ياشلارنىڭ سوئاللىرى
سەلبىي پىكىر قىلىش تەرزىدىن قانداقلارچە نېرى تۇرالايمەن؟
سىز ئۆزىڭىز ھەققىدە نېمە ئويلايسىز؟
ئۈمىدۋار كىشى
«مەن، مۇمكىنچىلىكنىڭ بارىچە، خۇشال ۋە كۆڭلۈمنى چۈشەرمەي يۈرۈشكە تىرىشىمەن. ھەر كۈنى مەن ئۈزۈمدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغاندەك ياشاشقا ئىنتىلىمەن» (ۋالېرى).
ئۈمىتسىز كىشى
«بىرەر ياخشى ۋەقە يۈز بەرسە، مەن بۇ مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلاپ قالىمەن» (رېبېككا).
ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كۆزقاراش
«ئۈمىدۋار بولسام، چوقۇم كۆڭلۈم قالىدۇ. ئۈمىتسىز بولسام، ھەردائىم چۈشكۈنلۈكتە يۈرىمەن. كۆزقارىشىم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا، بۇ ماڭا ھەممە نەرسىلەرگە قانداق بولسا، شۇنداق قارىشىمغا ياردەم بېرىدۇ» (ئاننا).
بۇ نېمىشقا مۇھىم؟
مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، ئادەم كۆڭلىنى شات تۇتسا، دائىم زىياپەتتە بولغاندەكتۇر (پەندى-نەسىھەت 15:15). شۈبھىسىزكى، ھاجەتسىز سەلبىي ئويلاردىن نېرى تۇرىدىغان ھەم ھاياتقا ئىجابىي كۆزقاراش بىلەن قارايدىغان ئادەملەر بەختلىكىرەك بولىدۇ. شۇنداقلا ئادەتتە ئۇلارنىڭ دوستلىرى كۆپ. نېمىلا دېمىگەن بىلەن، قاپىغى تۈرۈلۈپ يۈرىدىغان كىشىلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان ئادەملەر جىقمۇ؟
شۇندىلا، ھەتتا ئۈمىدۋار ئادەملەرنىڭ ھاياتىدا كۈتۈلمىگەن ۋەزىيەتلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. مەسىلەن:
يېڭىلىقلاردا ساپلا ئۇرۇشلار، تېررورىزم ۋە جىنايەت ھەققىدە ئېيتىلىشى مۇمكىن.
سىز ئائىلىڭىزدىكى قىيىنچىلىقلار بىلەن كۈرىشىشىڭىز ئېھتىمال.
ئۆزىڭىزدىمۇ كۈرىشىدىغان ئاجىزلىق ۋە قامچىلىقلىرىڭىز باردۇ.
دوستىڭىز كۆڭلۈڭىزنى قالدۇرغاندۇ.
ھاياتتىكى بۇ ئاددىي نەرسىلەرگە كۆز ژۇمۇشنىڭ ياكى ئۇلارغا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئورنىغا، تەڭپۇڭ بولۇشقا تىرىشىڭ. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كۆزقاراش سىزگە ئارتۇق سەلبىي ئويلاردىن نېرى بولۇپ، ھاياتتا يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتلەرنى ئېزىلمەي قوبۇل قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ھاياتنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا قارشى تۇرۇڭ، سەۋەبى ھەرقانداق بۇلۇتتىن كېيىن چوقۇم كۈن چىقىدۇ
سىز نېمە قىلالايسىز؟
خاتالىقلىرىڭىزغا قارىتا تەڭپۇڭ كۆزقاراش ساقلاڭ.
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «يەر يۈزىدە ھەردائىم ياخشىلىق قىلىپ، ھېچبىر گۇناھ قىلمىغان ئادىل كىشى يوقتۇر» (ۋەز 7:20). سىزنىڭ كامچىلىقلىرىڭىز ۋە خاتالىقلىرىڭىز قولىڭىزدىن ھېچ نەرسە كەلمەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەمەس، ئاددىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.
قانداقلارچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كۆزقاراشقا ئېرىشەلەيسىز؟ خاتالىقلىرىڭىزنى قايتىلىماڭ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزدىن مۇكەممەللىكنى كۈتمەڭ. كالېب ئىسىملىق ياش يىگىت مۇنداق دەيدۇ: «مەن خاتالىقلىرىم توغرۇلۇق ئويلىماسلىققا تىرىشىمەن، ئەكسىچە، ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىپ، ياخشىلىنىشقا ئىنتىلىمەن».
ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ.
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «شەخسىيەتچىلىك قىلمايلى. بىر-بىرىمىزنى رىقابەتچىلىككە ئۈندىمەيلى ۋە بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلمايلى» (گالاتىيالىقلار 5:26). سىزنى تەكلىپ قىلمىغان ئولتۇرۇشلاردا چۈشىرىلگەن سۈرەتلەرنى ئىجتىمائىي تورلاردىن كۆرۈپ قالسىڭىز، كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ ئەڭ ياخشى دوستلىرىڭىزغا دۈشمەنلىرىڭىزدەك قارىشىڭىزغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
قانداقلارچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كۆزقاراشقا ئېرىشەلەيسىز؟ سىزنى ئولتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىگە تەكلىپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىقرار قىلىڭ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىجتىمائىي تورلاردىكى رەسىملەر ۋەزىيەتنى تولۇق كۆرسەتمەيدۇ. ئالېكسىس ئىسىملىق ئۆسمۈر قىز مۇنداق دەيدۇ: «ئىجتىمائىي تورلاردا ئادەملەر ھاياتىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق، ئالاھىدە پەيتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاددىي تۇرمۇشىنى ئادەتتە كۆرسەتمەيدۇ».
تىنچلىقپەرۋەر ئادەم بولۇڭ، بولۇپمۇ ئائىلىڭىزدە.
مۇقەددەس كىتابتا: «ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەممە ئادەملەر بىلەن تىنچ-ئىناق ئۆتۈڭلار»،— دەپ يېزىلغان (رىملىقلار 12:18). سىز باشقىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تەسىر قىلالمايدىغانسىز، ئەمما ۋەزىيەتكە تېگىشلىك ئۆزىڭىزنىڭ كۆزقارىشىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. سىز تىنچلىقپەرۋەر بولۇشنى تاللالايسىز.
قانداقلارچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كۆزقاراشقا ئېرىشەلەيسىز؟ ئائىلىڭىزدىكى قىيىن ۋەزىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرمەي، تىنچلىقپەرۋەر بولۇپ، تىنچلىققا ئىنتىلىڭ. بارلىق ئادەملەر بىلەن مۇشۇنداق قىلغىنىڭىز ياخشى بولاتتى. «ئەيىپسىز، مۇكەممەل ئادەم يوق. بىز بەزىدە بىر-بىرىمىزنى خاپا قىلىشىمىز مۇمكىن»،— دەيدۇ مېلىندا ئىسىملىق ئۆسمۈر قىز. ئۇ داۋاملاشتۇرۇپ: «شۇڭا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز — تىنچلىقپەرۋەر بولۇشنى ياكى بولماسلىقنى تاللاش».
مىننەتدارلىقنى راۋاجلاندۇرۇڭ.
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ: «مىننەتدار بولۇڭلار» (كولوسىلىقلار 3:15). مىننەتدار بولسىڭىز، سىز ھاياتىڭىزنىڭ ياقتۇرمايدىغان نەرسىلىرىگە ئەمەس، ياخشى تەرەپلىرىگە دىققەت بۆلۈسىز.
قانداقلارچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كۆزقاراشقا ئېرىشەلەيسىز؟ قىيىنچىلىقلىرىڭىز بار بولسىمۇ، ھاياتىڭىزدىكى ياخشى نەرسىلەرنى ئېتىبارسىز قالدۇرماڭ. رېبېككا ئىسىملىق ياش قىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر كۈنى يۈز بەرگەن بىر ياخشى نەرسىنى دەپتىرىمگە يېزىپ قويۇمەن. بۇنداق قىلىپ، قىيىنچىلىقلىرىم بار بولسىمۇ، ھاياتىمدا كۆپ ياخشى نەرسىلەر بار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايمەن».
دوستلىرىڭىز كىم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىڭ.
مۇقەددەس كىتاب: «يامان دوست ياخشى ئەخلاقنى بۇزار»،— دەيدۇ (1-كورىنتلىقلار 15:33). سىز ئارىلىشىدىغان ئادەملەر تەنقىدىي، مەسقىرە قىلىشقا مايىل ۋە نارازى بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ كامچىلىقلىرى سىزگىمۇ تەسىر قىلىشى ئېھتىمال.
قانداقلارچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كۆزقاراشقا ئېرىشەلەيسىز؟ بەزىدە دوستلىرىڭىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشىشى مۇمكىن، نەتىجىدە ئۇلار بىراز ۋاقىت داۋامىدا چۈشكۈنلۈكتە بولۇشى ئېھتىمال. سىز ئۇلارنى قوللاپ، ياردەم بېرىڭ، ئەمما ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ سىزگە يامان تەسىر قىلىشىغا يول بەرمەڭ. «بىز بارلىق ۋاقتىمىزنى ھاياتقا پەقەت سەلبىي كۆزقاراش بىلەن قارايدىغان ئادەملەر بىلەن ئۆتكۈزمەسلىكىمىز لازىم»،— دەيدۇ مىشېل ئىسىملىق ياش قىز.
سىزگە ئىجابىي كۆزقاراش ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان مەلۇماتنى ئوقۇڭ
بىز مۇقەددەس كىتابتا «ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار» دەپ ئاتالغان زاماندا ياشاۋاتىمىز (2-تىموتىي 3:1). سىزگە قىيىنچىلىقلارغا تولغان بۇ دۇنيادا ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاش قىيىنمۇ؟ «نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە تولغان؟» دېگەن باپنى ئوقۇپ كۆرۈڭ.