43-ناخشا
ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
(1-كورىنتلىقلار 16:13)
1. ھوشيار ۋە چىڭ تۇر، قەيسەر بول،
غەيرەت-جاسارەتكە تول.
مەردانە، باتۇرلۇق ئاچار
جەڭدە غەلبىگە كەڭ يول.
قۇلاق سېلىپ مەسىھ سۆزىگە،
بويسۇنايلى ئۇنىڭ ئەمرىگە.
(قايتۇرما)
ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
تۇت مەڭگۈ توغرا، ھەق يول!
2. ھوشيار بول، قەتئىي سەگەك تۇر،
بويسۇنۇشقا تەييار تۇر.
ئاڭلا سادىق قۇل سۆزىنى؛
بۇ مەسىھ بۇيرۇقىدۇر.
ئاقساقاللار سۆزىنى ئاڭلا؛
ئۇلار كۆڭۈل بۆلەر قويلارغا.
(قايتۇرما)
ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
تۇت مەڭگۈ توغرا، ھەق يول!
3. ھوشيار تۇر، تىنچ-ئىتتىپاق بول،
قوغدا خۇدا سۆزىنى.
گەر دۈشمەن ھۇجۇم قىلسىمۇ،
تەۋرەنمەي ۋەز ئېيتايلى.
كەل! يەھۋانى بىرگە ماختايلى.
يېقىنلاشتى ئۇنىڭ چوڭ كۈنى!
(قايتۇرما)
ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
تۇت مەڭگۈ توغرا، ھەق يول!
(مەتتا 24:13؛ ئىبرانىيلار 13:7، 17؛ 1-پېترۇس 5:8-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).