بەت ئاستى ئىزاھاتى
a خۇدانىڭ خاس ئىسىمى ئۇيغۇرچە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ زەبۇر كىتابىدا بىرىنچى قېتىم تەخمىنەن 20-ئەسىردە چاغاتاي (1950-يىل نەشىر قىلىنغان) تەرجىمىسىدە كەلتۈرۈلگەن. زەبۇر 83:18-ئايىتىدە «يھواھ» شەكلىدە قوللىنىلغان (چاغاتاي يېزىقىدا «ئوا» ھەرىپلىرى قوشۇلۇپ يېزىلغاندا، «ۋ» ھەرىپىنى بىلدۈرۈپ، «ۋ» دەپ ئوقۇلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن «يھواھ» «يھۋاە» دەپ ئوقۇلىدۇ). ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇيغۇر تىلى ئۆزگەردى ۋە خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ تەلەپپۇزى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مەسىلەن، 2005-يىلى تۈركىيىدىكى «مۇقەددەس كىتاب» جەمئىيىتى نەشىر قىلغان ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتابنىڭ ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22-باب 14-ئايەتتە، خۇدانىڭ ئىسىمى«ياھۋە» دېگەن شەكىلدە قوللىنىلغان. مۇقەددەس كىتابنىڭ «مۇقەددەس كالام» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ زامانىۋىي تەرجىمىسىدە، ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22-باب 14-ئايەتتە، خۇدا ئىسىمى «ياھۋەھ» دېگەن شەكىلدە ئۇچرايدۇ.