16-ناخشا
قېچىپ بار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا!
(سەفنىيا 2:3)
1. ئەي كەمتەر، غەمكىنلەر يەھۋانى ئىزدە،
بۈگۈن ھەققانىي بولۇشنى قوغلا.
يەھۋانىڭ چوڭ غەزەپ كۈنى كەلگەندە،
قاچالايسەن پاناھ جايغا.
(قايتۇرما)
قېچىپ بار خۇدانىڭ شاھلىقىغا
ھەم قەتئىي ئۇنى قوللا.
خۇدا بېرەر بەر’كەت، پاناھلىق ساڭا،
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلا.
2. ھەقىقەت ۋە ئادالەتكە تەشنالار،
نە ئۈچۈن ھەر كۈن چېكىسەن ئازاب؟
مەسىھ ئەمرىنى تۇت، ئەزگەنلەردىن قاچ،
مىسكىن قەلبكە تەسەللىي تاپ.
(قايتۇرما)
قېچىپ بار خۇدانىڭ شاھلىقىغا
ھەم قەتئىي ئۇنى قوللا.
خۇدا بېرەر بەر’كەت، پاناھلىق ساڭا،
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلا.
3. قارا، خۇشاللىق بىلەن كۆتۈر باشنى؛
پادىشاھلىق كەلدى، كۆر ئىسپاتنى!
قارشى ئالغىن، يەھۋا ئەۋەتكەن نۇرنى؛
ھۆرمەت قىل ئۇلۇغ خۇدانى.
(قايتۇرما)
قېچىپ بار خۇدانىڭ شاھلىقىغا
ھەم قەتئىي ئۇنى قوللا.
خۇدا بېرەر بەر’كەت، پاناھلىق ساڭا،
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلا.
(زەبۇر 59:16؛ پەندى-نەسىھەت 18:10؛ 1-كورىنتلىقلار 16:13-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).