپىش ئۈچۈن،‏ دە‌م ئېلىش كۈنلىرىمىزدە يە‌ل-‏يېمىش يىغاتتۇ‌ق.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رالىدۇ‌ق.‏

ئارتوُر ۋه ئولىۋ مه‌تتېيوُۋس،‏ 1949-‏يىل

خيمسۋورستا تويدىن كېيىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ 1949-‏يىل

توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن،‏ بىز شىمالىي ئېرلاندىيىگە ئە‌ۋە‌تىلدۇ‌ق.‏ ئاۋۋال ئارما دېگە‌ن شە‌ھە‌ردە،‏ كېيىن نيۇ‌رى شە‌ھىرىگە باردۇ‌ق.‏ بۇ يە‌ردىكىلە‌رنىڭ كۆپچىلىكى كاتولىكلار بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار باشقا دىن ئادە‌ملىرىنى ياخشى كۆرمىگە‌نلىكتىن،‏ ۋە‌ز قىلغاندا ئاۋايلاپ،‏ زېرە‌ك بولۇ‌شىمىزغا توغرا كېلە‌تتى.‏ يىغىلىشلىرىمىز بىز تۇ‌رغان يە‌ردىن 16 كىلومېتر يىراققا جايلاشقان بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ ئۆيىدە بولالاتتى.‏ بە‌زىدە ئۇ‌نىڭ ئۆيىدە قوناتتۇ‌ق.‏ بىز يە‌ردە ئۇ‌خلاپ،‏ ئە‌تىسى ئە‌تىگە‌ندە ھە‌ممىمىز يىغىلىپ،‏ خوشال-‏خورام بىللە تاماق يە‌تتۇ‌ق.‏ ھازىر شۇ يە‌ردە گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ سانى كۆپ.‏ بۇ‌نىڭدىن مە‌ن بە‌كمۇ خۇ‌شالمە‌ن.‏

‏«بىز تە‌ييارمىز!‏»‏

ئاكام بىلە‌ن ئايالى لوتتى شىمالىي ئېرلاندىيە‌دە مە‌خسۇ‌س پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلاتتى.‏ 1952-‏يىلى تۆرتىمىز بە‌لفاستتا ئۆتكۈزىدىغان رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشقا قاتناشتۇ‌ق.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىپ،‏ تۆرتىمىزنى ۋە برىتانىيىدىكى بە‌يتئە‌ل خىزمە‌تچىسى پرايس خييۇ‌زنى ئۆز ئۆيىدە قوبۇ‌ل قىلغانىدى.‏ بىر كە‌چتە «خۇ‌دانىڭ يولى —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت» ناملىق يېڭى كىتابچىنى مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق.‏ بۇ كىتابچە ئالايتە‌ن ئېرلاندىيە‌لىكلە‌ر ئۈچۈن چىقىرىلغان ئىدى.‏ خييۇ‌ز بۇ‌رادە‌ر ئېرلاندىيە جۇ‌مھۇ‌رىيىتىدىكى كاتولىكلارغا ۋە‌ز قىلىش قىيىن بولغانلىقىنى چۈشە‌ندۈردى.‏ شۇ يە‌ردىكى قېرىنداشلارنى تۇ‌رۇ‌ۋاتقان جايلىرىدىن كېتىشكە مە‌جبۇ‌رلاپ،‏ دىنىي خىزمە‌تچىلە‌ر ئادە‌ملە‌رنى قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى چىقارغانىدى.‏ خييۇ‌ز بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دېدى:‏ «بىزگە ماشىنىسى بار ئە‌ر-‏ئاياللار كېرە‌ك،‏ ئۇ‌لار مۇ‌شۇ دۆلە‌تتە كىتابچىنى تارقىتىش مە‌خسۇ‌س پائالىيىتىگە قاتناشسا دە‌يمىز»‏a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ ‏«بىز تە‌ييارمىز!‏»—‏ دە‌پ دە‌رھال جاۋاب بە‌رگە‌نىدۇ‌ق.‏ بۇ دە‌ل ھېكايىنىڭ بېشىنى باشلىغان سۆز!‏

ئارتوُر ۋه ئولىۋ مه‌تتېيوُۋس پېدائىي ۋه‌ز ئېيتقوُچىلار بىله‌ن موتوسىكىلىتتا

پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بىلە‌ن موتوسىكىلىتتا

پېدائىي ۋە‌ز ئېتقۇ‌چىلار دۇ‌بىلىندا بولغاندا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار خۇ‌دا سادىق خىزمە‌ت قىلغان رۇ‌تلاند «ئاپىمىزنىڭ» ئۆيىدە تورغانىدى.‏ بىز تۆتىمىز ھە‌م بىر مە‌زگىل شۇ يە‌ردە تۇ‌ردۇ‌ق.‏ بە‌زى مال-‏مۈلكۈمىزنى سېتىپ،‏ كېيىن تۆرتىمىز بوبنىڭ موتوسىكىلىتىغا ئولتۇ‌رۇ‌ۋېلىپ،‏ ماشىنا ئىزدە‌شكە چىقتۇ‌ق.‏ بىز مۇ‌ۋاپىق بىر ماشىنىنى تېپىپ سېتىۋالدۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ ھېچقايسىمىز ھە‌يدە‌شنى بىلمىگە‌نلىكتىن،‏ ساتقان كىشىنى ئۇ‌نى ئۆيۈمىزگىچە يە‌تكۈزۈپ بېرىشنى سورىدۇ‌ق.‏ ئارتۇ‌ر شۇ كە‌چتە كارىۋاتتا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ماشىنا ھە‌يدىگە‌ندە‌ك مە‌شىق قىلىپ چىقتى.‏ ئە‌تىسى ئە‌تىگە‌ندە شۇ ماشىنىنى گاراژدىن چىقىرىمە‌ن دە‌پ قىينىلىۋاتقاندا،‏ مىلدرېد ۋىللېت (‏كېيىنىرە‌ك جون بارر بۇ‌رادە‌رگە تۇ‌رمۇ‌شقا چىققان)‏ ئىسىملىك ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى كېلىپ قالدى.‏ ئۇ ماشىنا ھە‌يدە‌شنى بىلگە‌نلىكتىن بىزگە ئانچە-‏مۇ‌نچە ئۆگىتىپ،‏ ئاندىن يولغا چىقىشقا تە‌ييار بولدۇ‌ق.‏

ئارتوُر ۋه ئولىۋ مه‌تتېيوُۋس ماشىنىسی ۋه سه‌ياهه‌ت ماشىنىسىنىڭ يېنىدا

ماشىنىمىز ۋە سە‌ياھە‌ت ماشىنىمىز

ئە‌مدى بىزگە تۇ‌رىدىغان جاي ئىزدە‌ش كېرە‌ك ئىدى.‏ قېرىنداشلار بىزگە ساياھە‌ت ماشىنىسىدا تۇ‌رماسلىقنى مە‌سلىھە‌ت بە‌ردى.‏ چۈنكى،‏ دۈشمە‌نلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئوت قويۇ‌ۋېتىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئۆي ئىزدە‌شنى باشلىدۇ‌ق.‏ بىراق،‏ ھە‌ممىسى بېكار بولدى.‏ شۇ كۈنى تۆرتىمىز ماشىنىدا ئۇ‌خلىدۇ‌ق.‏ ئە‌تىسى تاپقىنىمىز پە‌قە‌ت قولدا ياسالغان كىچىك ساياھە‌ت ماشىنىسى بولدى.‏ ئۇ بىزنىڭ ئۆيۈمىزگە ئايلاندى.‏ كىشىنى خۇ‌شال قىلىنارلىقى يېرى،‏ بىزگە ئۇ‌نى قويىدىغان يە‌رنى تېپىش بە‌ك ئاسان بولدى،‏ سە‌ۋە‌بى يە‌رلىك دېھقانلار بىزگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۆز يېرىگە قويۇ‌شقا رۇ‌خسە‌ت بە‌ردى.‏ بىز ساياھە‌ت ماشىنىسىنى بىر ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىن 16—‏24 كىلومېتر يىراق ئە‌تراپتىكى يە‌ردە ۋە‌ز قىلاتتۇ‌ق.‏ باشقا يە‌رگە كۆچكە‌ندە،‏ بۇ‌نىڭدىن ئاۋۋال تۇ‌رغان يە‌رگە بېرىپ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتاتتۇ‌ق.‏

بىز ئانچە كۆپ قارشىلىققا دۇ‌چ كە‌لمە‌ي،‏ ئېرلاندىيە جۇ‌مھۇ‌رىيىتىنىڭ شە‌رقىي جە‌نۇ‌بىدىكى بارلىق ئۆيلە‌رنى ئارىلىدۇ‌ق.‏ 20000 دىن كۆپرە‌ك كىتابچە تارقاتتۇ‌ق ۋە قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىسىملىرىنى برىتانىيىدىكى بە‌يتئە‌لگە ئە‌ۋە‌تتۇ‌ق.‏ ھازىر ئىرلاندىيە‌دە نە‌چچە مىڭلىغان گۇ‌ۋاھلارنىڭ بولغانلىقى نېمە دېگە‌ن زور بە‌رىكە‌ت!‏

ئە‌نگلىيىگە قايتىپ،‏ كېيىن شوتلاندىيىگە ئاتلاندۇ‌ق

بىرنە‌چچە يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ بىز جە‌نۇ‌بىي لوندونغا ئە‌ۋە‌تىلدۇ‌ق.‏ بىرقانچە ھە‌پتىدىن كېيىن،‏ برىتانىيە بە‌يتئە‌لدىكى بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئارتۇ‌ر بىلە‌ن ئالاقىلىشىپ،‏ ئە‌تىسى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشنى سورىدى!‏ بىر ھە‌پتىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تە‌ييارلىقتىن ئۆتۈپ،‏ شوتلاندىيىدىكى بە‌لگىلە‌نگە‌ن رايونغا يولغا چىقتۇ‌ق.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئارتۇ‌رنىڭ نۇ‌تۇ‌ق تە‌ييارلايدىغان ۋاقتى بە‌ك ئاز بولدى!‏ بىراق،‏ ئۇ خۇ‌داغا بولغان خىزمە‌تتىكى ھە‌رقانداق تاپشۇ‌رۇ‌قنى،‏ قانچىلىك قىيىن بولمىسۇ‌ن،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قىلىشقا تە‌ييار بولغانىدى.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسى مېنى قاتتىق ئىلھاملاندۇ‌ردى.‏ رايۇ‌نلۇ‌ق خىزمىتىمىز ئىككىمىزگىمۇ خۇ‌شاللىق ئە‌كە‌لدى.‏ نە‌چچە يىل بە‌لگىلە‌نمىگە‌ن تېررىتورىيىدە خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ شۇ‌نچىلىك كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىمىز،‏ بىز ئۈچۈن چوڭ بە‌رىكە‌ت بولدى.‏

ئارتۇ‌ر 1962-‏يىلى گىلىئاد مە‌كتىپىگە تە‌كلىپ قىلىنغاندا،‏ بىزگە بە‌ك مۇ‌ھىم قارار قىلىشقا توغرا كە‌لدى.‏ مە‌كتە‌پ پروگراممىسى ئون ئايغا سوزولاتتى ۋە مېنى تە‌كلىپ قىلمىغانلىقتىن،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە بارالمايتتىم.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بىز ئارتۇ‌رنىڭ مە‌كتە‌پكە بېرىشى ياخشىراق بولىدۇ،‏ دە‌پ قارار قىلدۇ‌ق.‏ پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ھە‌مراھسىز قالغانلىقتىن،‏ بە‌يتئە‌ل مېنى قايتا خيمسۋورسقا مە‌خسۇ‌س پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە تە‌يىنلىدى.‏ بىر يىلدىن كېيىن ئارتۇ‌ر قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ بىز دائىرىلىك خىزمە‌تكە تە‌يىنلە‌ندۇ‌ق.‏ بىزنىڭ دائىرىمىزگە شوتلاندىيە،‏ ئە‌نگلىيىنىڭ شىمالى ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە كىرگە‌نىدى.‏

ئېرلاندىيىدىكى يېڭى ۋە‌زىپە

1964-‏يىلى ئارتۇ‌ر ئېرلاندىيە جۇ‌مھۇ‌رىيىتىدىكى بە‌يتە‌لگە بە‌يتئە‌ل خىزمە‌تچىسى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌ندى.‏ بېشىدا بە‌يتە‌لگە بېرىشتىن بە‌ك ئە‌نسىرىدىم،‏ چۈنكى،‏ سە‌ييارە يۈرۈپ قىلىدىغان خىزمە‌تنى قاتتىق ياخشى كۆرە‌تتىم.‏ ئۆتكە‌ن يىللارغا قاراپ،‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش ئىمتىيازى ئۈچۈن ناھايىتى مىننە‌تدارمە‌ن.‏ بېرىلگە‌ن ۋە‌زىپىنى قىلىشنى ئانچە خالىمىساڭمۇ،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلساڭ،‏ يە‌ھۋا ھە‌رقاچان بە‌رىكىتىنى مول تۆكىدۇ.‏ بە‌يتە‌لدە ئىشخانىدا ئىشلىدىم،‏ ماتېرىياللارنى قاچىلىدىم،‏ تاماق ئە‌تتىم ۋە تازالىق ئىشى بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للاندىم.‏ بە‌زىدە بىز يە‌نە دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل خىزمە‌تنى قىلغانلىقتىن،‏ دۆلە‌تنىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌شقاقلىرىدىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌شقا پۇ‌رسە‌ت بولدى.‏ بىز بىلە‌ن تە‌تقىق قىلىپ،‏ روھىي ئۆسكە‌ن ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن كۆرۈشكە‌نلىكىمىز ئېرلاندىيىدىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىدى.‏ بۇ —‏ ئاجايىپ بە‌رىكە‌ت!‏

ئېرلاندىيىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۈچۈن مۇ‌ھىم ۋە‌قە

ئېرلاندىيىدىكى بىرىنچى خە‌لقئارالىق چوڭ يىغىلىش 1965-‏يىلى دۇ‌بلىندا ئۆتكۈزۈلدىb (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ قارشىلىق ئىنتايىن قاتتىق بولسىمۇ،‏ چوڭ يىغىلىش بە‌ك ياخشى ئۆتتى ۋە 3948 ئادە‌م كېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ 65 چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتى.‏ چە‌ت ئە‌لدىن كە‌لگە‌ن 3500 قېرىنداش دۇ‌بلىندىكى ئۆيلە‌ردە توردى.‏ ھە‌ر ئۆينىڭ ئېگىسىگە مىننە‌تدارلىق خە‌تلىرى ئە‌ۋە‌تىلدى.‏ ئۇ‌لارمۇ ئۆيلىرىدە تۇ‌رغان قېرىنداشلارنىڭ ئە‌دە‌بلىك يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىنى ماختىدى.‏ بۇ ئېرلاندىيىنىڭ تارىخىدا ئالاھىدە بىر ۋە‌قە بولغانىدى.‏

ئارتوُر مه‌تتېيوُۋس ناتان نورر بوُراده‌ر بىله‌ن،‏ 1965-‏يىل

ئارتۇ‌ر 1965-‏يىلى چوڭ يىغىلىشقا كە‌لگە‌ن ناتان نورر بۇ‌رادە‌رنى قارشى ئېلىۋاتىدۇ

ئارتوُر مه‌تتېيوُۋس گيل تىلىدا «موُقه‌دده‌س كىتاب هېكايىلىری» كىتابىنىڭ چىققانلىقىنی ئېن قىلىۋاتىدوُ،‏ 1983-‏يىل

ئارتۇ‌ر 1983-‏يىلى گيل تىلىدا «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھېكايىلىرى» كىتابىنىڭ چىققانلىقىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ

1966-‏يىلى جە‌نۇ‌بىي ۋە شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتىش ئىشى بىرلىشىپ،‏ دۇ‌بلىندىكى بە‌يتە‌لنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شىغا تاپشۇ‌رۇ‌لدى.‏ بۇ‌نداق ئىناقلىق پۈتۈن ئارالدىكى دىنىي ۋە سىياسىي بۆلگۈنچىلىكتىن قاتتىق پە‌رقلە‌نگە‌نىدى كاتولىكلارنىڭ ھە‌قىقە‌تكە كېلىپ،‏ بۇ‌رۇ‌ن پروتېستانت بولغان قېرىنداشلار بىلە‌ن بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ خۇ‌شاللىقىمىز ئىچىمىزگە پاتماي كە‌تتى.‏

تامامە‌ن باشقا ۋە‌زىپە

2011-‏يىلى برىتانىيە ۋە ئېرلاندىيە بە‌يتئە‌للىرى بىرلىشىپ،‏ بىز لوندوندىكى بە‌يتئە‌لگە تە‌يىنلە‌نگە‌ندە ھاياتىمىز تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگە‌ردى.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ مە‌ن ئارتۇ‌رنىڭ سالامە‌تلىكى ھە‌ققىدە ئە‌نسىرە‌شكە باشلىدىم.‏ ئۇ‌نىڭدا پاركىنسون كېسىلى (‏تىترە‌ك كېسىلى)‏ تېپىلدى.‏ ئە‌پسۇ‌سكى،‏ 2015-‏يىلنىڭ 20-‏ماي كۈنى 66 يىل داۋامىدا جور بولۇ‌پ كە‌لگە‌ن ھە‌مرايىمدىن ئايرىلدىم.‏

ئۆتكە‌ن نە‌چچە يىلدا،‏ مە‌ن قاتتىق قايغۇ‌رۇ‌پ،‏ روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ھە‌سرە‌تكە كۆڭلۈم بە‌ك ئازابلاندى.‏ بۇ‌رۇ‌ن ئارتۇ‌ر ھە‌رقاچان يېنىمدا ئىدى.‏ ئۇ‌نى شۇ‌نچە بە‌ك سېغىندىم!‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىسىز.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارتۇ‌رنى قانچىلىك ياخشى كۆرگە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە،‏ خوشال بولۇ‌پ كە‌تتىم.‏ ماڭا،‏ ئېرلاندىيە،‏ برىتانىيە،‏ ھە‌تتا قوشما شتاتلاردىكى قېرىنداشلاردىن خە‌تلە‌ر كە‌لدى.‏ بۇ خە‌تلە‌ر ۋە ئارتۇ‌رنىڭ ئىنىسى دېننىس بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئايالى ميۋىس،‏ ئۇ‌لارنىڭ قىزلىرى رۇ‌ت بىلە‌ن جۇ‌دى ماڭا زور ياردە‌م بېرىپ كە‌لدى.‏

ماڭا يە‌شايا 30:‏18-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ ئۇ يە‌ردە:‏ «سىلە‌رگە مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىمە‌ن دە‌پ يە‌ھۋا كۈتىدۇ ۋە شۇ‌ڭا ئۇ سىلە‌رگە رە‌ھىم قىلىمە‌ن دە‌پ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ،‏ چۈنكى يە‌ھۋا ھۆكۈم-‏ھە‌قىقە‌ت چىقارغۇ‌چى خۇ‌دادۇ‌ر،‏ ئۇ‌نى كۈتكە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏»—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممە قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھە‌ل قىلىدىغان ۋاقىتنى كۈتىۋاتقانلىقى ۋە يېڭى دۇ‌نيادا بىزگە ناھايىتى قىزىقارلىق تاپشۇ‌رمىلارنى بېرىدىغانلىقى ماڭا ھە‌قىقىي تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏

ئۆتمۈشكە قاراپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئېرلاندىيىدىكى ۋە‌ز ئىشىغا رە‌ھبە‌رلىك بېرىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بە‌رىكە‌ت بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ يە‌تتىم.‏ بۇ ئىشقا ئۆز ھە‌سسە‌منى قوشالىغىنىم مە‌ن ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ دېگىنىنى قىلساق،‏ ھە‌رقاچان بە‌رىكىتىنى كۆرىمىز!‏

a ‏«يىلنامە» (‏باشقا تىلدا)‏ كىتابىنىڭ 1988-‏يىل،‏ 101،‏ 102-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

b ‏«يىلنامە» (‏باشقا تىلدا)‏ كىتابنىڭ 1988-‏يىل،‏ 109—‏112 بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش