بەت ئاستى ئىزاھاتى
a يەھۋا بىزگە كەلگۈسى ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈمىدنى بەرگەن. شۇ ئۈمىد بىزگە ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ ۋە دىققىتىمىزنى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قاراتماسلىققا ياردەم بېرىدۇ. مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، ئۈمىد داۋاملىق يەھۋاغا سادىق قېلىشىمىزغا كۈچ بېرىدۇ. ئۈمىد يەنە زېھىنىمىزنى قوغداپ، بىزنى خاتا ئوي-خىيالدا بولۇشتىن ساقلايدۇ. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۈمىدىمىزنى كۈچلۈك ساقلىشىمىز كېرەك. بۇ ماۋزۇ ھەققىدە ھازىر بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىمىز.