كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 دېكابىر 3-‏8 ب.‏
  • ئۇ‌نىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۇ‌نىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر
  • ئە‌لچىلە‌رنىڭ ۋاقتىدا بولغان ۋە‌قە‌لە‌ر
  • تە‌ۋرە‌نمە‌س ئۈمۈت
  • ‏«قېرىندىشىڭىز تىرىلىدۇ!‏»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 دېكابىر 3-‏8 ب.‏
مارتا ئه‌يسا بىله‌ن سوزلىشىۋاتىدوُ

ئۇ‌نىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن

‏«لازار دوستىمىز ئۇ‌خلاپ قالدى،‏ لېكىن مە‌ن ئۇ‌نى ئوخىتىشقا بارىمە‌ن» (‏يوھاننا 11:‏11)‏.‏

ناخشىلار:‏ 54،‏ 154

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى ۋە‌قە‌لە‌ر مارتانى تىرىلىشنىڭ بولىدىغانلىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن؟‏

  • كە‌لگۈسىدە بولىدىغان تىرىلىشكە ئىشىنىشىمىزگە قانداق ئاساس بار؟‏

  • مارتاغا ئوخشاش،‏ كىشىنى خۇ‌شال قىلىدىغان قانداق ۋە‌قە‌نى كۆرۈشنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىسىز؟‏

1.‏ لازار ھە‌ققىدە مارتا نېمىگە ئىشە‌نگە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

ئە‌يسانىڭ يېقىن دوستى ۋە ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان مارتا قايغۇ‌ردى.‏ ئۇ‌نىڭ ئاكىسى،‏ لازار،‏ ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ بىرە‌ر ئىش ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للىي بېرە‌لىدۇ؟‏ ھە‌ئە!‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا:‏ «سېنىڭ قېرىندىشىڭ تۇ‌رىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ۋە‌دە بە‌ردى.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ سۆزلە‌ر ئۇ‌نىڭ قايغۇ‌سىنى يوق قىلمىسىمۇ،‏ مارتا ئە‌يسانىڭ بۇ ۋە‌دىسىگە ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئۇ:‏ «‏بىلىمە‌ن‏،‏ ئاخىرقى كۈنى،‏ تىرىلىشتە،‏ تۇ‌رىدۇ»،‏—‏ دېدى (‏يوھاننا 11:‏20—‏24)‏.‏ ئۇ كېلە‌چە‌كتە قايتا تىرىلىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ كېيىن ئە‌يسا مۆجىزە كۆرسە‌تتى.‏ ئۇ دە‌ل شۇ كۈنى لازارنى تىرىلدۈردى.‏

2.‏ نېمىشقا سىز مارتاغا ئوخشاش مە‌ھكە‌م ئىشە‌نچكە ئىگە بولۇ‌شنى خالايسىز؟‏

2 ئە‌يسا ياكى ئۇ‌نىڭ ئاتىسى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىمىزنى دە‌ل ھازىر تىرىلدۈرىدۇ،‏ دە‌پ كۈتمە‌يمىز.‏ لېكىن،‏ كېلە‌چە‌كتە يېقىنلىرىڭىزنىڭ چوقۇ‌م تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىڭىز مارتانىڭكىگە ئوخشاش مە‌ھكە‌ممۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئۆمۈرلۈك ھە‌مرايىڭىز،‏ ئاپىڭىز،‏ دادىڭىز،‏ مومىڭىز،‏ بوۋىڭىز،‏ ھە‌تتا سۆيۈملۈك بالىڭىزدىن ئايرىلغانسىز.‏ شۇ سۆيۈملۈك ئادە‌ملىرىڭىزنى باغرىڭىزغا بېسىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ بىللە خۇ‌شال بولالايدىغان ۋاقىتنى تە‌شنالىق بىلە‌ن كۈتىدىغانسىز.‏ بە‌ختكە يارىشا،‏ مارتاغا ئوخشاش سىزدىمۇ «ئاخىرقى كۈنى بولىدىغان تىرىلىشتە يېقىنلىرىڭىزنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىشقا سە‌ۋە‌پ بار.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ھە‌ربىرىمىز بۇ‌نىڭغا نېمىشقا ئىشىنىدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز لازىم.‏

3،‏ 4.‏ ئە‌يسا نېمە قىلدى ۋە بۇ قانداق قىلىپ مارتانىڭ ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىدى؟‏

3 مارتا يېرۇ‌سالىمنىڭ ئە‌تراپىدا ياشىغانلىقتىن،‏ ئە‌يسانىڭ جە‌لىلىيە‌دىكى نائىن شە‌ھىرىدە تۇ‌ل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرگە‌نلىكىنى كۆرمىگە‌ندۇ،‏ ئە‌مما ئۇ بە‌لكىم بۇ ۋە‌قە ھە‌ققىدە ئاڭلىغان.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ ئە‌يسانىڭ يائىر دېگە‌ن كىشىنىڭ قىزىنى تىرىلدۈرگە‌نلىكىنىمۇ ئاڭلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ ئۆيدىكى ھە‌ممىسى قىزنىڭ «جان ئۈزگە‌نلىكىنى بىلگە‌ن».‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭ قولىنى تۇ‌تۇ‌پ:‏ «ھە‌ي قىزچاق،‏ ئورنۇ‌ڭدىن تۇ‌ر!‏»—‏ دېدى.‏ ئۇ دە‌رھال ئورنىدىن تۇ‌رۇ‌پ كە‌تتى (‏لۇ‌قا 7:‏11—‏17؛‏ 8:‏41،‏ 42،‏ 49—‏55)‏.‏ مارتامۇ،‏ ئۇ‌نىڭ سىڭلى مە‌رىيە‌ممۇ ئە‌يسانىڭ ئاغرىقلارنى ساقايتالايدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا يېنىدا بولغان بولسا،‏ لازار ئۆلمە‌يتى دە‌پ ئويلىغان.‏ لېكىن،‏ ھازىر ئۇ كۆز يۇ‌مغاندا،‏ مارتا نېمنى ئۈمىد قىلغان؟‏ بايقىسىڭىز،‏ ئۇ لازارنىڭ كېلە‌چە‌كتە،‏ «ئاخىرقى كۈنى»‏ تىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ نېمىشقا ئۇ‌نىڭ ئېتىقادى كامىل بولغان؟‏ شۇ‌نداقلا كېلە‌چە‌كتە ئادە‌ملە‌رنىڭ،‏ ھە‌مدە ئۆز يېقىنلىرىڭىزنىڭمۇ تىرىلىدىغانلىقىغا نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئىشىنە‌لە‌يسىز؟‏

4 تىرىلىشنىڭ بولدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن سىزدە ئاساسلىق سە‌ۋە‌بلە‌ر بار.‏ ھازىر ئۇ‌لارنىڭ بىرنە‌چچىسىنى قاراپ چىقايلى.‏ بۇ‌رۇ‌ن سىز ئانچە دىققە‌ت قىلىپ كە‌تمىگە‌ن،‏ ئە‌مما سۆيۈملۈك ئادە‌ملىرىڭىز بىلە‌ن قايتا كۆرۈشۈشكە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدىغان بە‌زى ئويلارنى خۇ‌دا سۆزىدىن تاپالايسىز.‏

ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر

5.‏ مارتا نېمە سە‌ۋە‌بتىن لازارنىڭ تىرىلىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن؟‏

5 بايقىسىڭىز،‏ مارتا «ئاكامنىڭ تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمە‌ن‏»،‏—‏ دە‌پ ئېيتماستىن،‏ «ئۇ‌نىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن‏»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ نېمىشقا ئۇ شۇ‌نچىلىك ئىشە‌نچلىك سۆزلىگە‌ن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئۆتمۈشتە يۈز بە‌رگە‌ن تىرىلىش ھە‌ققىدىكى ۋە‌قە‌لە‌رنى بىلگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ كىچىك چېغىدا ئۆيىدە ياكى ئىبادە‌تخانىدا بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ئاڭلىغاندۇ.‏ كېلىڭ،‏ يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان شۇ‌نداق ئۈچ ۋە‌قە‌نى قاراپ چىقايلى.‏

6.‏ مارتا قايسى مۆجىزىنى سۆزسىز بىلگە‌ن؟‏

6 ئە‌ڭ بىرىنچى تىرىلىش خۇ‌دا ئىلىياس (‏ئېلىيا دە‌پمۇ ئاتىلىدۇ)‏ پە‌يغە‌مبە‌رگە مۆجىزە كۆرسىتىشكە كۈچ بە‌رگە‌ندە يۈز بە‌رگە‌نىدى.‏ ئىسرائىلنىڭ شىمالىدىكى فىنىكىيە‌دىكى زە‌رە‌پە‌ت شە‌ھىرىدە ياشىغان بىر كە‌مبە‌غە‌ل تۇ‌ل ئايال پە‌يغە‌مبە‌رگە مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئاندىن يە‌ھۋا خۇ‌دا مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ شۇ ئايالنىڭ ئۆيىدىكى ئۇ‌ن بىلە‌ن ماينى تۈگىمە‌يدىغان قىلدى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ بۇ تۇ‌ل ئايال بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئوغلى ئامان قالدى (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 17:‏8—‏16)‏.‏ كېيىنىرە‌ك ئۇ‌نىڭ ئوغلى ئاغرىپ،‏ ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ ئە‌مما،‏ ئىلىياس ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ بالىنىڭ ھاياتىنى قايتۇ‌رۇ‌شنى ئۆتۈندى.‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بېرىپ،‏ بالىنى تىرىلدۈردى!‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان بىرىنچى تىرىلدۈرۈش بولغان ‏(‏پادىشاھلار 1-‏يازما 17:‏17—‏24نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مارتانىڭ بۇ ئاجايىپ ۋە‌قە‌نى بىلگە‌نلىكى سۆزسىز.‏

7،‏ 8.‏ ئا)‏ ئېلىشا قايغۇ‌رغان ئايالغا قانداق تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن؟‏ ئە)‏ ئېلىشا كۆرسە‌تكە‌ن مۆجىزە يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان ئىككىنچى تىرىلىش ۋە‌قە‌سى ئېلىشا پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن بولغان.‏ شۇ‌نە‌م شە‌ھىرىدە بالىلىرى يوق بىر ئىسرائىللىق ئايال ياشىغان.‏ ئۇ ئېلىشاغا مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسە‌تكە‌نلىكتىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ۋە ياشانغان ھە‌مراھىنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ئوغۇ‌ل سوۋغات قىلغانىدى.‏ ئە‌مما،‏ بىرنە‌چچە يىلدىن كېيىن بۇ ئوغۇ‌ل ئۆلۈپ قالدى.‏ ئانىسىنىڭ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغىنىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ شۇ‌نچلىك ھە‌سرە‌ت چە‌كتىكى،‏ ئېلىشانى تېپىش ئۈچۈن 30 كىلومېتر يول يۈرۈپ كارمىل تېغىغا باردى.‏ پە‌يغە‌مبە‌ر خىزمە‌تچىسى گېھازنى بالىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇ‌نە‌مگە ئە‌ۋە‌تتى.‏ ئە‌مما،‏ گېھاز ئۇ‌نى تىرىلدۈرە‌لمىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌ن ئانا ئېلىشا پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن ئۆيىگە باردى (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 4:‏8—‏31)‏.‏

خۇ‌دا ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌دىرىتنى ئىسپاتلاپ كۆرسە‌تتى

8 ئېلىشا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئوغۇ‌ل بالا ياتقان بۆلمىگە چىقىپ،‏ دۇ‌ئا قىلدى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بېرىپ،‏ بالىنى مۆجىزە ئارقىلىق ھاياتقا قايتۇ‌ردى.‏ بۇ ئايال بالىسىنىڭ تىرىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئىچ-‏ئىچىدىن خۇ‌شال بولدى!‏ ‏(‏پادىشاھلار 2-‏يازما 4:‏32—‏37نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ھاننانىڭ دۇ‌ئادا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئە‌سلىگە‌ندۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ سامۇ‌ئىل ئىسىملىك ئوغۇ‌لنى سوۋغات قىلمىغىچە،‏ ھاننا پە‌رزە‌نت سۆيە‌لمىگە‌ن.‏ ھاننا ئۇ،‏ يە‌ھۋانى «ئۆزى گۆرگە چۈشۈرۈپ،‏ يە‌نە قوپۇ‌رىدىغانلىقى» ئۈچۈن مە‌دھىيىلىدى (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 2:‏6)‏.‏ شۇ‌نە‌مدە ئوغۇ‌لنى ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە قوپۇ‌رغانلىقى ئارقىلىق خۇ‌دا ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ئىسپاتلاپ كۆرسە‌تكە‌ن.‏

9.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن تىرىلىش ھە‌ققىدىكى ئۈچىنچى ۋە‌قە‌نى ئېيتىپ بېرىڭ.‏

9 يە‌نە بىر مۆجىزە ئېلىشا ئۆلگە‌ندىن كېيىن بولغان.‏ ئۇ 50 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت پە‌يغە‌مبە‌ر بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ ئاغرىققا گىرىپتار بولۇ‌پ ۋاپات بولدى.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ پە‌قە‌ت سۆڭە‌كلىرى قالغانىدى.‏ بىر كۈنى،‏ بە‌زى ئىسرائىللىقلار بىر ئادە‌منى دە‌پنە قىلىۋاتقاندا،‏ كۈتمىگە‌ن يە‌ردىن دۈشمە‌نلە‌رنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.‏ ئۇ‌لار تېزىراق قېچىپ كېتىش ئۈچۈن ئۆلۈكنى ئېلىشانىڭ گۆرىگە تاشلىۋە‌تتى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئۆلۈك ئېلىشانىڭ ئۇ‌ستىخىنىغا تە‌ككە‌ندە تىرىلىپ قوپۇ‌پ،‏ پۇ‌تلىرىدا تۇ‌ردى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 13:‏14،‏ 20،‏ 21)‏.‏ بۇ ۋە‌قە‌لە‌ر مارتانى خۇ‌دانىڭ ئۆلۈمنى يېڭىشكە كۈچ-‏قۇ‌درىتى بارلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار بىزنىمۇ خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى چە‌كسىز ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏

ئە‌لچىلە‌رنىڭ ۋاقتىدا بولغان ۋە‌قە‌لە‌ر

10.‏ پېترۇ‌س ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن قېرىنداشنى قانداق تىرىلدۈردى؟‏

10 ئىنجىلدىمۇ خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئادە‌ملە‌رنى تىرىلدۈرگە‌نلىكى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ بىز ئە‌يسانىڭ نائىندا ۋە يائىرنىڭ ئۆيىدە قىلغان مۆجىزىلىرىنى تىلغا ئالدۇ‌ق.‏ بۇ‌نىڭدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن ئە‌لچى پېترۇ‌س دوركاس ياكى تابىتانى تىرىلدۈردى.‏ پېترۇ‌س ئۇ‌نىڭ جە‌سىتى ياتقان بۆلمىگە كىرىپ،‏ دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن:‏ «تابىتا،‏ تۇ‌ر!‏»—‏ دېدى.‏ ئۇ دە‌رھال تۇ‌رۇ‌پ،‏ پېترۇ‌س ئۇ يە‌ردە بولغانلارنىڭ ھە‌ممىسىگە «تابىتانىڭ تىرىلگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تتى».‏ بۇ ۋە‌قە ھە‌ممىسىنىڭ ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر «ھاكىمدارىمىزغا ئىشە‌ندى».‏ بۇ يېڭى شاگىرتلار باشقىلارغا ئە‌يسا ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرۈش قابىلىيىتى توغرىسىدا ئېيتالىغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 9:‏36—‏42)‏.‏

11.‏ دوختۇ‌ر لۇ‌قا ياش يىگىت ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن ۋە بۇ ۋە‌قە باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلدى؟‏

11 كېيىنىرە‌ك خە‌لق باشقا بىر تىرىلدۈرۈشكە گۇ‌ۋاھچى بولدى.‏ بىر قېتىم ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ھازىرقى تۈركىيىنىڭ غە‌ربىي-‏شىمالىغا جايلاشقان تروئاس شە‌ھىرىدە يۇ‌قىرىقى قە‌ۋە‌تتە ئۆتكۈزۈلگە‌ن بىر ئۇ‌چرىشىشتا بولغان.‏ ئۇ يېرىم كېچىگىچە نۇ‌تۇ‌ق سۆزلگە‌نىدى.‏ ئە‌فتىكۇ‌س ئىسىملىق ياش يىگىت دېرىزىدە تىڭشاپ ئولتاردى.‏ لېكىن ئۇ ئۇ‌خلاپ قېلىپ،‏ ئۈچىنچى قە‌ۋە‌تتىن يە‌رگە چۈشۈپ كە‌تكە‌نىدى.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌ڭ بىرىنچى بولۇ‌پ لۇ‌قا يۈگۈگە‌ن.‏ دوختۇ‌ر سۈپىتىدە،‏ ئۇ ياش يىگىتنىڭ يارلىنىپ قالماستىن،‏ بە‌لكى ھېچنېمە سە‌زمە‌س بولغانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ ھە‌ئە،‏ ئۇ ئۆلۈپ كە‌تكە‌نىدى!‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سمۇ تۆۋە‌نگە چۈشتى.‏ ئۇ ئە‌فتىكۇ‌سنى قۇ‌چاقلاپ،‏ ھە‌ممىنى ئۇ‌نىڭ «جېنى بار» دېگە‌ن سۆزلىرى بىلە‌ن ھە‌يران قالدۇ‌ردى.‏ بۇ مۆجىزىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى قاتتىق تە‌سىرلە‌ندى.‏ ياش يىگىتنىڭ ئۆلگە‌نلىكىنى،‏ لېكىن كېيىن تىرىلدۈرۈلگە‌نلىكىنى بىلىپ «ھە‌ممىسى تە‌سە‌للىي ئالدى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏7—‏12)‏.‏

تە‌ۋرە‌نمە‌س ئۈمۈت

12،‏ 13.‏ بىز قاراشتۇ‌رغان تىرىلىشنىڭ مىساللىرى تۈپە‌يلىدىن بىزدە قانداق سوئاللار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

12 يۇ‌قىرىدىكى ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن،‏ سىزدە ھازىر مارتادە‌ك كۈچلۈك ئىشە‌نچ بارمۇ؟‏ بىزگە ھاياتنى سوۋغات قىلغان خۇ‌دايىمىز ئادە‌منى قايتا ھاياتقا قايتۇ‌رالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ قىزىقارلىق يېرى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ مۆجىزىلە‌رنى ئىلىياس،‏ ئە‌يسا ۋە پېترۇ‌سقا ئوخشاش سادىق خىزمە‌تچىلىرى ياشىغان پە‌يتتە قىلغان.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋا مۆجىزىلە‌ر قىلغان ۋاقىتتا يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۆجىزىلە‌ر قىلىنمىغان ۋاقىتتا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئادە‌ملە‌رگە نېمە بولىدۇ؟‏ سادىق ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار خۇ‌دا كە‌لگۈسىدە ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرىدۇ،‏ دە‌پ ئۈمىد قىلالىغانمۇ؟‏ ئۇ‌لار قېرىندىشى ھە‌ققىدە ‏«بىلىمە‌ن،‏ ئاخىرقى كۈنى،‏ تىرىلىشتە،‏ تۇ‌رىدۇ» دېگە‌ن مارتاغا ئوخشاش ئىشە‌نچتە بولالامدۇ؟‏ نېمىشقا كە‌لگۈسىدە تىرىلىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا مارتانىڭ ئېتىقادى كامىل بولغان ۋە سىزنىمۇ بۇ‌نىڭغا نېمە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

13 خۇ‌دا سۆزىدىكى بىرنە‌چچە مىسال يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كېلە‌چە‌كتە تىرىلدۈرۈش بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ھازىر ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرىنى قاراپ چىقىمىز.‏

14.‏ ئىبراھىمنىڭ ۋە‌قە‌سىدىن بىز تىرىلدۈرۈش ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

14 يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىبراھىمنى ئىسھاق بىلە‌ن،‏ شۇ‌نچىلىك ئۇ‌زاق كۈتكە‌ن ئوغلىنى نېمە قىلىشنى بۇ‌يرۇ‌غانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا:‏ «ئىلتىماس،‏ ئوغلۇ‌ڭنى،‏ ئۆزۈڭنىڭ يالغۇ‌ز ئوغلىنى،‏ سە‌ن سۆيىدىغان ئوغلۇ‌ڭنى —‏ ئىسھاقنى ئېلىپ،‏ مورىيا يېرىگە بارغىن ۋە شۇ جايدا ئۇ‌نى مە‌ن ساڭا كۆرسىتىپ بېرىدىغان تاغدا كۆيدۈرمە قۇ‌ربانلىق قىلغىن»،‏—‏ دېدى (‏يارىتىلىش 22:‏2)‏.‏ قانداق ئويلايسىز،‏ ئىبراھىم بۇ‌نى ئاڭلىغاندا نېمىنى ھېس قىلغان؟‏ يە‌ھۋا ئىبراھىمنىڭ ئە‌ۋلادى ئارقىلىق خە‌لقلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بە‌رىكە‌تكە ئېرىشىدۇ،‏ دە‌پ ۋە‌دە قىلغان (‏يارىتىلىش 13:‏14—‏16؛‏ 18:‏18؛‏ رىملىقلارغا 4:‏17،‏ 18)‏.‏ شۇ‌نداقلا خۇ‌دا بۇ بە‌رىكە‌تلە‌ر «ئىسھاق ئارقىلىق» كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يارىتىلىش 21:‏12)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئىبراھىم ئوغلىنى قۇ‌ربانلىق قىلسا،‏ بۇ قانداق يۈز بېرىدۇ؟‏ پاۋلۇ‌س خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى ئارقىلىق،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسھاقنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتىگە ئىبراھىمنىڭ ئىشە‌نگە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن ‏(‏ئىبرانىيلارغا 11:‏17—‏19نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىبراھىمنىڭ ئىسھاق ھازىرلا،‏ بە‌لكىم بىرنە‌چچە سائە‌تنىڭ،‏ كۈننىڭ ياكى ھە‌تتا بىر ھە‌پتىنىڭ ئىچىدە تىرىلىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغانلىقى ئېيتىلمىغان.‏ ئىبراھىم ئوغلىنىڭ قاچان تىرىلدۈرىلىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىسھاقنى ھاياتقا قايتۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏

15.‏ خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىسى ئايۇ‌پتا قانداق ئۈمىد بولغان؟‏

15 خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىسى ئايۇ‌پمۇ كېلە‌چە‌كتە تىرىلدۈرۈش بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ دە‌رە‌خ كېسىۋېتىلگە‌ندىن كېيىن،‏ قايتا ئۆسۈپ يېڭى دە‌رە‌خ بولۇ‌پ چىقىشنىڭ ئۈمىدى بار ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ لېكىن ئادە‌م بىلە‌ن مۇ‌نداق بولمايدۇ (‏ئايۇ‌پ 14:‏7—‏12؛‏ 19:‏25—‏27)‏.‏ ئادە‌م ئۆلسە،‏ ئۆزىنى ھاياتقا قايتا كە‌لتۈرە‌لمە‌يدۇ (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 12:‏23؛‏ زە‌بۇ‌ر 89:‏48)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ خۇ‌دانىڭ ئادە‌منى تىرىلدۈرە‌لمە‌يدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئايۇ‌پ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى ئېسىدە ساقلايدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن ‏(‏ئايۇ‌پ 14:‏13—‏15نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئايۇ‌پ بۇ‌نىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ،‏ ئادە‌مگە ھاياتنى بە‌رگە‌ن ياراتقۇ‌چىنىڭ ئۇ‌نى ئە‌ستە ساقلاشقا ۋە تىرىلدۈرۈشكە كۈچ-‏قۇ‌درىتى يېتىدىغانلىقىغا ھە‌مدە سۆزسىز شۇ‌نداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏

16.‏ پە‌رىشتە دانىيالغا قانداق تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن؟‏

16 ئە‌مدى يە‌نە بىر خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى،‏ دانىيال ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ پۈتكۈل ھاياتى داۋامىدا خۇ‌داغا سادىق بولغان ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ بىر قېتىم،‏ پە‌رىشتە دانىيالنى «ئىنتايىن سۆيۈملۈك» ئادە‌م دە‌پ ئاتىدى ۋە ئۇ‌نىڭغا «تېنچ-‏ئامانلىقنى» تىلە‌پ،‏ «غە‌يرە‌تلىك بولۇ‌شقا» دە‌ۋە‌ت قىلغانىدى (‏دانىيال 9:‏22،‏ 23؛‏ 10:‏11،‏ 18،‏ 19)‏.‏

17،‏ 18.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ دانىيالغا قانداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن؟‏

17 دانىيال تە‌خمىنە‌ن 100 ياشقا تولغاندا،‏ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ماڭا ئە‌مدى نېمە ئىش بولار،‏ دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ دانىيال قايتا ياشاشنى ئۈمىد قىلغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏ دانىيال كىتابىنىڭ ئاخىرىدا يېزىلغىنىدە‌ك،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا:‏ «ئە‌مما سە‌ن بولساڭ،‏ ئاخىرغىچە يولۇ‌ڭدا مېڭىۋە‌رگىن.‏ سە‌ن ئارام تاپىسە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ۋە‌دە بە‌رگە‌ن (‏دانىيال 12:‏13)‏.‏ دانىيال ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزى يېقىندا بارىدىغان «تە‌ھتىسارادا [گۆردە] ھېچ خىزمە‌ت،‏ مە‌قسە‌ت-‏پىلان،‏ بىلىم ياكى دانالىق بولمايدىغانلىقىنى» بىلگە‌ن (‏ۋە‌ز 9:‏10)‏.‏ لېكىن،‏ دانىيال ئۈچۈن بۇ ئاخىر بولمىغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا كېلە‌چە‌كتىكى گۈزە‌ل ئۈمىدنى بە‌رگە‌ن.‏

18 يە‌ھۋانىڭ پە‌رىشتىسى دانىيالغا:‏ «كۈنلە‌رنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋە‌ڭگە مۇ‌يە‌سسە‌ر بولۇ‌شقا قايتا تىرىلىسە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ دانىيال بۇ‌نىڭ نە‌ق قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌ن.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئارام ئالىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئە‌مما ئۇ بۇ ۋە‌دىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۇ كېلە‌چە‌كتە تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏

ئانىسی تىرىلىش هه‌ققىده ئوقوُپ،‏ بالىسىنىڭ تىرىلىشىنی ته‌سه‌ۋۋوُر قىلىدوُ

مارتاغا ئوخشاش،‏ سىز تىرىلىشنىڭ چوقۇ‌م بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نسىڭىز بولىدۇ (‏19،‏ 20-‏ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

19،‏ 20.‏ ئا)‏ بىز قاراپ چىققان ۋە‌قە‌لە‌ر بىلە‌ن مارتانىڭ ئە‌يساغا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟‏ ئە)‏ كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىنى قاراپ چىقىمىز؟‏

19 ئېنىقكى،‏ لازارنىڭ «ئاخىرقى كۈنى،‏ تىرىلىشتە،‏ تۇ‌رىدىغانلىقىغا» ئىشىنىشكە مارتانىڭ يېتە‌رلىك سە‌ۋە‌بلىرى بولغان.‏ يە‌ھۋانىڭ دانىيالغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسى ۋە مارتانىڭ تىرىلىشكە بولغان قە‌تئىي ئىشە‌نچى،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزگىمۇ ئۈمىد بېرىدۇ.‏ ھە،‏ كېلە‌چە‌كتە تىرىلدۈرۈش چوقۇ‌م بولىدۇ.‏

20 بىز بۇ‌رۇ‌ن تىرىلىش ھە‌ققىدە يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌رنى قاراپ چىقتۈق.‏ بۇ ۋە‌قە‌لە‌ر ئۆلگە‌نلە‌ر قايتىدىن ياشالايدىغانلىقىنى دە‌لىللە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداقلا بىز خۇ‌داغا سادىق خىزمە‌ت قىلغان ئە‌ر ۋە ئاياللارنىڭ كېلە‌چە‌كتە تىرىلىش بولىدۇ،‏ دە‌پ كۈتكە‌نلىكىنىمۇ كۆردۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ تىرىلىش ۋە‌دە قىلىنىپ شۇ‌نچە ئۇ‌زاق ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن بولىدىغانلىقىغا ئىسپات بارمۇ؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ بۇ كېلە‌چە‌كتىكى تىرىلىشنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈشكە تېخىمۇ كۆپ سە‌ۋە‌بلىرىمىز بولىدۇ.‏ لېكىن بۇ ۋاقىت قاچان كېلىدۇ؟‏ كېلە‌ركى ماقالىدە بۇ‌نى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش