كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 30-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ھاياتلىقتىكى مۇ‌ھىم سوئاللارغا قە‌يە‌ردىن جاۋاب تاپالايمىز؟‏
    ھاياتلىقتىكى مۇ‌ھىم سوئاللارغا قە‌يە‌ردىن جاۋاب تاپالايمىز؟‏
  • تور بېكە‌تنى ئىشلىتىش ئۇ‌سۇ‌للىرى—‏فېۋرال 2023
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن ياردە‌م
    ئويغىنىش!‏—‏2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 30-‏ب.‏
يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ نە‌شىر ھوقۇ‌قى بار نە‌شىرىي ماتېرىياللىرىنى شە‌خسىي توربە‌تلە‌رگە چىقىرىش مە‌نئىي قىلىنغان

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان ماتېرىياللارنى باشقا توربە‌تلە‌رگە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا چىقىرىش مە‌نئىي قىلىنغان؟‏

بىز نە‌شىر قىلغان ماتېرىياللار ھە‌قسىز بولغانلىقتىن،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌لارنى كۆچۈرۈپ،‏ باشقا توربە‌تلە‌ردە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقىتىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلىنغان دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ تور بە‌تلىرىمىزدىكى «‏پايدىلىنىش شە‌رتلىرىگە‏» زىت ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت بولۇ‌پ،‏ ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى پە‌يدا قىلالايدۇa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ «پايدىلىنىش شە‌رتلىرىدە»،‏ بۇ توربە‌تتىكى «رە‌سىملە‌رنى،‏ ئېلىكترونلۇ‌ق ماتېرىياللارنى،‏ مۇ‌زىكا،‏ سۈرە‌تلە‌رنى،‏ تېكسىتنى ۋە فىلىملارنى .‏.‏.‏ ئىنتېرنېتقا (‏ھە‌رقانداق توربە‌تكە،‏ تارقىتىش تور بېكىتىگە ياكى ئىجتىمائىي تورغا)‏» چىقىرىش مە‌نئىي قىلىنغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌نداق شە‌رتلە‌ر بە‌لگۈلە‌نگە‌ن؟‏

تور بېكىتىمىزدىكى ھە‌ممە مە‌لۇ‌ماتلار نە‌شىر ھوقۇ‌قىغا ئىگە،‏ يە‌نى قانۇ‌ن بويىچە قوغدىلىدۇ.‏ بۇ ناھايىتى مۇ‌ھىم،‏ چۈنكى نە‌شىرىي ماتېرىياللىرىمىزدىن ناتوغرا پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.‏ مۇ‌ناپىقلار ۋە پائالىيىتىمىزگە زىيانكە‌شلىك قىلماقچى بولغان كىشىلە‌ر،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ۋە باشقا ئادە‌ملە‌رنىڭ دىققىتىنى جە‌لىپ قىلىش ئۈچۈن ماتېرىياللىرىمىزنى ئۆز توربە‌تلىرىگە چىقىرىدۇ.‏ يە‌نە ئۇ‌لار شۇ توربە‌تلە‌رگە ئادە‌ملە‌ردە گۇ‌مان پە‌يدا قىلىدىغان ماتېرىياللارنىمۇ چىقىرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 26:‏4؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏5)‏.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر بىزنىڭ ماتېرىياللارنى ياكى jw.org دېگە‌ن بە‌لگۈنى ئېلانلاردا،‏ پروگراممىلاردا ۋە ئۆزى ساتىدىغان مە‌ھسۇ‌لاتلاردا ئىشلىتىدۇ.‏ نە‌شىرىي ماتېرىياللىرىمىز ۋە بە‌لگۈمىز قانۇ‌ن تە‌رىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقتىن،‏ بىز ئۇ‌لارنى رۇ‌خسە‌تسىز ئىشلە‌تكە‌نلە‌رنى سوتقا ئە‌رزز قىلالايمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏12)‏.‏ بىراق،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌رگە،‏ ھە‌تتا قېرىنداشلىرىمىزغا،‏ نە‌شىرىي ماتېرىياللىرىمىزنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلىشقا ياكى jw.org بە‌لگۈسىنى سودا-‏سېتىق ئۈچۈن قوللىنىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلساق،‏ بىز سوتقا بارغاندا،‏ ئۇ‌لار بىزنى قوللىماسلىقى مۇ‌مكىن.‏

نە‌شىرىي ماتېرىياللىرىمىزنى jw.org تور بېكىتىدىن ئە‌مە‌س،‏ باشقا توربە‌تلە‌ردىن كۆچۈرۈش خە‌تە‌رلىك.‏ يە‌ھۋا روھىي ئوزۇ‌قنى پە‌قە‌ت «سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» ئارقىلىق تە‌مىنلە‌يدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ بۇ «قۇ‌ل» روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قنى پە‌قە‌ت رە‌سمىي توربە‌تلىرىمىز ئارقىلىق يە‌تكۈزىدۇ.‏ ئۇ‌لار:‏ www.jw.org‏،‏ tv.jw.org ۋە wol.jw.org‏.‏ ئېلىكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىلار ئۈچۈن تە‌شكىلاتىمىز پە‌قە‌ت ئۈچ رە‌سمىي پروگراممىنى نە‌شىر قىلغان:‏ «‏®JW Language‏»،‏ «‏®JW Library‏»،‏ ۋە «‏®JW Library Sign Language‏».‏ بۇ توربە‌تلە‌ر بىلە‌ن پروگراممىلاردا ئېلانلار ياكى شە‌يتان دۇ‌نياسىغا تە‌ۋە ھېچقانداق نە‌رسە تېپىلمايدۇ.‏ ماتېرىياللىرىمىزنى باشقا توربە‌تتىن ياكى پروگراممىلاردىن كۆچۈرۈش خە‌تە‌رلىك،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لارنىڭ مە‌زمۇ‌نى ئۆزگە‌رتىلگە‌ن ياكى بۇ‌رمىلانغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏26؛‏ 19:‏8)‏.‏

ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌گە‌ر نە‌شىرىي ماتېرىياللىرىمىز ئادە‌ملە‌ر ئۆز ئوي-‏پىكىرىنى يازالايدىغان توربە‌تلە‌رگە چىقىرىلسا،‏ ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌نلە‌ر ياكى باشقا ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنى تە‌نقىت قىلىشقا يول ئېچىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى قېرىنداشلار شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تالاش-‏تارتىش قىلىپ،‏ نە‌تىجىدە يە‌ھۋانىڭ ئىسمىغا تېخىمۇ كۆپ داغ كە‌لتۈرىدۇ.‏ توردا تالاش-‏تارتىش قىلىش ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتىش ۋە «ھە‌قىقە‌تنى توغرا چۈشىنىشىگە» ياردە‌م بېرىشنىڭ مۇ‌ۋاپىق ئۇ‌سۇ‌لى ئە‌مە‌س (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 6:‏3—‏5؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏23—‏25)‏.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر تە‌شكىلاتنىڭ نامى ياكى رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شنىڭ نامىدىن توربە‌تلە‌رنى ياسايدۇ ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئە‌زا بولۇ‌پ تىزىملىتىدۇ.‏ لېكىن،‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ساختا.‏ رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شنىڭ ھېچبىر ئە‌زاسىنىڭ شە‌خسىي تور بېكىتى يوق ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا ئە‌زا بولمىغان.‏

بىز ئادە‌ملە‌رنىڭ دىققىتىنى jw.org تور بېكىتىگە ئاغدۇ‌رغاندا،‏ «خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى» جاكارلاشقا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشۇ‌مىز (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ تە‌شكىلاتىمىز نە‌شىر قىلغان پروگراممىلار بىلە‌ن توربە‌تلە‌ر بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.‏ بىز ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنىڭ شۇ‌لاردىن پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىشىنى خالايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ماتېرىياللىرىمىزنىڭ كۆچۈرمە نۇ‌سخىسى ياكى توربە‌تنىڭ ئۇ‌لانمىسىنى ئە‌ۋە‌تىشىمىزگە رۇ‌خسە‌ت.‏ بىز قىزىققۇ‌چىلارغا رە‌سمىي تور بېكىتىمىزنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌لارنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تېپىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز،‏ چۈنكى «سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» تە‌مىنلىگە‌ن ماتېرىئاللار —‏ روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قنىڭ بىردىن-‏بىر مە‌نبە‌سى.‏

a ‏«پايدىلىنىش شە‌رتلىرىنىڭ» ئۇ‌لانمىسىنى jw.org باش بېتىنىڭ ئە‌ڭ ئاستىدا تاپالايسىز.‏ بۇ شە‌رتلە‌ر تور بېكىتىمىزدىكى ھە‌ممە نە‌شىرىي ماتېرىياللارغا قارىتىلغان.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش