بەت ئاستى ئىزاھاتى
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: «ئۇچرىشىشقا چىقىپ مۇھەببەتلىشىش» — ئەر ۋە ئايال ئۇچرىشىپ، بىر-بىرىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇشقا لايىق ياكى لايىق كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن بىر-بىرىنى ياخشىراق تونۇش مەقسىتىدە بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى بىلدۈرىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە بۇنداق ئۇچرىشىشنى بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۆزئارا كۆڭلىنى بىر-بىرىگە ئىزھار قىلىپ، رومانتىك ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېيتىشى ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۇلار توي قىلىشقا پۈتۈشكەندە ياكى ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلغاندا ئاخىرلىشىدۇ.