كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئىيۇ‌ن 27-‏29 ب.‏
  • تىنچلىق.‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق ئېرىشىشكە بولىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • تىنچلىق.‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق ئېرىشىشكە بولىدۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • تىنچلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟‏
  • خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى تىنچلىققا ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ
  • ھە‌قىقىي تىنچلىققا ئېرىشكە‌ن كىشىلە‌ر
  • باشقىلار بىلە‌ن تىنچلىقتا بولۇ‌شقا تىرىشىڭ
  • تىنچلىقتىن مە‌ڭگۈ ھۇ‌زۇ‌رلىنىمىز
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئىيۇ‌ن 27-‏29 ب.‏
تۆلە‌شكە تېگىشلىك ھە‌قلە‌رنىڭ تالونلىرىغا ۋە دوختۇ‌رخانىدا داۋالىنىۋاتقان تۇ‌ققىنىغا قاراپ غە‌مگە پاتقان ئە‌ر كىشى

تىنچلىق ئۇ‌نىڭغا قانداق ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت

  • خۇ‌شاللىق

  • تىنچلىق

  • سە‌ۋر-‏تاقە‌ت

  • مېھرىبانلىق

  • ھىممە‌تلىك

  • ئېتىقاد

  • مۇ‌لايىملىق

  • ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ش

بۇ قىيىنچىلىققا تولغان دۇ‌نيادا تىنچلىققا ئېرىشىش ناھايىتى تە‌س.‏ ھە‌تتا بىزدە تىنچلىق بولسىمۇ،‏ تىنچلىقىمىز ئۇ‌زۇ‌نغا داۋاملاشمايدۇ.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقىي ۋە مە‌ڭگۈ داۋاملىشىدىغان تىنچلىققا ئېرىشىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە يېزىلغان.‏ باشقىلارنىڭمۇ تىنچلىققا ئېرىشىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رسە‌ك بولىدۇ؟‏

تىنچلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟‏

ھە‌قىقىي تىنچلىققا ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رسىز ۋە ھىمايىگە ئېرىشكە‌ندە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ بىز ياخشى دوستلارغا مۇ‌ھتاج،‏ بىراق ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى خۇ‌دا بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟‏

يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرى ۋە پرىنسىپلىرى بىز ئۈچۈن ھە‌ردائىم پايدىلىق.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌ل قىلساق،‏ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقىمىزنى ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏يە‌رە‌مىيا 17:‏7،‏ 8؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏22،‏ 23)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ھۋا بىزگە يېقىنلىشىدۇ ۋە كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىنى ئاتا قىلىدۇ.‏ يە‌شايا 32:‏17-‏ئايە‌تتە:‏ «ھە‌قىقىي ئادالە‌تنىڭ نە‌تىجىسى تىنچلىق،‏ ھە‌قىقىي ئادالە‌تنىڭ مېۋىسى بولسا تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ۋە بىخە‌تە‌رلىكتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ يە‌ھۋاغا چىن يۈرە‌كتىن ئىتائە‌ت قىلساق،‏ ھە‌قىقىي تىنچلىققا ئېرىشىمىز.‏—‏يە‌شايا 48:‏18،‏ 19.‏

تۆلە‌شكە تېگىشلىك ھە‌قلە‌رنىڭ تالونلىرىغا ۋە دوختۇ‌رخانىدا داۋالىنىۋاتقان تۇ‌ققىنىغا قاراپ غە‌مگە پاتقان ئە‌ر كىشى

غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌ر خاتىرجە‌ملىكىمىزنى بۇ‌زىدۇ

يە‌ھۋا بىزگە مە‌ڭگۈ داۋام قىلىدىغان تىنچلىققا ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدىغان قىممە‌تباھا سوۋغاتنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ سوغا —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 9:‏31.‏

خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى تىنچلىققا ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىنچلىق «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏گالاتىيالىقلار 5:‏22،‏ 23)‏.‏ شۇ‌ڭا تىنچلىققا ئېرىشىشنى خالىساق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ بىزنى يېتە‌كلىشىگە يول بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

بىرىنچى،‏ خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌شنى كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلاندۇ‌رۇ‌شىمىز لازىم (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2،‏ 3)‏.‏ بىز ئوقۇ‌غانلىرىمىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ربىر ئىشقا قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ تىنچلىقنى قانداق ساقلايدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن تىنچلىق ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نچە مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغانلارنى كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئىشلە‌تسە‌ك،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكىمىز ئۇ‌زۇ‌نغا داۋاملىشىدۇ.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏1،‏ 2.‏

ئىككىنچى،‏ خۇ‌دادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏لۇ‌قا 11:‏13)‏.‏ ئۆزىدىن ياردە‌م سورىغانلارغا يە‌ھۋا مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تىنچلىقى يۈرە‌كلىرىڭلارنى ھە‌م ئە‌قىللىرىڭلارنى مە‌سىھ ئە‌يسادا ساقلايدۇ» (‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7)‏.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولساق ۋە ئۇ‌نىڭ روھىغا تايانساق،‏ ئۇ بىزنى ھە‌قىقىي تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ئېرىشتۈرىدۇ.‏—‏رىملىقلار 15:‏13.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ھازىر يە‌ھۋا ۋە باشقىلار بىلە‌ن تىنچلىققا ئىگە بولۇ‌پ،‏ كۆڭلى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ئېرىشتى.‏ بۇ ئۆزگىرىشلە‌رنى ئۇ‌لار قانداق قىلغان؟‏

ھە‌قىقىي تىنچلىققا ئېرىشكە‌ن كىشىلە‌ر

بە‌زى قېرىنداشلار ھە‌قىقە‌تكە كېلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئاسانلا دە‌رغە‌زە‌پكە تولۇ‌پ،‏ ھە‌تتا زوراۋانلىق قىلغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار تىرىشىپ ئۆزلىرىنى ئۆزگە‌رتكە‌چكە،‏ ھازىر مېھرىبان،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك ۋە تىنچلىقپە‌رۋە‌ر ئادە‌ملە‌رگە ئايلاندىa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏22)‏.‏ شۇ‌نداق ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلغان دېيۋىد ۋە رېيچېل ئىسىملىك قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىنى قوللانغاندا ۋە دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئائىلىدە تىنچلىق بولۇ‌شقا ھە‌سسە قوشالايمىز

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى ئىشلە‌تكە‌ندە ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ تىنچلىققا ئېرىشە‌لە‌يمىز

دېيۋىد ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ دائىم باشقىلارنى تە‌نقىد قىلغان ۋە ئائىلىسىدىكىلە‌رنى قوپال سۆزلە‌ر بىلە‌ن ھاقارە‌تلىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئۆزگىرىشى كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ تىنچلىققا قانداق ئېرىشتى؟‏ دېيۋىد:‏ «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى تۇ‌رمۇ‌شۇ‌مدا ئىشلىتىشكە باشلىدىم.‏ نە‌تىجىدە ئائىلە‌مدە بىر-‏بىرىمىزنى تېخىمۇ ھۆرمە‌تلە‌شكە باشلىدۇ‌ق»،‏—‏ دە‌پ ئېيتتى.‏

رېيچېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۇ‌نىڭغا قاتتىق تە‌سىر قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھازىرغىچە غە‌زە‌پلىنىشنى تاشلاش ئۈچۈن كۈرە‌ش قىلىۋاتىمە‌ن،‏ سە‌ۋە‌بى مە‌ن كىچىكىمدىن دە‌رغە‌زە‌پكە تولغان ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا،‏ شۇ‌نىڭغا ئادە‌تلە‌نگە‌ن ئىدىم».‏ رېيچېلنىڭ تىنچلىققا ئېرىشىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ يە‌ھۋاغا تايىنىش ۋە دۇ‌ئا قىلىش.‏

دېيۋىد ۋە رېيچېل مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قائىدە-‏پرىنسىپلارنى ئىشلىتىپ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ،‏ تىنچلىققا ئېرىشكە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدىكى پە‌قە‌ت ئىككىسىلا خالاس.‏ دە‌رغە‌زە‌پكە تولغان ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدا ياشىساقمۇ،‏ بىز كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ يە‌نە بىز ئائىلە ۋە جامائە‌ت ئە‌زالىرى بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاق بولالايمىز.‏ يە‌ھۋا بىزنى كۆپچىلىك بىلە‌ن ئىناق ئۆتۈشكە ئۈندە‌يدۇ (‏رىملىقلار 12:‏18)‏.‏ تىنچ مۇ‌ناسىۋە‌تنى قانداق ساقلاشقا بولىدۇ؟‏ بىز باشقىلار بىلە‌ن نېمە ئۈچۈن تىنچ-‏ئىناق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

باشقىلار بىلە‌ن تىنچلىقتا بولۇ‌شقا تىرىشىڭ

خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ تىنچلىققا ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىمىز (‏يە‌شايا 9:‏6،‏ 7؛‏ مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر بۇ خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلغان.‏ نە‌تىجىدە ئۇ‌لار بۇ دۇ‌نيادا بولۇ‌ۋاتقان قىيىنچىلىقلار تۈپە‌يلى غە‌زە‌پلە‌نمە‌يدۇ ۋە ياردە‌مسىز قالغاندە‌ك ھېس قىلمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار ھازىر كېلە‌چە‌ككە زور ئۈمىد بىلە‌ن قارايدۇ ۋە بۇ ئۇ‌لارنى «تىنچ-‏ئامانلىقنى ئىزدە‌شكە» دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏14.‏

لېكىن،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بۇ خە‌ۋە‌رنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغاندا ئۇ‌نى ئانچە ياقتۇ‌رۇ‌پ كە‌تمە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏19)‏.‏ مە‌يلى ئادە‌ملە‌ر قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رسۇ‌ن،‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى بىز ئۈچۈن ياردە‌مگە ئە‌ۋە‌تكە‌چكە،‏ بىز تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بىز ئە‌يسانىڭ نە‌سىھىتىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىمىز.‏ ئۇ:‏ «ئۆيگە كىرگە‌ندە،‏ ئۆي ئىچىدىكىلە‌رگە ئامانلىق تىلە‌ڭلار.‏ ئە‌گە‌ر ئاشۇ ئۆي-‏ماكان لايىق بولسا،‏ سىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا تىلىگە‌ن تېچلىق-‏ئامانلىق ئۇ‌نىڭغا كە‌لسۇ‌ن،‏ ئە‌كسىچە لايىق بولمىسا،‏ تىلىگە‌ن ئامانلىقىڭلار سىلە‌رگە قايتسۇ‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏11—‏13‏)‏.‏ بۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالساق،‏ باشقىلار نېمە ئېيتسۇ‌ن ياكى نېمە قىلسۇ‌ن،‏ تىنچلىقنى ساقلاپ،‏ شۇ ئادە‌ملە‌رگە كېيىنرە‌ك يە‌نە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشقا پۇ‌رسە‌ت قالدۇ‌رىمىز.‏

بىز ھە‌ردائىم تىنچلىقنى ساقلاشقا تىرىشىمىز،‏ ھە‌تتا پائالىيىتىمىزگە قارشى بولغان ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئافرىقىدىكى بىر دۆلە‌تتە ھۆكۈمە‌ت ئىبادە‌ت ئۆيىنى سېلىشقا رۇ‌خسە‌ت بە‌رمىگە‌ن.‏ قېرىنداشلىرىمىز بۇ قىيىنچىلىقنى تىنچ يول بىلە‌ن ھە‌ل قىلىش كېرە‌كلىكىنى بىلگە‌ن.‏ بىر قېرىنداش ئافرىقىدىكى مۇ‌شۇ دۆلە‌تتە بۇ‌رۇ‌ن مىسسىئونېر بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغانىدى.‏ قېرىنداشلار ئۇ‌نى شۇ دۆلە‌تنىڭ لوندوندىكى ئە‌لچىخانىسىغا ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئىدى.‏ قېرىندىشىمىز ئە‌لچىگە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۆز پائالىيە‌تلىرىنى كىشىلە‌ر ئارىسىدا تىنچلىقنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏

بۇ قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قوبۇ‌لخانىغا كىرگە‌ندە،‏ شۇ يە‌ردە ئولتۇ‌رغان ئايالنىڭ كىيىمىگە قاراپ،‏ ئۇ‌نىڭ قايسى قە‌بىلىدىن ئىكە‌نلىكىنى بىلدىم.‏ مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ تىلىنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا ئانا تىلىدا سالام بە‌ردىم.‏ ئۇ ھە‌يران بولۇ‌پ:‏ ‹سىز نېمە مە‌قسە‌تتە كە‌لدىڭىز؟‏›—‏ دە‌پ سورىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا سىلىق-‏سىپايىلىك بىلە‌ن،‏ ئە‌لچى بىلە‌ن كۆرۈشۈشكە كە‌لگە‌نلىكىمنى ئېيتتىم.‏ بۇ ئايال ئە‌لچىگە تېلېفون قىلدى.‏ ئە‌لچى مېنىڭ ئالدىمغا چىقىپ،‏ ئۆز ئانا تىلىدا سالام بە‌ردى.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تىنچلىقنى ئالغا سۈرىدىغان پائالىيە‌تلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات بە‌ردىم.‏ ئۇ مېنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشىدى».‏

قېرىندىشىمىز بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شكە‌ندىن كېيىن،‏ ئە‌لچى پائالىيە‌تلىرىمىز ھە‌ققىدە سە‌لبىي كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي شۇ دۆلە‌تتىكى ھۆكۈمە‌ت ئۆز قارارىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ئىبادە‌ت ئۆيلىرىنى سېلىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلدى.‏ قېرىنداشلار شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدى!‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ باشقىلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تسە‌ك،‏ تىنچلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز.‏

تىنچلىقتىن مە‌ڭگۈ ھۇ‌زۇ‌رلىنىمىز

بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكتە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىپ،‏ روھىي جە‌ننە‌تتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىۋاتىدۇ.‏ بۇ تىنچلىققا ھە‌سسىمىزنى قوشۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ھە‌رقايسىمىز تىنچ-‏خاتىرجە‌م ھايات كە‌چۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌ندىلا،‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلالايمىز ۋە كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نيادا ئۇ بىزنى مە‌ڭگۈلۈك تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ئېرىشتۈرىدۇ.‏—‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏13،‏ 14.‏

a ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» دېگە‌ن ماۋزۇ‌دىكى بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ كېيىنكىسىدە مېھرىبانلىقنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش