بەت ئاستى ئىزاھاتى
a 2023-يىللىق ئايەت ئۈچۈن: «سۆزۈڭنىڭ ئۇل ئاساسى ھەقىقەت» دېگەن بىر جۈملە، ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىدىغان سۆزلەر تاللاندى (زەبۇر 119:160). شەك-شۇبھىسىزكى، سىز ھەم بۇ سۆزلەرگە ئىشىنىسىز. بىراق، نۇرغۇن ئادەملەر مۇقەددەس كىتابنىڭ توغرىلىقىغا ۋە ئۇنىڭ بىزگە ئىشەنچىلىك كۆرسەتمىلەرنى بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. بۇ ماقالىدە، سەمىمىي كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئىشىنىشىگە ۋە ئۇنىڭدىكى كۆرسەتمىلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئۈچ دەلىل-ئىسپاتنى مۇھاكىمە قىلىمىز.