كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 فېۋرال 28-‏30 ب.‏
  • خۇ‌شاللىق —‏ خۇ‌دادىن كېلىدىغان خىسلە‌ت

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌شاللىق —‏ خۇ‌دادىن كېلىدىغان خىسلە‌ت
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌شاللىق دېگە‌ن نېمە؟‏
  • ئۈلگە قىلىشقا ئە‌رزىيدىغان مىساللار
  • خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولىشىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى كۆپ
  • خۇ‌شاللىقىمىزغا خۇ‌شاللىق قوشۇ‌شنىڭ يوللىرى
  • خۇ‌شاللىقنىڭ پايدىسى
  • ھە‌ققانىيلار يە‌ھۋانى ئويلاپ خۇ‌شاللىق تاپىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 فېۋرال 28-‏30 ب.‏

خۇ‌شاللىق —‏ خۇ‌دادىن كېلىدىغان خىسلە‌ت

  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت

  • خۇ‌شاللىق

  • تىنچلىق

  • سە‌ۋر-‏تاقە‌ت

  • مېھرىبانلىق

  • ياخشلىق

  • ئېشە‌نچ

  • مۇ‌لايىملىق

  • ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ش

ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بە‌ختلىك بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز زامان ئاخىرىنىڭ «ئادە‌تتىن تاشقىرى قىيىن» كۈنلىردە ياشاۋاتقاچ،‏ ھە‌ربىرىمىز ھە‌رخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1)‏.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چرىغانلىقتىن،‏ كېسە‌لگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ياكى ئىشسىزلىق،‏ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ۋە باشقا قىيىنچىلىقلار تۈپە‌يلى،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌ر ۋە دە‌رد-‏ئە‌لە‌ملىرى ئۇ‌رۇ‌نغا سوزۇ‌لۇ‌پ خۇ‌شاللىقىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىمۇ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ،‏ خۇ‌شاللىقىدىن مە‌ھرۇ‌م بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر سىز بۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا بولسىڭىز،‏ قايتىدىن خۇ‌شاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن،‏ ئاۋۋال ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىقنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى ۋە بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن خۇ‌شاللىقىنى يۈتتۈرمىگە‌نلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئاندىن كېيىن،‏ بىز خۇ‌شاللىقىمىزنى ساقلاپلا قالماي،‏ ئۇ‌نى تېخمۇ ئاشۇ‌رالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏

خۇ‌شاللىق دېگە‌ن نېمە؟‏

كۆڭلى خۇ‌ش بولۇ‌ش بىلە‌ن خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق ئارىسىدا پە‌رق بار.‏ بۇ ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ مە‌س ئادە‌م كۆپ كۈلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئە‌س-‏ھوشىغا كە‌لگە‌ندە،‏ كۈلكىسى يوقۇ‌لۇ‌پ كېتىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌نىلا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئازغىنە ۋاقىتلىق كۆڭۈل خۇ‌شى قىلغىنى،‏ بۇ ھە‌قىقىي خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق ئە‌مە‌س (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏13)‏.‏

خۇ‌شاللىق —‏ قانداقتۇ بىر ياخشى نە‌رسىگە ئېرىشكە‌ندە ياكى ئۇ‌نى كۈتكە‌ندە پە‌يدا بولىدىغان قە‌لبتىكى خىسلە‌ت.‏ ئۇ ۋە‌زىيىتىمىزنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۆزۈمىزنى بە‌ختلىك ھېس قىلىشىمىزنى كۆرسىتىدۇ (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 1:‏6)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە بە‌زى نە‌رسىلە‌ر كۆڭلۈمىزنى يېرىم قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ قە‌لبىمىزدە بىز خۇ‌شاللىقنى ساقلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچىلە‌ر ئە‌يسا ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلغانلىقى ئۈچۈن قامچىلانسىمۇ،‏ ئۇ‌لار «ئە‌يسانىڭ ئىسمى ئۈچۈن شە‌رمە‌ندىلىك تارتقىنىغا خۇ‌شال بولغاچ ئۇ يە‌ردىن چىقىپ كە‌تتى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 5:‏41)‏.‏ ئۇ‌لار قامچىلانغانلىقىغا ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌پ قالغانلىقىغا خۇ‌شال بولغان.‏

خۇ‌شاللىق تۇ‌غما ياكى ئۆز-‏ئۆزىدىن پە‌يدا بولىدىغان خىسلە‌ت ئە‌مە‌س.‏ نېە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېيە‌لە‌يمىز؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى ئارىسىدىكى بىرى.‏ خۇ‌دانىڭ روھى بىزگە خۇ‌شاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «يېڭى شە‌خسكە» ئىگە بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏24؛‏ گالاتىلىقلارغا 5:‏22)‏.‏ خۇ‌شاللىق مۇ‌شۇ مېۋىنى يېتلىدۈرۈش ھاياتىمىزدا قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

ئۈلگە قىلىشقا ئە‌رزىيدىغان مىساللار

يە‌ھۋا خۇ‌دا‏،‏ يە‌ردە بىز بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈۋاتقان يامان ئىشلارنىڭ ئە‌مە‌س،‏ ياخشى نە‌رسىلە‌رنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىغان.‏ بىراق،‏ ئادە‌ملە‌ر رە‌زىل ئىشلارنى قىلسىمۇ،‏ ئۇ خۇ‌شاللىقىنى يوقاتمىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «قۇ‌درە‌ت بىلە‌ن خۇ‌شلۇ‌ق ئۇ‌نىڭ ماكانىدىدۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏تارىخنامە 1-‏يازما 16:‏27)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ قە‌لبىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11)‏.‏

ۋە‌زىيە‌ت بىز ئويلىغاندە‌ك بولمىسىمۇ،‏ خۇ‌شاللىقىمىزدىن ئايرىلمىساق،‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىمىز.‏ غە‌م-‏تە‌شۋىشكە بېرىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ قولۇ‌مىزدا بار ياخشى نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلىنايلى ۋە كېلە‌چە‌كتە نە‌قە‌دە‌ر ياخشى نە‌رسىلە‌رنىڭ بولىدىغانلىقىنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتە‌يلىa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قىيىنچىلىقلىرى كۆپ بولۇ‌شىغا قارىماستىن،‏ خۇ‌شاللىقىنى ساقلاپ قالغان ئادە‌ملە‌رنىڭ مىساللىرى كۆپ.‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر ھاياتى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر ئاستىدا بولسىمۇ ۋە باشقىلار سە‌ۋە‌بلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بولسىمۇ،‏ خۇ‌شاللىقىنى يوقاتمىغانىدى (‏يارىتىلىش 12:‏10—‏20؛‏ 14:‏8—‏16؛‏ 16:‏4،‏ 5؛‏ 20:‏1—‏18؛‏ 21:‏8،‏ 9)‏.‏ قانداقلارچە؟‏ ئۇ مە‌سىھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېڭى دۇ‌نيادا ياشاش ئۈمىدى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلغان (‏يارىتىلىش 22:‏15—‏18؛‏ ئىبرانىيلارغا 11:‏10)‏.‏ ئە‌يسا:‏ «ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىپ،‏ ناھايىتى خۇ‌شال بولغان ئىدى»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يوھاننا 8:‏56)‏.‏ بىزمۇ كېلە‌چە‌كتە ئېرىشىدىغان خۇ‌شاللىق ھە‌ققىدە دائىم ئويلىنىدىغان بولساق،‏ ئىبراھىمدىن ئۈلگە ئالىمىز (‏رىملىقلارغا 8:‏21)‏.‏

پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرۈشكە قارىماستىن،‏ ئېتىقادىنى مە‌ھكە‌م ساقلىغان ۋە خۇ‌شاللىقىنى ساقلاپ قالغانىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىككىسىنى قاتتىق قامچىلاپ زىندانغا تاشلىغاندا،‏ ئۇ‌لار «دۇ‌ئا قىلىپ،‏ خۇ‌دانى مە‌دھىيىلىدى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏23—‏25)‏.‏ خۇ‌دانىڭ كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە دائىم ئويلانغانلىقتىن،‏ ئۇ‌لار قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رالىغانىدى.‏ شۇ‌نداقلا،‏ مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌نلىكىنى بىلىش ئۇ‌لارغا خۇ‌شاللىق ئاتا قىلغان.‏ بىز خۇ‌داغا سادىق خىزمە‌ت قىلىش ئارقىلىق ياخشى مېۋىلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ھە‌ققىدە ئويلانساق،‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاسنى ئۈلگە قىلىمىز (‏فىلىپپىلىقلارغا 1:‏12—‏14)‏.‏

بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نلىكىگە قارىماستىن،‏ خۇ‌شاللىقىنى ساقلاپ قالغان قېرىنداشلار ئاز ئە‌مە‌س.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ فىلىپپىندا 2013-‏يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا يۈز بە‌رگە‌ن خاييان ناملىق شىددە‌تلىك بوران-‏چاپقۇ‌ندا 1000دىن كۆپرە‌ك گۇ‌ۋاھچىلار ئائىلىسى ئۆي-‏ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.‏ تاكلوبان شە‌ھىرىدە ياشايدىغان جورجنىڭ ئۆيى پۈتۈنلە‌ي ۋە‌يران بولدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بۇ بالايىئاپە‌تكە قارىماستىن،‏ قېرىنداشلار بە‌ك خۇ‌شال-‏خۇ‌رام.‏ بۇ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌مىزنى سۆز بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈش قىيىن».‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە قىلغان ھە‌ممە ياخشىلىقىنى يادىمىزدا تۇ‌تۇ‌پ،‏ مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرسە‌ك،‏ ۋە‌زىيىتىمىزنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ خۇ‌شاللىقىمىزنى ساقلالايمىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىمىزغا سە‌ۋە‌ب بولىدىغان يە‌نە قانداق سوۋغاتلارنى بېرىدۇ؟‏

خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولىشىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى كۆپ

شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىمىزنىڭ ئە‌ڭ ئاساسىي سە‌ۋە‌بى —‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز.‏ بىز پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئېگىسىنى تونۇ‌يمىز.‏ ئۇ —‏ بىزنىڭ ئاتىمىز،‏ خۇ‌دايىمىز ۋە دوستىمىز!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 71:‏17،‏ 18)‏.‏

بىز يە‌نە يە‌ھۋانىڭ بىزگە ھايات بە‌رگە‌نلىكىگە ۋە ئۇ‌نىڭدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىپ ياراتقانلىقىغا چە‌كسىز مىننە‌تدارمىز (‏ۋە‌ز 3:‏12،‏ 13)‏.‏ ئۇ بىزنى ئۆزىگە جە‌لىپ قىلغانلىقتىن،‏ ئۇ‌نىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنى تونۇ‌پ يېتىپ،‏ قانداق ھايات كە‌چۈرۈشىمىز كېرە‌كلىكىنىمۇ بىلىمىز (‏كولوسىلىقلارغا 1:‏9،‏ 10)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى ھاياتنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ بۇ پە‌رقكە دىققە‌ت قىلغان ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ ««خۇ‌دا ئۆزىنى سۆيگە‌نلە‌رگە تە‌ييارلاپ قويغىنىنى كۆزمۇ كۆرمىگە‌ن،‏ قۇ‌لاقمۇ ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ يۈرىكىدە ئۇ نە‌رسىلە‌ر تۇ‌غۇ‌لمىغان».‏ بىزگە بولسا خۇ‌دا بۇ‌نى ئۆز روھى ئارقىلىق ئېچىپ بە‌ردى»،‏ دېگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏9،‏ 10)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى بىلە‌ن نىيىتىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىمىز بىزگە خۇ‌رسە‌نلىك ئاتا قىلىدۇ.‏

يە‌ھۋا بىزگە بۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىق قىلدى.‏ ئۇ گۇ‌ناھلىرىمىزنىڭ كە‌چۈرۈلۈشىگە يول ئاچتى (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 2:‏12)‏.‏ پات-‏ئارىدا كېلىدىغان يېڭى دۇ‌نيادا ياشاش ئۈمىدىنى بە‌ردى (‏رىملىقلارغا 12:‏12)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇ بىزگە بىللە ئىبادە‌ت قىلىدىغان دوستلارنى سوۋغات قىلدى (‏زە‌بۇ‌ر 133:‏1)‏.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ بىزنى شە‌يتان بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ جىنلىرىدىن قوغدايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 91:‏11)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋانىڭ بۇ ئاجايىپ بە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە دائىم ئويلانساق،‏ خۇ‌شاللىقىمىز ئاشىدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏4)‏.‏

خۇ‌شاللىقىمىزغا خۇ‌شاللىق قوشۇ‌شنىڭ يوللىرى

خۇ‌شال بولۇ‌ۋاتقان مە‌سىھىي تېخىمۇ خۇ‌شال بولالامدۇ؟‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭدا بولغان خۇ‌شاللىقنى پۈتۈنلە‌ي سېزىشىڭلار ئۈچۈن،‏ بۇ‌نى سىلە‌رگە ئېيتىۋاتىمە‌ن» (‏يوھاننا 15:‏11)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز ھە‌رقاچان خۇ‌شاللىقىمىزنى ئاشۇ‌رالايمىز.‏ خۇ‌شاللىقنى ئوت ياكى گۈلخان بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رساق بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئوتنىڭ يالقۇ‌نلاپ،‏ كۈچلۈكرە‌ك كۆيۈشىنى خالىساق،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆپرە‌ك ئوتۇ‌ن سېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىمىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌شاللىقىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن دۇ‌ئادا يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌مدە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ رە‌ھبە‌رلىكى ئاستىدا يېزىلغان خۇ‌دا سۆزىدىن ئوقۇ‌غانلىرىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1،‏ 2؛‏ لۇ‌قا 11:‏13)‏.‏

تېخىمۇ خۇ‌شال بولۇ‌شنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلار بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ش (‏زە‌بۇ‌ر 35:‏27؛‏ 112:‏1)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىنسانىيە‌تنىڭ قانداق مە‌قسە‌ت بىلە‌ن يارىتىلغانلىقى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن:‏ «خۇ‌دادىن قورققىن ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌مىر-‏پە‌رمانلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلغىن،‏ چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ ھە‌ممە مە‌جبۇ‌رىيىتىدۇ‌ر» (‏ۋە‌ز 12:‏13)‏.‏ بىز خۇ‌دانىڭ نىيىتىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن يارىتىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغان بولساق،‏ ھاياتىمىزدىن ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ھرىلىنىمىزb (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

خۇ‌شاللىقنىڭ پايدىسى

خۇ‌شاللىقىمىز ئاشقانسىرى،‏ بىز بۇ‌نىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ داۋاملىق خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىمىز (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 16:‏15؛‏ سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏16—‏18)‏.‏ شۇ‌نداقلا بىز ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىققا ئىگە بولغانلىقتىن،‏ مال-‏مۈلۈك يىغىش ھاياتتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم نە‌رسە دە‌پ ھېسابلىمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قۇ‌ربانلىق بېرىشكە تىرىشىمىز (‏مە‌تتا 13:‏44‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك بېرىشنىڭ ياخشى نە‌تىجىسىنى كۆرگە‌ندە،‏ قىن-‏قىنىمىزغا پاتماي،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن مە‌منۇ‌ن بولۇ‌پ،‏ باشقىلارنىمۇ خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35؛‏ فىلىپپىلىقلارغا 1:‏3—‏5)‏.‏

بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌شاللىقىمىز ئاشقانسىرى،‏ سالامە‌تلىكىمىز ياخشىراق بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «شاتلىق كۆڭۈل شىپالىق دورىدە‌ك تە‌نگە داۋادۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏22)‏.‏ قوشما شتاتلاردىكى نېبراسكا ئۇ‌نىۋېرسىتېتىدا سالامە‌تلىككە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىزدىنىش قىلغان تە‌تقىقاتچى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماس كېلىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتقانىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھازىر ھاياتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى بە‌ختلىك ۋە قانائە‌تچان ھېس قىلسىڭىز،‏ كېلە‌چە‌كتە سالامە‌تلىكىڭىز تېخىمۇ ياخشىراق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن».‏

خۇ‌لاسە چىقارساق،‏ ئالاھىدە قىيىن ۋاقىتلاردا ياشىساقمۇ،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىققا ئىگە بولالايمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىش،‏ تە‌تقىق قىلىش ۋە خۇ‌دا سۆزىدىن ئوقۇ‌غانلىرىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ يە‌ھۋانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز،‏ باشقىلارنىڭ ئېتىقادنى ئۈلگە قىلىشىمىز ۋە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ چاغدا بىز:‏ «ھە‌ققانىيلار پە‌رۋە‌ردىگاردا خۇ‌شاللىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تايىنىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن ھە‌قىقە‌ت سۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 64:‏10)‏.‏

a ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» ناملىق بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ كېيىنكىسىدە سە‌ۋرچانلىق ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

b كۆپرە‌ك خۇ‌رسە‌نلىككە ئېرىشىشنىڭ يە‌نە قانداق ئۇ‌سۇ‌للىرى بار ئىكە‌نلىكىنى «‏خۇ‌شاللىقنى ئاشۇ‌رۇ‌شنىڭ قوشۇ‌مچە ئۇ‌سۇ‌للىرى‏» ناملىق رامكىدىن بىلە‌لە‌يسىز.‏

خۇ‌شاللىقنى ئاشۇ‌رۇ‌شنىڭ قوشۇ‌مچە ئۇ‌سۇ‌للىرى

  • ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈڭ (‏لۇ‌قا 12:‏15)‏.‏

  • ئۆزىڭىزدىن ئىنتايىن كۆپ نە‌رسىنى كۈتمە‌ڭ (‏مىكا 6:‏8)‏.‏

  • جە‌دۋىلىڭىزدە (‏ئىش،‏ ئوقۇ‌ش ۋە دە‌م ئېلىشنىڭ)‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشقا ۋاقىت بولۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏15،‏ 16)‏.‏

  • ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا ھە‌ددىدىن تاشقىرى تە‌لە‌پچان بولماڭ (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏5)‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش