كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 يانۋار 9-‏14 ب.‏
  • خاتىرىلە‌ش كېچسىدىكى ئاجايىپ بىرلىك

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خاتىرىلە‌ش كېچسىدىكى ئاجايىپ بىرلىك
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە قانداق تە‌ييارلىق قىلىمىز ۋە ئۇ‌نىڭغا قاتنىشىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏
  • خاتىرىلە‌ش كېچىسى ئىناق ئۆم بولۇ‌شىمىزغا تە‌سىر قىلىدۇ
  • ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ھە‌ربىرىمىز نېمە قىلالايمىز؟‏
  • ئاخىرقى خاتىرىلە‌ش كېچىسى قاچان بولىدۇ؟‏
  • نېمە ئۈچۈن مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقمىزنى يە‌ھۋا بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ھازىردىن باشلاپ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم كۈنگە تە‌ييارلىق قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • جامائە‌ت يىغىلىشىرىغا نېمە ئۈچۈن قاتنىشىمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 يانۋار 9-‏14 ب.‏
ھە‌ر تۈرلۈك دۆلە‌تلە‌ردىكى ئادە‌ملە‌ر خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە قاتنىشىۋاتىدۇ

خاتىرىلە‌ش كېچىسى خۇ‌دا خە‌لقىنى بىرلە‌شتۈرىدۇ

‏«نە‌قە‌دە‌ر ياخشى قېرىنداشلارنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقى» (‏زە‌بۇ‌ر 133:‏1)‏.‏

ناخشىلار:‏ 149،‏ 30

خاتىرىلە‌ش كېچىسى قانداقلارچە.‏.‏.‏

  • شە‌خسە‌ن ئۆزىمىزگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

  • خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى ئىناق ئۆم قىلىدۇ؟‏

  • ئىناقلىققا ھە‌سسىمىزنى قوشۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ 2018-‏يىلى قانداق ۋە‌قە بىزنى ئالاھىدە ئۇ‌سۇ‌لدا بىرلە‌شتۈرىدۇ ۋە قانداقلارچە؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

بۇ يىل،‏ 2018-‏يىلنىڭ 31-‏مارت كۈنى،‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە مىلىيونلىغان ئادە‌م يىلىغا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇ‌راسىمغا جە‌م بولىدۇ.‏ كۈن پاتقاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ۋە باشقا نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بىللە يىغىلىپ،‏ ئە‌يسانىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن بە‌رگە‌ن قۇ‌ربانلىقىنى ئە‌سكە ئالىدۇ.‏ ھە‌ر يىلى،‏ مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش كېچىسى ئادە‌ملە‌رنى ئالاھىدە ئۇ‌سۇ‌لدا بىرلە‌شتۈرىدۇ.‏ باشقا ھېچقانداق ئۇ‌چرىشىش بۇ‌نىڭغا تە‌ڭ كە‌لمە‌يدۇ.‏

2 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ مىلىيونلىغان ئادە‌منىڭ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە بۇ ئالاھىدە ئۇ‌چرىشىشقا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ناھايىتى خۇ‌شال بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ھېچكىم سانالمايدىغان ئىنسانلاردىن ئىبارە‌ت بۈيۈك كۆپچىلىكنىڭ» ئۈنلۈك ئاۋازدا:‏ «نىجاتلىقىمىز ئۈچۈن بىز تە‌ختتە ئولتارغان خۇ‌دايىمىزغا ھە‌م قوزىغا قە‌رزدارمىز»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏ۋە‌ھىي 7:‏9،‏ 10)‏.‏ ھە‌ر يىلى شۇ‌نچە كۆپ ئادە‌منىڭ خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە كېلىپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ ئاجايىپ ئىشلىرى ئۈچۈن شان-‏شە‌رە‌پ ئېيتىشى نېمە دېگە‌ن ياخشى!‏

3.‏ بۇ ماقالىدىن قانداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدىن سىز مۇ‌نداق تۆت سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز:‏ 1)‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسىنىڭ تولۇ‌ق پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ قانداق تە‌ييارلىق قىلسام بولىدۇ؟‏ 2)‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسى خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئىناق ئۆم بولۇ‌شىغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ 3)‏ مە‌ن خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئىناقلىقىغا قانداق ھە‌سسە قوشالايمە‌ن؟‏ 4)‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسىنى ئۆتكۈزۈش ئاخىرلىشامدۇ؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ قاچان؟‏

خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە قانداق تە‌ييارلىق قىلىمىز ۋە ئۇ‌نىڭغا قاتنىشىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

4.‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە قاتنىشىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

4 بۇ ئالاھىدە خاتىرىلە‌ش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ بىر سە‌ۋە‌بى،‏ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش يە‌ھۋاغا قىلىدىغان ئىبادە‌تنىڭ بىر قىسمى.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا مۇ‌شۇ مۇ‌ھىم يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ شارائىت ۋە سالامە‌تلىكىمىز يار بە‌رگە‌ن بولسىلا،‏ چوقۇ‌م قاتناشساق،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانى بىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى ھە‌رىكىتىمىز بىلە‌ن ئىسپاتلىساق،‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ ئىسمىمىزنى «ھايات تۈرتىگى» دە‌پمۇ ئاتالغان «ھاياتلىق دە‌پتىرىگە» يېزىشىغا يە‌نە بىر سە‌ۋە‌ب بولىدۇ.‏ بۇ كىتابتا يە‌ھۋا مە‌ڭگۈلۈك ھايات بە‌رمە‌كچى بولغان ھە‌ممە ئادە‌منىڭ ئىسمى يېزىلغان (‏مالاكى 3:‏16؛‏ ۋە‌ھىي 20:‏15)‏.‏

5.‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسىنىڭ ئالدىدىكى ھە‌پتىلە‌ردە ئۆزۈمىزنىڭ «ئېتىقادتىمۇ دە‌پ تە‌كشۈرۈشكە» نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

5 خاتىرىلە‌ش كېچىسىنىڭ ئالدىدىكى ھە‌پتىلە‌ردە،‏ دۇ‌ئا قىلىش ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمىز قانچىلىك مە‌ھكە‌م ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش ئۈچۈن،‏ قوشۇ‌مچە ۋاقىت چىقارساق بولىدۇ ‏(‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 13:‏5نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە:‏ «ئۆزۈڭلارنى بىز ئېتىقادتىمۇ دە‌پ تە‌كشۈرۈپ،‏ سىناپ كۆرۈڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ بىز ئۆزۈمىزدىن:‏ «يە‌ھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن تاللىغان يالغۇ‌ز تە‌شكىلات مۇ‌شۇ ئىكە‌نلىكىگە ھە‌قىقە‌تە‌ن ئىشىنىمە‌نمۇ؟‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ئۈچۈن بار كۈچۈمنى چىقىرىمە‌نمۇ؟‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمدىن ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ۋە شە‌يتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىم كۆرۈنە‌مدۇ؟‏ ھاياتىمنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا ۋە ئە‌يساغا بولغان ئېتىقادىم كۈچلۈك ئىدى،‏ ھازىرچۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىساق بولىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏14؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1؛‏ ئىبرانىيلارغا 3:‏14)‏.‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانغانلىقىمىز ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تە‌كشۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

6.‏ ئا)‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشنىڭ يالغۇ‌ز يولى قانداق؟‏ ئە)‏ بىر ئاقساقال خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە ھە‌ر يىلى قانداق تە‌ييارلىنىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش سىزمۇ نېمە قىلالايسىز؟‏

6 خاتىرىلە‌ش كېچىلىكىگە تە‌ييارلىق قىلىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ بۇ كېچىنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌ندۈرىدىغان ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ مۇ‌لاھىزە قىلىش ‏(‏يوھاننا 3:‏16؛‏ 17:‏3نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى —‏ يە‌ھۋانى تونۇ‌پ-‏بىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلى ئە‌يساغا ئىشىنىش.‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە تە‌ييارلىنىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغان ماۋزۇ‌لارنى تە‌تقىق قىلساق بولىدۇ.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان بىر بۇ‌رادە‌ر شۇ‌نداق قىلىدىكە‌ن.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار داۋامىدا،‏ ئۇ «كۆزىتىش مۇ‌نارىدىكى» خاتىرىلە‌ش كېچىسى ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ماقالىلە‌رنى يىغقان.‏ ئۇ خاتىرىلە‌ش كېچىسىدىن ئاۋۋالقى ھە‌پتىلە‌ردە مۇ‌شۇ ماقالىلە‌رنى قايتىدىن ئوقۇ‌پ،‏ ئە‌شۇ يىغىلىشنىڭ نېمە سە‌ۋە‌بتىن شۇ‌نچە مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلغان.‏ بە‌زىدە ئۇ ماقالىلە‌ر توپلىمىغا يە‌نە بىر-‏ئىككىسى قوشۇ‌لغان.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ خاتىرىلە‌ش كېچىسىنىڭ ئالدىدا ئوقۇ‌لىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئايە‌تلىرىنى ئوقۇ‌پ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلانغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ ئارقىلىق ئۇ ھە‌ر يىلى يېڭى نە‌رسىلە‌رنى بىلىۋالغان.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يساغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى كۈچە‌يگە‌ن.‏ بۇ بۇ‌رادە‌رگە ئوخشاش تە‌تقىق قىلسىڭىز،‏ سىزمۇ يە‌ھۋانى ھە‌م ئە‌يسانى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولىسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارغا بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىز كۈچىيىدۇ ۋە خاتىرىلە‌ش كېچىسىدىن كۆپرە‌ك پايدا ئالىسىز.‏

خاتىرىلە‌ش كېچىسى ئىناق ئۆم بولۇ‌شىمىزغا تە‌سىر قىلىدۇ

7.‏ ئا)‏ مە‌سىھنىڭ كە‌چلىك زىياپىتى دە‌سلە‌پكى قېتىم ئۆتكۈزۈلگە‌ن كېچىسى ئە‌يسا نېمە ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلغانىدى؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋا ئە‌يسانىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

7 مە‌سىھنىڭ كە‌چلىك زىياپىتى دە‌سلە‌پكى قېتىم ئۆتكۈزۈلگە‌ن،‏ كېچىدە ئە‌يسا ئالاھىدە دۇ‌ئا قىلغان.‏ ئۇ ئاتىسى بىلە‌ن ئۆزىنىڭ ئارىسىدىكى قىممە‌تلىك بىرلىك توغرىسىدا ئېيتقان.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ ھە‌ممە شاگىرتلىرى ئارىسىدا دە‌ل شۇ‌نداق بىرلىك بولۇ‌شىنى تىلىگە‌ن ‏(‏يوھاننا 17:‏20،‏ 21نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ئوغلىنىڭ بۇ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب قايتۇ‌ردى.‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسى —‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر يىغىلىش.‏ شۇ كۈنى دۇ‌نيادىكى ھە‌ر تۈرلۈك دۆلە‌تتىن ۋە مىللە‌تتىن چىققان مىليونلىغان كىشى جە‌م بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز ئوغلىنى ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ بە‌زىبىر يە‌رلە‌ردە مىللىتى ئوخشىمايدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ياكى ئە‌ر كىشىلە‌ر بىلە‌ن ئايال كىشىلە‌رنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشى غە‌لىتە تۇ‌يۇ‌لۇ‌شى ۋە ھە‌تتا بە‌زىلىرىگە ئورۇ‌نسىز كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا مۇ‌نداق كۆزقاراشتا ئە‌مە‌س.‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسىدىكى بىزدىكى بىرلىك ئۇ‌لارنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ!‏

8.‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌قىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق قانداق خە‌ۋە‌رنى ئېيتتى؟‏

8 يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى سۈپىتىدە بىز مۇ‌نداق ئاجايىپ ئىناقلىقتا بولغانلىقىمىزغا ھە‌يران بولمايمىز.‏ بۇ ئىناقلىق يە‌ھۋانىڭ ھە‌زە‌قىيالغا ئېيتقان سۆزىدە بېشارە‌ت قىلىنغان.‏ ئۇ ھە‌زە‌قىيالغا ئىككى تاياقنى ئېلىپ،‏ بىرسىگە «يە‌ھۇ‌دا ئۈچۈن»،‏ ئىككىنچىسىگە بولسا «ئە‌فرائىم ئۈچۈن» دە‌پ يېزىشنى ۋە ئۇ‌لارنى قوشۇ‌پ،‏ بىللە تۇ‌تۇ‌شنى بۇ‌يرىغان ‏(‏ھە‌زقىيال 37:‏15—‏17نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ 2016-‏يىلنىڭ ئىيۇ‌ل ئېيىدا چىققان «كۆزىتىش مۇ‌نارىدىكى» (‏خە‌نزۇ‌چە)‏ «ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرىدا» مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌زە‌قىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ ۋە‌دە قىلىنغان يە‌رگە قايتىپ،‏ قايتىدىن بىر خە‌لق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان.‏ بۇ بېشارە‌تتە خۇ‌دانىڭ ئاخىرقى زاماندا ياشايدىغان خىزمە‌تچىلىرىمۇ بىر خە‌لق بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار ئارىسىدا بىرلىك بولىدۇ دە‌پ ئېيتىلغان».‏

9.‏ ھە‌ر يىلى خاتىرىلە‌ش كېچىسىدە بىز ھە‌زە‌قىيالنىڭ بېشارىتىدە تىلغا ئېلىنغان بىرلىكنى قانداق كۆرىمىز؟‏

9 1919-‏يىلدىن باشلاپ،‏ يە‌ھۋا ئاۋۋال مايلانغانلارنى ئاستا-‏ئاستا قايتا تە‌شكىللە‌پ بىرلىككە كە‌لتۈردى.‏ ئۇ‌لار «يە‌ھۇ‌دا ئۈچۈن» تاياقتە‌ك بولدى.‏ كېيىن،‏ مايلانغانلارغا يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بولغان ئادە‌ملە‌ر قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ بارغانسىرى كۆپە‌يگە‌ن.‏ ئۇ‌لار بولسا «ئە‌فرائىم ئۈچۈن» تاياقتە‌ك بولغان.‏ يە‌ھۋا بۇ ئىككى تاياقنى بىرلە‌شتۈرۈپ،‏ قولىدىكى «بىر تاياق» قىلىشقا ۋە‌دە قىلغان (‏ھە‌زقىيال 37:‏19)‏.‏ ئۇ مايلانغانلار بىلە‌ن «باشقا قويلارنى» «بىر پادا» قىلدى (‏يوھاننا 10:‏16؛‏ زە‌كە‌رىيا 8:‏23)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى توپ يە‌ھۋاغا بىللە خىزمە‌ت قىلماقتا.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لارنىڭ پادىشاھى —‏ ھە‌زە‌قىيالنىڭ بېشارىتىدە يە‌ھۋا «قۇ‌لۇ‌م داۋۇ‌ت» دە‌پ ئاتىغان —‏ ئە‌يسا مە‌سىھ (‏ھە‌زقىيال 37:‏24،‏ 25)‏.‏ ھە‌ر يىلى ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش ئۈچۈن جە‌م بولغاندا،‏ بىز ھە‌زە‌قىيالنىڭ بېشارىتىدە ئېيتىلغان بۇ ئىككى توپنىڭ ئىناق ئۆملىكىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرىمىز.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ بىرلىكىنى بۇ‌زماستىن،‏ ئۇ‌نى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ھە‌ربىرىمىز ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟‏

ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ھە‌ربىرىمىز نېمە قىلالايمىز؟‏

10.‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ بىرلىكىگە ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟‏

10 خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئارىسىدا بىرلىك بولۇ‌شىغا ھە‌سسە قوشۇ‌شنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ كە‌متە‌رلىكنى يېتىلدۈرۈش.‏ ئە‌يسا يە‌ردە بولغاندا،‏ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە كە‌متە‌ر بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 23:‏12‏)‏.‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرىنى ھە‌مىشە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇ‌تىدۇ.‏ بىراق،‏ بىز كە‌متە‌ر بولساق،‏ جامائە‌تتە رە‌ھبە‌رلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ئىتائە‌ت قىلىدىغان بولىمىز.‏ پە‌قە‌ت شۇ چاغدىلا جامائە‌تتە ئىناقلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ كە‌متە‌رلىكنى ساقلىساق،‏ يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىمىز.‏ چۈنكى ئۇ «چوڭچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ،‏ مۆمۈنلە‌رگە بولسا،‏ مول مېھرىنى نامايە‌ن قىلىدۇ» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏5)‏.‏

11.‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسىدىكى نان ۋە شاراپ ھە‌ققىدە ئويلىنىش بىزنى ئىناقلىقنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە قانداق دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

11 ئىناقلىقنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنىڭ ئىككىنچى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ نان بىلە‌ن شاراپنىڭ مە‌نىسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش.‏ بۇ ھە‌ققىدە خاتىرىلە‌ش كېچىسىنىڭ ئالدىدا ۋە بولۇ‌پمۇ شۇ كېچىسى ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏23—‏25)‏.‏ پېتىر نان ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن مۇ‌كە‌ممە‌ل تېنىنى بىلدۈرىدۇ.‏ قىزىل شاراپ بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ قېنىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌رنى بىلىپلا قويۇ‌ش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى تە‌ڭداشسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئىپادىسى ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن ئوغلىنى بە‌رگە‌ن ۋە ئە‌يسا ئۆزى خالاپ جېنىنى بىز ئۈچۈن پىدا قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاش بىزنى ئۇ‌لارنى سۆيۈشكە ئۈندە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز بىرلىكىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏

خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە بېرىشتىن ئاۋال بۇ‌رادە‌ر قېرىندىشىنى كە‌چۈرۈشى كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىدۇ

بىز باشقىلارنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ ئىناقلىقنى ساقلاشقا ھە‌سسىمىزنى قوشۇ‌مىز (‏12،‏ 13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

12.‏ پادىشاھ ۋە قۇ‌ل ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلدىن،‏ يە‌ھۋا باشقىلارنى كە‌چۈرۈشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى ئە‌يسا قانداق ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 بىرلىكنى ساقلاشنىڭ ئۈچىنچى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ باشقىلارنى سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن كە‌چۈرۈش.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئاساسىدا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌نلىكى ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌يسا كە‌چۈرۈشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن،‏ پادىشاھ ۋە قۇ‌ل ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلنى ئېيتىپ بە‌رگە‌نىدى.‏ مە‌تتا 18:‏23—‏34 ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏ «ئە‌يسانىڭ تە‌لىمى بويىچە ھايات كە‌چۈرۈشكە تىرىشىمە‌نمۇ؟‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن ئارلاشقاندا سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى چۈشىنىشكە تىرىشىمە‌نمۇ؟‏ مە‌ن مېنى رە‌نجىتكە‌ن قېرىنداشلارنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏ بە‌زى گۇ‌ناھلار باشقا گۇ‌ناھلارغا قارىغاندا ئېغىر ئىكە‌نلىكى راست.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچقا،‏ بە‌زىبىر گۇ‌ناھلارنى كە‌چۈرۈش ناھايىتى نە‌شكە توختايدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىن يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمە قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى بىلىمىز ‏(‏مە‌تتا 18‏:‏35نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ توۋا قىلغان چاغدىمۇ قېرىندىشىمىزنى كە‌چۈرمىسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرمە‌يدىغانلىقىنى ئە‌يسا ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ بىز ئېھتىيات بىلە‌ن ئويلىنىدىغان مۇ‌ھىم بىر ئىش.‏ ئىناقلىقىمىزنى قوغداش ۋە ساقلاش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا ئۆگە‌تكە‌ندە‌ك باشقىلارنى كە‌چۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏

13.‏ باشقىلارنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ قانداقلارچە ئىناقلىقنى ساقلايمىز؟‏

13 باشقىلارنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلىيالايمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۆزئارا ئىناق ئۆم بولۇ‌پ،‏ بىرلىكنى ساقلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏3)‏.‏ شۇ‌ڭا خاتىرىلە‌ش كېچىسنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى كۈنلە‌ردە ۋە بولۇ‌پمۇ شۇ كېچىدە باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدىغانلىقىڭىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ ئۆزىڭىزدىن:‏ «مېنى ياخشى بىلىدىغانلار،‏ مېنى خاپا قىلىپ قويغان ئادە‌ملە‌رگە ئاداۋە‌ت ساقلىمايدىغانلىقىمنى ئېنىق بىلە‌مدۇ؟‏ باشقىلار مېنىڭ ئىناقلىقنى ساقلاپ،‏ بىرلىكنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە كۈچ چىقارغانلىقىمنى كۆرە‌لە‌مدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراڭ.‏ بۇ ئويلىنىشقا ئە‌رزىيدىغان مۇ‌ھىم سوئاللار.‏

14.‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بىلە‌ن بىر-‏بىرىمىزگە كە‌ڭ قورساقلىق» قىلىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

14 بىرلىكنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنىڭ تۆتىنچى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىشتە يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىش (‏يوھاننىڭ 1-‏خېتى 4:‏8)‏.‏ بىز:‏ «قېرىنداشلار بىلە‌ن بىرلىكنى ساقلىشىم كېرە‌ك بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن يېقىن بولۇ‌شۇ‌م شە‌رت ئە‌مە‌س»،‏—‏ دە‌پ ئويلىساق،‏ توغرا بولمايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بىلە‌ن بىر-‏بىرىڭلارغا كە‌ڭ قورساقلىق بولۇ‌ش» ھە‌ققىدىكى مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالمىغان بولىمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏2)‏.‏ پاۋلۇ‌س پە‌قە‌ت «كە‌ڭ قورساقلىق بولۇ‌ڭلار» دېمىگە‌ن،‏ بۇ‌نى «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بىلە‌ن» قىلىڭلار دېدى.‏ بۇ ئىككى كۆزقاراش ئوخشاش ئە‌مە‌س.‏ جامائىتىمىزدە ھە‌ر تۈرلۈك ئادە‌ملە‌ر بار ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئۆزىگە جە‌لىپ قىلغان (‏يوھاننا 6:‏44)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ كۆپلىگە‌ن مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بلىرى بار.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلىرىمىز خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە لايىق بولسا،‏ قانداقلارچە ئۇ‌لار بىزنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزگە لايىق ئە‌مە‌س دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى قانداق ياخشى كۆرۈشىمىزنى خالىسا،‏ شۇ‌نداق ياخشى كۆرۈشكە ئىنتىلە‌يلى (‏يوھاننىڭ 1-‏خېتى 4:‏20،‏ 21)‏.‏

ئاخىرقى خاتىرىلە‌ش كېچىسى قاچان بولىدۇ؟‏

15.‏ خاتىرىلە‌ش كېچىسى ئاخىرقى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

15 كۈنلە‌رنىڭ بىر كۈنى خاتىرىلە‌ش كېچىسى ئاخىرقى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.‏ بۇ‌نى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏ پاۋلۇ‌س مايلانغان مە‌سىھىيلە‌رگە ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىنى ھە‌ر يىلى ئە‌سكە ئالغاندا،‏ ئۇ‌لار ‏«ھاكىمدارىمىز كە‌لمىگىچە ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلايدىغانلىقىنى» ئېيتقان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏26)‏.‏ ئە‌يسا ئاخىرقى زامان ھە‌ققىدىكى بېشارىتىدە ئۆزىنىڭ «كېلىشى» توغرىسىدا ئېيتقان.‏ پات ئارىدا بۈيۈك ئاپە‌تنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاسماندا ئىنسان ئوغلىنىڭ بە‌لگۈسى پە‌يدا بولىدۇ ھە‌م يە‌ر-‏زېمىننىڭ بارلىق قە‌بىلىلىرى مە‌يدىسىگە ئۇ‌رۇ‌پ يىغا-‏زار قىلىشىدۇ ۋە ئىنسان ئوغلىنىڭ بۇ‌لۇ‌تلار ئۈستىدە كۈچ-‏قۇ‌درە‌تتە ۋە بۈيۈك شان-‏شە‌رە‌پتە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.‏ ئۇ پە‌رىشتىلىرىنى جاراڭلىق كاناي ساداسى بىلە‌ن ئە‌ۋە‌تىدۇ ھە‌م ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ تاللىغانلىرىنى تۆت شامالدىن،‏ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يە‌نە بىر چېتىگىچە يىغىپ بېرىدۇ» (‏مە‌تتا 24:‏29—‏31‏)‏.‏ ئە‌يسا «تاللىغانلىرىنى» يىغىدىغان ۋاقىت،‏ ئۇ يە‌ردە قالغان مايلانغانلارنى پۈتۈنلە‌ي ئاسمانغا ئېلىپ كە‌تكە‌ندە بولىدۇ.‏ ئاۋۋال بۈيۈك ئاپە‌ت باشلىنىدۇ،‏ ئاندىن ئۇ‌لار ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ،‏ ئاخىرىدا ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى باشلىنىدۇ.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن 144000 مايلانغانلار يە‌ر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا قارشى چىقىپ،‏ بۇ جە‌ڭدە غە‌لىبە قازىنىدۇ (‏ۋە‌ھىي 17:‏12—‏14)‏.‏ بىز قاتنىشىدىغان ئاخىرقى خاتىرىلە‌ش كېچىسى ئە‌يسا مايلانغانلارنى يىغىش ئۈچۈن «كە‌لگە‌ندە» بولىدۇ.‏

16.‏ سىز نېمىشقا بۇ يىل بولىدىغان خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە كېلىشكە بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏

16 2018-‏يىلنىڭ 31-‏مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە بېرىشقا بە‌ل باغلاڭ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ بىرلىكىگە ئۆز ھە‌سسىڭىزنى قوشۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراڭ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 133:‏1نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە بىز خاتىرىلە‌ش كېچىسىگە ئە‌ڭ ئاخىرقى قېتىم قاتنىشىمىز.‏ شۇ كۈن كە‌لمىگىچە،‏ ھە‌ر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلە‌ش كېچىسىدىكى ئاجايىپ ئىناقلىقنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌يلى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش