كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئاخىر زاماندىكى «شىمال پادىشاھى»‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2020 | ماي
    • 19-‏تە‌تقىق ماقالىسى

      ئاخىر زاماندىكى «شىمال پادىشاھى»‏

      ‏«زامان ئاخىرى بولغاندا جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ئۇ‌نىڭغا [شىمال پادىشاھىغا] ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ».‏—‏دانىيال 11:‏40.‏

      49-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ پاناھگاھىمىز

      بۇ ماقالىدەa

      1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردىن نېمىلە‌رنى بىلە‌لە‌يمىز؟‏

      پات يېقىندا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى قانداق ۋە‌قە‌لە‌رگە دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏ بىز بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كېلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئالدىن-‏ئالا يېزىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دانىيال كىتابىنىڭ 11-‏بابىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردىن ئە‌ڭ كۈچلۈك ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلە‌لە‌يمىز.‏ بۇ بابتا بىر-‏بىرىگە قارىمۇ-‏قارشى بولغان ئىككى كۈچلۈك ھۆكۈمە‌ت،‏ يە‌نى جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرىنىڭ تارىخى توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى ئە‌مە‌لگە ئېشىپ بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ قالغان قىسىملىرىمۇ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

      2.‏ يارىتىلىش 3:‏15 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏7؛‏ 12:‏17-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ دانىيال يازغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى تە‌تقىق قىلغاندا،‏ نېمىنى يادىمىزدا تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

      2 دانىيال كىتابىنىڭ 11-‏بابىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ بىر نە‌رسىنى يادىمىزدا تۇ‌تۇ‌شىمىز لازىم:‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە بىۋاسىتە تە‌سىر قىلغان ھۆكۈمرانلار ھە‌ققىدە ئېيتىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى دۇ‌نيادىكى ئىنسانىيە‌ت بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ سانى بە‌ك ئاز بولسىمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لار ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ نىشانىغا ئايلانغان؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي مە‌قسىتى —‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا خىزمە‌ت قىلىدىغانلارنى بىتچىت قىلىشتۇ‌ر ‏(‏يارىتىلىش 3:‏15 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏7؛‏ 12:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يادىمىزدا تۇ‌تىدىغان يە‌نە بىر نە‌رسە —‏ دانىيال كىتابىدىكى بېشارە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقىمۇ بېشارە‌تلە‌رگە ماس كېلىشى كېرە‌ك.‏ دانىيال يازغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نى يازمىلاردىكى باشقا ئايە‌تلە‌ر بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش مۇ‌ھىم.‏

      3.‏ مۇ‌شۇ ۋە كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

      3 بۇ ماقالىدە،‏ دانىيال 11:‏25—‏39-‏ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ 1870-‏يىلدىن 1991-‏يىلغىچە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ۋە شىمال پادىشاھىنىڭ كىم بولغانلىقىنى ۋە پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ بۇ قىسىمىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك چۈشە‌نچىمىزنى نېمە ئۈچۈن ئۆزگە‌رتكە‌نلىكىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ دانىيال 11:‏40—‏12:‏1-‏ئايە‌تلە‌رنى ۋە بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ 1990-‏يىلدىن باشلاپ،‏ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىغىچە قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ مۇ‌شۇ ئىككى ماقالىنى ئوقۇ‌غىنىڭىزدا،‏ «‏ئاخىر زاماندىكى رىقابە‌تچى پادىشاھلار‏» دېگە‌ن رامكىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏ ئاۋۋال بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىدىكى ئىككى ھۆكۈمران كىمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

      ‏«جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى»نى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟‏

      4.‏ جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرىنى ئېنىقلاشقا قانداق ئۈچ نە‌رسە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

      4 ئىسرائىلنىڭ جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال تە‌رىپىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان قە‌دىمقى پادىشاھلار «جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى» دە‌پ ئاتالغان.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئېيتالايمىز؟‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رگە خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن پە‌رىشتىنىڭ نېمە دېگە‌نلىكىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئاخىرقى كۈنلە‌ردە سېنىڭ خە‌لقىڭنىڭ [خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ]‏ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشە‌ندۈرگىلى كە‌لدىم.‏ چۈنكى،‏ بۇ غايىبانە كۆرۈنۈش كە‌لگۈسىدىكى كۈنلە‌ر توغرىسىدىدۇ‌ر» (‏دانىيال 10:‏14)‏.‏ مىلادى 33-‏يىلى،‏ ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىغىچە ئىسرائىل خە‌لقى خۇ‌دانىڭ خە‌لقى بولغان.‏ ئە‌مما،‏ بۇ يىلدىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئە‌مدى ئۇ‌نىڭ خە‌لقى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ دانىيال كىتابىنىڭ 11-‏بابىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى ئىسرائىل خە‌لقىگە ئە‌مە‌س،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قارىتا ئېيتىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏1—‏4؛‏ رىملىقلار 9:‏6—‏8؛‏ گالاتىيا.‏ 6:‏15،‏ 16)‏.‏ تارىخقا نە‌زە‌ر سالساق،‏ جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى ئۆزگىرىپ تۇ‌رسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرنە‌چچە ئوخشاش تە‌رە‌پلىرى بولغان.‏ بىرىنچىدىن،‏ شۇ پادىشاھلار خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئە‌زگە‌ن.‏ ئىككىنچىدىن،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقى بىلە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ ئىككى پادىشاھ ھاكىمىيە‌ت ئۈچۈن بىر-‏بىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغان.‏

      5.‏ مىلادى 100—‏1870-‏يىللار ئارلىقىدىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر ياكى پادىشاھلار جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى بولغانمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

      5 مىلادى ئىككىنچى ئە‌سىردە،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى جامائە‌تلىرىدە ساختا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى پە‌يدا بولۇ‌شقا باشلىغانىدى.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا سۆزىدىكى تە‌لىملە‌رنى يوشۇ‌رۇ‌پ،‏ ساختا دىننىڭ تە‌لىملىرىنى ئۆگىتىشنى باشلىغان.‏ شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ،‏ 19-‏ئە‌سىرنىڭ ئاخىرىغىچە يە‌ر يۈزىدە خۇ‌دانىڭ تە‌شكىل قىلىنغان خە‌لقى بولمىغان.‏ ياۋايى چۆپلە‌ر،‏ يە‌نى ساختا مە‌سىھىيلە‌ر،‏ كۆپىيىپ كە‌تكە‌نلىكتىن،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرىنى ئېنىقلاش قىيىن بولغان (‏مە‌تتا 13:‏36—‏43‏)‏.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ مىلادى 100—‏1870-‏يىللار ئارلىقىدىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر ياكى پادىشاھلار جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌سلىكىنى ئېنىق بىلىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ شۇ چاغدا يە‌ر يۈزىدە خۇ‌دانىڭ تە‌شكىل قىلىنغان خە‌لقى بولمىغاچقا،‏ پادىشاھلار ئۇ‌لارغا ھۇ‌جۇ‌م قىلالمىغانb‏.‏ ئە‌مما،‏ 1870-‏يىلدىن كېيىن،‏ جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى قايتا پە‌يدا بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

      6.‏ خۇ‌دا خە‌لقى قايتىدىن بىر توپ سۈپىتىدە قاچان تە‌شكىللىنىشكە باشلىغان؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

      6 1870-‏يىلدىن تارتىپ،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى تە‌شكىل قىلىنىشقا باشلىغان.‏ شۇ يىلى چارلىز تېيىز راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ياردە‌مچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش گۇ‌رۇ‌پپىسىنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغان.‏ راسسېل بۇ‌رادە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ دوستلىرى ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغان «ئە‌لچى» بولغان ۋە مە‌سىھنىڭ پادىشاھلىقى تېخى كە‌لمىگە‌ندە «يول تە‌ييارلىغان» (‏مالاك.‏ 3:‏1)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ كىم ئىكە‌نلىكى قايتىدىن روشە‌ن بولغان!‏ شۇ چاغدا خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىگە قاتتىق تە‌سىر قىلغان كۈچلۈك دۆلە‌تلە‌ر بولغانمۇ؟‏ كېلىڭلار،‏ كۆرۈپ چىقايلى.‏

      جە‌نۇ‌ب پادىشاھى كىم؟‏

      7.‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىغىچە كىم جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بولغان؟‏

      7 1870-‏يىللىرى برىتانىيە باشقا دۆلە‌تلە‌رگە قارىغاندا كۆپرە‌ك جايلارنى باشقۇ‌رغان ۋە دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ كۈچلۈك ئە‌سكىرى كۈچكە ئىگە بولغان.‏ دانىيالنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىدە،‏ بۇ ئىمپېرىيە كىچىك مۈڭگۈز بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئۇ باشقا ئۈچ مۈڭگۈزنى،‏ يە‌نى فرانسىيە،‏ ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيىنى ئۆزىگە بويسۇ‌ندۇ‌رغان (‏دانىيال 7:‏7،‏ 8)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىغىچە برىتانىيە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بولغان.‏ دە‌ل شۇ ۋاقىتتا،‏ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ باي دۆلە‌تكە ئايلىنىپ،‏ برىتانىيە بىلە‌ن يېقىن ھە‌مكارلىشىشقا باشلىغان.‏

      8.‏ ئاخىر زاماندا كىم جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بولۇ‌پ كە‌لمە‌كتە؟‏

      8 بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا،‏ برىتانىيە بىلە‌ن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىرلىشىپ،‏ بە‌كمۇ كۈچلۈك ھە‌ربىي ئىتتىپاق قۇ‌رغان.‏ شۇ چاغدا برىتانىيە ۋە قوشما شتاتلار ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچى يە‌نى ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان.‏ دانىيال كىتابىدا يېزىلغاندە‌ك،‏ بۇ پادىشاھ «زور بىر قوشۇ‌ن»نى توپلىغان (‏دانىيال 11:‏25)‏.‏ ئاخىر زامان دە‌پ ئاتىلىدىغان كۈنلە‌ر داۋام قىلىۋاتقاندا ئانگلو-‏ئامېرىكا ئىمپېرىيىسى جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بولۇ‌پ كە‌لمە‌كتەc‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ شىمال پادىشاھى كىم بولغان؟‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نياۋىي ئىمپېرىيىسى ھە‌ققىدە نېمە يېزىلغان؟‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردە جە‌نۇ‌بىي پادىشاھ،‏ يە‌نى ئانگلو-‏ئامېرىكا بىرلە‌شمە ئىمپېرىيىسى ھە‌رتۈرلۈك تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن:‏

      • تۆمۈر ۋە سېغىز لاينىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان پۇ‌ت.‏

        تۆمۈر ۋە سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇ‌ت (‏دانىيال 2:‏41—‏43)‏

      • مۈڭگۈزلۈك مە‌خلۇ‌قنىڭ بېشى.‏ مۈڭگۈزلە‌ر ئارىسىدىن كۆزى ۋە ئاغزى بار يە‌نە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى.‏

        ۋە‌ھشىي مە‌خلۇ‌قنىڭ بېشىدىن ئۆسكە‌ن مۈڭگۈز (‏دانىيال 7:‏7،‏ 8)‏

      • ئون مۈڭگۈزلۈك،‏ يە‌تتە باشلىق مە‌خلۇ‌ق.‏

        مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى (‏ۋە‌ھىي.‏ 13:‏1)‏

      • ئىككى مۈڭگۈزى بار مە‌خلۇ‌ق.‏

        ئىككى مۈڭگۈزلۈك مە‌خلۇ‌ق (‏ۋە‌ھىي.‏ 13:‏11—‏15)‏

      • ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسىنى بىلدۈرىدىغان ھۆكۈمە‌ت بىنالىرى.‏

        ‏«ساختا پە‌يغە‌مبە‌ر»‏ (‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏20)‏

      شىمال پادىشاھى كىم؟‏

      9.‏ شىمال پادىشاھى قاچان قايتا پە‌يدا بولغان ۋە دانىيال 11:‏25-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

      9 1871-‏يىلى راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش گۇ‌رۇ‌پپىسىنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ شىمال پادىشاھى قايتىدىن پە‌يدا بولغان.‏ شۇ يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسى سېلىنغان.‏ بۇ‌نىڭغا ئوتتو فون بىسمارك چوڭ ھە‌سسە قوشقان.‏ بۇ ئىمپېرىيىنىڭ دە‌سلە‌پكى ئىمپېراتورى پروسىيە پادىشاھى ۋىلھېلىم I بولغان.‏ ئۇ بىسماركنى بىرىنچى باش ۋە‌زىرى قىلىپ تە‌يىنلىگە‌نd‏.‏ گېرمانىيە نە‌چچە ئون يىللار ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئافرىقا ۋە تىنچ ئوكياندىكى دۆلە‌تلە‌رنى باشقۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌ستە‌ملىكە قىلغۇ‌چى دۆلە‌تكە ئايلانغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ گېرمانىيە برىتانىيىدىن كۈچلۈكرە‌ك بولۇ‌شقا تىرىشقان ‏(‏دانىيال 11:‏25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى ئە‌ڭ كۈچلۈك ھە‌ربىي قوشۇ‌نلارنى ۋە ئىككىنچى چوڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇ‌رغان.‏ گېرمانىيە بۇ كۈچنى بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا دۈشمە‌نلىرىگە قارشى ئىشلە‌تكە‌ن.‏

      10.‏ دانىيال 11:‏25،‏ 26-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

      10 دانىيال ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىدە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌ربىي كۈچى بىلە‌ن نېمە بولىدىغانلىقىنى يازغان.‏ بېشارە‌تتە «شىمال پادىشاھى پۇ‌ت تىرە‌پ تۇ‌رالمايدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ «‏بە‌زىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا يوشۇ‌رۇ‌ن سۈيقە‌ست قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ داستىخىنىدىن ئېسىل تائاملارنى يېگە‌نلە‌ر ئۇ‌نى يىقىتىدۇ» (‏دانىيال 11:‏25،‏ 26)‏.‏ دانىيالنىڭ زامانىدا،‏ پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تاماق يېگە‌نلە‌ر ئارىسىدا «پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمە‌تكە» قويۇ‌لغان كىشىلە‌رمۇ بار ئىدى (‏دانىيال 1:‏5)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ بېشارە‌تتە،‏ گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى يۇ‌قىرى مە‌نسە‌پلىك كىشىلە‌ر،‏ يە‌نى ئىمپېراتورنىڭ گېنېراللىرى ۋە ھە‌ربىي مە‌سلىھە‌تچىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌سىرىدىن ئىمپېراتور ئۆز ھوقۇ‌قىدىن ئايرىلىپ،‏ گېرمانىيىدە يېڭى ھۆكۈمە‌ت پە‌يدا بولغانe‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردە شىمال پادىشاھىنىڭ جە‌نۇ‌ب پادىشاھىغا قارشى ئۇ‌رۇ‌شىنىڭ نە‌تىجىسى يېزىلغان:‏ «ئۇ‌نىڭ قوشۇ‌نى سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر ئۆلتۈرۈلىدۇ» (‏دانىيال 11:‏26)‏.‏ ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا گېرمانىيە ئە‌سكە‌رلىرى سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌ر ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن بۇ‌رۇ‌ن تارىختا شۇ‌نچە كۆپ قان تۆكۈلگە‌ن ئۇ‌رۇ‌ش بولۇ‌پ باقمىغانىدى.‏

      11.‏ دانىيال 11:‏27،‏ 28-‏ئايە‌تلە‌رگە ماس،‏ جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بىلە‌ن شىمال پادىشاھى نېمە قىلغان؟‏

      11 دانىيال 11:‏27،‏ 28-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن بۇ‌رۇ‌ن نېمە يۈز بېرىدىغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە،‏ شىمال پادىشاھى بىلە‌ن جە‌نۇ‌ب پادىشاھى «بىر داستىخاندا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ .‏ .‏ .‏ بىر-‏بىرىگە يالغان سۆزلە‌يدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ شۇ‌نداقلا،‏ شىمال پادىشاھى «ناھايىتى كۆپ غە‌نىمە‌تلە‌ر» توپلايدىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ بۇ دە‌ل شۇ‌نداق بولغان.‏ گېرمانىيە بىلە‌ن برىتانىيە ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشنى ۋە‌دە قىلىشقان بولسىمۇ،‏ 1914-‏يىلى ئۇ‌رۇ‌ش باشلانغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ يالغان سۆزلىگە‌نلىكى ئاشكارا بولغان.‏ 1914-‏يىلغىچە گېرمانىيە بە‌ك باي بولۇ‌پ،‏ ئىقتىسادى تە‌رە‌پتىن دۇ‌نيادىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلە‌تكە ئايلانغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ دانىيال 11:‏29 ۋە 30-‏ئايە‌تنىڭ بىرىنچى قىسمىدىكى سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئېشىپ،‏ گېرمانىيە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بىلە‌ن جە‌ڭ قىلغان،‏ لېكىن مە‌غلۇ‌پ بولغان.‏

      پادىشاھلار خۇ‌دا خە‌لقىگە قارشى چىقىدۇ

      12.‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى نېمە قىلغان؟‏

      12 1914-‏يىلدىن باشلاپ،‏ ئىككى پادىشاھ بىر-‏بىرىگە ۋە خۇ‌دا خە‌لقىگە تېخىمۇ قاتتىق قارشى تۇ‌رۇ‌شقا باشلىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 1-‏دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ،‏ برىتانىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇ‌رۇ‌شقا قاتنىشىش ۋە ئادە‌م ئۆلتۈرۈشنى رە‌ت قىلغان خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىگە زىيانكە‌شلىك قىلغان.‏ قوشما شتاتلاردا بولسا،‏ ۋە‌ز ئىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلغانلار تۈرمىگە تاشلانغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏7—‏10-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرى ئە‌مە‌لگە ئاشقان.‏

      13.‏ 1930-‏يىللىرى ۋە ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا شىمال پادىشاھى نېمە قىلغان؟‏

      13 1933-‏يىلدىن كېيىن،‏ بولۇ‌پمۇ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا،‏ شىمال پادىشاھى خۇ‌دا خە‌لقىگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىزلىك بىلە‌ن ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ گېرمانىيىدە ناتسىستلار پارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ،‏ گىتلېر ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌رە‌پدارلىرى خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ پائالىيىتىنى مە‌نئىي قىلغان.‏ شىمال پادىشاھى يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىدىن تە‌خمىنە‌ن 1500 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ،‏ نە‌چچە مىڭلىغانلىرىنى دە‌ھشە‌تلىك جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغان.‏ بۇ توغرىلىقمۇ دانىيال كىتابىدا يېزىلغان.‏ شىمال پادىشاھى ۋە‌ز پائالىيىتىنى مە‌نئىي قىلىپ،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س ئىبادە‌تخانىنى بۇ‌لغاپ»،‏ «قۇ‌ربانلىق سۇ‌نۇ‌ش ئادىتىنى» ئە‌مە‌لدىن قالدۇ‌رغان (‏دانىيال 11:‏30،‏ 31)‏.‏ گىتلېر ھە‌تتا گېرمانىيىدىكى بارلىق خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ بىرىنى قويماي يوق قىلىۋېتىشنى ۋە‌دە قىلغان.‏

      يېڭى شىمال پادىشاھى

      14.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن كىم شىمال پادىشاھى بولغان؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

      14 ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن،‏ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇ‌نىست ھاكىمىيىتى شىمال پادىشاھىغا ئايلانغان.‏ ئۇ بۇ‌رۇ‌ن گېرمانىيىگە مە‌نسۇ‌پ بولغان نۇ‌رغۇ‌ن رايونلارنى باشقۇ‌رۇ‌شقا باشلىغان.‏ گېرمانىيىدىكى ھاكىم مۇ‌تلە‌قچى ناتسىست ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش،‏ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ھە‌م ھۆكۈمە‌تكە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆز ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغانلارنىڭ ھە‌ممىسىگە رە‌ھىمسىزلارچە زىيانكە‌شلىك قىلغان.‏

      15.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،‏ شىمال پادىشاھى قانداق يول تۇ‌تقان؟‏

      15 ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ يېڭى شىمال پادىشاھى —‏ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى —‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏15—‏17-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىش «دە‌ريا» بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مىڭلىغان خىزمە‌تچىلىرى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئاخىر زامان مە‌زگىلىدە،‏ شىمال پادىشاھى خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە بارغانسېرى كۆپلە‌پ زىيانكە‌شلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىشىنى ھېچقاچان توختىتالمايدۇf‏.‏

      16.‏ سوۋېت ئىتتىپاقى دانىيال 11:‏37—‏39-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغان؟‏

      16 دانىيال 11:‏37—‏39-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ شىمال پادىشاھى قانداق «ئاتا-‏بوۋىلىرى چوقۇ‌نغان كە‌لگە‌ن ئىلاھلارغا ھۆرمە‌ت قىلمايدۇ».‏ سوۋېت ئىتتىپاقى دىنلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ۋە‌يران قىلماقچى بولۇ‌پ،‏ ئە‌نئە‌نىۋى دىنىي تە‌شكىلاتلارنىڭ كۈچىنى يوق قىلىشقا تىرىشقان.‏ بۇ مە‌قسىتىگە يېتىش ئۈچۈن،‏ سوۋېت ئىتتىپاقى 1918-‏يىلنىڭ بېشىدا،‏ مە‌كتە‌پلە‌ردە ئاتېئىزم،‏ يە‌نى خۇ‌دا يوق دېگە‌ن تە‌لىمنى ئۆگىتىشنى قارار قىلغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قانداق قىلىپ شىمال پادىشاھى ‹قورغانلارنىڭ ئىلاھىنى ئۇ‌لۇ‌غلىغان›؟‏ سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلۈك ھە‌ربىي قوشۇ‌ن قۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بە‌كمۇ كۆپ پۇ‌ل خە‌جلىگە‌ن ۋە ئۆز ھاكىميىتىنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن يادرو قورال-‏ياراقلىرىنى ئىشلە‌پ چىقارغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ شىمال پادىشاھىمۇ،‏ جە‌نۇ‌ب پادىشاھىمۇ مىلياردلىغان ئىنسانلارنى ھالاك قىلالايدىغان ناھايىتى كۈچلۈك قورال-‏ياراقلارنى توپلىغان!‏

      ئىككى پادىشاھنىڭ ھە‌مكارلىشىشى

      17.‏ ۋە‌يرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نە‌رسە› دېگىنىمىز نېمە؟‏

      17 گە‌رچە شىمال پادىشاھى ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ئۇ‌زاق ۋاقىتتىن بېرى بىر-‏بىرى بىلە‌ن قارشىلاشقان بولسىمۇ،‏ مۇ‌ھىم بىر مە‌سىلىدە ھە‌مكارلاشقان ئىدى،‏ يە‌نى ئۇ‌لار «ۋە‌يرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نە‌رسىنى تىكلە‌پ» تۇ‌رغۇ‌زغان (‏دانىيال 11:‏31)‏.‏ بۇ «يىرگىنچلىك» نە‌رسە —‏ بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتى.‏

      18.‏ بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتى نېمە ئۈچۈن «يىرگىنچلىك» نە‌رسىدە‌ك تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏

      18 بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتى نېمە ئۈچۈن «يىرگىنچلىك» نە‌رسىدە‌ك تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ پە‌قە‌ت خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايدىغان نە‌رسىنى،‏ يە‌نى پۈتۈن دۇ‌نيادا ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ئورنىتىشقا ئۇ‌رۇ‌نىۋاتىدۇ.‏ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردە،‏ يە‌نە يىرگىنچلىك بىر نە‌رسە «ۋە‌يرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان»لىقى تىلغا ئېلىنغان.‏ چۈنكى،‏ بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتى بارلىق ساختا دىنلارنى يوق قىلىشتا ئاساسىي رولنى ئوينايدىغان بولىدۇ.‏—‏«‏ئاخىر زاماندىكى رىقابە‌تچى پادىشاھلار‏» ناملىق جە‌دۋە‌لگە قاراڭ.‏

      بۇ‌نى نېمە ئۈچۈن بىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

      19،‏ 20.‏ (‏1)‏ ئىككى پادىشاھ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدىن قايسى سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز؟‏

      19 ئىككى پادىشاھ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ چۈنكى،‏ بۇ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقانلىرى 1870-‏يىلدىن باشلاپ 1991-‏يىلغىچە ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ قالغان قىسىمى ھە‌م چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

      20 سوۋېت ئىتتىپاقى 1991-‏يىلى غۇ‌لاپ چۈشكە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۈگۈنكى كۈندە شىمال پادىشاھى كىم؟‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى كېيىنكى ماقالىدىن تاپالايمىز.‏

      قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

      • «شىمال پادىشاھى» ۋە «جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» كىم ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلاشقا قايسى ئۈچ نە‌رسە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

      • 1870-‏يىلدىن 1991-‏يىلغىچە،‏ كىملە‌ر شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى بولغان؟‏

      • ئىككى پادىشاھ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

      24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا

      a دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر يازغان «جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى» توغرۇ‌لۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر تېخىغىچە ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن بۇ بېشارە‌تنى چۈشىنىشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

      b بۇ يە‌ردە كە‌لتۈرۈلگە‌ن سە‌ۋە‌بنى ئە‌ستە تۇ‌تساق،‏ رىم ئىمپېراتورى ئاۋرېلىئان (‏ب.‏م.‏ 270—‏275)‏ «شىمال پادىشاھى» ھە‌مدە زېنوبىيا خانىش (‏ب.‏م.‏ 267—‏272)‏ «جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» بولغان دە‌پ ئېيتىش مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن بولمايتتى.‏ «‏دانىيالنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىگە كۆڭۈل قويۇ‌ڭلار» (‏باشقا تىلدا)‏ كىتابىنىڭ 13،‏ 14-‏بابلىرىدا‏،‏ يېڭى چۈشە‌نچىمىز يېزىلغان.‏

      c ‏«‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچى،‏ يە‌نى ئىمپېرىيىسى ھە‌ققىدە نېمە يېزىلغان؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

      d ‏1890-‏يىلى،‏ ئىمپېراتور ۋىلھېلىم II بىسماركنى ھوقۇ‌قىدىن ئېلىپ تاشلىغان.‏

      e ئۇ‌لار ھۆكۈمە‌تنى چاپسان غۇ‌لىتىۋېتىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئىمپېراتورنى قوللاشنى توختىتىپ،‏ ئۇ‌رۇ‌شقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌خپىي مە‌لۇ‌ماتلارنى باشقىلارغا ئاشكارا قىلغان ۋە ئىمپېراتورنى ھوقۇ‌قىدىن ۋاز كېچىشكە مە‌جبۇ‌ر قىلغان.‏

      f دانىيال 11:‏34-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ شىمال پادىشاھى بە‌زىدە ئاز ۋاقىتقا خۇ‌دا خە‌لقىگە زىيانكە‌شلىك قىلىشنى توختاتقان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 1991-‏يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇ‌لاپ چۈشكە‌ندە شۇ‌نداق بولغان.‏

  • بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2020 | ماي
    • 20-‏تە‌تقىق ماقالىسى

      بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟‏

      ‏«شۇ چاغدا ئۇ‌نىڭ ئە‌جىلى توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رمە‌يدۇ».‏—‏دانىيال 11:‏45.‏

      43-‏ناخشا ھوشىيار،‏ مە‌ھكە‌م ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

      بۇ ماقالىدەa

      1،‏ 2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

      بىز ئاخىر زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتىمىز ۋە بۇ‌نىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرى ناھايىتى كۆپ.‏ پات يېقىندا يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ساماۋى پادىشاھلىققا قارشى چىققان ھە‌ممە ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏ بۇ ۋە‌قە يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى ئۆزئارا بىر-‏بىرىگە ۋە خۇ‌دا خە‌لقىگە قارشى دۈشمە‌نلىشىشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ.‏

      2 بۇ ماقالىدە دانىيال 11:‏40—‏12:‏1-‏دىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىز شىمال پادىشاھىنىڭ ھازىر كىم ئىكە‌نلىكىنى ۋە قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر نېمە ئۈچۈن خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرىمىز.‏

      يېڭى شىمال پادىشاھى

      3،‏ 4.‏ بۈگۈنكى كۈندە شىمال پادىشاھى كىم؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

      3 1991-‏يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇ‌لىغاندىن كېيىن،‏ بۇ‌رۇ‌ن ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بىر مە‌زگىل ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولغان ئىدى.‏ دانىيال بۇ ئە‌ركىنلىكنى ‹ئازغىنە ياردە‌م› دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن (‏دانىيال 11:‏34)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار ئە‌ركىن-‏ئازادە ۋە‌ز قىلالىغان.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي سوۋېت ئىتتىپاقىنى تە‌شكىل قىلغان دۆلە‌تلە‌ردە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ سانى بىرقانچە يۈز مىڭغا كۆپە‌يگە‌ن.‏ بىراق،‏ يىللار ئۆتۈپ،‏ روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىرلىشىپ شىمال پادىشاھىغا ئايلانغان.‏ ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ بىر ھۆكۈمە‌ت شىمالىي ياكى جە‌نۇ‌ب پادىشاھىنىڭ رولىنى ئويناش ئۈچۈن ئۈچ نە‌رسىنى قىلىشى،‏ يە‌نى (‏1)‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە بىۋاسىتە تە‌سىر قىلىشى،‏ (‏2)‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنىڭ دۈشمىنى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشى ۋە (‏3)‏ ئۆزئارا بىر-‏بىرىگە قارشى چىقىشى كېرە‌ك.‏

      4 روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمال پادىشاھى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغان سە‌ۋە‌بلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏ (‏1)‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز ئىشىنى مە‌نئىي قىلىش ئارقىلىق خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ (‏2)‏ بۇ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن ئۇ‌لار خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ (‏3)‏ روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى برىتانىيە ۋە قوشما شتاتلاردىن شە‌كىللە‌نگە‌ن جە‌نۇ‌ب پادىشاھىدىن كۈچلۈكرە‌ك بولۇ‌شقا تىرىشىۋاتىدۇ.‏ ھازىر روسىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئۇ‌لارنىڭ شىمال پادىشاھى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى كۆرە‌يلى.‏

      پادىشاھلار بىر-‏بىرىگە قارشى چىقماقتا

      5.‏ دانىيال 11:‏40—‏43-‏ئايە‌تلە‌ردە قايسى ۋاقىت توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان ۋە شۇ ۋاقىتتا نېمە يۈز بېرىدۇ؟‏

      5 دانىيال 11:‏40—‏43-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردە زاماننىڭ ئاخىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان.‏ بۇ ئۈزۈندىدە شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى ئۆزئارا رىقابە‌تلىشىدىغانلىقىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌لغان.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئېيتقاندە‌ك،‏ زاماننىڭ ئاخىرىدا جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى بىر-‏بىرىگە «ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ».‏—‏دانىيال 11:‏40.‏

      6.‏ ئىككى پادىشاھ بىر-‏بىرىگە قانداق «ھۇ‌جۇ‌م قىلىۋاتىدۇ»؟‏

      6 شىمالىي ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ كۈچلۈك ھۆكۈمە‌ت بولۇ‌ش ئۈچۈن بىر-‏بىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلماقتا.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ياۋرۇ‌پادىكى كۆپلىگە‌ن دۆلە‌تلە‌رگە تە‌سىر قىلىشنى باشلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ شىمال پادىشاھىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن جە‌نۇ‌ب پادىشاھى باشقا دۆلە‌تلە‌ر بىلە‌ن خە‌لقئارا ھە‌ربىي ئىتتىپاق قۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بىر ئە‌ھدە تۈزگە‌ن.‏ بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئە‌ھدى تە‌شكىلاتى دە‌پ ئاتالغان.‏ شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى بىر-‏بىرى بىلە‌ن رىقابە‌تلىشىپ،‏ ھە‌ربىي كۈچلىرىنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن بە‌ك كۆپ پۇ‌ل سە‌رپ قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لار ئافرىقا،‏ ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئۇ‌رۇ‌شلاردا بىر-‏بىرىنىڭ دۈشمە‌نلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئارقىلىق بىر-‏بىرىگە قارشى كۈرە‌ش قىلغان.‏ مۇ‌شۇ يېقىنقى يىللاردا،‏ روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ناھايىتى كۈچىيىپ،‏ پۈتۈن دۇ‌نياغا قاتتىق تە‌سىر قىلماقتا.‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرى بىلە‌ن كومپيۇ‌تېر تور ئۇ‌رۇ‌شى قىلماقتا.‏ پادىشاھلار كومپيۇ‌تېر پروگراممىلىرىدىن پايدىلىنىپ،‏ ئۆز دۆلە‌تلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تۈزۈملىرىگە زىيان يە‌تكۈزدى،‏ دە‌پ بىر-‏بىرىنى ئە‌يىبلە‌يدۇ.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئالدىن-‏ئالا يازغاندە‌ك،‏ شىمال پادىشاھى خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏—‏دانىيال 11:‏41.‏

      شىمال پادىشاھى «گۈزە‌ل زېمىنغا بېسىپ كىرىدۇ»‏

      7.‏ «ئە‌ڭ گۈزە‌ل زېمىن» دېگە‌ن نېمە؟‏

      7 دانىيال 11:‏41-‏ئايە‌تتە،‏ شىمال پادىشاھى «گۈزە‌ل زېمىنغا بېسىپ كىرىدۇ» دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ قانداق زېمىن؟‏ قە‌دىمدە ئىسرائىل «ئە‌ڭ گۈزە‌ل زېمىن» بولۇ‌پ ھېسابلانغان (‏ھە‌زە‌ك.‏ 20:‏6)‏.‏ بۇ زېمىن نېمە ئۈچۈن گۈزە‌ل دە‌پ ئاتالغان؟‏ چۈنكى،‏ بۇ يە‌ردە خە‌لقلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ بىراق،‏ مىلادى 33-‏يىلى ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدىن تارتىپ،‏ بۇ «گۈزە‌ل زېمىن» قانداقتۇ بىر ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى جاينى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىغا تارقالغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ «گۈزە‌ل زېمىن» —‏ خۇ‌دا خە‌لقى ھە‌ق خۇ‌دا يە‌ھۋاغا قىلىدىغان ئىبادە‌تنى،‏ شۇ جۈملىدىن جامائە‌ت يىغىلىشلىرى بىلە‌ن ۋە‌ز ئىشىغا قاتنىشىشنى بىلدۈرىدۇ.‏

      8.‏ شىمال پادىشاھى «گۈزە‌ل زېمىنغا» قانداق ھۇ‌جۇ‌م قىلغان؟‏

      8 ئاخىر زامان باشلانغاندىن بۇ‌يان،‏ شىمال پادىشاھى «گۈزە‌ل زېمىنغا» قايتا-‏قايتا ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ناتسىست گېرمانىيىسى،‏ بولۇ‌پمۇ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى مە‌زگىلىدە شىمال پادىشاھى بولغاندا،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە زىيانكە‌شلىك قىلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىنى ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن،‏ سوۋېت ئىتتىپاقى شىمال پادىشاھىغا ئايلانغاندا،‏ ئۇ‌مۇ «گۈزە‌ل زېمىنغا» بېسىپ كىرىپ،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغان ۋە ئۇ‌لارنى سۈرگۈن قىلغان.‏

      9.‏ يېقىنقى يىللاردا روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى «گۈزە‌ل زېمىنغا» قانداق بېسىپ كىرگە‌ن؟‏

      9 يىقىنقى يىللاردا روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ «گۈزە‌ل زېمىنغا» بېسىپ كىرگە‌ن.‏ قانداق قىلىپ؟‏ 2017-‏يىلى روسىيە ھۆكۈمىتى خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ پائالىيىتىنى مە‌نئىي قىلىپ،‏ بە‌زى ئېتىقادداشلىرىمىزنى تۈرمىگە تاشلىغان.‏ يە‌نە ماتېرىياللىرىمىزنى،‏ شۇ جۈملىدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نى مە‌نئىي قىلغان.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ روسىيە‌دىكى بە‌يتە‌لنى،‏ ئىبادە‌ت زاللىرى ۋە چوڭ يىغىلىش سارايلىرىنى تارتىۋالغان.‏ بۇ ۋە‌قە‌لە‌ردىن كېيىن،‏ 2018-‏يىلى يېتە‌كچى كېڭە‌ش روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ شىمال پادىشاھى ئىكە‌نلىكىنى ئېلان قىلغان.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى مە‌يلى قانچىلىك ئېغىر زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لسىمۇ،‏ ھۆكۈمە‌تكە قارشى چىقمايدۇ ياكى ئۇ‌نى غۇ‌لىتىشقا تىرىشمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ «بارلىق مە‌رتىۋىلىك ئە‌مە‌لدارلار ئۈچۈن»،‏ بولۇ‌پمۇ ئە‌ركىن-‏ئازادە ئىبادە‌ت قىلىشقا تە‌سىر قىلىدىغان قارارنى چىقىرىۋاتقاندا،‏ دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏—‏1-‏تىموت.‏ 2:‏1،‏ 2.‏

      شىمال پادىشاھى جە‌نۇ‌ب پادىشاھىنى يېڭىۋالامدۇ؟‏

      10.‏ شىمال پادىشاھى جە‌نۇ‌ب پادىشاھىنى مە‌غلۇ‌پ قىلامدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

      10 دانىيال 11:‏40—‏45-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى ئاساسلىقى شىمال پادىشاھى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ئۈستىدىن غە‌لىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا بارلىق ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلغاندا،‏ جە‌نۇ‌ب پادىشاھى تېخى مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏20)‏.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچىمىز كامىل؟‏ كېلىڭلار،‏ دانىيال ۋە ۋە‌ھىي كىتابلىرىدىكى بېشارە‌تلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏

      تاغدىن چۈشۈپ كېلىۋاتقان چوڭ بىر تاش مېتالدىن ياسالغان يوغان ھە‌يكە‌لنىڭ پۇ‌تىغا سوقۇ‌لىۋاتىدۇ.‏

      ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى تە‌سۋىرلە‌يدىغان چوڭ بىر تاش ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنى بىلدۈرىدىغان ھە‌يكە‌لنى ۋە‌يران قىلىدۇ (‏11-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

      11.‏ دانىيال 2:‏43—‏45-‏ئايە‌تتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

      11 دانىيال 2:‏43—‏45-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دا خە‌لقىگە تە‌سىر قىلىدىغان ھە‌رتۈرلۈك ھۆكۈمە‌تلە‌رنى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ شۇ ھۆكۈمە‌تلە‌ر يوغان ھە‌يكە‌لنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىمى ئارقىلىق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ئاخىرقى ھۆكۈمە‌ت ھە‌يكە‌لنىڭ تۆمۈر ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان پۇ‌تلىرى سۈپىتىدە تە‌سىرلە‌نگە‌ن.‏ بۇ —‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسى.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسى يە‌نىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بارلىق ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنى ۋە‌يران قىلىدۇ.‏

      12.‏ مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن دىققە‌تكە سازاۋە‌ر؟‏

      12 ئە‌لچى يۇ‌ھاننامۇ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۇ‌نيا كۈچلىرىنى تىلغا ئالغان.‏ يۇ‌ھاننا بۇ ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يە‌تتە بېشى بار مە‌خلۇ‌قتە‌ك تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسىنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ دىققە‌تكە سازاۋە‌ر،‏ چۈنكى ۋە‌ھىي كىتابىدا مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌نە باشقا باشلىرى ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلمىغان.‏ دېمە‌ك،‏ مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى يە‌نىلا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقاندا،‏ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى قوشۇ‌نى بىرلىكتە مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىدۇb‏.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 13:‏1،‏ 2؛‏ 17:‏13،‏ 14.‏

      شىمال پادىشاھى پات ئارىدا نېمە قىلىدۇ؟‏

      13،‏ 14.‏ يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈج دېگە‌ن كىم ۋە ئۇ خۇ‌دا خە‌لقىگە نېمە ئۈچۈن ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ؟‏

      13 ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌ر شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى يوق بولۇ‌شتىن ئاۋۋال،‏ قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن ئىكە‌نلىكىنى يازغان.‏ ھە‌زە‌كىيال 38:‏10—‏23؛‏ دانىيال 2:‏43—‏45؛‏ 11:‏44—‏12:‏1 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 16:‏13—‏16،‏ 21-‏ئايە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىدە بىر ۋە‌قە توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا تۆۋە‌ندىكى ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىدۇ،‏ دە‌پ ئېيتالايمىز.‏

      14 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلىنىپ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ «يە‌رنىڭ پادىشاھلىرى» يىغىلىپ،‏ دۆلە‌تلە‌ر ئىتتىپاقىنى قۇ‌رىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 16:‏13،‏ 14؛‏ 19:‏19)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ بۇ ئىتتىپاق «ماگوگ زېمىنىدىكى .‏ .‏ .‏ گوگ» ياكى «يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈج»،‏ دە‌پ ئاتالغان (‏ھە‌زە‌كىيال 38:‏2)‏.‏ دۆلە‌تلە‌ر ئىتتىپاقى خۇ‌دا خە‌لقىنى تامامە‌ن يوق قىلىش ئۈچۈن ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ‌نى قىلىشىغا نېمە سە‌ۋە‌ب بولىدۇ؟‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا شۇ مە‌زگىل ھە‌ققىدە ئېيتقاندا،‏ خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرى ئۈستىگە يوغان مۆلدۈر ياققانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ بۇ سىمۋوللۇ‌ق مۆلدۈر خۇ‌دانىڭ خە‌لقى جاكارلايدىغان بە‌ك ئېغىر ھۆكۈم خە‌ۋىرىنى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ گوگنىڭ خۇ‌دا خە‌لقىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ھۇ‌جۇ‌م قىلىشىغا دە‌ل شۇ خە‌ۋە‌ر سە‌ۋە‌ب بولىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 16:‏21.‏

      15،‏ 16.‏ (‏1)‏ دانىيال 11:‏44،‏ 45-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ شىمال پادىشاھى ۋە يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈجنى بىلدۈرىدىغان باشقا ھۆكۈمە‌تلە‌رگە نېمە بولىدۇ؟‏

      15 دانىيال 11:‏44،‏ 45‏-‏ئايە‌تلە‌ردە ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ يېزىلغان سۆزلە‌رمۇ ھۆكۈم خە‌ۋىرى ۋە خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرى قىلىدىغان ئاخىرقى ھۇ‌جۇ‌منى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر «شە‌رق ۋە شىمالدىن كە‌لگە‌ن» خە‌ۋە‌رلە‌ر شىمال پادىشاھىنىڭ چىشىغا تېگىدىغانلىقىنى ۋە «تېخىمۇ دە‌رغە‌زە‌پ» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ شىمال پادىشاھى «نۇ‌رغۇ‌ن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمە‌ن دە‌پ جە‌ڭ قوزغايدۇ».‏ بۇ ئايە‌تتىكى «نۇ‌رغۇ‌ن» دېگە‌ن سۆز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىنc‏.‏ بە‌لكىم،‏ دانىيال بۇ يە‌ردە خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىگە قىلىنىدىغان ئاخىرقى ھۇ‌جۇ‌منى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏

      16 شىمال پادىشاھى بىلە‌ن باشقا ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ بۇ ھۇ‌جۇ‌مى ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دانىڭ غە‌زىپىنى قوزغايدۇ.‏ شۇ چاغدا ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى باشلىنىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 16:‏14،‏ 16)‏.‏ شىمال پادىشاھى ۋە يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈجنى بىلدۈرىدىغان باشقا ھۆكۈمە‌تلە‌ر يوق قىلىنىدۇ ۋە «ھېچكىم ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رمە‌يدۇ».‏—‏دانىيال 11:‏45.‏

      ئاق ئاتقا مىنىپ كېلىۋاتقان ئە‌يسا ئوق ئېيتىشقا تە‌ييار.‏ باشقا پە‌رىشتىلە‌ر ئاق ئاتلارغا مىنىپ،‏ قوللىرىدا قىلىچ تۇ‌تىۋاتىدۇ.‏

      ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى قوشۇ‌نى شە‌يتاننىڭ رە‌زىل دۇ‌نياسىنى يوق قىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى ئازاد قىلىدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

      17.‏ دانىيال 12:‏1-‏ئايە‌تتە،‏ ئۇ‌لۇ‌غ ئە‌مىر دە‌پ ئاتالغان مىكائىل،‏ ئۇ كىم؟‏ ھازىر ئۇ نېمە قىلماقتا ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمە قىلىدۇ؟‏

      17 دانىيال 12:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ ئايە‌تتىن شىمال پادىشاھى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى قانداق يوق قىلىنىدىغانلىقى ۋە بىزنىڭ قانداق قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدىغانلىقىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلە‌لە‌يمىز.‏ ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ مىكائىل —‏ ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پادىشاھىمىز مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ باشقا ئىسىمى.‏ 1914-‏يىلى ئاسماندا خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئورنىتىلغاندىن بېرى،‏ ئۇ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنى قوغدىماقتا.‏ پات ئارىدا ئۇ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا «مە‌يدانغا چىقىدۇ»،‏ يە‌نى دۈشمە‌نلىرىنى يوق قىلىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌رۇ‌ش دانىيال ئېيتىپ كە‌تكە‌ن تارىختا ھېچقاچان بولمىغان بالايىئاپە‌تلىك مە‌زگىلنىڭ يۇ‌قىرى پە‌للىسىدىكى ئاخىرقى ۋە‌قە بولىدۇ.‏ ۋە‌ھىي كىتابىدىكى يۇ‌ھاننا يازغان بۇ ئۇ‌رۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ ئالدىدىكى بىر مە‌زگىل ۋاقىت «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» دە‌پ ئاتالغان.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 6:‏2؛‏ 7:‏14.‏

      ئىسىمىڭىز «ھاياتلىق دە‌پتىرىگە» يېزىلامدۇ؟‏

      18.‏ نېمە ئۈچۈن كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ردىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

      18 بىز كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ۋە‌قە‌لە‌رگە ئىشە‌نچ بىلە‌ن يۈزلىنىشىمىز لازىم.‏ چۈنكى،‏ دانىيال،‏ يۇ‌ھاننا ھە‌ر ئىككىسى ئۆتمۈشتە ھېچقاچان بولۇ‌پ باقمىغان دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت ۋاقىتتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھكە خىزمە‌ت قىلىدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئامان قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر پە‌قە‌ت ئىسىملىرى «ھاياتلىق دە‌پتىرىگە» يېزىلغانلار قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏دانىيال 12:‏1)‏.‏ بىزنىڭ ئىسىمىمىز شۇ دە‌پتە‌رگە يېزىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بىز خۇ‌دانىڭ قوزىسى ئە‌يساغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىشىمىز كېرە‌ك (‏يۇ‌ھاننا 1:‏29)‏.‏ ئۆزۈمىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشىمىز زۆرۈر (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏21)‏.‏ شۇ‌نداقلا قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە،‏ باشقىلارنىڭ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بېرىپ،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى چوقۇ‌م كۆرسىتىشىمىز لازىم.‏

      19.‏ ھازىر نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

      19 ھازىر يە‌ھۋاغا ۋە ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلە‌ردىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدىغان ۋە خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان ۋاقىت.‏ شۇ‌نداق قىلىدىغان بولساق،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرىنى يە‌ر يۈزىدىن يوق قىلغان چاغدا،‏ بىز ئامان قالىمىز.‏

      قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

      • بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟‏

      • شىمال پادىشاھى «گۈزە‌ل زېمىنغا» قانداق ھۇ‌جۇ‌م قىلغان؟‏

      • پات ئارىدا شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرىغا نېمە بولىدۇ؟‏

      46-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ پادىشاھىمىز!‏

      a بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم ۋە ئۇ قانداق ۋە‌يران قىلىنىدۇ؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە پات ئارىدا بولىدىغان سىناقلارغا تە‌ييار بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

      b دانىيال 2:‏ 36—‏45 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 13:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2012-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ن سانىدىكى 7—‏19-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

      c كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2015-‏يىل،‏ 15-‏ماي سانىدىكى 29،‏ 30-‏بە‌تلە‌رگە قاراڭ.‏

  • ئاخىر زاماندىكى رىقابە‌تچى پادىشاھلار
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2020 | ماي
    • ئاخىر زاماندىكى رىقابە‌تچى پادىشاھلار

      بۇ جە‌دۋە‌لدىكى بە‌زى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌رنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ.‏ بۇ بېشارە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بىزنىڭ ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.‏—‏دانىيال 12:‏4.‏

      1870-‏يىلدىن باشلاپ،‏ بىزنىڭ كۈنىمىزگىچە شىمالىي پادىشاھ ۋە جە‌نۇ‌بىي پادىشاھنىڭ كىم بولغانلىقىنى ۋە شۇ‌لارغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى كۆرسىتىدىغان جە‌دۋە‌ل.‏
      • 4 جە‌دۋە‌لنىڭ 1-‏سى:‏ ئاخىر زامانغا ۋە 1870—‏1918-‏يىللار ئارىلىقىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر.‏ 1914-‏يىلدىن تارتىپ كۆرسىتىلگە‌ن يىللار ئاخىر زامانغا كىرىدۇ.‏ 1-‏بېشارە‌ت:‏ جە‌دۋە‌لدىكى يە‌تتە بېشى بار مە‌خلۇ‌ق ئە‌ڭ بىرىنچى كۆرسىتلىگە‌ن ۋاقىتتىن بۇ‌رۇ‌ن پە‌يدا بولغان.‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا يە‌تتە بېشى بار مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى يارىلانغان.‏ 1917-‏يىلدىن تارتىپ،‏ يە‌تتىنچى باش ساقىيىپ،‏ مە‌خلۇ‌ق قايتىدىن كۈچلۈك بولغان.‏ 2-‏بېشارە‌ت:‏ 1870-‏يىلى شىمالىي پادىشاھ ۋە جە‌نۇ‌بىي پادىشاھنىڭ كىم ئىكە‌نلىكى ئېنىق بولغان.‏ 1871-‏يىلى گېرمانىيە شىمالىي پادىشاھقا ئايلانغان.‏ دە‌سلە‌پتە جە‌نۇ‌بىي پادىشاھ بۈيۈك برىتانىيە بولغان،‏ لېكىن 1917-‏يىلى ئۇ‌نىڭ ئورنىغا ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسى جە‌نۇ‌بىي پادىشاھ بولغان.‏ 3-‏بېشارە‌ت:‏ 1870-‏يىللاردىن تارتىپ راسسېل ۋە ھە‌مراھلىرى «ئە‌لچى» بولغان.‏ 1881-‏يىلدىن باشلاپ «سىئون كۈزىتىش مۇ‌نارى» ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ 4-‏بېشارە‌ت:‏ 1914-‏يىلدىن تارتىپ ھوسۇ‌ل يىغىش پە‌يتىگىچە يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر.‏ ياۋايى ئوت بۇ‌غدايدىن ئايرىلغان.‏ 5-‏بېشارە‌ت:‏ 1917-‏يىلدىن تارتىپ ھە‌يكە‌لنىڭ تۆمۈر بىلە‌ن سېغىز لايدىن ياسالغان پۇ‌تلىرى كىم ئىكە‌نلىكى ئاشكارە بولغان.‏ جە‌دۋە‌لدە يە‌نە كۆرسىتىلگە‌نلە‌ر:‏ 1914—‏1918-‏يىللار ئارىلىقىدا يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر ۋە بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى.‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە تە‌سىر قىلغان ۋە‌قە‌لە‌ر:‏ 1914—‏1918-‏يىللار ئارىلىقىدا گېرمانىيە ۋە برىتانىيىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار تۈرمىگە تاشلانغان.‏ 1918-‏يىلى قوشما شتاتلاردا باش باشقارمىدىكى بۇ‌رادە‌رلە‌ر قاماققا ئېلىنغان.‏
        1-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ ۋە‌ھىي.‏ 11:‏7؛‏ 12:‏13،‏ 17؛‏ 13:‏1—‏8،‏ 12

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ «يىرتقۇ‌چ ھايۋان» ياكى مە‌خلۇ‌ق ئە‌سىرلە‌ر داۋامىدا يە‌ر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏ ئاخىر زاماندا ئۇ‌نىڭ يە‌تتىنچى بېشى يارىلىنىدۇ.‏ كېيىنرە‌ك،‏ بۇ باشنىڭ يارىسى ساقىيىپ،‏ «يە‌ردە ياشىغۇ‌چىلارنىڭ ھە‌ممىسى» مە‌خلۇ‌قنىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گىشىدۇ.‏ شە‌يتان بۇ مە‌خلۇ‌ق ئارقىلىق ئايالنىڭ «قالغان ئە‌ۋلادىغا» قارشى جە‌ڭ قىلىدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ توپان سۈيىدىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا قارشى چىققان ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئىنسانلارنى باشقۇ‌رۇ‌شنى باشلىغان.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌سىرلە‌ر ئۆتۈپ،‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا،‏ برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كە‌تكە‌ن.‏ قوشما شتاتلار بىلە‌ن بىرلە‌شكە‌ندىن كېيىن بولسا،‏ برىتانىيە قايتىدىن كۈچلۈك بولغان.‏ شە‌يتان بولۇ‌پمۇ ئاخىر زاماندا خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن سىياسىي تۈزۈلمىنى ئىشلە‌تمە‌كتە.‏

      • 2-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ دانىيال 11:‏25—‏45

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ شىمالىي ۋە جە‌نۇ‌بىي پادىشاھلار رىقابە‌تلىشىدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ گېرمانىيە ۋە ئانگلو-‏ئامېرىكا بىر-‏بىرى بىلە‌ن قارشىلىشىدۇ.‏ 1945-‏يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمالىي پادىشاھ بولغان.‏ 1991-‏يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇ‌لاپ چۈشكە‌ن.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمالىي پادىشاھ بولغان.‏

      • 3-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ يە‌شايا 61:‏1؛‏ مالاك.‏ 3:‏1؛‏ لۇ‌قا 4:‏18

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ مە‌سىھنىڭ پادىشاھلىقى كە‌لمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ «يول تە‌ييارلاش» ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا «ئە‌لچىنى» ئە‌ۋە‌تىدۇ.‏ بۇ بىر توپ مۆمىنلە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشنى باشلايدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ 1870-‏يىللاردىن تارتىپ،‏ چارلىز راسسېل ۋە ھە‌مراھلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ خۇ‌دا سۆزىنى قىزغىنلىق بىلە‌ن تە‌تقىق قىلغان.‏ 1880-‏يىللىرى ئۇ‌لار خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى ۋە‌ز قىلىشى لازىم ئىكە‌نلىكىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شقا باشلىغان.‏ ئۇ‌لار «1000 ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى كېرە‌ك» ۋە «ۋە‌ز ئېيتىشقا مە‌سىھ قىلىنغانلار» ناملىق ماقالىلە‌رنى بېسىپ چىقارغان.‏

      • 4-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ مە‌تتا 13:‏24—‏30،‏ 36—‏43

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ بىر كىشى ئېتىزغا بۇ‌غداي ئۇ‌رۇ‌قىنى چاچىدۇ.‏ كېيىن دۈشمىنى كېلىپ،‏ بۇ‌غداينىڭ ئارىسىغا ياۋايى ئوت-‏چۆپ ئۇ‌رۇ‌قىنى چېچىپ كېتىدۇ.‏ ياۋايى ئوت ئۆسۈپ بۇ‌غداينى بېسىۋالىدۇ.‏ لېكىن،‏ ھوسۇ‌ل يىغىش ۋاقتىدا ئوت-‏چۆپ بۇ‌غدايدىن ئايرىۋېتىلىدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ 1870-‏يىلدىن تارتىپ ھە‌قىقىي مە‌سىھىيلە‌ر بىلە‌ن ساختا مە‌سىھىيلە‌رنىڭ پە‌رقى ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىغان.‏ ئاخىر زاماندا خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرى يىغىلىپ،‏ ساختا مە‌سىھىيلە‌ردىن ئايرىلغان.‏

      • 5-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ دانىيال 2:‏31—‏33،‏ 41—‏43

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ ھە‌رخىل مېتاللاردىن ياسالغان ھە‌يكە‌لنىڭ تۆمۈر ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان پۇ‌تى.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ سېغىز لاي ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچى،‏ يە‌نى ئىمپېرىيىسىنىڭ قول ئاستىدىكى بۇ ھۆكۈمە‌تكە قارشى چىققۇ‌چىلار ۋە مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ئاددىي خە‌لقنى بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ ئادە‌ملە‌ر بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تۆمۈردە‌ك كۈچلۈك بولۇ‌شىغا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ.‏

      • 4 جە‌دۋە‌لنىڭ 2-‏سى:‏ ئاخىر زامانغا ۋە 1919—‏1945-‏يىللار ئارىلىقىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر.‏ 1945-‏يىلغىچە گېرمانىيە شىمالىي پادىشاھ بولغان.‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسى جە‌نۇ‌بىي پادىشاھ بولغان.‏ 6-‏بېشارە‌ت:‏ 1919-‏يىلى مايلانغان مە‌سىھىيلە‌ر ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلگە‌ن جامائە‌تكە يىغىلغان.‏ 1919-‏يىلدىن تارتىپ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى بارغانسېرى قىزغىن ۋە‌ز قىلىشقا باشلىغان.‏ 7-‏بېشارە‌ت:‏ 1920-‏يىلى خە‌لقئارا ئىتتىپاق قۇ‌رۇ‌لغانىدى ۋە ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى باشلانغىچە داۋاملاشقان.‏ جە‌دۋە‌لدە يە‌نە كۆرسىتىلگە‌نلە‌ر:‏ 1-‏بېشارە‌ت:‏ يە‌تتە بېشى بار مە‌خلۇ‌ق (‏داۋاملاشماقتا)‏.‏ 5-‏بېشارە‌ت:‏ تۆمۈر بىلە‌ن سېغىز لايدىن ياسالغان پۇ‌ت (‏داۋاملاشماقتا)‏.‏ 1939—‏1945-‏يىللار ئارىلىقىدا دۇ‌نياۋىي ۋە‌قە‌لە‌ر،‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە تە‌سىر قىلغان ۋە‌قە‌لە‌ر:‏ گېرمانىيە 1933—‏1945-‏يىلغىچە،‏ 11000 گۇ‌ۋاھچىلار تۈرمىگە تاشلانغان.‏ 1939—‏1945-‏يىللىرى تە‌خمىنە‌ن 1600 گۇ‌ۋاھچى قاماققا ئېلىنغان.‏ 1940—‏1944-‏يىللىرى قوشما شتاتلاردا غە‌زە‌پلە‌نگە‌ن كىشىلە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىغا 2500دىن كۆپ قېتىم ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏
        6-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ مە‌تتا 13:‏30؛‏ 24:‏14،‏ 45؛‏ 28:‏19،‏ 20

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ «بۇ‌غداي» «ئامبارلارغا» يىغىلىدۇ،‏ «ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئۈستىدىن» «سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» تە‌يىنلىنىدۇ.‏ «پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر پۈتكۈل يە‌ر يۈزى بويىچە» ۋە‌ز قىلىنىشقا باشلايدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ 1919-‏يىلى خۇ‌دا خە‌لقى ئۈستىدىن «سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار كە‌ڭ كۆلە‌مدە ۋە‌ز ئىشىنى داۋاملاشتۇ‌رماقتا.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى 200دىن كۆپرە‌ك دۆلە‌تلە‌ردە ۋە‌ز قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى 1000دىن ئوشۇ‌ق تىللاردا نە‌شىر قىلماقتا.‏

      • 7-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ دانىيال 12:‏11؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 13:‏11،‏ 14،‏ 15

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ ئىككى مۈڭگۈزلۈك مە‌خلۇ‌ق يە‌تتە بېشى بار مە‌خلۇ‌قنىڭ ھە‌يكىلىنى تىكلە‌شكە تە‌سىر قىلىپ،‏ شۇ ھە‌يكە‌لگە «ھاياتلىق نە‌پە‌س» بېرىدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچى خە‌لقئارا ئىتتىپاقنى قۇ‌رۇ‌شقا ئاساس سالىدۇ.‏ بۇ تە‌شكىلاتنى باشقا خە‌لقلە‌رمۇ قوللايدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ شىمالىي پادىشاھمۇ پە‌قە‌ت 1926—‏1933-‏يىللار ئارىلىقىدا بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئە‌زاسى بولغان.‏ پۈتۈن دۇ‌نيادا ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى پە‌قە‌ت خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئورنىتالايدۇ،‏ لېكىن ئادە‌ملە‌ر بۇ‌نى خە‌لقئارا ئىتتىپاق قىلالايدۇ،‏ دە‌پ ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئادە‌ملە‌ر ب د ت بۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايدۇ،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏

      • 4 جە‌دۋە‌لنىڭ 3-‏سى:‏ ئاخىر زامانغا ۋە 1945—‏1991-‏يىللار ئارىلىقىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر.‏ 1991-‏يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمالىي پادىشاھ بولغان.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمالىي پادىشاھ بولغان.‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا جە‌نۇ‌بىي پادىشاھ بولغان.‏ 8-‏بېشارە‌ت:‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋە‌يرانچىلىق ئۇ‌رۇ‌شىدا ئاتوم بومبىسىدا پە‌يدا بولغان موگۇ‌سىمان بۇ‌لۇ‌ت.‏ 9-‏بېشارە‌ت:‏ 1945-‏يىلى خە‌لقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئورنىغا ب د ت قۇ‌رۇ‌لغان.‏ جە‌دۋە‌لدە يە‌نە كۆرسىتىلگە‌نلە‌ر:‏ 1-‏بېشارە‌ت:‏ يە‌تتە بېشى بار مە‌خلۇ‌ق (‏داۋاملاشماقتا)‏.‏ 5-‏پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆز:‏ تۆمۈر بىلە‌ن سېغىز لايدىن ياسالغان پۇ‌ت (‏داۋاملاشماقتا)‏.‏ 6-‏پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆز:‏ 1945-‏يىلى 156000 ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى.‏ 1991-‏يىلى 4278000 دىن ئوشۇ‌ق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە تە‌سىر قىلغان ۋە‌قە‌لە‌ر:‏ 1945—‏1950-‏يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى مىڭلىغان گۇ‌ۋاھچىلارنى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان.‏
        8-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ دانىيال 8:‏23،‏ 24

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ياۋۇ‌ز بىر پادىشاھ كۆپ ۋە‌يرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا ئىمپېرىيىسى كۆپ زىيان يە‌تكۈزگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا قوشما شتاتلار دۈشمە‌نلىرىگە قارشى ئىككى ئاتوم بومبىسىنى تاشلىغاندا،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌ر ئۆلۈپ،‏ چوڭ ۋە‌يرانچىلىق ئېلىپ كە‌لگە‌ن.‏

      • 9-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ دانىيال 11:‏31؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 17:‏3،‏ 7—‏11

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ ئون مۈڭگۈزى بار «توق قىزىل» مە‌خلۇ‌ق ھاڭدىن چىقىپ،‏ سە‌ككىزىنچى پادىشاھ بولغان.‏ دانىيال كىتابىدا بۇ پادىشاھ «ۋە‌يران قىلغۇ‌چى يىرگىنىچلىك نومۇ‌سسىزلىق» دە‌پ ئاتالغان.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ خە‌لقئارا ئىتتىپاق ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا پائالىيە‌تسىز بولغان.‏ ئۇ‌رۇ‌شتىن كېيىن،‏ ب د ت ئۇ‌نىڭ «ئورنىغا» چىققان.‏ خە‌لقئارا ئىتتىپاققا ئوخشاش،‏ ب د ت خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغان ئىشلارنى قىلىمە‌ن دە‌يدۇ.‏ ب د ت دىنلارغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ.‏

      • 4 جە‌دۋە‌لنىڭ 4-‏سى:‏ ئاخىر زامان ۋە بۈگۈنكى كۈندىن ئارماگېدونغىچە يۈز بېرىدىغان ۋە‌قە‌لە‌رگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر.‏ روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمالىي پادىشاھ بولىدۇ.‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسى جە‌نۇ‌بىي پادىشاھ بولىدۇ.‏ 10-‏بېشارە‌ت:‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى «تىنچلىق ۋە بېخە‌تە‌رلىك» دە‌پ ئېلان قىلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت باشلىنىدۇ.‏ 11-‏بېشارە‌ت:‏ دۆلە‌تلە‌ر بىرلىشىپ ساختا دىنىي تە‌شكىلاتلارنى يوق قىلىدۇ.‏ 12-‏بېشارە‌ت:‏ دۆلە‌تلە‌ر بىرلىشىپ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ.‏ يە‌ردە قالغان مايلانغانلار ئاسماندا جە‌م بولىدۇ.‏ 13-‏بېشارە‌ت:‏ ئارماگېدون.‏ «ئاق ئاتتا» ئولتارغان «چە‌ۋە‌نداز» «غە‌لبە قازىنىدۇ».‏ يە‌تتە بېشى بار مە‌خلۇ‌ق يوق قىلىنىدۇ ۋە چوڭ بىر تاش ھە‌يكە‌لنىڭ تۆمۈر ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان پۇ‌تلىرىغا ئۇ‌رۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى ۋە‌يران قىلىدۇ.‏ جە‌دۋە‌لدە يە‌نە كۆرسىتىلگە‌نلە‌ر:‏ 1-‏بېشارە‌ت:‏ يە‌تتە بېشى بار مە‌خلۇ‌ق (‏ئارماگېدونغىچە داۋاملىشىدۇ)‏.‏ 5-‏بېشارە‌ت:‏ تۆمۈر ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان پۇ‌ت (‏ئارماگېدونغىچە داۋاملىشىدۇ)‏.‏ 6-‏بېشارە‌ت:‏ بۈگۈنكى كۈندە 8580000 ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بار.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە تە‌سىر قىلغان ۋە‌قە‌لە‌ر:‏ 2017-‏يىلى روسىيە ھۆكۈمىتى گۇ‌ۋاھچىلارنى تۈرمىگە تاشلاپ،‏ تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى بىنالارنى مۇ‌سادىرە قىلغان.‏
        10،‏ 11-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏3؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 17:‏16

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى «تىنچلىق ۋە بېخە‌تە‌رلىك»،‏ دە‌پ ئېلان قىلىدۇ.‏ «ئون مۈڭگۈز» ۋە «مە‌خلۇ‌ق» «پاھىشىگە» ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ۋە‌يران قىلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن كېيىن ھە‌ممە ھۆكۈمە‌تلە‌ر يوق قىلىنىدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى تىنچلىق ۋە بېخە‌تە‌رلىكنى ئورناتتۇ‌ق،‏ دە‌پ ئېلان قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئاندىن ب د ت تە‌شىكل قىلغان دۆلە‌تلە‌ر ساختا دىنىي تە‌شكىلاتلارنى يوق قىلىدۇ.‏ بۇ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ.‏ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت شە‌يتاننىڭ پۈتۈن دۇ‌نياسى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا يوق قىلىنغاندا ئاخىرلىشىدۇ.‏

      • 12-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ ھە‌زە‌كە‌رىيا 38:‏11،‏ 14—‏17؛‏ مە‌تتا 24:‏31

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ گوگ (‏يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈج)‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ زېمىنىغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ.‏ كېيىن پە‌رىشتىلە‌ر «تاللىغانلىرىنى» يىغىدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ شىمالىي پادىشاھ باشقا ھۆكۈمە‌تلە‌ر بىلە‌ن بىرلىشىپ،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ.‏ شۇ ھۇ‌جۇ‌م باشلانغاندىن كېيىن،‏ يە‌ردە قالغان مە‌سىھ قىلىنغانلار ئاسماندا جە‌م بولىدۇ.‏

      • 13-‏بېشارە‌ت.‏

        ئايە‌ت(‏لە‌ر)‏:‏ ھە‌زە‌كە‌رىيا 38:‏18—‏23؛‏ دانىيال 2:‏34،‏ 35،‏ 44،‏ 45؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 6:‏2؛‏ 16:‏14،‏ 16؛‏ 17:‏14؛‏ 19:‏20

        پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر:‏ «ئاق ئاتتا» ئولتارغان «چە‌ۋە‌نداز» گوگ ۋە ئۇ‌نىڭ قوشۇ‌نلىرىغا قارشى جە‌ڭ قىلىپ،‏ «غە‌لبە قازىنىدۇ».‏ «يىرتقۇ‌چ ھايۋان»،‏ يە‌نى مە‌خلۇ‌ق،‏ «گۈڭگۈرت كۆيۈۋاتقان ئوت كۆلىگە» تاشلىنىدۇ ۋە چوڭ بىر تاش ھە‌يكە‌لنى ۋە‌يران قىلىدۇ.‏

        ئە‌مە‌لگە ئېشىشى:‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن كېلىدۇ.‏ ئە‌يسا،‏ 144000 كىشى ۋە پە‌رىشتىلە‌ر خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدىغان دۆلە‌تلە‌ر بىرلىكىنى يوق قىلىدۇ.‏ بۇ شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ ئاخىرى بولىدۇ.‏

ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
چېكىنىپ چىقىش
تىزىملىتىپ كىرىىش
  • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • ھەمبەھىرلەش
  • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
  • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
  • ئىشلىتىش شەرتلىرى
  • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
  • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
  • JW.ORG
  • تىزىملىتىپ كىرىىش
ھەمبەھىرلەش