بەت ئاستى ئىزاھاتى
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: «روھىي جەننەت» دېگەن سۆز، يەھۋاغا ئىناق-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىبادەت قىلىدىغان بىخەتەر مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىتتا، ھەرقانداق دىنىي يالغانچىلىقتىن خالى مول روھىي ئوزۇقلۇقىمىز ۋە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشتەك كۆڭلىمىزنى قانائەت تاپقۇزىدىغان خىزمىتىمىز بار. بىز يەھۋا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتتىن خۇشاللىق تاپىمىز ۋە سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تىنچ-خاتىرجەم ياشايمىز. ئۇلار تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا خۇشاللىق بىلەن بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋاغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىشنى باشلىغاندا ۋە ئۇنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۈلگە قىلغان ۋاقتىمىزدا، بىز روھىي جەننەتكە كىرىمىز.