بەت ئاستى ئىزاھاتى
a ئۈچ دوستى ئايۇپ پەيغەمبەرنى ئەيىبلىگەندە، ئۇ ئۆز نام-ئابرويى توغرۇلۇق كۆپ ئويلىغاچقا، خۇدانىڭ ئىسىمىنى قوغدىمىغانىدى. دەسلەپتە، ئايۇپ پەرزەنتلىرى ۋە مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئۇ «گۇناھ قىلمىدى ۋە خۇدانى ئەيىبلىمىدى» (ئايۇپ 1:22؛ 2:10). بىراق، كېيىنرەك ئۈچ دوستى ئۇنى يامان ئىش قىلدىڭ دەپ ناھەق ئەيىبلىگەندە، ئۇ ئۆزىنى قوغداپ، قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلغان. ئۇ خۇدانىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىشقا قارىغاندا، ئۆزىنىڭ نام-ئابرويىنى قوغداشنى مۇھىمراق ھېسابلىغانىدى.—ئايۇپ 6:3؛ 13:4، 5؛ 32:2؛ 34:5.