ياشلارنىڭ سوئاللىرى
چىنىقىشنى قانداقلارچە ئادەتكە ئايلاندۇرالايمەن؟
مەن نېمە ئۈچۈن چىنىقىشىم كېرەك؟
بەزى مەملىكەتلەردە ياشلار جىسمانىي جەھەتتىن پائال بولماي، چىنىقىشقا ئاز ۋاقىت بۆلۈپ، سالامەتلىكىنى خەۋپ-خەتەرگە تىكىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا بەدەننى مەشىقلەندۈرۈش پايدا ئەكېلىدۇ دەپ ئېيتىلغان (1-تىموتىي 4:8). تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ چىقىڭ:
چىنىقىش كەيپىئىتىڭىزنى ياخشىلىتالايدۇ. تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانغاندا، مېيەدىكى خىمىيالىك ماددىلار — يندورفىنلار بوشىتىلىدۇ، بۇ بولسا ئۆزىڭىزنى خاتىرجەم ۋە خۇشال ھېس قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. بەزىلىرى مەشىقلەرنى دېپرېسسىيا بىلەن كۈرىشىشنىڭ تەبىئىي يولى دەپ ئاتايدۇ.
«ئەتىگەندە بىرىنچى نۆۋەتتە يۈگۈرۈشكە چىقسام، كۈنۈم تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەم كۆڭۈللۈك بولىدۇ. يۈگۈرۈش كەيپىياتىمنى كۆتىرىدۇ» (رېگىنا).
چىنىقىش تاشقى كۆرۈنۈشىڭىزنى ياخشىلىتالايدۇ. تەڭپۇڭ مەشىقلەر سىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك، ساغلام ۋە ئۆزىڭىزگە ئىشەنچلىك بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
«مەن 10 قېتىم تارتىلىنالايمەن، نېمە دېگەن ياخشى! بىر يىل بۇرۇن مەن ھەتتا بىر قېتىممۇ تارتىلىنالماتتىم! ھەممىدىن مۇھىمى، مەن سالامەتلىكىمگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن» (ئولىۋىيا).
مەشىقلەر ھاياتىڭىزنى ئۇزارتالايدۇ. جىسمانىي تەرەپتىن پائال بولۇش يۈرەك-تومۇر ۋە نەپەس ئېلىش سىستېمىلىرىڭىزغا پايدا ئەكېلىدۇ. ئايروبىكا بىلەن شۇغۇللىنىش ئەرلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ئۆلۈمىگە ئاساسىي سەۋەبچى بولۇۋاتقان قان-تومۇر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.
«چىنىقىشنى كۈندىلىك ئادەتكە ئاينالدۇرغاندا، ياراتقۇچىمىزغا بىزگە بېرىلگەن بەدەننى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز» (جېسسىكا).
خۇلاسە: مەشىقلەر ھەم كەلگۈسىدە، ھەم ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆپ پايدا ۋە خۇشاللىق ئەكېلىدۇ. 22-ياشلىق تونيا مۇنداق دەيدۇ: «سىز «مەن شۇ سەيلىگە ياكى شۇ يۈگۈرۈشكە بارغىنىم بېكار بولدى» دەپ ھېچقاچان ئېيتمايسىز». ئۇ يەنە قوشۇپ: «بانە-سەۋەبلىرىمنى قويۇپ، مەشىقلەنگىنىمدە، بۇنىڭغا بىرمۇ قېتىم ئۆكۈنمىدىم».
ماشىنىغا كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز، ئۇ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. نەق شۇنىڭغا ئوخشاش، چىنىقمىسىڭىز، سالامەتلىكىڭىز ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
مېنى نېمە توساپ تۇرىدۇ؟
تۆۋەندە مۇمكىن بولىدىغان بىرنەچچە توسقۇنلۇق كەلتۈرۈلگەن:
قىزىقىشنىڭ يوقلىغى. «ياشلار بىر كۈنى قېرىغانلىقىنى ھېچ ئويلىمايدۇ. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھەتتا كەلگۈسىدە ئاغرىق بولىدىغانلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ قىيىن. ئۇلارنىڭ ئويىچە، سالامەتلىك مەسىلىلىرىگە پەقەت ياشانغانلار دۇچ كېلىدۇ» (سوفىيا).
ۋاقىتنىڭ يوقلىغى. «ئىشلىرىم چاچتىن تولا بولغاچقا، مەن ساغلام يېمەكلىك يېيىشكە ۋە يېتەرلىك ئۇيقىغا ئايرىم ۋاقىت بۆلۈشۈم كېرەك، ئەمما چىنىقىشقا ۋاقىت تېپىش تېخىمۇ كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدۇ» (كلارىسسا).
پۇلنىڭ يوقلىغى. «چىرايلىق بولۇش قىممەت كېلىدۇ، سەۋەبى سپورتزالغا بېرىش ئۈچۈن پۇل تۆلەش كېرەك» (ديىنا).
ويلىنىپ كۆرۈڭ:
سىزگە نېمە نەرسە توسالغۇلۇق قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇنى ھەل قىلىش بىراز كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما نەتىجىسى بۇنىڭغا ئەرزىيدۇ.
مەن چىنىقىشنى قانداقلارچە ئادەتكە ئايلاندۇرالايمەن؟
بەلكىم، سىزگە بۇ مەسلىھەتلەر ياردەم بېرەلەيدۇ:
سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن پەقەت ئۆزىڭىز جاۋاپكار (گالاتىيالىقلار 6:5).
باھانە تېپىشتىن خالى بولۇڭ (ۋەز 11:4). مەسىلەن، چىنىقىشنى باشلاش ئۈچۈن، سپورتزالغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزىڭىز ئامراق بولىدىغان بىر مەشىق تۈرىنى تاللاپ، ئۇنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ.
باشقىلار قانداق مەشىقلەرنى قىلىدىغانلىقىنى سوراڭ (پەندى-نەسىھەت 20:18).
چىنىقىش جەدۋىلىڭىز بولسۇن. مەخسەتلەرنى قويۇپ، ئالغا باسقانلىقىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ. بۇ سىزنى داۋاملىق ئالغا بېسىشقا دەۋەت قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 21:5).
بىللە چىنىقىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە شېرىكنى تېپىۋېلىڭ. ئۇ سىزنى مەشىقلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەپ، چىنىقىش جەدۋىلىنى تۇتۇشقا ياردەم بېرىدۇ (ۋەز 4:9، 10).
بەزىدە جەدۋىلىڭىزگە ئەمەل قىلىش قولۇڭىزدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما بەل قويۇۋەتمەڭ (پەندى-نەسىھەت 2:10).
تەڭپۇڭ بولۇڭ
مۇقەددەس كىتاب ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى ئادەتلىرىدە چېكىنى بىلىدىغان بولۇشقا ئۈندەيدۇ (1-تىموتىي 3:2، 11). شۇڭا، چىنىقىشقا نىسبەتەن تەڭپۇڭ بولۇڭ. بەزىلىرى ھەددىدىن زىيادە كۆپ چىنىقىپ، ئەقىلسىزلىق قىلىۋاتىدۇ. ياش دژۇلىيا مۇنداق دەپ ئېيتىدۇ: «يىگىت كېلىشكەن بولۇپ، كۈچى كۆپ بولسا، ئەمما ئەقلى يەتمىسە، بۇ ھېچكىمگە ياقمايدۇ».
شۇنداقلا سپورت بىلەن ھەددىدىن تاشقىرى شۇغۇللىنىشقا ئۈندەيدىغان مەسلىھەتلەردىن نېرى تۇرۇڭ. بۇنداق مەسلىھەتلەر سىزگە جىسمانىي تەرەپتىن زىيان كەلتۈرۈپ، مۇھىمراق نەرسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە توسالغۇ بولىدۇ (فىلىپىلىكلەر 1:10).
بۇنىڭدىن باشقا، سپورت بىلەن ھەددىدىن تاشقىرى شۇغۇللىنىشقا ئۈندەيدىغان مەسلىھەتلەر قارىمۇ-قارشى تەسىر قىلىشى ئېھتىمال. 21-ياشقا تولغان ۋېرا مۇنداق دەيدۇ: «كۆپلىگەن قىزلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان ۋە ئوخشاشنى خالايدىغان ئادەملەرنىڭ رەسىملىرىنى يىغىپ يۈرىدۇ ھەم ئۆزلىرىنى سپورت بىلەن شۇغۇللىنىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا قارايدۇ. ئەمما ئۆزلىرىنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالىدۇ. مەقسىتىڭىز تاشقى كۆرۈنۈشىڭىزنى ئەمەس، سالامەتلىكىڭىزنى ياخشىلىتىش بولۇشى لازىم».