كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 دېكابىر 9-‏14 ب.‏
  • ‏«خۇ‌داغا ئۈمىد باغلاپ ئىشىنىمە‌ن»‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ‏«خۇ‌داغا ئۈمىد باغلاپ ئىشىنىمە‌ن»‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نە‌چچە يۈز يىللار ئىلگىرى بېشارە‌ت قىلىنغان تىرىلىش
  • تىرىلىش قاچان بولىدۇ؟‏
  • تىرىلىشكە بولغان ئۈمىد!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 دېكابىر 9-‏14 ب.‏
ئه‌لچی پاۋلوُس هوكوٰمران فېلىكس بىله‌ن دروُسىلاغا سوزله‌ۋاتىدوُ

‏«خۇ‌داغا ئۈمىد باغلاپ ئىشىنىمە‌ن»‏

‏«ئاخىرقى ئادە‌م ئاتا ھاياتلىق بېرىدىغان روھ بولدى» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏45)‏.‏

ناخشىلار:‏ 12،‏ 19

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • تىرىلىش ھە‌ققىدە ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغانلارنىڭ كۆپ ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن ئە‌مە‌لگە ئىشىشى مۇ‌مكىنلىكىنى زە‌بۇ‌ر 118-‏باب قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

  • زە‌بۇ‌ر 16:‏10دىكى بېشارە‌ت قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشتى؟‏

  • مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌ش ۋاقتىدا كىملە‌ر تىرىلىدۇ ۋە قانداق؟‏

1—‏3.‏ ئا)‏ بىزنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىمىز نېمىدىن ئىبارە‌ت؟‏ ئە)‏ نېمە ئۈچۈن تىرىلىش شۇ‌نچىلىك مۇ‌ھىم؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

بە‌زى ئادە‌ملە‌ر دىنى ئېتىقادىڭىز ھە‌ققىدە ئاساسىي تە‌لىملە‌رنى سورىسا،‏ قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياراتقۇ‌چى ۋە ھايات بە‌رگۈچى ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ھاياتىنى تۆلە‌م سۈپىتىدە بە‌رگىنىگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى دە‌يسىز.‏ كېلە‌چە‌كتە يە‌ر يۈزىدە جە‌ننە‌ت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى،‏ ئاندىن خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىڭىز سۆزسىز.‏ لېكىن،‏ تىرىلىش ئۈمىدىنىڭ سىزنى ئە‌ڭ خۇ‌شال قىلىدىغان تە‌لىملە‌رنىڭ بىرى ئىكە‌نلىكىنى ئېيتامسىز؟‏

2 بۈيۈك ئاپە‌تتە ئامان قېلىپ،‏ يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈشكە ئۈمىدىمىز بولسىمۇ،‏ تىرىلىشنى ئاساسىي تە‌لىملىرىمىزنىڭ بىرى،‏ دە‌پ قاراشقا مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بلە‌ر بار.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىرىلىشنىڭ نېمىشقا مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌ر تىرىلمىسە،‏ مە‌سىھمۇ تىرىلمىدى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌يسا تىرىلمىگە‌ن بولسا،‏ ئاسماندا پادىشاھ سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايتى ۋە بىزنىڭ خىزمىتىمىز پايدىسىز بولاتتى ‏(‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏12—‏19نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىراق،‏ بىز ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌نلىكتىن،‏ ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ تىرىلىشىنى قە‌تئىي رە‌ت قىلغان سادۇ‌قىيلارغا ئوخشىمايمىز.‏ ھە‌تتا باشقىلار بىزنى زاڭلىق قىلسىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل (‏ماركۇ‌س 12:‏18؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 4:‏2،‏ 3؛‏ 17:‏32؛‏ 23:‏6—‏8)‏.‏

3 پاۋلۇ‌س «ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ تىرىلىشى» توغرىسىدىكى تە‌لىماتنىڭ «مە‌سىھ ھە‌ققىدىكى باشلانغۇ‌چ تە‌لىملە‌رگە» كىرىدىغانلىقىنى يازغان (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏1،‏ 2)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزى تىرىلىشكە ئىشە‌نگە‌نلىكىنى تە‌كىتلە‌پ ئۆتكە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 24:‏10،‏ 15،‏ 24،‏ 25)‏.‏ بۇ تە‌لىم باشلانغۇ‌چ تە‌لىم،‏ يە‌نى خۇ‌دا سۆزىدىكى ئاساسىي ھە‌قىقە‌ت بولۇ‌پ تونۇ‌لسىمۇ،‏ تىرىلىش ھە‌ققىدە ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلغىنىمىز ياخشى (‏ئىبرانىيلارغا 5:‏12)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

4.‏ تىرىلىش ھە‌ققىدە قانداق سوئاللار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

4 ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغاندا،‏ بۇ‌رۇ‌ن ياشىغانلارنىڭ،‏ مە‌سىلە‌ن لازارنىڭ تىرىلگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئوقالايدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لار ئىبراھىم،‏ ئايۇ‌پ ۋە دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ كېلە‌چە‌كتە ئۆلگە‌نلە‌ر چوقۇ‌م تىرىلىدۇ،‏ دە‌پ ئىشە‌نگە‌نلىكى ھە‌ققىدە بىلىۋالىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كىمدۇ‌ر بىرسى نە‌چچە يۈز يىللار ئىلگىرى قىلىنغان بۇ ۋە‌دىلە‌رگە نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى سورىسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن قانداق دە‌لىل كە‌لتۈرە‌لە‌يسىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كېلە‌چە‌كتىكى تىرىلىش قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى يېزىلغانمۇ؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏

نە‌چچە يۈز يىللار ئىلگىرى بېشارە‌ت قىلىنغان تىرىلىش

5.‏ بىز ئاۋۋال نېمىنى قاراپ چىقىمىز؟‏

5 يېقىندا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئادە‌منىڭ تىرىلىپ قايتا ھايات ياشىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش ئاسان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏يوھاننا 11:‏11؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 20:‏9،‏ 10)‏.‏ لېكىن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار،‏ ھە‌تتا ئە‌سىرلە‌ر ئىلگىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌ر كېلە‌چە‌كتە تىرىلىدۇ،‏ دېگە‌ن ۋە‌دىگە ئىشىنىشكە بولامدۇ؟‏ بۇ ۋە‌دە مە‌يلى بۇ‌رۇ‌ن ياكى يېقىندا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئادە‌م ھە‌ققىدە بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌مسىز؟‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىز نە‌چچە يۈز يىللار ئىلگىرى ۋە‌دە قىلىنغان،‏ ئاندىن يۈز بە‌رگە‌ن بىر تىرىلىشكە ئىشىنىمىز.‏ ئۇ كىمنىڭ تىرىلىشى ۋە ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌كتە بولىدىغان تىرىلىش بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بار؟‏

6.‏ زە‌بۇ‌رنىڭ 118-‏بابىدىكى بېشارە‌تنىڭ ئە‌يسا بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بار؟‏

6 زە‌بۇ‌رنىڭ 118-‏بابىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن يىل ئىلگىرى بېشارە‌ت قىلىنغان تىرىلىش ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ مۇ‌شۇ بابنى داۋۇ‌ت پادىشاھ يازغان بولۇ‌شى ئېھتىمال.‏ بۇ بابتا «قۇ‌تقۇ‌زغايسە‌ن،‏ ئە‌ي پە‌رۋە‌ردىگار» ۋە «يە‌ھۋانىڭ ئىسمىنى دە‌پ كېلىۋاتقان مۇ‌بارە‌ك بولسۇ‌ن!‏» دېگە‌ن سۆزلە‌ر بار.‏ ئۆلۈمىدىن بىرنە‌چچە كۈن ئاۋۋال،‏ ئە‌يسا 9-‏نىسان كۈنى يېرۇ‌سالىمغا كىرىپ كە‌لگە‌ندە،‏ ئادە‌ملە‌ر مە‌سىھ توغرىسىدا مۇ‌شۇ بېشارە‌تلىك سۆزلە‌رنى تىلغا ئالغان (‏زە‌بۇ‌ر 118:‏25،‏ 26؛‏ مە‌تتا 21:‏7—‏9‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ زە‌بۇ‌رنىڭ 118-‏بابىدا كېلە‌چە‌كتىكى تىرىلىش ھە‌ققىدە نېمە يېزىلغان؟‏ مۇ‌شۇ بابتا مۇ‌نداق سۆزلە‌ر بار:‏ «تامچىلار تاشلىۋە‌تكە‌ن تاش بولسا،‏ بۇ‌رجە‌ك تېشى بولۇ‌پ تىكلە‌ندى» (‏زە‌بۇ‌ر 118:‏22)‏.‏

يه‌هوُدىي يېته‌كچىله‌ر ئه‌يسانی ره‌ت قىلدی،‏ ئه‌يسا جازا توٰۋرىكىده ئولدی

قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچىلار مە‌سىھنى رە‌ت قىلدى (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ئە‌يسانى رە‌ت قىلغان؟‏

7 مە‌سىھنى رە‌ت قىلغان قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچىلار يە‌ھۇ‌دىي باشچىلارنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئە‌يساغا بىپە‌رۋالىق قىلىپ قالماستىن،‏ ئۇ‌نى مە‌سىھ سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىشنى رە‌ت قىلغان.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان يە‌ھۇ‌دىيلار پىلاتۇ‌ستىن ئە‌يسانى ئۆلتۈرۈشنى تە‌لە‌پ قىلىپ،‏ ئۇ‌نى رە‌ت قىلغانىدى (‏لۇ‌قا 23:‏18—‏23)‏.‏ ھە‌ئە،‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ ھە‌م ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن جاۋابكارلىقى بار.‏

تىرىلگه‌ن ئه‌يسا ئاسماندىكی ته‌ختىده

خۇ‌دا ئە‌يسانى بۇ‌رجە‌ك تېشى بولۇ‌ش ئۈچۈن تىرىلدۈرگە‌ن (‏8،‏ 9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

8.‏ قانداقلارچە ئە‌يسا «بۇ‌لۇ‌ڭغا قويۇ‌لىدىغان ئۇ‌ل تاش بولدى»؟‏

8 ئە‌يسا رە‌ت قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌ن بولسا،‏ ئۇ قانداقلارچە «بۇ‌رجە‌ك تېشى» بولالايدۇ؟‏ بۇ ئە‌گە‌ر ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلسە مۇ‌مكىن بولىدۇ.‏ ئە‌يسا بۇ‌نى ئۈزۈمزارلىقىنى ئىجارىگە بە‌رگە‌ن بىر خۇ‌جايىن ھە‌ققىدىكى مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏ بۇ خۇ‌جايىن ئىجارە ئالغان باغۋە‌نلە‌رگە ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى ئە‌ۋە‌تىپتۇ،‏ بىراق ئىجارە ئالغۇ‌چىلار ئۇ ئە‌ۋە‌تكە‌ن خىزمە‌تچىلە‌رگە زىيانكە‌شلىك قىلىپتۇ.‏ ئاخىرىدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئېگىسى ئوغلىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌ر دە‌پ ئويلىغان بولسىمۇ،‏ لېكىن ئۇ‌لار ئوغلىنىمۇ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ.‏ ئە‌يسا مۇ‌شۇ مىسالنى ئېيتقاندىن كېيىن،‏ زە‌بۇ‌ر 118:‏22دە يېزىلغان بېشارە‌تنى نە‌قىل كە‌لتۈردى (‏لۇ‌قا 20:‏9—‏17)‏.‏ «يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ باشلىقلىرى،‏ ئاقساقاللىرى ۋە تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى يېرۇ‌سالىمدا يىغىلغاندا» ئە‌لچى پېترۇ‌س مۇ‌شۇ ئايە‌تنى كە‌لتۈرگە‌ن.‏ «بۇ كىشى سىلە‌ر تۈۋرۈككە مىخلىغان‏،‏ ئە‌مما خۇ‌دا تىرىلدۈرگە‌ن ناسىرە‌لىك ئە‌يسا مە‌سىھ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ ئاندىن:‏ «ئە‌يسا —‏ بۇ «سىلە‌ر،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچىلار،‏ كېرە‌كسىز دە‌پ تاشلىغان تاش،‏ بۇ‌لۇ‌ڭغا قويۇ‌لىدىغان ئۇ‌ل تاش بولدى»»،‏—‏ دېدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏15؛‏ 4:‏5—‏11؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏5—‏7)‏.‏

9.‏ زە‌بۇ‌ر 118:‏22دە قانداق مۇ‌ھىم ۋە‌قە بېشارە‌ت قىلىنغان؟‏

9 ھە‌ئە،‏ زە‌بۇ‌ر 118:‏22دە خاتىرىلە‌نگە‌ن تىرىلىش ھە‌ققىدىكى بېشارە‌ت نە‌چچە يۈز يىللاردىن كېيىن ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقى ئېيتىلغان.‏ مە‌سىھ رە‌ت قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ تىرىلدۇ‌رۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ بۇ‌لۇ‌ڭغا قويۇ‌لغان ئۇ‌ل تاش بولغانىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ تىلدۈرۈلگە‌ن ئە‌يسادىن باشقا ئادە‌ملە‌رگە بېرىلگە‌ن ئىسىم يوق،‏ بۇ دېگە‌نلىك،‏ يە‌نى ئە‌يسانىڭ ئىسمى ئارقىلىق «نىجات تېپىشىمىز» مۇ‌مكىن (‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏12؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 1:‏20)‏.‏

10.‏ ئا)‏ زە‌بۇ‌ر 16:‏10دا قانداق بېشارە‌ت يېزىلغان؟‏ ئە)‏ زە‌بۇ‌ر 16:‏10دىكى سۆزلە‌ر داۋۇ‌تقا قارىتىلمىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

10 ئە‌مدى،‏ كېلىڭ،‏ تىرىلىش بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك يە‌نە بىر ئايە‌تنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ بۇ سۆزلە‌ر نە‌چچە يىلدىن كېيىن ئە‌مە‌لگە ئاشتى.‏ بۇ بىزگە تىرىلىش ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن يىللاردىن كېيىن ئە‌مە‌لگە ئېشىشى مۇ‌مكىن ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىشكە ئاساس بېرىدۇ.‏ زە‌بۇ‌رنىڭ 16-‏بابىدا داۋۇ‌تنىڭ كېلە‌ركى سۆزلىرىنى ئوقالايمىز:‏ «چۈنكى جېنىمنى تە‌ھتىسارادا قالدۇ‌رمايسە‌ن،‏ شۇ‌نداقلا سېنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بە‌ندە‌ڭگە چىرىشلە‌رنى كۆرگۈزمە‌يسە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 16:‏10)‏.‏ داۋۇ‌ت ئۆزىنىڭ مە‌ڭگۈ ئۆلمە‌يدىغانلىقى ۋە گۆردە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.‏ خۇ‌دا سۆزىدە داۋۇ‌تنىڭ قېرىپ ئۆلگە‌نلىكى ھە‌م «ئۆز ئاتا-‏بوۋىلىرىغا قوشۇ‌لۇ‌پ راھە‌ت تېپىپ،‏ داۋۇ‌تنىڭ شە‌ھىرى دېگە‌ن جايدا دە‌پن قىلىنغانلىغى» ئېنىق يېزىلغان (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 2:‏1،‏ 10)‏.‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ بۇ سۆزلە‌ر كىمگە قارىتىلغان؟‏

11.‏ پېترۇ‌س زە‌بۇ‌ر 16:‏10دىكى سۆزلە‌رنى قاچان چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى؟‏

11 داۋۇ‌ت مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى يازغاندىن كېيىن،‏ مىڭ يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ پېترۇ‌س زە‌بۇ‌ر 16:‏10دىكى سۆزلە‌ر كىمگە قارىتىلغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىدىن بىرنە‌چچە ھە‌پتە ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ پېترۇ‌س مىڭلىغان يە‌ھۇ‌دىيلار ھە‌م يە‌ھۇ‌دىي دىنغا كىرگە‌نلە‌رگە سۆزلىگە‌ن ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 2:‏29—‏32نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ داۋۇ‌تنىڭ ئۆلگىنىنى ۋە دە‌پن قىلىنغانلىقىنى ئە‌سكە سالغانىدى.‏ شۇ‌نداقلا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا پېترۇ‌س داۋۇ‌تنىڭ «مە‌سىھنىڭ تىرىلىشىنى.‏.‏.‏ ئالدىن-‏ئالا بىلگە‌نلىكىنى» ئېيتقاندا،‏ ھېچكىم ئۇ‌نىڭغا قارشى سۆز قىلىپ،‏ ئۇ‌نى تۈزە‌تكە‌نلىكى يېزىلمىغان.‏

12.‏ زە‌بۇ‌ر 16:‏10دىكى سۆزلە‌ر قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى ۋە بۇ‌نى بىلىش بىزنىڭ تىرىلىشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ۋە‌دىگە ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 پېترۇ‌س بۇ سۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن داۋۇ‌تنىڭ زە‌بۇ‌ر 110:‏1دىكى سۆزلىرىنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 2:‏33—‏36نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسىدا مۇ‌ھاكىمە قىلىپ،‏ كۆپچىلىكنى ئە‌يسانىڭ «ھاكىمدار ۋە مە‌سىھ» ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏ ئادە‌ملە‌ر زە‌بۇ‌ر 16:‏10دا يېزىلغان سۆزلە‌رنىڭ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندە ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ كېيىنىرە‌ك ئە‌لچى پاۋلۇ‌س پىسىدىيادىكى ئانتاكىيا شە‌ھىرىدە يە‌ھۇ‌دىيلارغا سۆز قىلغاندا،‏ شۇ ئىسپاتنى قوللانغان.‏ بۇ كىشىلە‌رگە قاتتىق تە‌سىر قىلىپ،‏ ئۇ‌لار بۇ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلگۈسى كە‌لگە‌ن ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 13:‏32—‏37،‏ 42نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى شۇ بېشارە‌تلە‌ر،‏ ھە‌تتا ۋە‌دە قىلىنغاندىن نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌سىرلە‌ر كېيىن ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لسىمۇ،‏ بىزنىڭ كېلە‌چە‌كتىكى تىرىلىشكە بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏

تىرىلىش قاچان بولىدۇ؟‏

13.‏ تىرىلىشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قانداق سوئاللار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

13 كۆپ ئە‌سىرلە‌ر ئىلگىرى ۋە‌دە قىلىنغان تىرىلىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز بىزگە ئىلھام بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بىزدە:‏ «بۇ يېقىنلىرىمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ‌زاق ۋاقىت كۈتۈشۈم كېرە‌كمۇ؟‏ مە‌ن ئۈمىد قىلىۋاتقان تىرىلىش قاچان يۈز بېرىدۇ؟‏» دېگە‌ن سوئاللار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئېسىڭىزدە بولسا،‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە ئۇ‌لار بىلمە‌يدىغان ۋە بىلە‌لمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا:‏ «ئاتام ۋاقىت-‏سائە‌تنى ئۆز ھوقۇ‌قىغا ئاساسە‌ن بە‌لگىلىگە‌ن.‏ بۇ سىلە‌رنىڭ ىلىشىڭلارغا بېرىلمىدى»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 1:‏6،‏ 7؛‏ يوھاننا 16:‏12)‏.‏ لېكىن تىرىلىش قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بە‌زى مە‌لۇ‌مات بار.‏

14.‏ ئە‌يسانىڭ تىرىلىشى ئۇ‌نىڭدىن ئاۋۋال تىرىلگە‌نلە‌ردىن قانداق پە‌رقلىنىدۇ؟‏

14 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان ئە‌ڭ مۇ‌ھىم تىرىلىش —‏ ئە‌يسانىڭ تىرىلىشى.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ تىرىلمىگە‌ن بولسا،‏ ھېچبىرىمىزدە يېقىنلىرىمىزنى قايتا كۆرۈش ئۈمىدى بولماس ئىدى.‏ ئە‌يسادىن بۇ‌رۇ‌ن تىرىلدۈرۈلگە‌ن،‏ مە‌سىلە‌ن ئىلىياس ۋە ئېلىشا تىرىلدۈرگە‌ن ئادە‌ملە‌ر،‏ مە‌ڭگۈ ياشىمىغان.‏ ئۇ‌لار قايتىدىن ئۆلۈپ توپىغا ئايلانغان.‏ بىراق ئە‌يسا «ئۆلۈمدىن تىرىلىپ»،‏ ئە‌مدى «ئۆلمە‌يدۇ ۋە ئۆلۈم ئە‌مدى ئۇ‌نىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ».‏ ئۇ ئاسماندا «ئە‌بە‌دتىن-‏ئە‌بە‌دكىچە» ياشايدۇ ‏(‏رىملىقلارغا 6:‏9؛‏ ۋە‌ھىي 1:‏5،‏ 18؛‏ كولوسىلىقلارغا 1:‏18؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏18)‏.‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا دە‌سلە‌پكى مېۋە دە‌پ ئاتالغان؟‏

15 ئە‌يسانىڭ روھىي شە‌خس سۈپىتىدە تىرىلگە‌نلىكى مۇ‌نداق تىرىلىشنىڭ بىرىنچىسى ۋە ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى بولغانىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 26:‏23)‏.‏ بىراق،‏ باشقىلارمۇ ئاسماندا روھىي شە‌خس سۈپىتىدە ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلگە‌ن.‏ ئە‌يسا سادىق ئە‌لچىلىرىنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئاسماندا باشقۇ‌رىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏لۇ‌قا 22:‏28—‏30)‏.‏ ئۇ‌لار بۇ مۇ‌كاپاتقا پە‌قە‌ت ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌يساغا ئوخشاش ئۇ‌لار روھىي تە‌ندە تىرىلىدۇ.‏ پاۋلۇ‌س:‏ «مە‌سىھ ئۆلۈمدىن تىرىلدى،‏ ئۇ ئۆلۈم ئۇ‌يقىسىدا بولغانلارنىڭ ئارىسىدىكى دە‌سلە‌پكى مېۋە»‏ بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئاندىن ئۇ باشقىلارنىڭمۇ تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى:‏ «ھە‌ممىسى ئۆز نۆۋىتىدە:‏ مە‌سىھ —‏ بىرىنچى مېۋە،‏ ئاندىن ئۇ‌نىڭ ھازىرلىنىش ۋاقتىدا —‏ مە‌سىھكە مە‌نسۈپلە‌ر» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏20،‏ 23)‏.‏

16.‏ تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىش قاچان بولىدىغانلىقىغا ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز؟‏

16 پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرىدىن تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىشنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئۇ‌چۇ‌رغا ئىگە بولدۇ‌ق،‏ ئۇ مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌ش ۋاقتىدا يۈز بېرىدۇ.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار مابە‌ينىدە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌شى 1914-‏يىلى باشلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كە‌لمە‌كتە.‏ بىز ھازىرغىچە ئە‌يسانىڭ ھازىر بولۇ‌ش ۋاقتىدا ياشاۋاتىمىز ۋە بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى پات-‏ئارىدا كېلىدۇ.‏

17،‏ 18.‏ مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌ش پە‌يتىدە ئايرىم مايلانغانلارغا نېمە بولىدۇ؟‏

17 تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىش ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌نە مۇ‌نداق مە‌لۇ‌مات بار:‏ «شۇ‌نداقلا،‏ قېرىنداشلار،‏ ئۆلۈم ئۇ‌يقىسىدا ئۇ‌خلاۋاتقانلار ھە‌ققىدە.‏.‏.‏ سىلە‌رنى خە‌ۋە‌رسىز قالدۇ‌رغۇ‌مىز كە‌لمە‌يدۇ.‏ چۈنكى ئە‌گە‌ر بىز ئە‌يسانىڭ ئۆلۈپ،‏ تىرىلگە‌نلىكىگە ئىشە‌نسە‌ك،‏ ئۇ ۋاقىتتا،‏ ئۆلۈم ئۇ‌يقىسىدا ئۇ‌خلاۋاتقانلارنىمۇ خۇ‌دا ئە‌يسا ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە يۈرگۈزىدۇ.‏.‏.‏ ھاكىمدارىمىزنىڭ ھازىرلىنىشى ۋاقتىغىچە ياشاۋاتقانلارغا،‏ ئۆلۈم ئۇ‌يقىسىدا ئۇ‌خلاۋاتقانلارنى ھېچقانداق ئوزۇ‌پ كېتىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ھاكىمدارىمىز ئۆزى ئاسماندىن چاقىرىپ،‏.‏.‏.‏ مە‌سىھتە ئۆلگە‌نلە‌ر بىرىنچى بولۇ‌پ تىرىلىدۇ.‏ كېيىن بىز،‏ ياشاۋاتقانلار،‏ تېخى تىرىكلە‌ر ئۇ‌لار بىلە‌ن ھاكىمدارىمىزنى ھاۋادا ئۇ‌چرىتىش ئۈچۈن،‏ بۇ‌لۇ‌تلاردا ئېلىنىپ كېتىمىز ۋە شۇ‌نداقلارچە ھاكىمدارىمىز بىلە‌ن دائىمىي بىللە بولىمىز» (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 4:‏13—‏17)‏.‏

18 دە‌سلە‌پكى تىرىلىش،‏ يە‌نى ئاسماندىكى ھاياتقا تىرىلىش،‏ مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌شى باشلانغاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ.‏ بۈيۈك ئاپە‌ت ۋاقتىدا يە‌ردە ياشاۋاتقان مايلانغان مە‌سىھىيلە‌ر «بۇ‌لۇ‌تلاردا ئېلىنىپ كېتىدۇ» (‏مە‌تتا 24:‏31‏)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ «بۇ‌لۇ‌تلاردا ئېلىنىپ» كېتىدىغانلار «ئۆلۈم ئۇ‌يقىسىدا» ئۇ‌خلىمايدۇ،‏ بۇ ئۇ‌لار كۆپ ۋاقىت ئۆلگە‌ن ھالە‌تتە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ‌لار ھە‌ققىدە شۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ھە‌ممىمىز ئۆزگىرىمىز،‏ بىر دە‌قىقىدە،‏ كۆزنى بىر يۇ‌مۇ‌پ ئاچقۇ‌چە ئاخىرقى كارنە‌ي چېلىنغاندا» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏51،‏ 52)‏.‏

19.‏ «ئە‌ۋزە‌لرە‌ك تىرىلىش» دېگە‌ن نېمە؟‏

19 بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ساندىكى سادىق ئېتىقادچىلار مايلانمىغان،‏ يە‌نى مە‌سىھ بىلە‌ن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تاللانمىغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيا يوق بولىدىغان ۋاقىتنى،‏ «يە‌ھۋانىڭ كۈنىنى» تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتمە‌كتە.‏ بۇ كۈن ئېنىق قاچان بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمە‌يدۇ،‏ ئە‌مما دە‌لىل-‏ئىسپاتلار ئۇ كۈن يېقىن ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏1—‏3)‏.‏ يە‌ر يۈزىدە جە‌ننە‌ت بولغاندا،‏ باشقا بىر خىل تىرىلىش يۈز بېرىدۇ.‏ شۇ چاغدا ئادە‌ملە‌ر يە‌ردىكى ھاياتقا تىرىلىدۇ ۋە مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌پ،‏ ئە‌مدى قايتىدىن ئۆلمە‌يدىغان ئۈمىدى بولىدۇ.‏ بۇ تىرىلىش بۇ‌رۇ‌ن بولغان تىرىلىشتىن «ئە‌ۋزە‌لرە‌ك» بولىدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى بۇ‌رۇ‌ن تىرىلگە‌ن ئادە‌ملە‌ر كېيىنىرە‌ك قايتا ئۆلۈپ كە‌تكە‌نىدى (‏ئىبرانىيلارغا 11:‏35)‏.‏

20.‏ نېمە ئۈچۈن تىرىلىش تە‌رتىپلىك ۋە تە‌شكىللىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز؟‏

20 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن،‏ ئاسماندا ياشايدىغانلارنىڭ «ھە‌ممىسى ئۆز نۆۋىتىدە» تىرىلىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏23)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ر يۈزىدىمۇ تىرىلىش تە‌رتىپلىك ۋە تە‌شكىللىك بولىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بە‌زى سوئاللار پە‌يدا بولىدۇ:‏ «يېقىندا ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌ر مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىپ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي تىرىلىپ،‏ ئۆز يېقىنلىرى ئۇ‌لارنى قارشى ئالالامدۇ؟‏ ئۆتمۈشتە ياشىغان قابىلىيە‌تلىك سادىق يېتە‌كچىلە‌ر ئاۋۋال تىرىلىپ،‏ يېڭى دۇ‌نيادا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى تە‌شكىللە‌ش ئىشىغا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏ يە‌ھۋاغا ھېچقاچان خىزمە‌ت قىلمىغان ئادە‌ملە‌رگە نېمە بولىدۇ؟‏ ئۇ‌لار قاچان ۋە قە‌يە‌ردە تىرىلىدۇ؟‏» ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىزدە سان-‏ساناقسىز سوئاللار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ھازىر بۇ‌لارنى ئويلاپ ئە‌ندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ سە‌ۋچانلىق بىلە‌ن كۈتۈڭ،‏ ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرۈمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىشلارنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ھاياجان ئىلىكىدە،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.‏

21.‏ سىزنىڭ نېمىگە ئۈمىدىڭىز بار؟‏

21 شۇ ۋاقىت كە‌لگىچە،‏ بىز يە‌ھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ ئۆز خاتىرىسىدە بولغان ھە‌ممە ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ قايتىدىن ھايات كە‌چۈرۈشىنى ئە‌يسا ئارقىلىق ۋە‌دە قىلغان (‏يوھاننا 5:‏28،‏ 29؛‏ 11:‏23)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆلۈكنى تىرىلدۈردىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌شۇ‌مچە دە‌لىل-‏ئىسپاتلار سۈپىتىدە ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن،‏ خۇ‌دا ئۈچۈن ئىبراھىم،‏ ئىسھاق ۋە ياقۇ‌پنىڭ «بارلىقى تىرىك» (‏لۇ‌قا 20:‏37،‏ 38)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىزدىمۇ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئوخشاش مۇ‌نداق ئېيتىشقا سە‌ۋە‌ب بار:‏ «ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ.‏.‏.‏ تىرىلىشى بولۇ‌شىغا خۇ‌داغا ئۈمىد باغلاپ ئىشىنىمە‌ن» (‏ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • بۇ‌رجە‌ك تېشى.‏ بىنانىڭ بۇ‌لۇ‌ڭىدا،‏ ئىككى تامنىڭ قوشۇ‌لىدىغان يېرىگە قويۇ‌لۇ‌پ،‏ تاملارنى مە‌ھكە‌م تۇ‌تىدىغان تاش.‏ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندە،‏ مايلانغان ئېتىقادچىلار تە‌ركىپ تاپقان جامائە‌تنىڭ «بۇ‌رجە‌ك تېشىغا» ئايلانغانىدى.‏ بۇ جامائە‌ت روھىي ئىبادە‌تخانا بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش