كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئىيۇ‌ل 9-‏14 ب.‏
  • كۆزلىرىڭىزنى قە‌يە‌رگە تىكتىڭىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • كۆزلىرىڭىزنى قە‌يە‌رگە تىكتىڭىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئىمتىيازدىن ئايرىلغان ساداقە‌تمە‌ن كىشى
  • مۇ‌سا خۇ‌داغا بويسۇ‌نمىغان
  • بويسۇ‌نماسلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى
  • باشقىلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتى دىققىتىڭىزنى چاچمىسۇ‌ن
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئىيۇ‌ل 9-‏14 ب.‏
مۇ‌سا تاشقا ئۇ‌رغاندا،‏ سۇ ئېتىلىپ چىقتى

كۆزلىرىڭىزنى قە‌يە‌رگە تىكتىڭىز؟‏

‏«تە‌لمۈرۈپ ساڭا كۆزلىرىمنى تىكىمە‌ن،‏ ئە‌ي،‏ ئە‌رشتىكى تە‌ختتە ئولتۇ‌رغۇ‌چى» (‏زە‌بۇ‌ر 123:‏1،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏

ناخشىلار:‏ 32،‏ 18

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • كۆزنى يە‌ھۋاغا تىكىش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

  • نېمە ئۈچۈن مۇ‌سا ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرىش ئىمتىيازىدىن ئايرىلىپ قالغان؟‏

  • مۇ‌سانىڭ ۋە‌قە‌سىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

1،‏ 2.‏ كۆزنى يە‌ھۋاغا تىكىش دېگىنىمىز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

بىز «ئادە‌تتىن تاشقىرى قىيىن ۋاقىتلاردا» ياشاۋاتىمىز (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى يوق قىلىپ،‏ يە‌ردە تىنچلىق ئورناتقىچە،‏ تۇ‌رمۇ‌شىمىز بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن:‏ «كىمدىن ياردە‌م ۋە يېتە‌كچىلىك سورايمە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورىشىمىز زۆرۈر.‏ بە‌لكىم،‏ بىز دە‌رھال:‏ «يە‌ھۋادىن»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىدىغاندىمىز.‏ بۇ —‏ بە‌ك ياخشى جاۋاب.‏

2 كۆزنى يە‌ھۋاغا تىكىش دېگىنىمىز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ كۆزۈمىزنى يە‌ھۋاغا تىكىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ قە‌دىمدە زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغىنىمىزدا كۆزلىرىمىزنى يە‌ھۋاغا تىكىشنىڭ ناھايىتى مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن ‏(‏زە‌بۇ‌ر 123:‏1—‏4نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ كۆزىنى يە‌ھۋاغا تىكىدىغان ئادە‌منى،‏ خۇ‌ددى غوجايىنىغا كۆز تىكىدىغان قۇ‌لغا ئوخشاتقان.‏ بۇ‌نى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟‏ قۇ‌ل پە‌قە‌ت يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ككە ۋە قوغداشقا مۇ‌ھتاج بولغاندىلا ئۆز غوجايىنىغا كۆز تىكمە‌ستىن،‏ بە‌لكى ھە‌ردائىم غوجايىنىنىڭ ئۆزىدىن نېمە قىلىشىنى خالىغانلىقىنى چۈشىنىش ۋە شۇ بۇ‌يرۇ‌قلارنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭدىن كۆزىنى ئۈزمە‌سلىكى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋا نېمە قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن خۇ‌دا سۆزىنى ھە‌ر كۈنى پۇ‌ختا ئۆگىنىپ،‏ بىلگە‌نلىرىمىزنى تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئىشلىتىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌ندىلا،‏ بىز ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغاندا يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏17)‏.‏

3.‏ كۆزۈمىزنى داۋاملىق يە‌ھۋاغا تىكىشىمىزگە نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

3 بىز داۋاملىق يە‌ھۋاغا كۆز ئۈزمە‌ي قارىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلسە‌كمۇ،‏ بە‌زىدە دىققىتىمىز چېچىلىپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسانىڭ يېقىن دوستى مارتامۇ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ كۆپ ئىشلار بىلە‌ن پايپېتە‌ك بولۇ‌پ يۈرگە‌نىدى (‏لۇ‌قا 10:‏40—‏42)‏.‏ ئە‌يسا يېنىدا بولغاندا مارتادە‌ك سادىق ئېتىقادچىنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ بىزنىڭ ھە‌م شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىمىز ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س.‏ يە‌ھۋاغا قاراتقان دىققىتىمىزنى نېمە بۆلۈۋېتىشى مۇ‌مكىن؟‏ بۇ ماقالىدە دىققىتىمىزنى مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشكە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ يە‌نە بىز كۆزۈمىزنى يە‌ھۋادىن ئۈزمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

ئىمتىيازدىن ئايرىلغان ساداقە‌تمە‌ن كىشى

4.‏ مۇ‌سانىڭ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرە‌لمىگە‌نلىكى نېمە ئۈچۈن بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

4 مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر يولباشچىلىق سوراپ،‏ كۆزىنى يە‌ھۋاغا تىككە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ «كۆرۈنمە‌يدىغاننى كۆرگە‌ندە‌ك مە‌ھكە‌م ئىدى»،‏ دە‌پ ئېيتىلغان ‏(‏ئىبرانىيلارغا 11:‏24—‏27نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭدا يە‌نە «مۇ‌سادە‌ك خۇ‌داۋە‌ندە بىلە‌ن يۈزمۇ يۈز سۆزلە‌شكە‌ن بىر پە‌يغە‌مبە‌ر ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى قوپمىغانلىغى» يېزىلغان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 34:‏10)‏.‏ مۇ‌سا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ يېقىن دوستى بولسىمۇ،‏ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرىش ئىمتىيازىدىن ئايرىلىپ قالغان (‏سانلار 20:‏12)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

5—‏7.‏ ئىسرائىللىقلار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە مۇ‌سا نېمە قىلغان؟‏

5 ئىسرائىللىقلارنىڭ مىسىردىن چىققىنىغا تېخى ئىككى ئاي بولماي،‏ سىناي تېغىغا يېتىشكە ئاز قالغاندا بىر قىيىنچىلىق پە‌يدا بولغان ئىدى.‏ خە‌لق ئىچىدىغان سۇ بولمىغاچقا،‏ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌ساغا قارشى چىقىپ غە‌زە‌پلە‌نگە‌ندە،‏ مۇ‌سا يە‌ھۋاغا نالە-‏پە‌رياد قىلىپ:‏ «بۇ خە‌لق بىلە‌ن نېمە قىلاي؟‏ بىرازدىن كېيىن ئۇ‌لار مېنى چالما-‏كېسە‌ك قىلىۋېتىدۇ!‏»—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏چىقىش 17:‏4)‏.‏ يە‌ھۋا مۇ‌ساغا ئېنىق كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌ساغا ھاسىسىنى ئېلىپ،‏ ھورىب تېغىدىكى قورام تاشقا ئۇ‌رۇ‌شنى بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «مۇ‌سا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا دە‌ل شۇ‌نداق قىلدى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ شۇ چاغدا قورام تاشتىن سۇ چىقىپ،‏ ئۇ‌سساپ كە‌تكە‌ن خە‌لق قانغىچە سۇ ئىچكە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ خە‌لقنىڭ قىيىنچىلىقى ھە‌ل قىلىنغانىدى (‏چىقىش 17:‏5،‏ 6)‏.‏

6 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ مۇ‌سا شۇ يە‌رنى ماسسا ھە‌م مە‌رىبا،‏ دە‌پ ئاتىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ ماسسا —‏ «سىناش» دېگە‌ننى،‏ مە‌رىبا —‏ «جېدە‌ل-‏ماجىرا» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇ جاينى ماسسا ھە‌م مە‌رىبا،‏ دە‌پ ئاتىغان؟‏ چۈنكى،‏ شۇ جايغا كە‌لگە‌ندە ئىسرائىللىقلار جېدە‌للىشىپ:‏ ««ئارىمىزدا زادى يە‌ھۋا بارمۇ ياكى يوقمۇ؟‏»—‏ دە‌پ يە‌ھۋانى سىنىغان ئىدى» (‏چىقىش 17:‏7)‏.‏

7 يە‌ھۋا مە‌رىبادا پە‌يدا بولغان قىيىنچىلىققا قانداق قارىغان؟‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى ئىسرائىللىقلارنىڭ پە‌قە‌ت مۇ‌ساغا ئە‌مە‌س،‏ ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققانلىقى دە‌پ ھېسابلىغان ‏(‏زە‌بۇ‌ر 95:‏8،‏ 9نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خە‌لق چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن،‏ ئە‌مما مۇ‌سا بۇ ۋە‌زىيە‌تتە توغرا ئىش قىلغان ئىدى.‏ ئۇ كۆزىنى يە‌ھۋاغا تىكىپ،‏ ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تمىلىرىنى ئورۇ‌نلىغان.‏

8.‏ ئىسرائىللىقلار چۆلدىكى سە‌پىرىنى ئاخىرلاشتۇ‌رۇ‌شقا ئاز قالغاندا قانداق ۋە‌قە يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

8 تە‌خمىنە‌ن 40 يىلدىن كېيىن،‏ ئىلگىرىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قانداق ۋە‌قە يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ بۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللىقلار چۆلدىكى سە‌پىرىنى ئاخىرلاشتۇ‌رۇ‌شقا ئازلا قالغانىدى.‏ ئۇ‌لار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىننىڭ چېگرىسىغا يېقىن قادېش،‏ دېگە‌ن يە‌رگە يېتىپ كە‌لگە‌ن.‏ بۇ يە‌ر ھە‌م مە‌رىبا،‏ دە‌پ ئاتالغان ئىدىa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئىچىدىغان سۇ بولمىغانلىقتىن،‏ ئىسرائىللىقلار يە‌نە نارازىلىق بىلدۈرگە‌ن (‏سانلار 20:‏1—‏5)‏.‏ لېكىن،‏ مۇ‌سا بۇ قېتىم چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن.‏

9.‏ يە‌ھۋا مۇ‌ساغا نېمە ئىش قىلىشنى بۇ‌يرىغان،‏ بىراق مۇ‌سا نېمە ئىش قىلغان؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

9 خە‌لق ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ندە مۇ‌سا نېمە ئىش قىلغان؟‏ ئۇ يە‌نە يە‌ھۋادىن يولباشچىلىق سورىغان.‏ لېكىن،‏ بۇ قېتىم يە‌ھۋا مۇ‌سانى قورام تاشنى ئۇ‌رۇ‌شقا بۇ‌يرىمىغان ئىدى.‏ خۇ‌دا مۇ‌ساغا قولىغا ھاسىنى ئېلىپ،‏ ئادە‌ملە‌رنى قورام تاشنىڭ ئالدىغا يىغىشنى،‏ ئاندىن كېيىن قورام تاشقا قاراپ سۆزلە‌شنى بۇ‌يرىغان (‏سانلار 20:‏6—‏8)‏.‏ مۇ‌سا يە‌ھۋا ئېيتقاندە‌ك قىلدىمۇ؟‏ ياق،‏ مۇ‌سا قاتتىق غە‌زە‌پلە‌ندى،‏ ھە‌تتا خە‌لقكە ۋاقىراپ:‏ «ئە‌ي ئاسىيلار،‏ ئاڭلاڭلار.‏ بۇ قورام تاشتىن سىلە‌رگە سۇ چىقىرىمىزمۇ؟‏»—‏ دېگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ قورام تاشنى بىر ئە‌مە‌س،‏ ئىككى قېتىم ئۇ‌رغان (‏سانلار 20:‏10،‏ 11)‏.‏

10.‏ مۇ‌سانىڭ قىلغان ئىشىغا خۇ‌دا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

10 يە‌ھۋا مۇ‌ساغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ،‏ غە‌زە‌پكە تولغان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 1:‏37؛‏ 3:‏26)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بۇ‌نىڭ بىرقانچە سە‌ۋە‌بى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ مۇ‌سا يە‌ھۋانىڭ يېڭى كۆرسە‌تمىلىرىگە قۇ‌لاق سالمىغان ئىدى.‏

11.‏ مۇ‌سا قورام تاشنى ئۇ‌رغاندا،‏ ئىسرائىللىقلار نېمە ئۈچۈن بۇ مۆجىزىنى يە‌ھۋا قىلمىغان دە‌پ ئويلاپ قېلىشى مۇ‌مكىن ئىدى؟‏

11 يە‌ھۋانىڭ مۇ‌ساغا غە‌زە‌پلىنىشىنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىرىنچى مە‌رىبادىكى قورام تاشنىڭ تە‌ركىۋى قاتتىق گرانىت بولغان.‏ گرانىت تاشنى قانچە قاتتىق ئۇ‌رغان بىلە‌نمۇ،‏ ئۇ‌نىڭدىن سۇ چىقىدۇ،‏ دە‌پ ھېچكىم كۈتمە‌يدۇ.‏ ئىككىنچى مە‌رىبا،‏ دە‌پ ئاتالغان جايدىكى تاشلارنىڭ تە‌ركىۋى بىرىنچىسىگە قارىغاندا تامامە‌ن باشقىچە بولغان.‏ بۇ جايدىكى تاشلارنىڭ تە‌ركىبى يۇ‌مشاق ھاك تاش بولغان.‏ ھاك تاش ئادە‌تتە ئۆزىگە سۇ‌نى سىڭدۈرۈۋالىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌ملە‌ر قورام تاشنى تە‌شسە،‏ سۇ چىقىرالاتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌سا قورام تاشقا قاراپ سۆزلە‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نى ئۇ‌رغاندا،‏ خە‌لق نېمە دە‌پ ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئۇ‌لار سۇ يە‌ھۋا مۆجىزە كۆرسە‌تكە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك ئە‌مە‌س،‏ ئۆزلىگىدىن تە‌بىئىي پە‌يدا بولدى،‏ دە‌پ ئويلاپ قېلىشى مۇ‌مكىنمۇ؟‏b (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ بىز بۇ‌نى ئېنىق بىلمە‌يمىز.‏

مۇ‌سا خۇ‌داغا بويسۇ‌نمىغان

12.‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌سا بىلە‌ن ھارۇ‌نغا غە‌زە‌پلە‌نگە‌نلىگىنىڭ يە‌نە قانداق سە‌ۋە‌بى بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

12 يە‌ھۋانىڭ مۇ‌سا بىلە‌ن ھارۇ‌نغا غە‌زە‌پلە‌نگە‌نلىگىنىڭ باشقىمۇ سە‌ۋە‌بى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌سا خە‌لقكە:‏ «بۇ قورام تاشتىن سىلە‌رگە سۇ چىقىرىمىزمۇ؟‏»‏‏—‏ دېگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ «چىقىرىمىزمۇ» دېگە‌ن سۆزنى ئۆزى ۋە ھارۇ‌ننى كۆزدە تۇ‌تۇ‌پ ئېيتقان.‏ ئۇ‌نىڭ بۇ سۆزلىرىدىن يە‌ھۋاغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغانلىقى كۆرۈنگە‌ن،‏ چۈنكى ئۇ شۇ مۆجىزىنى يە‌ھۋانىڭ قىلغانلىقىنى ئېيتمىغان.‏ زە‌بۇ‌ر 106:‏32،‏ 33تە:‏ «ئۇ‌لار يە‌نە مە‌رىبا سۇ‌لىرى بويىدا پە‌رۋە‌ردىگارنى غە‌زە‌پكە كە‌لتۈردى،‏ ھە‌م ئۇ‌لارنىڭ سە‌ۋە‌بىدىن مۇ‌ساغا يامان بولدى.‏ چۈنكى ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ روھىنى ئاچچىقلاندۇ‌ردى،‏ ئۇ‌نىڭ لە‌ۋلىرى بېخە‌ستىلىكتە گە‌پ قىلىپ سالدى»،‏‏—‏ دە‌پ يېزىلغانc (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏سانلار 27:‏14)‏.‏ مۇ‌سا يە‌ھۋاغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى كۆرسە‌تمىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا مۇ‌سا بىلە‌ن ھارۇ‌نغا:‏ «مېنىڭ بۇ‌يرۇ‌قۇ‌منى تۇ‌تمىدىڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان ئىدى (‏سانلار 20:‏24)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ك ئېغىر گۇ‌ناھ!‏

13.‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌سانى جازالىغانلىقى نېمە ئۈچۈن توغرا ۋە ئادىل بولغان؟‏

13 مۇ‌سا بىلە‌ن ھارۇ‌ننىڭ يە‌ھۋانىڭ ئالدىدىكى جاۋابكارلىقى ئېغىر ئىدى،‏ چۈنكى ئۇ‌لار خە‌لقنىڭ يېتە‌كچىلىرى بولغان (‏لۇ‌قا 12:‏48)‏.‏ ئۆتمۈشتە،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە قارشى چىققان بىر ئە‌ۋلاد ئىسرائىللىقلارنىڭ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلمىغان (‏سانلار 14:‏26—‏30،‏ 34)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نمىغانلىقى ئۈچۈن مۇ‌سانىڭمۇ ئوخشاشلا جازالانغانلىقى توغرا ۋە ئادىل بولغان.‏ مۇ‌سامۇ باشقا ئىسىيانچىلارغا ئوخشاش ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرە‌لمىگە‌ن.‏

بويسۇ‌نماسلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى

14،‏ 15.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌سا يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نمىغان؟‏

14 مۇ‌سا نېمە سە‌ۋە‌بتىن يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نمىغان؟‏ يە‌نە بىر قېتىم زە‌بۇ‌ر 106:‏32،‏ 33تىكى سۆزلە‌رگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇ‌رايلى:‏ «ئۇ‌لار يە‌نە مە‌رىبا سۇ‌لىرى بويىدا پە‌رۋە‌ردىگارنى غە‌زە‌پكە كە‌لتۈردى،‏ ھە‌م ئۇ‌لارنىڭ سە‌ۋە‌بىدىن مۇ‌ساغا يامان بولدى.‏ چۈنكى ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ روھىنى ئاچچىقلاندۇ‌ردى،‏ ئۇ‌نىڭ لە‌ۋلىرى بېخە‌ستىلىكتە گە‌پ قىلىپ سالدى».‏ ئىسرائىللىقلارنىڭ ئىسىيان كۆتىرىپ،‏ قارشى چىققىنى يە‌ھۋا خۇ‌دا بولسىمۇ،‏ ئە‌مما مۇ‌سا بۇ‌نىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئاچچىقلانغانىدى.‏ ئۇ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالمىغاچقا،‏ ئاقىۋېتىنى ئويلىمايلا سۆزلىگە‌ن.‏

15 مۇ‌سا دىققىتىنى باشقىلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتىگە قارىتىپ،‏ كۆزىنى يە‌ھۋاغا تىكمىگە‌ن.‏ خە‌لق ئىچىشكە سۇ يوق بولغىنى ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم نارازىلىق بىلدۈرگە‌ندە،‏ مۇ‌سا توغرا ئىش قىلغانىدى (‏چىقىش 7:‏6)‏.‏ ئە‌مما،‏ خە‌لق نۇ‌رغۇ‌ن يىل داۋاملىق قايتا-‏قايتا ئىسىيان كۆتە‌رگە‌نلىكتىن،‏ مۇ‌سا چارچىغان ۋە خە‌لقنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتى تۈپە‌يلىدىن تېرىككە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بە‌لكىم يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كۆرسىتىش ھە‌ققىدە ئويلاشنىڭ ئورنىغا،‏ پە‌قە‌ت ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ھە‌ققىدە ئويلىغان.‏

16.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌سانىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتى ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 ھە‌تتا،‏ مۇ‌سادە‌ك سادىق پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ دىققىتى چېچىلىپ،‏ گۇ‌ناھ قىلغان بولسا،‏ بىزمۇ ھە‌م شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا دۇ‌چار بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌سا ۋە‌دە قىلىنغان زېمىننىڭ بوسۇ‌غىسىغا كە‌لگە‌نىدى.‏ بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە يېڭى دۇ‌نيانىڭ بوسۇ‌غىسىدا تۇ‌رۇ‌ۋاتىمىز (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏13)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بوسۇ‌غىدىن ئاتلاپ،‏ يېڭى دۇ‌نياغا قە‌دە‌م قويۇ‌ش ئۈچۈن،‏ كۆزۈمىزنى يە‌ھۋاغا تىكىپ،‏ دائىم ئۇ‌نىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك (‏يوھاننىڭ 1-‏خېتى 2:‏17)‏.‏ بىز مۇ‌سانىڭ خاتالىقىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

باشقىلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتى دىققىتىڭىزنى چاچمىسۇ‌ن

17.‏ باشقىلار بىزنى تېرىكتۈرگە‌ندە،‏ ئۆزۈمىزنى قانداق تۇ‌تۇ‌ۋالالايمىز؟‏

17 باشقىلار سىزنى تېرىكتۈرگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىڭ.‏ بە‌زىدە بىز بىر قىيىنچىلىققا قايتا-‏قايتا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ياخشىلىق قىلىپ ھارمايلى،‏ چۈنكى ئە‌گە‌ر ئاجىزلىشىپ قالمىساق،‏ ئۆز ۋاقتىدا ھوسۇ‌ل ئالىمىز»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏9؛‏ سالونىكىلىقلارغا 2-‏خە‌ت 3:‏13)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى ياكى بىر ئىش بىزنى قايتا-‏قايتا تېرىكتۈرسە،‏ سۆزلە‌شتىن ئاۋۋال ئويلىنىمىزمۇ؟‏ بىز ئۆزۈمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋالالايمىزمۇ؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏19؛‏ 17:‏27؛‏ مە‌تتا 5:‏22‏)‏.‏ باشقىلار ئاچچىقىمىزنى كە‌لتۈرگە‌ندە،‏ «خۇ‌دانىڭ غە‌زىپىگە» يول بېرىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم ‏(‏رىملىقلارغا 12:‏17—‏21نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بىز كۆزۈمىزنى يە‌ھۋاغا تىكسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ غە‌زىپىگە يول بېرىش ئارقىلىق ھۆرمىتىمىزنى كۆرسىتىمىز ۋە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى بىرتە‌رە‌پ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇ‌رىمىز.‏ ئە‌گە‌ر بىز كۆزۈمىزنى يە‌ھۋاغا تىكمە‌ي،‏ ئۆزۈمىز ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلساق،‏ بۇ يە‌ھۋاغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.‏

18.‏ كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئە‌گىشىش ھە‌ققىدە نېمىنى ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18 ئە‌ڭ يېڭى كۆرسە‌تمىلە‌ر بويىچە ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ.‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن يېڭى كۆرسە‌تمىلە‌رگە ماس سادىق يول تۇ‌تۇ‌ۋاتىمىزمۇ؟‏ بىز كۆرسە‌تمىلە‌ر بويىچە يول تۇ‌تۇ‌شقا توغرا كە‌لگە‌ندە ئىلگىرى ئۆزۈمىز ئادە‌تلە‌نگە‌ندە‌ك ئىش قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌كسىچە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بە‌رگە‌ن يېڭى كۆرسە‌تمىلىرى بويىچە دە‌رھال ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏ئىبرانىيلارغا 13:‏17)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بىز ئېھتىياتچان بولۇ‌پ،‏ «يېزىلغاننىڭ چېكىدىن چىقماسلىقىمىز» زۆرۈر (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 4:‏6)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئە‌گە‌شسە‌ك،‏ كۆزۈمىزنى داۋاملىق ئۇ‌نىڭغا تىكىمىز.‏

ياشراق بۇ‌رادە‌ر باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا دە‌رھال ئىنكاس قايتۇ‌رماقچى بولغاندا،‏ يېشى چوڭ بۇ‌رادە‌ر ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىۋاتىدۇ

باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرى مۇ‌ساغا قانداق تە‌سىر قىلغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏19-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

19.‏ باشقىلارنىڭ خاتالىقى يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلىقىمىزنى بۇ‌زماسلىقى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

19 باشقىلارنىڭ خاتالىقى يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلىقىڭىزنى بۇ‌زۇ‌شىغا يول بە‌رمە‌ڭ.‏ كۆزۈمىزنى دائىم يە‌ھۋاغا تىكىدىغان بولساق،‏ باشقىلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتى تۈپە‌يلى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى بۇ‌زمايمىز ۋە ئاچچىقلانمايمىز.‏ ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌دا تە‌شكىلاتىدا مۇ‌ساغا ئوخشاش مۇ‌ھىم بىر ۋە‌زىپىگە ئىگە بولغان بولساق،‏ مۇ‌شۇ‌نداق قىلىش تېخىمۇ مۇ‌ھىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌ربىرىمىز تىرىشىپ،‏ يە‌ھۋاغا قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏12)‏.‏ ئە‌مما يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا مە‌سئۇ‌لىيىتىمىز قانچە كۆپ بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىزدىن تە‌لە‌پ قىلىدىغىنى شۇ‌نچە كۆپ بولىدۇ (‏لۇ‌قا 12:‏48)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانى ھە‌قىقە‌تە‌ن ياخشى كۆرسە‌ك،‏ ھېچنە‌رسە بىزگە پۇ‌تلىكاشاڭ بولمايدۇ ۋە ھېچنە‌رسە بىزنى ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئايرىۋېتە‌لمە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏165؛‏ رىملىقلارغا 8:‏37—‏39)‏.‏

20.‏ بىز نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

20 بىز ناھايىتى قىيىن بىر پە‌يتتە ياشاۋاتىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ردائىم «ئە‌رشتىكى تە‌ختتە ئولتۇ‌رغۇ‌چى» يە‌ھۋاغا كۆز تىكىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ شۇ چاغدىلا ئۇ بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز.‏ بىز باشقىلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزنى بۇ‌زۇ‌شىغا ھە‌رگىز يول بە‌رمە‌سلىكىمىز لازىم.‏ مۇ‌سانىڭ مىسالىدىن قانداق مۇ‌ھىم ساۋاق ئالالايمىز؟‏ باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋا «بىزگە شە‌پقىتىنى كۆرسە‌تكىچە»،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆز تىكىشكە بە‌ل باغلايلى (‏زە‌بۇ‌ر 123:‏1،‏ 2،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏

a مە‌رىبا،‏ دېگە‌ن ئىككى جاي بولغان.‏ بىرىنچى مە‌رىبا دېگە‌ن جاي ماسسا دە‌پمۇ ئاتالغان بولۇ‌پ،‏ رە‌فىدىمغا يېقىن جايلاشقان.‏ ئىككىنچى مە‌رىبا دە‌پ ئاتالغان جاي قادېش،‏ دېگە‌ن جايغا يېقىن بولغان.‏ گە‌رچە،‏ بۇ ئىككى جاي ئوخشاش بىر يە‌رنى كۆرسە‌تمىسىمۇ،‏ بىراق ھە‌ر ئىككىلا جاي مە‌رىبا،‏ دە‌پ ئاتالغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئىسرائىللىقلار ئىككىلا جايدا جېدە‌ل-‏ماجىرا چىقارغان (‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب.‏ مە‌دھىيە تە‌رجىمىسىنىڭ» 7-‏قوشۇ‌مچىسىدىكى خە‌رىتىنى قاراڭ)‏.‏

b بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگە‌ن ھېكايىسىگە ئاساسلانغاندا،‏ ئىسىيانچىلار بۇ‌نى مۆجىزە،‏ دە‌پ قارىمىغان،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لار مۇ‌سا بۇ قورام تاشتا سۇ بارلىقىنى بىلە‌تتى،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌سانىڭ باشقا قورام تاشنى ئۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌نە بىر قېتىم مۆجىزە قىلىشىنى سورىغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ پە‌قە‌ت ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرىدىغان رىۋايە‌ت.‏

c 1989-‏يىل،‏ 1-‏يانۋار سانىنىڭ «كۈزىتىش مۇ‌نارىدىكى» «ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى» دېگە‌ن سە‌ھىپىگە قاراڭ.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • ي‍ە‌ھۋاغا كۆز تىكىش دېگىنىمىز —‏ ئۇ بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە كۆرسە‌تمىلىرىگە سادىقلىق بىلە‌ن ئە‌گىشىش

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش