كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 نويابىر 3-‏8 ب.‏
  • خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ناخشا ئېيتايلى!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ناخشا ئېيتايلى!‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ناخشا ئېيتىش —‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌تنىڭ مۇ‌ھىم قىسمى
  • خىجىل بولماي ناخشا ئېيتىشقا قانداق ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏
  • چىن يۈرە‌كتىن ناخشا ئېيتىڭ
  • يېڭى ناخشا
    يە‌ھۋاغا ناخشا ئېيتايلى!‏ —‏ ناخشا تېكىستلىرى
  • تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 نويابىر 3-‏8 ب.‏
ياشرموُ،‏ ياشانغانرموُ جامائه‌ت ئوُچرىشىشىدا بىرده‌ك ناخشا ئېيتماقتا

خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ناخشا ئېيتايلى!‏

‏«خۇ‌دايىمىزنى كۈيلە‌ڭلار،‏ چۈنكى مۇ‌نداق قىلىش شېرىندۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏1)‏.‏

ناخشىلار:‏ 9،‏ 138

قانداق جاۋاب بېرە‌تتىڭىز؟‏

  • ھە‌قىقىي ئىبادە‌تتە ناخشا ئېيتىشنىڭ قانداق ئە‌ھمىيتى بار؟‏

  • ناخشىنى چىن يۈرە‌كتىن ئېيتىشنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

  • يېڭى ناخشا كىتابىغا قانداق ئۆزگۈرۈشلە‌ر كىرگۈزۈلگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

1.‏ ناخشا ئېيتىش ئارقىلىق بىز نېمە قىلالايمىز؟‏

بىر ئاتاقلىق شائىر مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سۆزلە‌ر ئويلاندۇ‌رىدۇ،‏ مۇ‌زىكا سېزىملىرىمىزنى ئويغىتىدۇ.‏ ناخشا بولسا،‏ يۈرە‌ككە تە‌سىر قىلىپ،‏ ئوينىمۇ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌نىمۇ قوزغايدۇ».‏ بىز ناخشىلاردا ئە‌رشتىكى ئاتىمىز يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ ناخشىلار ئارقىلىق بىز ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشالايمىز.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ناخشا ئېيتىشنىڭ،‏ مە‌يلى يالغۇ‌ز ياكى قېرىنداشلار بىلە‌ن بىللە بولسۇ‌ن،‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌تتىكى ئە‌ھمىيىتى مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكى چۈشىنىشلىك.‏

2،‏ 3.‏ ئا)‏ جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىدا ناخشا ئېيتىشقا قانداق قارايسىز؟‏ ئە)‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى قاراشتۇ‌رىمىز؟‏

2 جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىدا ناخشا ئېيتىشقا قانداق قارايسىز؟‏ خىجىل بولۇ‌پ،‏ ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنامسىز؟‏ بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە ئە‌ر كىشىلە‌ر كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنىدۇ.‏ ناخشا ئېيتىلغاندا ئاقساقاللار ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنسا ياكى باشقا ئىشلار بىلە‌ن بە‌نت بولسا،‏ بۇ جامائە‌تنىڭ باشقا ئە‌زالىرىغا يامان تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن (‏زە‌بۇ‌ر 30:‏12)‏.‏

3 ناخشا ئېيتىش —‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسمى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ناخشا ئېيتىلىۋاتقان چاغدا بىز سىرتقا چىقىشنى ياكى ئۇ‌چرىشىشنىڭ مۇ‌شۇ بۆلىكىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ممىمىز ئۆزۈمىزدىن:‏ «ناخشا ئېيتىشقا قانداق قارايمە‌ن؟‏ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىشقا تارتىنسام نېمە قىلسام بولىدۇ؟‏ ناخشىنى چىن يۈرە‌كتىن ئېيتىشنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورىساق بولىدۇ.‏

ناخشا ئېيتىش —‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌تنىڭ مۇ‌ھىم قىسمى

4،‏ 5.‏ قە‌دىمدە ئىسرائىلدا ناخشا ئېيتىشقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قانداق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شلار بە‌لگىلە‌نگە‌ن؟‏

4 قە‌دىمدىن باشلاپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نى ناخشىلاردا مە‌دھىيىلىگە‌نىدى.‏ دىققە‌ت قىلىشقا ئە‌رزىيدىغان يېرى،‏ ئىسرائىللىقلار يە‌ھۋاغا سادىق بولغاندا،‏ ناخشا ئېيتىش ئىبادە‌تنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئىبادە‌تخانا ئۈچۈن تە‌ييارلىق قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانى ناخشىدا مە‌دھىيىلە‌ش ئۈچۈن 4000 لاۋىينى تە‌يىنلىگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا 288 ئادە‌م «خۇ‌داۋە‌ندىگە شېئىر ئوقۇ‌شنى ئۆگىنىپ بىلگە‌نلە‌ر» ئىدى (‏تارىخنامە 1-‏يازما 23:‏5؛‏ 25:‏7)‏.‏

5 ئىبادە‌تخانىنى بېغىشلاش مۇ‌راسىمىدىمۇ مۇ‌زىكا بىلە‌ن ناخشا مۇ‌ھىم ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «كانايچىلار بىلە‌ن شېئىر ئوقۇ‌غۇ‌چىلار بىر بولۇ‌پ،‏ تە‌ڭشىگە‌ن ئاۋاز بىلە‌ن خۇ‌داۋە‌ندىگە مە‌دھىيە ئوقۇ‌پ تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆز ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ،‏ كاناي،‏ جاڭجاڭ ۋە خىلمۇ-‏خىل نە‌غمىلە‌ر چېلىنىپ.‏.‏.‏خۇ‌دانىڭ بە‌يتى خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ شان-‏شە‌رىپىدىن تولغان ئىدى».‏ بۇ ۋە‌قە ئىسرائىللىقلارنىڭ ئىشە‌نچىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌نلىكى سۆزسىز (‏تارىخنامە 2-‏يازما 5:‏13،‏ 14؛‏ 7:‏6)‏.‏

6.‏ نە‌ھە‌مىيا يېرۇ‌سالىمدا ھۆكۈمران بولغاندا،‏ ناخشا ئېيتىش ۋە ساز چېلىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلدى؟‏

6 نە‌ھە‌مىيا ئىسرائىللىقلارنى يېرۇ‌سالىمنىڭ تاملىرىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ئىشىغا ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغاندا،‏ ناخشا ئېيتىش ۋە ساز چېلىش ئۈچۈن لاۋىيلارنىمۇ ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغان.‏ ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلگە‌ن تاملارنى بېغىشلىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ناخشىلىرى بە‌خت ئۈستىگە بە‌خت قوشتى.‏ نە‌ھە‌مىيا «مە‌دھىيە ئوقۇ‌غۇ‌چىلاردىن ئىككى چوڭ ئە‌ترە‌تنى» تە‌يىنلىدى.‏ ناخشا ئېيتقان بۇ ئىككى توپ تام ئۈستى بىلە‌ن ئىككى تە‌رە‌پكە مېڭىپ،‏ ئىبادە‌تخانىغا يېقىن تامدا ئۇ‌چراشقان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاۋازى شۇ‌نچە قاتتىق بولغانكى،‏ ھە‌تتا يىراقتىكىلە‌رگىمۇ ئاڭلاندى (‏نە‌ھە‌مىيا 12:‏27،‏ 28،‏ 31،‏ 38،‏ 40،‏ 43)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌ش ئۈچۈن زور قىزغىنلىق بىلە‌ن ناخشا ئېيتقىنىغا خۇ‌شال بولغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىز!‏

7.‏ مە‌سىھىيلە‌ر ئۈچۈن ناخشا ئېيتىش ئىبادە‌تنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى بولۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ئە‌يسا قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

7 ئە‌يسانىڭ كۈنلىرىدىمۇ ساز-‏ناخشا ھە‌قىقىي ئىبادە‌تنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى بولغان.‏ ئىنسانىيە‌ت تارىخىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم كە‌چتە نېمە بولغانلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ ھاكىمدارىمىزنىڭ كە‌چكى زىياپە‌تنى ئۆتكۈزگە‌ندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرى بىلە‌ن بىللە يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ ناخشا ئېيتتقانىدى ‏(‏مە‌تتا 26‏:‏30نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

8.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌ر خۇ‌دانى ناخشا بىلە‌ن مە‌دھىيىلە‌شتە قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغانىدى؟‏

8 بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌ر خۇ‌دانى ناخشا بىلە‌ن مە‌دھىيىلە‌شتە ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغانىدى.‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىللىقلار ئىبادە‌تخانىغا بارغان بولسا،‏ مە‌سىھىيلە‌ر ئۆز ئۆيلىرىدە ئۇ‌چرىشاتتى.‏ بۇ ئۆيلە‌ر ئىبادە‌تخانىغا ئوخشاش ھە‌شە‌مە‌تلىك بولمىسىمۇ،‏ قېرىنداشلار قىزغىنلىق بىلە‌ن ناخشا ئېيتقان.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قېرىنداشلارغا:‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا تە‌لىم بېرىشنى ھە‌م يۈرە‌كلىرىڭلاردا يە‌ھۋاغا ساز چېلىپ،‏ يېقىملىق روھىي ناخشىلار،‏ خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌يدىغان سۆزلە‌ر،‏ زە‌بۇ‌ر-‏نە‌غمىلە‌ر بىلە‌ن جېكىلە‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏16)‏.‏ بىزنىڭ ناخشا كىتابىمىزدىكى ناخشىلارمۇ مىننە‌تدارلىق سېزىمى بىلە‌ن ئېيتىلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ ناخشىلار —‏ «سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» ۋاقتى-‏ۋاقتىدا بېرىدىغان روھىي ئوزۇ‌قنىڭ بىر قىسمى (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏

خىجىل بولماي ناخشا ئېيتىشقا قانداق ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏

9.‏ ئا)‏ نېمىشقا بە‌زىلە‌ر ئۇ‌چرىشىشلار ياكى چوڭ يىغىلىشلاردا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنىشى مۇ‌مكىن؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋاغا مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى قانداق ئېيتىشىمىز كېرە‌ك ۋە بۇ‌نىڭدا كىم ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرە‌ك؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

9 ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنىشىڭىزنىڭ سە‌ۋە‌بى نېمە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ بە‌لكىم،‏ ئائىلىڭىزدە ياكى مە‌دە‌نىيىتىڭىزدە ناخشا ئېيتىش كە‌ڭ تارقالمىغاندۇ.‏ يا بولمىسا،‏ رادىئو ياكى تېلېۋىزوردىن كە‌سپىي ناخشىچىلارنى ئاڭلاپ يۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆزىڭىزنى ئۇ‌لار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغاندا ناخشا ئېيتىشتىن خىجىل بولىدىغانسىز ياكى ئاۋازىڭىز ئۆزىڭىزگە ياقمايدىغاندۇ.‏ لېكىن،‏ ھە‌ممىمىزنىڭ يە‌ھۋاغا مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش جاۋاپكارلىقىمىز بار.‏ شۇ‌ڭا،‏ ناخشا كىتابىڭىزنى يۇ‌قىرى كۆتىرىپ،‏ بېشىڭىزنى تىك تۇ‌تۇ‌پ،‏ ھاياجان ئىچىدە ناخشا ئېيتىڭ!‏ (‏ئە‌زرا 3:‏11؛‏ زە‌بۇ‌ر 147:‏1نى ئوقۇ‌ش)‏.‏ ئىبادە‌ت ئۆيلىرىنىڭ كۆپلىرىدە ناخشىلارنىڭ سۆزلىرى ئىكراندا كۆرسىتىلىدۇ ۋە ناخشىنى جاراڭلىق ئاۋاز بىلە‌ن ئېيتىش ئاسان.‏ يە‌نە قىزقارلىق بىر يېرى،‏ پادىشاھلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىش ئاقساقاللار ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لغان پادىشاھلىق ۋە‌ز خىزمە‌ت مە‌كتىپىنىڭ پروگراممىسىغىمۇ كىرگۈزۈلگە‌ن.‏ بۇ ئاقساقاللارنىڭ جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىدا ناخشا ئېيتىشتا رە‌ھبە‌رلىكنى قولىغا ئېلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

10.‏ جاراڭلىق ئاۋاز بىلە‌ن ناخشا ئېيتىشتىن قورقساق،‏ نېمىنى ئېسىمىزدە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

10 كۆپ ئادە‌ملە‌ر ئاۋازىم بە‌ك قاتتىق چىقىدۇ ياكى ئاۋازىم يوق دە‌پ ئويلاپ،‏ ناخشىنى جاراڭلىق ئېيتىشتىن قورقۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن مۇ‌شۇ ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:‏ بىز ھە‌ممىمىز سۆزۈمىز بىلە‌ن «پات-‏پات خاتالىشىمىز»،‏ بىراق بۇ بىزنى سۆزلە‌شتىن توختاتمايدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ (‏ياقۇ‌پ 3:‏2)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلىڭ،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئاۋازىمىزنىڭ يە‌ھۋاغا مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىشىغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشىغا يول قويمايلى!‏

11،‏ 12.‏ ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتىمىزنى قانداق ئۆستۈرە‌لە‌يمىز؟‏

11 بە‌لكىم،‏ بىز ناخشىنى توغرا ئېيتىشنى بىلمىگە‌نلىكتىن،‏ ناخشا ئېيتىشتىن قورقىدىغاندىمىز.‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ھازىر ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شنىڭ بىرنە‌چچە ئاددىي يولىنى كۆرۈپ چىقايلىa (‏ئىزاھە‌تكە قاراڭ)‏.‏

12 ئۈنلۈك ۋە قاتتىق ئاۋاز بىلە‌ن ناخشا ئېيتىش ئۈچۈن توغرا نە‌پە‌س ئېلىش كېرە‌ك.‏ ئېلېكتر قۇ‌ۋىتى تۈپە‌يلىدىن لامپوچكىلار يۇ‌رۇ‌غانغا ئوخشاش،‏ نە‌پە‌س ئېلىش —‏ سۆزلىگە‌ندە ياكى ناخشا ئېيتقاندا ئاۋازنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ ئادە‌تتە سۆزلىگە‌ندە ئاۋازىڭىز قانداق بولسا،‏ ناخشىنىمۇ شۇ‌نداق قاتتىق ئاۋاز بىلە‌ن ئېيتىش لازىم (‏«ۋە‌زلىك مە‌كتە‌پ» كىتابىنىڭ 181—‏184 بە‌تلىرىدىكى «توغرا نە‌پە‌س ئېلىش» ناملىق كىچىك ماۋزۇ‌دىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رگە قاراڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى جايلىرىدا يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نى مە‌دھىيىلىگە‌ندە،‏ «تە‌نتە‌نە قىلىشقا» چاقىرىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 33:‏1—‏3)‏.‏

13.‏ ناخشىنى ئىشە‌نچلىك ئاۋاز بىلە‌ن ئېيتىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

13 ئائىلىۋى ياكى شە‌خسىي ئىبادە‌ت ۋاقتىدا مۇ‌نداق قىلىپ كۆرۈڭ:‏ ناخشا كىتابىدىن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنىڭ بىرىنى تاللاپ،‏ سۆزلىرىنى قاتتىق ۋە ئىشە‌نچلىك ئاۋاز بىلە‌ن ئوقۇ‌پ كۆرۈڭ.‏ كېيىن ئاۋازىڭىزنى پە‌سە‌يتمە‌ي،‏ جۈملىدىكى سۆزلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى بىر نە‌پە‌ستە ئېيتىڭ.‏ ئە‌مدى دە‌ل شۇ‌نداق قاتتىق ئاۋاز بىلە‌ن شۇ جۈملىنى ناخشا قىلىپ ئېيتىڭ (‏يە‌شايا 24:‏14)‏.‏ شۇ چاغدا ناخشا ئېيتقاندا ئاۋازىڭىز قاتتىقىراق چىقىدىغان بولىدۇ ۋە شۇ‌نداق بولغىنى ئىنتايىن ياخشى.‏ ئاۋازىم بە‌ك قاتتىق چىقىپ كە‌تتى دە‌پ قورقماڭ ياكى خىجالە‌ت بولماڭ.‏

14.‏ ئا)‏ ئاغزىڭىزنى چوڭراق ئېچىش ناخشا ئېيتىشىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏«‏ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈۈڭ‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏)‏ ئە)‏ ئاۋازغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ھە‌ققىدە قانداق مە‌سلىھە‌تلە‌ر سىز ئۈچۈن پايدىلىق؟‏

14 ئاۋازىڭىز قاتتىقىراق چىقىشى ئۈچۈن ئاغزىڭىزنى چوڭراق ئېچىش زۆرۈر.‏ شۇ‌ڭا،‏ ناخشا ئېيتقاندا،‏ ئاغزىڭىزنى ئادە‌تتە سۆزلىگە‌ندىن چوڭراق ئېچىڭ.‏ لېكىن،‏ ئاۋازىڭىز ئاجىز ياكى بە‌ك ئىنچىكە دە‌پ ئويلىسىڭىز،‏ نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟‏ بۇ‌نىڭغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بە‌زى ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى «ۋە‌زلىك مە‌كتە‌پ» كىتابىننىڭ 184-‏بېتىدىكى «بە‌زى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇ‌لارنى ھە‌ل قىلىش» ناملىق رامكىدىن تاپالايسىز.‏

بوُراده‌ر تىك توُروُش،‏ چوڭقوُر نه‌په‌س ئېلىش،‏ ئاغزىنی كه‌ڭىره‌ك ئېچىش ۋه جاراڭلىق ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش ئارقىلىق قابىلىيىتىنی ئاشوُروُشقا تىرىشىۋاتىدوُ

ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ڭ

‏(‏11—‏14 ئابزاسلارغا قاراڭ.‏)‏

  • بە‌دىنىڭىزنى تىك تۇ‌تۇ‌ڭ

  • چوڭقۇ‌ر نە‌پە‌س ئېلىڭ

  • ئاۋازىڭىزنى قاتتىق چىقىرىڭ

  • ئېغىزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ

چىن يۈرە‌كتىن ناخشا ئېيتىڭ

15.‏ ئا)‏ 2016-‏يىلى ئۆتكۈزۈلگە‌ن يىللىق يىغىلىشتا قانداق ئۇ‌قتۇ‌رۇ‌ش ئېيتىلغان؟‏ ئە)‏ ناخشا كىتابىنىڭ قايتىدىن قاراپ چىقىرىلىشىغا نېمە سە‌ۋە‌ب بولغان؟‏

15 2016-‏يىلنىڭ يىللىق يىغىلىشىدا رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى ستىۋېن لېتت بۇ‌رادە‌ر «‏يە‌ھۋاغا خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن ناخشا ئېيتايلىى!‏‏» دە‌پ ئاتالغان يېڭى كىتابنىڭ چىقىشىنى ئېلان قىلغاندا قاتناشقانلارنىڭ ھە‌ممىسى بە‌ك خۇ‌شال بولدى.‏ لېتت بۇ‌رادە‌ر «‏مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار.‏ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى‏» يېڭىدىن قاراپ چىقىرىلغاندىن كېيىن،‏ ناخشا كىتابىنىمۇ يېڭىدىن قاراپ چىقىش زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈردى.‏ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىدە» بولمىغان ئىبارىلە‌ر ناخشا كىتابىدىنمۇ چىقىرىۋېتىلدى ياكى ئۆزگە‌رتىلدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ۋە‌ز ئېيتىش ۋە تۆلە‌م ھە‌ققىدىكى يېڭى ناخشىلارمۇ قوشۇ‌لدى.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ناخشىلار ئىبادىتىمىزنىڭ مۇ‌ھىم قىسمى بولغانلىقتىن،‏ رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌ش يۇ‌قىرى سۈپە‌تلىك ناخشا كىتابىنى چىقىرىشنى قارار قىلدى.‏ شۇ‌ڭا يېڭى ناخشا كىتابىنىڭ مۇ‌قاۋىسى «⁠يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنىڭكىگە» ئوخشاش قىلىپ ياسالغان.‏

16،‏ 17.‏ يېڭى ناخشا كىتابىغا قانداق ئۆزگىرىشلە‌ر كىرگۈزۈلدى؟‏

16 ناخشا كىتابىدىن پايدىلىنىش ئاسانىراق بولۇ‌شى ئۈچۈن ناخشىلار ماۋزۇ بويىچە رە‌تلە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دە‌سلە‌پكى 12 ناخشا يە‌ھۋا ھە‌ققىدە،‏ كېلە‌ركى 8 ناخشا ئە‌يسا بىلە‌ن تۆلە‌م توغرىسىدا ۋە شۇ‌نىڭدە‌ك باشقىلار.‏ كىتابنىڭ بېشىدا ماۋزۇ‌لارنىڭ تولۇ‌ق تىزىمى بار.‏ بۇ بە‌ك قولايلىق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ‌رادە‌ر ئاممىۋىي نۇ‌تۇ‌ق ئۈچۈن ناخشا تاللىغاندا،‏ مۇ‌شۇ تىزىمغا قاراپ تاللىيالايدۇ.‏

17 ناخشا كىتابىدىكى سۆزلە‌رگە ئۆزگۈرۈشلە‌ر كىرگۈزۈلگە‌نلىكتىن،‏ ناخشىلارنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىش ئاسانراق بولدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ربىر ئادە‌م يېڭى ناخشىلارنى چىن يۈرە‌كتىن ئېيتالايدۇ.‏ ناخشا كىتابىدا قوللىنىلغان بە‌زى كونىراپ كە‌تكە‌ن سۆزلە‌ر ۋە ئىبارىلە‌ر ئۆزگە‌رتىلدى.‏ سۆزلىرى ۋە جۈملىلىرى ئاددىي بولغانلىقتىن،‏ ناخشا ئېيتىش ئاسانىراق بولدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بە‌زى ناخشىلار قايتىدىن قاراپ چىقىلىپ،‏ ئە‌مدى جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە ۋە‌ز خىزمىتى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ماۋزۇ‌لار بار بولدى.‏

ئائىله ئه‌زالىرىنىڭ هه‌ممىسی ئائىلىۋی ئىباده‌تته ناخشا ئېيتىپ مه‌شىق قىلىۋاتىدوُ

ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە ناخشا ئېيتىپ مە‌شىق قىلىڭ (‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

18.‏ نېمىشقا يېڭى ناخشىلارنى ئېيتىپ ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏

18 «يە‌ھۋاغا خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن ناخشا ئېيتايلى!‏» كىتابىدىكى ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇ‌ئالارغا ئوخشايدۇ.‏ بۇ ناخشىلار يە‌ھۋاغا ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌مىزنى يە‌تكۈزۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ باشقا ناخشىلار بولسا،‏ بىزنى «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ۋە ياخشى ئىشلارغا» دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 10:‏24)‏.‏ بىز يېڭى ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى،‏ رىتمىنى ۋە سۆزلىرىنى ياخشى بىلىۋېلىشنى خالايمىز.‏ بۇ‌نى قىلىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ قېرىنداشلار ئورۇ‌نلىغان مۇ‌شۇ ناخشىلارنىڭ ئاۋازغا ئالغان ئۈن خاتىرىسىنى تىڭشاش.‏ بۇ ئۈن خاتىرە ھۆججىتىنى org.‏jw تور بېكىتىدىن ئاڭلىساق بولىدۇ.‏ ناخشىلارنى ئۆيدە ئېيتىپ مە‌شىق قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌لارنى ئىشە‌نچلىك ئاۋازدا ھاياجانلىنىپ ئېيتىشنى ئۆگىنە‌لە‌يسىزb (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

19.‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋاغا قانداق ئىبادە‌ت قىلالايدۇ؟‏

19 ناخشا ئېيتىش ئىبادىتىمىزنىڭ مۇ‌ھىم قىسمى ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ ناخشا —‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرگە‌نلىكىمىزنى ۋە بىز ئۈچۈن قىلغان ھە‌ممە ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى ‏(‏يە‌شايا 12:‏5نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھاياجانلىنىپ ناخشا ئېيتسىڭىز،‏ باشقىلارنىمۇ شۇ‌نداق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىسىز.‏ جامائە‌تتىكى ھە‌ر ئادە‌م،‏ ياش،‏ ياشانغان ياكى ھە‌قىقە‌تكە يېڭىدىن كە‌لگە‌ن بولسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋاغا ناخشا ئېيتىپ،‏ ئىبادە‌ت قىلالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ چىن يۈرە‌كتىن ناخشا ئېيتىشتىن تارتىنماڭ.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىنىڭ «پە‌رۋە‌ردىگارغا ناخشا كۈيلە‌ڭلار!‏» دېگە‌ن سۆزلىرىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلايلى.‏ كېلىڭلار،‏ يە‌ھۋاغا خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن ناخشا ئېيتايلى!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 96:‏1)‏.‏

a ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ JW Broadcasting تېلېۋىزىيە‌سىدىن «‏دېيۋىد سىپلېين.‏ يېڭى ناخشىلارنى ئېيتىشنى ئۆگىنە‌يلى‏» (‏خە‌نزۇ‌چە)‏ ناملىق نۇ‌تۇ‌قنى كۆرۈپ چىقىڭ (‏بىزنىڭ ستودىيا\نۇ‌تۇ‌قلار دېگە‌ن توپلامدىن ئىزدە‌ڭ)‏.‏

b ھە‌ر قېتىم بىر كۈن ياكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشنىڭ ئە‌تىگە‌نلىك ۋە چۈشتىن كېيىنكى پروگراممىسى ئون مىنۇ‌تلۇ‌ق مۇ‌زىكا بىلە‌ن باشلىنىدۇ.‏ مۇ‌شۇ يېقىملىق مۇ‌زىكىلار ناخشا ئېيتىشقا بولغان ئىشتىياقىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌پ،‏ قە‌لبىمىزنى پروگراممىغا تە‌ييارلايدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ھە‌ممىمىز ئۆز ئورنۇ‌مىزغا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ناخشا باشلانغاندا،‏ تىڭشاشقا تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • چىن يۈرە‌كتىن ناخشا ئېيتقاندا،‏ بىز ناخشىنى سېزىم بىلە‌ن ۋە ئىشە‌نچلىك ئېيتىمىز.‏ شۇ‌نداق ناخشا ئېيتىش ئۈچۈن ناخشىلارنى ياخشى بىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى توغرا ئېيتىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش