Anadolu Agency via Getty Images/Ismail Sen
سەگەك تۇرۇڭلار!
تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن دەھشەتلىك يەر تەۋرەشلەر — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
2023-يىل، 6-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە دەھشەتلىك يەر تەۋرەشلەر يۈز بەردى.
«دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋە سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمال رايونىدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك يەر تەۋرەشتە 3700دىن كۆپرەك ئادەم قازا تاپتى. قىش پەسلىنىڭ سوغۇق ھاۋا رايى يارىلانغان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ۋە ئۆي-ماكانسىز قالغانلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇردى ۋە ھايات قالغۇچىلارنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلدى».—رېيتېر ئاگېنتلىقى (Reuters)، 2023-يىل، 6-فېۋرال.
بۇنداق پاجىئەلىك ۋەقەلەر ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا ياكى كۆرگىنىمىزدە، كۆڭلىمىز ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ. مۇشۇنداق كۆڭلىمىز ئازابلانغان پەيتلەردە، بىز «ھەرقانداق تەسەللىنىڭ پەرۋەردىگارى» بولغان يەھۋاغا a ئىشەنچ باغلاپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورالايمىز (2-كورىنتلىقلار 1:3). خۇدانىڭ ياردىمىدە «مۇقەددەس يازمىلاردىن ئالغان تەسەللى ئارقىلىق ئۈمىدكە ئىگە بولالايمىز» (رىملىقلار 15:4؛ ي.د).
مۇقەددەس كىتابتىن مۇنۇلارنى بىلىۋالىمىز:
يەر تەۋرەشلەر ھەققىدە قانداق بېشارەتلەر ئېيتىلغانلىقىنى.
قەيەردىن تەسەللى ۋە ئۈمىدكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى.
خۇدانىڭ بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىدىغانلىقىنى.
مۇقەددەس كىتاب بۇ ماۋزۇلار ھەققىدە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن
a يەھۋا دېگەن خۇدانىڭ خاس ئىسىمى.—زەبۇر 83:18.