ياشلارنىڭ سوئاللىرى
مۇقەددەس كىتاب ماڭا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ 2-قىسىم — مۇقەددەس كىتابنى قىزىقارلىق ئۇسۇلدا ئوقۇڭ
«مۇقەددەس كىتابنى قانداق ئۇسۇلدا ئوقۇش كېرەكلىكىنى بىلمىسىڭىز، ئۇ زېرىكىشلىك بولۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن»،— دەيدۇ، ۋىل ئىسىملىك ئۆسمۈر.
مۇقەددەس كىتابنى قىزىقارلىق ئۇسۇلدا ئوقۇشنىڭ سىرىنى بىلگىڭىز كېلەمدۇ؟ بۇ ماقالە سىزگە ياردەم بېرىدۇ.
تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى ئىشلىتىڭ
ھېسسىياتلىق ئوقۇشقا تىرىشىڭ. تۆۋەندىكى مەسلىھەتلەرگە ئەمەل قىلىڭ:
مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر ئۈزۈندىسىنى تاللاپ، تەتقىق قىلىڭ. ئۈزۈندىنى تەۋرات ياكى ئىنجىلدىن تاللىسىڭىز بولىدۇ. ياكى بولمىسا، jw.org تور بېكىتىمىزدىن دراما شەكىلدىكى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشلۇقى دېگەن ئاۋازلىق يازمىنى تاللاپ، تىڭشىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ ئۈزۈندىنى ئوقۇڭ. ئۇنى ئۆزىڭىز يالغۇز ياكى دوستلىرىڭىز ۋە ئائىلىڭىز بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقسىڭىز بولىدۇ. بىرسى ئاپتورنىڭ رولىنى، قالغانلار بولسا، باشقا شەخسلەرنىڭ روللىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەسلىھەتلەرنىڭ بىرىگە ياكى بىرقانچىسىگە ئەمەل قىلىپ ئوقۇڭ:
ئوقۇغانلىرىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن رەسىملەرنى سىزىڭ. مەسىلەن، ۋەقەلەرنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىرنەچچە ئاددىي رەسىملەرنى سىزىڭ. ھەربىر رەسىمدە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەنى يېزىپ قويۇڭ.
سخېمىلارنى سىزىڭ. مەسىلەن بىرەر سادىق خىزمەتچى ھەققىدە ئوقۇغىنىڭىزدا، سخېما سىزىش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۇنىڭ ئېرىشكەن بەرىكەتلىرى بىلەن باغلاشتۇرۇڭ.
يېڭىلىقلارنى يەتكۈزىدىغان مۇخبىردەك بولۇڭ. يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرنەچچە شەخسنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئېيتىپ بېرىڭ. شۇ ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن گۇۋاھچىلاردىن «سۆھبەت» ئېلىڭ.
ئەگەر بۇ ئۈزۈندىدە بىرەر شەخس ناتوغرا قارار چىقارغان بولسا، ئۇ باشقىچە ھەرىكەت قىلغان بولسا، نېمە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ. مەسىلەن، ئەيسادىن تېنىپ كەتكەن ئەلچى پېترۇس ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ (ماركۇس 14:66—72). قانداق قىلغان بولسا، پېترۇس بۇ بېسىمغا قارشى تۇرالايتتى؟
ئۆزىڭىز ھېكايە توقۇڭ. ئەگەر ئىلھام كەلگەندە، مۇقەددەس كىتابتىكى بىرەر ھېكايە ئاساسىدا، ئۆزىڭىز ھېكايە توقۇپ بېقىڭ. بۇ ئۈزۈندىدىن ئالغان ساۋاقلار توغرىسىدا ئېيتىپ ئۆتۈڭ (رىملىقلار 15:4).
مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەقەلەرنى جانلاندۇرالايسىز!
چوڭقۇرراق قېزىڭ!
تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلسىڭىز، يوشۇرۇن گۆھەرلەرنى تاپالايسىز. بەزىدە مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ياكى ئىككى سۆز مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.
مەسىلەن، مەتتا 28:7-نى ماركۇس 16:7 بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.
نېمە ئۈچۈن ئەيسا شاگىرتلىرى ۋە «پېترۇسقا» كۆرۈنۈشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالىدۇ؟
ياردەم: ماركۇس ئاشۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولمىغان؛ ئەمما، ئېنىقكى پېترۇس شۇلار ھەققىدە ماركۇسقا ئېيتىپ بەرگەن.
يوشۇرۇن مەرۋايىت: ئەيسانىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەندە، پېترۇس نېمە ئۈچۈن چوقۇم خۇشال بولغان؟ (ماركۇس 14:66—72). ئەيسا ئەلچى پېترۇسنى ھەقىقىي دوست ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟ سىزمۇ ئەيساغا ئوخشاش، باشقىلارنى ھەقىقىي دوست تۇتقانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟
تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىڭىزنى ئىشلىتىپ، تەپسىلاتلارنى ياخشىراق ئىزدىسىڭىز، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش تېخىمۇ قىزىقارلىق بولىدۇ!