كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 نويابىر 27-‏32 ب.‏
  • ھېچ نە‌رسە سىزنى مۇ‌كاپاتتىن ئايرىمىسۇ‌ن

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھېچ نە‌رسە سىزنى مۇ‌كاپاتتىن ئايرىمىسۇ‌ن
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌رنى ئۆلتۈرۈڭ
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مېھرىبانلىققا كىيىنە‌يلى
  • ئائىلىڭىز بىلە‌ن مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىڭ
  • ياشلار،‏ مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىشكە ھېچ نە‌رسە توسالغۇ بولمىسۇ‌ن!‏
  • كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا!‏
    يە‌ھۋاغا ناخشا ئېيتايلى!‏ —‏ ناخشا تېكىستلىرى
  • مۇ‌سابىقىنى ئاخىرقى پە‌للىگىچە يۈگۈرۈڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 نويابىر 27-‏32 ب.‏
ماينغانر قېرىنداشر ئاسماندىكی ئوٰمىدی هه‌ققىده،‏ باشقا قوير بولسا يه‌ردىكی ئوٰمىدی هه‌ققىده موُهىزه قىلماقتا

ھېچ نە‌رسە سىزنى مۇ‌كاپاتتىن ئايرىمىسۇ‌ن

‏«ھېچقانداق ئادە‌م مۇ‌كاپىتىڭلاردىن مە‌ھرۇ‌م قىلمىسۇ‌ن» (‏كولوسىلىقلارغا 2:‏18)‏.‏

ناخشىلار:‏ 32،‏ 55

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌رگە قانداق قارشى تۇ‌رالايمىز؟‏

  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مېھرىبانلىق مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  • ئائىلىمىز بىلە‌ن مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قانداق مۇ‌كاپاتقا كۆز تىككە‌ن؟‏ ئە)‏ كۆزۈمىزنى مۇ‌كاپاتقا تىكىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

مايلانغان مە‌سىھىيلە‌ردە ئېسىل ئۈمىد بار.‏ ئۇ‌لار ئاسماندىكى ھاياتنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتمە‌كتە.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ ئۈمىدنى «⁠خۇ‌دانىڭ.‏.‏.‏ مۇ‌كاپىتى» دە‌پ ئاتىغان (‏فىلىپپىلىقلارغا 3:‏14)‏.‏ ئاسماندا ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ،‏ ئادە‌ملە‌رنى مۇ‌كە‌ممە‌للىككە يېتە‌كلە‌شكە ياردە‌م قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىي 20:‏6)‏.‏ نېمە دېگە‌ن ئاجايىپ ئۈمىد!‏ باشقا قويلار بولسا،‏ باشقىچە مۇ‌كاپاتنى كۈتمە‌كتە.‏ ئۇ‌لار يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاشقا ئۈمىدىگە ئىگە بولدى،‏ بۇ ئۈمىد ئۇ‌لارغا زور خۇ‌شاللىق ئاتا قىلىدۇ!‏ (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏13)‏.‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۆز زامانىدىكى مايلانغان قېرىنداشلارنىڭ سادىق بولۇ‌پ،‏ مۇ‌كاپات ئېلىشىنى خالىغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌لارغا:‏ «ئاسماندىكىنى ئويلاڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏2)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ ئۇ‌لار ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىگە كۆز تىكىشى كېرە‌ك ئىدى (‏كولوسىلىقلارغا 1:‏4،‏ 5)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە خىزمە‌تچىلىرىگە مە‌يلى قانداق ئۈمىدى بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ كۆزىنى مۇ‌كاپاتقا تىكىشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 9:‏24)‏.‏

3.‏ پاۋلۇ‌س قېرىنداشلارنى نېمە ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان؟‏

3 شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پاۋلۇ‌س قېرىنداشلارنى مۇ‌كاپاتتىن ئايرىشى مۇ‌مكىن خە‌تە‌رلە‌ر ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كولوسىلىقلارغا يازغان خېتىدە ئۇ مە‌سىھكە ئىشىنىش ئارقىلىق ئە‌مە‌س،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نىنى تۇ‌تۇ‌ش ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشمە‌كچى بولغان يالغان مە‌سىھىيلە‌ر توغرىسىدا يازغان (‏كولوسىلىقلارغا 2:‏16—‏18)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە مە‌ۋجۇ‌ت خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌ر ھە‌ققىدە ئېيتىپ،‏ ئۇ‌لار بىزنى مۇ‌كاپىتىمىزدىن مە‌ھرۇ‌م قىلىشى مۇ‌مكىنلىكىنى ئېيتقان.‏ ئۇ‌نىڭ ئىچىدە ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌رگە قانداق قارشى تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ۋە ئائىلىمىزدە ياكى جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن قىيىنچىلىق پە‌يدا بولغاندا نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈردى.‏ پاۋلۇ‌س بە‌رگە‌ن قىممە‌تلىك مە‌سلىھە‌تلە‌ر بىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ كولوسىلىقلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن بە‌رگە‌ن بە‌زى مە‌سلىھە‌تلىرىنى قاراپ باقايلى.‏

ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌رنى ئۆلتۈرۈڭ

4.‏ نېمىشقا ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌ر بىزنى مۇ‌كاپىتىمىزدىن ئايرىشى مۇ‌مكىن؟‏

4 پاۋلۇ‌س قېرىنداشلارغا ئېسىل ئۈمىد ھە‌ققىدە ئە‌سلە‌تكە‌ندە،‏ مۇ‌نداق يازغان:‏ «شۇ‌ڭا يە‌رلىك ئە‌زالىرىڭلارنى،‏ يە‌نى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق،‏ ناپاكلىق،‏ شە‌ھۋە‌ت،‏ خە‌تە‌رلىك خاھىشلار ھە‌م.‏.‏.‏ ئاچكۆزلۈكنى ئۆلتۈرۈڭلار» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏5)‏.‏ ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌ر بە‌ك كۈچلۈك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى بۇ‌زۇ‌پ،‏ كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدىمىزدىن ئايرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلىرىگە بېرىلگە‌ن بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ ھە‌ۋە‌سلە‌رنىڭ كۈچلۈك بېرىلىپ كە‌تتىمكى،‏ «⁠بۇ‌رنىغا يېمىگىچە،‏ توغرا يولغا قايتمىدىم».‏

5.‏ خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۆزۈمىزنى قانداق ھىمايە قىلالايمىز؟‏

5 يە‌ھۋانىڭ ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلماي قالىدىغان ۋە‌زىيە‌تتە بولۇ‌پ قالساق،‏ ئالاھىدە پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشگە باشلىغان قىز-‏يىگىتنىڭ دە‌سلە‌پكى مە‌زگىلىدىن باشلاپ قول تۇ‌تۇ‌شۇ‌ش،‏ سۆيۈشۈش ۋە ئىككىسى يالغۇ‌ز قېلىش دېگە‌نلە‌رگە چە‌ك-‏چىگرا بە‌لگىلىسە دانالىق بولىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏3)‏.‏ ياكى بولمىسا،‏ خىزمە‌ت ئۈچۈن سە‌پە‌رگە يات جىنسلىق ئادە‌م بىلە‌ن چىققاندا،‏ خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌ت پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏10—‏12،‏ 16)‏.‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۆزىڭىزنى قانداق ھىمايە قىلالايسىز؟‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.‏ گە‌پ-‏سۆز،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە ئۆزىڭىزنى مۇ‌ۋاپىق تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئە‌ركىلە‌ش ياكى كۆز-‏قاش ئوينىتىشنىڭ ئاقىۋېتى ھالاكە‌تكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ كۆڭلۈمىز يېرىم چاغدىمۇ بە‌ك ئېھتىياتچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ شۇ چاغدا بىرسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋە تە‌سە‌للىي بېرىشىگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌نداق چاغدا،‏ بىزگە كۆڭۈل بۆلگە‌ن ھە‌رقانداق ئادە‌منىڭ تە‌سە‌للىيسىنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ ناھايىتى خە‌تە‌رلىك ئە‌ھۋال.‏ سىزدىمۇ مۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ پە‌يدا بولسا،‏ مۇ‌كاپىتىڭىزدىن مە‌ھرۇ‌م قىلىدىغان ھېچقانداق ئىشنى قىلماڭ.‏ بە‌لكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىڭ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

6.‏ كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى تاللىغاندا،‏ نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

6 ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌رنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن،‏ بىز ئە‌خلاقسىز ئويۇ‌ن-‏تاماشا تۈرلىرىنى رە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۈگۈنكى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سودوم ۋە گومورادىكى ئە‌ھۋالنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (‏يە‌ھۇ‌دا 7)‏.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىنى ئويلاپ چىقىرىدىغانلار جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنى ئادە‌تتىكى،‏ ھېچ زىيىنى يوق ئىشتە‌ك كۆرسىتىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ بىز ھە‌ردائىم پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز زۆرۈر.‏ بىز بۇ دۇ‌نياغا خاس ھە‌رقانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشا تۈرىنى قوبۇ‌ل قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌كسىچە،‏ مۇ‌كاپىتىمىزدىن ئايرىمايدىغان كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى تاللىشىمىز لازىم (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏23)‏.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مېھرىبانلىققا كىيىنە‌يلى

7.‏ جامائە‌تتە قانداق قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

7 خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىدىن تە‌ركىپ تاپقان جامائە‌تنىڭ ئە‌زاسى بولغانلىقىمىزغا بە‌ك خۇ‌رسە‌نمىز.‏ بىز جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىدا خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىمىز ۋە بىر-‏بىرىمىزنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يمىز.‏ بۇ بار دىققىتىمىزنى مۇ‌كاپاتقا قارىتىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌مما بە‌زىدە قېرىنداشلار ئارىسىدىكى چۈشە‌نمە‌سلىكلە‌ر تۈپە‌يلىدىن قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولىدۇ.‏ مۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارنى ياخشى ھە‌ل قىلمىساق،‏ يۈرىكىمىزدە ئاداۋە‌ت يىلتىز تارتىشى مۇ‌مكىن ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏8،‏ 9نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

8،‏ 9.‏ ئا)‏ مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىشىمىزگە قانداق خىسلە‌تلە‌ر ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئە)‏ قېرىندىشىمىز بىزنى رە‌نجىتسە،‏ ئىناقلىقنى ساقلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

8 ئاداۋە‌تنىڭ بىزنى مۇ‌كاپاتتىن ئايرىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خۇ‌دانىڭ تاللاۋالغانلىرىدە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌سلە‌ر ۋە سۆيۈملۈكلە‌ر،‏ ھە‌مدە‌رتلىك،‏ مېھرىبانلىق،‏ ئە‌قىل مۆمۈنلىكىنىڭ،‏ مۇ‌لايىملىق ھە‌م ئۇ‌زاق سە‌ۋرچانىڭ نازۇ‌ك سېزىملىرىگە پۈركۈنە‌يلى.‏ ھە‌تتا ئە‌گە‌ر كىمدۇ-‏بىرسىنىڭ باشقىسىغا شىكايە‌ت قىلىشىغا ئاساس بولسىمۇ،‏ بىر-‏بىرىڭلارغا چىداملىق بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى ھىممە‌تلىك كە‌چۈرۈڭلار.‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنى ھىممە‌تلە‌رچە كە‌چۈرگە‌ندە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ شۇ‌نداق كە‌چۈرۈڭلار.‏ ئۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە يۆگىنىڭلار،‏ چۈنكى ئۇ —‏ بىرلىكنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل رىشتىلىرىدۇ‌ر» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏12—‏14)‏.‏

9 مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مېھرىبانلىق باشقىلارنى كە‌چۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىرسىنىڭ سۆزى ياكى ئىشى كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتسا،‏ ئۆزۈمىزنىڭمۇ باشقىلارنى سۆزۈمىز ياكى ھە‌رىكىتىمىز بىلە‌ن خاپا قىلغانلىقىمىزنى ۋە ئۇ‌لار بىزنى قانداق كە‌چۈرگە‌نلىكىنى ئېسىمىزغا ئالساق بولىدۇ.‏ شۇ چاغدا ئۇ‌لارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىلە‌ن مېھرىبانلىقىغا قانچىلىك مىننە‌تدار بولدۇ‌ق!‏ ‏(‏ۋە‌ز 7:‏21،‏ 22نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىھ ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن بىرلە‌شتۈرگە‌نلىكىگە مىننە‌تدارمىز (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏15)‏.‏ ھە‌ممىمىز بىر خۇ‌دانى ياخشى كۆرىمىز،‏ بىر خە‌ۋە‌رنى جاكارلايمىز ۋە دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزمۇ ئوخشاش.‏ ئە‌گە‌ر بىز بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈپ،‏ مېھرىبان ۋە كە‌چۈرۈمچان بولساق،‏ جامائىتىمىز تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ ۋە بىز مۇ‌كاپاتقا كۆز تىككە‌ن بولىمىز.‏

10،‏ 11.‏ ئا)‏ كۆرە‌لمە‌سلىك نېمىشقا خە‌تە‌رلىك؟‏ ئە)‏ كۆرە‌لمە‌سلىك بىزنى مۇ‌كاپاتتىن ئايرىماسلىقى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 كۆرە‌لمە‌سلىك مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىشىمىزگە توسالغۇ قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مىساللاردىن كۆرە‌لمە‌سلىكنىڭ قانچىلىك خە‌تە‌رلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قابىل ئىنىسى ھابىلغا ھە‌سە‌ت قىلغانلىقتىن،‏ ئۇ‌نى ئۆلتۈرگە‌ن.‏ كوراھ،‏ داتان،‏ ۋە ئابىرام مۇ‌ساغا ھە‌سە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قارشى چىققان.‏ شائۇ‌ل پادىشاھ داۋۇ‌تنى كۆرە‌لمە‌ي،‏ ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان.‏ خۇ‌دا سۆزىدىكى مونۇ سۆزلە‌ر راست ئېيتىلغان:‏ «قە‌يە‌ردە كۆرە‌لمە‌سلىك ھە‌م ئۇ‌رۇ‌شقاقلىق بولسا،‏ شۇ يە‌ردە تە‌رتىپسىزلىك ھە‌م بارلىق يامانلىقلار بولىدۇ» (‏ياقۇ‌پ 3:‏16)‏.‏

11 ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مېھرىبانلىققا ئىنتىلىشكە تىرىشساق،‏ كۆرە‌لمە‌سلىككە ئاسان بېرىلمە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۇ‌زاق سە‌ۋرلىك ھە‌م مېھرىباندۇ‌ر.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت قىزغانمايدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4)‏.‏ كۆرە‌لمە‌سلىك قە‌لبىمىزدە يىلتىز تارتماسلىقى ئۈچۈن ھە‌رقانداق مە‌سىلىدە كۆزقارىشىمىز يە‌ھۋانىڭكىدە‌ك بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ قېرىنداشلىرىمىزغا بىر تە‌ننىڭ،‏ يە‌نى جامائە‌تنىڭ،‏ ئە‌زالىرى سۈپىتىدە قارىشىمىز لازىم.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «بىر ئە‌زانىڭ داڭقى چىقسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ھە‌ممە ئە‌زالار شاتلىنىدۇ» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 12:‏16—‏18،‏ 26)‏.‏ قېرىندىشىمىز قانداقتۇ بىر ئۇ‌تۇ‌ققا يە‌تسە،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا كۆرە‌لمە‌سلىك قىلماي،‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە خۇ‌شال بولىمىز.‏ شائۇ‌ل پادىشاھنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ئە‌مە‌س،‏ داۋۇ‌تنىڭ پادىشاھ بولىدىغانلىقىغا ھە‌سە‌ت قىلمىغان.‏ ھە‌تتا داۋۇ‌تقا تە‌سە‌للىي بېرىپ،‏ ئۇ‌نى قوللىغانىدى (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 23:‏16—‏18)‏.‏ بىزمۇ يوناتانغا ئوخشاش،‏ مېھرىبانلىق بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىزمۇ؟‏

ئائىلىڭىز بىلە‌ن مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىڭ

12.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى مە‌سلىھە‌ت ئائىلىڭىزنىڭ مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 ئائىلىمىزنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زاسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىدىن پايدىلانسا،‏ ئۆي-‏ئىچىمىز ئىناق ۋە بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرۈپ،‏ كېلە‌چە‌كتە مۇ‌كاپاتقا ئىگە بولىمىز.‏ پاۋلۇ‌س ئائىلىلە‌رگە مۇ‌نداق دانا مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن:‏ «ئاياللار،‏ ئە‌رلىرىڭلارغا ھاكىمدار يولىدا لايىق بولغاندە‌ك بېقىنىڭلار.‏ ئە‌رلە‌ر،‏ ئۆز ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈشنى توختاتماڭلار ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن قوپال بولماڭلار.‏ بالىلار،‏ ھە‌ممە نە‌رسىدە ئاتا-‏ئاناڭلارنى تىڭشاڭلار،‏ چۈنكى بۇ ھاكىمدارىمىزغا ياقىدۇ.‏ ئاتىلار،‏ بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلى چۈشمە‌سلىكى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنى تېرىكتۈرمە‌ڭلار» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏18—‏21)‏.‏ قانداق ئويلايسىز،‏ بۇ مە‌سلىھە‌ت ئائىلىڭىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

13.‏ قېرىنداش يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمە‌يدىغان ھە‌مراھىنىڭ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئىستىگىنى قانداق ئويغىتالايدۇ؟‏

13 ئە‌گە‌ر ھە‌مراھىڭىز يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمىسە ۋە سىزگە ھۆرمە‌ت ۋە مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلمىسا،‏ نېمە قىلىسىز؟‏ ئاچچىقلىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن گە‌پ تاللاشسىڭىز،‏ ۋە‌زىيە‌ت ياخشىلىنامدۇ؟‏ سىز يېڭىۋالسىڭىزمۇ،‏ بۇ‌نىڭ ئارقىلىق ئېرىڭىزنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ‌سى پە‌يدا بولامدۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ بولمايدۇ.‏ ئە‌مما سىز ھە‌مراھىڭىزغا ئائىلە بېشىغا ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تسىڭىز،‏ ئائىلىڭىزنىڭ ئىناق،‏ خاتىرجە‌م بولۇ‌شىغا ھە‌سسە قوشۇ‌سىز ۋە يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يسىز.‏ سىزنىڭ ياخشى ئۈلگىڭىز ھە‌مرايىڭىزدا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئىستىكىنى ئويغىتىپ،‏ نە‌تىجىسىدە ئىككىلىڭلار مۇ‌كاپاتقا ئېرىشە‌لە‌يسىلە‌ر ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏1،‏ 2نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

14.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان ئايالى بۇ‌رادە‌رنى ھۆرمە‌تلىمىسە،‏ ئۇ نېمە قىلىشى لازىم؟‏

14 بە‌لكىم،‏ ئايالىڭىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغاندۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ سىزنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىسىڭىز،‏ نېمە قىلىسىز؟‏ ئايالىڭىزغا ۋاقىراپ،‏ ئۆيدە كىم غوجايىن ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تسىڭىز،‏ ئۇ سىزنى ھۆرمە‌تلە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ خۇ‌دا سۆزى مە‌سىھتىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ياخشى كۆرىدىغان ئە‌ر بولۇ‌ڭ،‏ دە‌پ كۈتىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏23)‏.‏ جامائە‌تنىڭ بېشى بولغان ئە‌يسا ھە‌رقاچان سە‌ۋرچان ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بولغان (‏لۇ‌قا 9:‏46—‏48)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌يسانى ئۈلگە قىلسىڭىز،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئايالىڭىزمۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالىشى مۇ‌مكىن.‏

15.‏ مە‌سىھىي ئە‌ر ئايالىنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

15 يە‌ھۋا ئە‌رلە‌رگە:‏ «ئۆز ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈشنى توختاتماڭلار ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن قوپال بولماڭلار»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرىغان (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏19)‏.‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى مول ئە‌ر ئايالىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ قانداقلارچە؟‏ ئۇ ئايالىنىڭ ئوي-‏پىكرىنى ئىناۋە‌تكە ئېلىپ،‏ ئېيتقانلىرى ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏7)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ ئايالىنىڭ ھە‌ممە ئۆتۈنىشىنى ئورۇ‌ندىيالمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نى دىققە‌ت قويۇ‌پ تىڭشىسا،‏ ياخشىراق قارارلارنى چىقىرىشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏22)‏.‏ سۆيىدىغان ئە‌ر ئايالىدىن ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلە‌شنى تە‌لە‌پ قىلماي،‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌نىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ.‏ ئائىلە بېشى ئايالى بىلە‌ن بالىلىرىنى ياخشى كۆرسە،‏ ئۇ‌لار بە‌ختلىك بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشى ۋە ھايات مۇ‌كاپىتىغا ئېرىشىشى مۇ‌مكىن.‏

ئه‌ر-‏ئايال گه‌پ تالىشىۋاتىدوُ،‏ بالىلىری بولسا كوڭلی چوٰشوٰپ ئولتوُرماقتا؛‏ ئه‌ر-‏ئايال بىر-‏بىرىگه مېهرىبان موُئامىله قىلىپ،‏ هه‌ممىسی خوُشال

ئائىلىۋى قىيىنچىلىقلار بىزنى مۇ‌كاپاتتىن مە‌ھرۇ‌م قىلماسلىقى ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ (‏13—‏15 ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

ياشلار،‏ مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىشكە ھېچ نە‌رسە توسالغۇ بولمىسۇ‌ن!‏

16،‏ 17.‏ ياش چېغىڭىزدا ئاتا-‏ئانىڭىزغا قاتتىق خاپا بولماسلىققا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 ياش بولسىڭىز،‏ ئاتا-‏ئانىڭىز سىزنى چۈشە‌نمە‌يدىغاندە‌ك ياكى ھە‌ددىدىن تاشقىرى تە‌لە‌پچان كۆرۈنىدىغاندۇ.‏ بۇ‌نىڭغا قاتتىق رە‌نجىپ،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغىڭىز كە‌لمە‌ي قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌ب يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى تاشلىسىڭىز،‏ بۇ دۇ‌نيادا سىزنى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئاتا-‏ئانىڭىز بىلە‌ن جامائە‌تتىكى دوستلىرىڭىزغا ئوخشاش ھېچكىم ياخشى كۆرمە‌يدىغانلىقىنى ناھايىتى تېزلا چۈشىنىسىز.‏

17 ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ ئە‌گە‌ر ئاتا-‏ئانىڭىز سىزنى تۈزە‌تمىسە،‏ ئۇ‌لار سىزگە ھە‌قىقىي كۆڭۈل بۆلىدۇ،‏ دە‌پ ئېيتىشقا بولامدۇ؟‏ (‏ئىبرانىيلارغا 12:‏8)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاتا-‏ئانىڭىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ سىزنى قانداق تۈزىتىدىغانلىقى سىزگە ياقماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ بۇ‌نىڭغا تېرىكىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق قىلغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشىنىشكە كۈچ سېلىڭ.‏ ئېغىر بېسىقلىقنى ساقلاپ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزغا بېرىلمە‌ڭ.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىدە:‏ «بىلىمى بار كىشى كە‌م سۆزلۈك بولار،‏ يورۇ‌تۇ‌لغان ئادە‌م بولسا،‏ قالتىس ئېغىر بېسىق بولار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏27)‏.‏ مە‌سلىھە‌ت قانداق بېرىلگە‌نلىكىگە قارىماستىن،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ساۋاق ئالالايدىغان يېتىلگە‌ن ئادە‌م بولۇ‌شنى نىشانىڭىز قىلىڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏8)‏.‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-‏ئانىڭىزنىڭ بار بولغانلىقى تە‌ڭدىشى يوق ھە‌دىيە ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ ئۇ‌لار سىزنىڭ مە‌ڭگۈ ياشاش مۇ‌كاپىتىنى ئېلىشىڭىز ئۈچۈن ھارىماي-‏تالماي ياردە‌م بېرىدۇ.‏

18.‏ نېمىشقا مۇ‌كاپاتقا كۆز تىكىشكە بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏

18 مە‌يلى بىزدە يە‌ردە ياكى ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بولۇ‌شتىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ھە‌ممىمىزنى گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك كۈتمە‌كتە.‏ بۇ —‏ ھە‌قىقىي ئۈمىد.‏ ئۇ ئالە‌منىڭ ياراتقۇ‌چىسىنىڭ بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىگە ئاساسلانغان.‏ جە‌ننە‌تتىكى ھايات ھە‌ققىدە خۇ‌دا:‏ «پۈتۈن يە‌ر-‏يۈزى پە‌رۋە‌ردىگارنى بىلىش-‏تونۇ‌ش بىلە‌ن قاپلىنىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يە‌شايا 11:‏9)‏.‏ پات يېقىندا يە‌ردە تۇ‌رىدىغان ھە‌ربىر ئادە‌م خۇ‌دا توغرىسىدا تە‌لىم ئالىدۇ.‏ بۇ ئىنتىلىشكە ئە‌رزىيدىغان مۇ‌كاپات ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ سىزگە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ھېچقاچان ئە‌ستىن چىقارماڭ ۋە ھېچ نە‌رسىنىڭ سىزنى بۇ مۇ‌كاپاتتىن مە‌ھرۇ‌م قىلىشىغا يول قويماڭ!‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش